+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2017-12-28 11:33 901 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

يىقىندا بىر ئىھتىياج تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز HTML دىن بىر دانە كۆرۈنمە يۈزنى چىقىرىشقا توغرا كەلدى، ئەپسۇس مەسىلىگە يولۇقتۇم،
بۇنى بۈگۈن كەچكىچە ھەل قىلىپ چوقۇم تاپشۇرىۋىتىشىم كىرەك، ئەگەر ئۆزۈمنىڭ ئىھتىياجى بولغان بولسا ئۇستازلارنى ئاۋارە قىلمايلا ئۆزۈملا ئىزدەپ مەسىلىنى ھەل قىلغان بولاتتىم،
ئەپسۇس مەن ھازىرقى دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ياردەمگە مۇھتاج،

مەسىلە تۆۋەندىكىدەك،
1. يەنى ئىككى دانە DIV بىر بىرى بىلەن قاپلانغان ۋاقىتتا ئىچىدىكى DIV نىڭ margin-top خالىقىغا قىممەت بەرسەك سىرتىدىكىسىگىمۇ تەسىر قىلىدىكەن،

يەنى تۆۋەندىكىدەك



بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

2. بىر دانە div ئىچىگە inline-block خارەكتىرىدىكى ئىلىمىنىتلار مەسىلەن a, span لەرنى قويغاندا مۇشۇ ئىلىمىنىتلارنىڭ margin خاسلىقى ئىشلىمەيدىكەن،

يەنى تۆۋەندىكىدەك



نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟
ئىلمىي ئاساسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگەن بولساڭلار ئىنتايىن مەمنۇن بولاتتىم،

مىنىڭ مەقسىدىم ماۋۇنىڭدەك ئۈنۈمنى چىقىرىش ئىدى



ھىچقانداق رامكا ،ئامبار، JavaScriptئىشلەتسەم بولمايدۇ،  پەقەتلا پەقەت Native html, css لەرنىلا ئىشلىتىشىم شەرىت.

رەھمەت
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-12-28 17:21:21
inline-block خاسلىقىغا ئىگە ئىلىمىنىتلارنىڭ margin قىممىتى ئىشلىمەسلىكى بۇ ئەزەلدىن بار بولغان bug . بۇ مەسىلنى ئادەتتە overflow:hidden نى قوشۇش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز .
تۆر
شەرەر ۋاقتى: 2017-12-28 17:03:07
مەنمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلماپتىكەنمەن. ھازىر سىناپ باقسام راست شۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىدىم.
بۇنى container پاسونىغا padding-top=100px قوشۇش ئارقىلىق، سىز دېگەن ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىكەن. لىكىن ئېگىزلىكىگىمۇ 100px  قوشۇلۇپ كەتكەچكە، ئېگىزلىكىدىن 100px ئېلىۋىتىپ چىقارسام بولدى. سىناپ بېقىڭ.
ئورۇندۇق
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-12-28 20:45:14
oyghanbeg.com يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 17:21
inline-block خاسلىقىغا ئىگە ئىلىمىنىتلارنىڭ margin قىممىتى ئىش ...

رەھمەت سىزگە،
ئاندىن ئىككى دانە div بىر بىرىگە قاپلانغان ۋاقىتتا ئىچىدىكى div نىڭ margin-top نى تەڭشىسەك سىرتىدىكىسىمۇ بىللە ئاستىغا سۈرۈلۈپ چۈشىدىكەن، بۇ بىرىنچى مەسىلە،

بىر div ئىچىدە بىر دانە a خەتكۈچى، بىر دانە img خەتكۈچى بولغاندا a خەتكۈچى img نىڭ ئاستى قىسمىغا چۈشىۋالىدىكەن ھەمدە ئىككىسىدىن خالىغان بىرىنىڭ margin-top نى تەڭشىسەك ئىككىلىسىگە تەڭ تەسىر قىلىپ تۇرىۋالىدىكەن،
بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
5-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-12-28 22:39:21
شەرەر يوللىغان ۋاقتى  2017-12-28 17:03
مەنمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلماپتىكەنمەن. ھازىر سىناپ ب ...

رەھمەت سىزگە
6-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2017-12-29 02:11:36
بۇنىڭغا div خەتكۈچىگە دەسلەپتە بېرىلگەن كەڭلىك قىممىتى سەۋەبچىمىكىن. divخەتكۈچى ئىچىدىكى ئۇششاق خەتكۈچلەرنىڭ ئىشلىگەندىكى ئىگەللىگەن كەڭلىكى div خەتكۈچنىڭ كەڭلىكىنىڭ ئالتىدىن تۆت قىسىمىغا تەڭ بولسا كېيىنكى خەتكۈچكە تەسىر قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇششاق خەتكۈچنىڭ ئىشلىگەندىكى كەڭلىكى div خەتكۈچىنىڭ كەڭلىكىنىڭ يېرىمىدىن كىچىك ياكى تەڭ بولۇپ قالسا ئىككىنچى ئۇششاق خەتكۈچ بىلەن بېرىكىپ بىرىنچى ئۇششاق خەتكۈچ بىلەن div خەتكۈچنىڭ ئايرىما قىممىتىنى تولۇقلاش يۈزسىدىن بىر دانە قوش گەۋدىلىك خەتكۈچ ھاسىل قىلىۋالىدىغانلىقتىن، بۇ ئۇششاق خەتكۈچنىڭ خالىغان بىرىگە سىز دېگەندەك ئۆزگەرتىش قىلساق بۇ قوش گەۋدىمۇ ئۆزگىرەيدىكەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسۇن دېسەك يۇقارقى ئىنكاسلاردا دېيىلگەندەك بۇ قوش گەۋدىنى بۇزۇۋېتىپ ھەربىر ئۇششاق گەۋدىنى مۇستەققىل خەتكۈچ ھوقۇقىغا ئېگە قىلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە بۇ قەستەن قويۇلغان bug دەپ ئويلىدىم. راست bug  دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ دېگەن بەزىدە پايدىلىق تەرەپ.
7-قەۋەت
alwun ۋاقتى: 2017-12-29 12:10:55
سىز دېگەن ئۈنۈمگە يىتىش ئۈچۈن ئېگىزلىكىگىمۇ ، ئېگىزلىكىtop:auto  كەڭلىك قىممىتىگە width:100%. سىناپ بېقىڭ.
ياكى بۇنۇڭدەك

    height: auto;
    max-width: 100%;
8-قەۋەت
ershad007 ۋاقتى: 2018-1-1 12:23:10
مەن ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرسەم بۇيەردە قاتلام دىگەن نەرسە با،بىرقاتلامدىكى ئىلمىنىتلار مۇشتا تېپىشىدۇ،fire foxنىڭ بىر ئىقتىدارى باتى 3dھالەتتە قاتلامنى كۆرگىلى بولىدىغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部