+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-12-30 12:47 1895 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2017-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە شېنجىن شەھەرلىك تېڭشۈن كومپىيۇتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتىدىكى ئاۋاز تونۇش ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر ئۆمىكى شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى پەن-تېخنىكا بىناسى 309-يىغىن زالىدا ئۇيغۇرچە تاۋۇش، رەسىمنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى جەھەتتە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرچە تاۋۇش تونۇش تېخنىكىسىدا ھەمكارلىشىش، ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق قۇرۇش، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلدىغان تۈر جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.



تېڭشۈن شىركىتىدىكى خۇاڭ شېن دوكتۇر «تېڭشۈن خەنزۇ تىلى ئىنتېرنېت تورى تاۋۇش تونۇش سىستېمىسىدىكى بىر قانچە مەسىلە ۋە تېخنىكا ئانالىزى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلاتىدا جۇڭگودىكى ئۇيغۇر تىلى خەنزۇ تىلىدىن قالسىلا ئىككىنجى چوڭ تىل. تېڭشۈن شىركىتى ئىجتىمائى ئالاقە تورى بەرپا قىلدى. ئىجتىمائىي ئالاقە تور مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش مەسىلىسىنى چوقۇم ھەل قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. خۇاڭ شېن دوكتۇر تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش  تېخنىكىسى دۈچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.


خۇاڭ شېن دوكتۇر دوكلات بەرمەكتە

شىنجاڭ ئونۋېرستېتىدىكى نۇرمەمەت يولۋاس دوكتۇر «ئۇيغۇرچە تاۋۇش تونۇش توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە خىرىس» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ھەمدە نەقمەيداندىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە تېڭشۈن شىركىتىدىكىلەرنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.


نۇرمەمەت يولۋاس دوكتۇر دوكلات بەرمەكتە

تېڭشۈن شىركىتىدىكى خۇ پېڭ فېي دوكتۇر «lattice free MMI ئاساسىدىكى chain model نىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈشتە قوللىنىلىشى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى ھەمدە نەقمەيداندىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.


خۇ پېڭ فېي دوكتۇر دوكلات بەرمەكتە

شىنجاڭ ئونۋېرستېتىدىكى ھەسەن ئۆمەر دوكتۇر «ئۇيغۇر تىلىدىكى تاق سۆز مورفولوگىيە ئانالىز تېخنىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسىدا دوكلات بەردى ھەمدە تېڭشۈن شىركىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.


ھەسەن ئۆمەر دوكتۇر دوكلات بەرمەكتە

تېڭشۈن شىركىتىدىكى جاڭ جۈن دوكتۇر «تېڭشۈن خەنزۇ تىلىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق ئويغىتىش سىستېمىسى ۋە ئەلالاشتۇرۇش لايىھەسى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. خۇاڭ شەن دوكتۇر كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى «تېڭشۈن سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە رەسىم OCR تېخنىكىسى» (رەسىمدىكى خەتنى تونۇش) نى كۆرسەتتى، ھەمدە نەق مەيداندا بۇ تېخنىكىنىڭ يېزىق تونۇش توغىرلىق نىسبىتىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ تېخنىكىنىڭ رەسىمدىن يېزىق تونۇش نىسبىتى ئۆلچەمگە يېتىدۇ، ئەمما يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەڭ تەس مەسىلە ئۇيغۇرچىنى تونۇماسلىق. شىنجاڭ ئونۋېرستېتىدىكى ھەر قايسى ئۇستازلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


خۇاڭ شەن دوكتۇر دوكلات بەرمەكتە

شىنجاڭ ئونۋېرستېتىدىكى قۇربان ئۇبۇل پروفېسسور «ئۇيغۇرچە قوليازما تونۇش تېخنىكىسى تەتقىقاتى» نى تونۇشتۇردى. بۇ تېخنىكىدا نۆۋەتتە دۈچ كەلگەن مەسىلە، قوليازما توپلاش مەسلىسى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى. تېڭشۈن شىركىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر بىلەن قۇربان ئۇبۇل پروفېسسور  پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە بىر قىسىم ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.


قۇربان ئۇبۇل پروفېسسور دوكلات بەرمەكتە

شىنجاڭ ئونۋېرستېتنىڭ دوتسېنتى رەھىمە تۇرسۇن «كۆپ تىللىق ئاۋاز بايلىق ئامبىرى بەرپا قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش» تېمىسىدا دوكلات بەردى ھەمدە تېڭشۈن شىركىتىدىكى مۇتەخسىسىلەرنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئاخىردا ئاكادېمىك ھۇشۇر ئىسلام مۇنداق دېدى: كۆپ تىللىق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ئاۋاز تېخنىكا گۇرۇپپىسى بىلەن تېڭشۈن ئاۋاز تېخنىكا گۇرۇپپىسىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىلىم ئالماشتۇرۇش دائىملىشىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تېزدىن ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش، گەپ قىلغان ئادەمنى پەرق ئېتىش جەھەتتە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ؛ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول لىنىيەسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئارىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەش جەھەتتە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپرەك پىراكتىكىغا قۇبۇل قىلىپ، شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپرەك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبەسى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ، ئىلىم - پەن ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى تور بېتى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

10ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
15199755016 ۋاقتى: 2017-12-30 13:06:14
ۋاھ ئەجەپ بىر ئوبدان ئىش بوپتۇ  ئۇيغۇر يىزىقىغا نىسبەتەن چوڭ ئىش بوپتۇ
گىلەم
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-12-30 13:09:17
ھەقىقەت ياخشى ئىش بوپتۇ .كەلگۈسىدە چوڭ نەتىجىلەرنىڭ چىقشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن
ئورۇندۇق
TANHA77 ۋاقتى: 2017-12-30 14:21:19
بەك ياخشى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يېغىنى بوپتۇ، كەلگۇسى تەرەققىياتىنىڭ زور بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
5-قەۋەت
PUTBUL1 ۋاقتى: 2017-12-30 14:28:29
مۇشۇ تىڭشۈن ئەپلىرىگە ئۇيغۇرچە قوشۇلسا ئەڭ ياخشى بولاتتى ،
6-قەۋەت
volkani ۋاقتى: 2017-12-30 14:43:06
يارايدۇ، تىلىمىز يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تېڭشۈن بىلەن ئالدىدىكى مۇساپىسىنى كۈتۈۋالىدىكەندە
7-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2017-12-30 16:19:03
ھەقىقەتەن  ئىسىل خەۋەركەن
8-قەۋەت
ozimiz ۋاقتى: 2017-12-30 16:51:35
ۋاھ  OCR تېخنىكىسى تېزەرەك روياپقا چىقسا، سامانلىققا كۆمۈلۈپ قالغان فىزىكا،خېمىيە ›بىئولوگىيە ،ماتېماتىكا كىتابلىرىمىز pdf شەكىلىدە كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە چىققۇدەك،تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن. ئاشۇ تېخنىكا بىلەن ئىلكترونلۇق كۈتۈپخانا مەنبەيىمىز تېخمۇ بېيىغۇسى دېگەن ئۈمىدتە.
9-قەۋەت
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-12-30 17:45:23

بەك ياخشى بوپتۇ
10-قەۋەت
18106464767 ۋاقتى: 2017-12-30 17:55:01
بەك ياخشى خەۋەركەن قاچان تېڭشۈن شىركىتىدە بىزلە ئىشلەمىز دەپ ئويلايتتىم مانا بۇ كۈنلەرمۇ كەپتۇ
11-قەۋەت
يەكەن520 ۋاقتى: 2017-12-30 18:21:04
بەك ياخشى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يېغىنى بوپتۇ، كەلگۇسى تەرەققىياتىنىڭ زور بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
ئادرېسى:/forum.php?mod=viewthread&tid=53500
مەنبەسى:ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى-/
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部