+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-22 15:16 4139 قېتىم كۆرۈلدى 38 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۆتكەن يىل 10-ئايدا تېڭشۈن شىركىتى بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى «腾讯大王卡» داۋاڭ كارتىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، تېڭشۈننىڭ ئۈندىدار، كىيۇكىيۇ دېگەندەك ئەپلىرىنى ھەقسىز ئېقىم بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. ئىشلەتكۈچىلەر بەس-بەستە بۇ كارتىنى بىجىرگەن. بۇ كارتىنى بىجىرگەنلەر 30 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ كارتىدا تېڭشۈن ئەپلىرىدىن باشقا تورغا چىقىش ئېقىمى كۈنىگە بىر يۈەنگە 500mb ، ئايلىق ئېقىم ئېقىم 40G ئىچىدە چەكلىنىدۇ. تېلېفون ئۇرسا دۆلەت ئىچىدە كەزمە ھەققى يوق، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرسا مىنۇت 0.1 يۈەن، كەلسە ھەقسىز.



تېخىمۇ كۆپ ئېقىم ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن تۆنۈگۈندىن باشلاپ دۆلەت ئىچى چەكسىز ئېقىم كەسپىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. ئايلىقى 50 يۈەن. بۇ ئايلىق 50 يۈەن داۋاڭ كارتىنىڭ ئايلىق مۇلازىمەت ھەققى 19 يۈەننىڭ سىرتىدا. يەنى بۇ كەسىپنى بىجىرسىڭىز ئايدا 69 يۈەن تۆلەپ، دۆلەت ئىچىدە چەكسىز ئېقىمدىن پايدىلىنالايسىز. تېڭشۈن ئەپلىرىدىن باشقا ھەر قانداق ئېقىم ئىشلەتسىڭىز چەكسىز.
شەرتكە چۈشىدىغان (يەنى ئىلگىرى داۋاڭ كارتىنى بىجىرىپ نورمال ئىشلىتىۋاتقان) ئىشلەتكۈچىلەر BLWX50 نى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت نومۇرى 10010 غا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا مەزكۇر كەسىپ ئېچىلدىكەن.



نۆۋەتتە بۇ كەسىپنى تېخى رەسمىي يولغا قويمىدى، قىسمەن رايون، قىسمەن ئىشلەتكۈچىگە سىناق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بەزىلىرىڭلارغا ئېچىلماسلىقى مۇمكىن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

38ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
appchi ۋاقتى: 2017-8-22 15:23:37
چەكسىز ئېقىم كەسىپىنى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ يولغا قويسا بولاتتى
گىلەم
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-8-22 15:24:27
سۆزلەشسە ئۇنىڭ  سىرتىدا دەيلى:
ئورۇندۇق
mikrodukan ۋاقتى: 2017-8-22 15:26:01
مەن ئالدىنقى قېتىم كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زىلغا بارسام 188 يۈۋەن ھەر ئايدا تۈلۈسىڭىز چەكسىز قىلىپ بېرمىز دىگەن يەنىلا تىڭشۈننىڭ بولغۇدەك
5-قەۋەت
1473232480 ۋاقتى: 2017-8-22 15:51:03
تېلىگرافنىڭ چىقسا بولاتتى
6-قەۋەت
6552 ۋاقتى: 2017-8-22 16:16:36
مەن بجىرەي دېگەن لېكىن قانداق بىجىرىشنى بىلەلمەي ۋاتىمە ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمۇد قىلىمە دوستلار     2244760484

تولۇقلىما مەزمۇن (2017-8-24 13:00):
ھېچ قايسىڭلا بىلمەمسىلا دوسلار بىر ياردەم قىلساڭلا ياخشى بولاتى
7-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2017-8-22 16:26:45
كۆچمە،بىرلەشمە ۋە تېلېگىراف شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى چەكسىز ئېقىم كەسپىنى يولغا قويدى،ئەمما ئسىتىمالى يۇقىرى،كۆچمە خەۋەرلىششنىڭ ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭ 188يۈەن،تور ئېقىمى ئشىلتىپ 50G دىن ئاشقاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك تورغا چىقىشىڭز توختاپ قالدىكەن،تېلېگىرافىنىڭ 100Gدىن ئاشقاندىن كىيىن تور سۈرئىتى 2G سۈرئەتتە ئشلەيدىكەن(ئەسلى 3G سۈرئەتتە ئىشلەيتى)
8-قەۋەت
aLMaS31 ۋاقتى: 2017-8-22 16:30:36
1473232480 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-22 15:51
تېلىگرافنىڭ چىق& ...

تېلىگراف نىڭ 9يەنلىك داۋاڭ كارتىسى چىقىپتىمىش توپلاردا شۇنداق دەۋاتىدۇ يوكۇغا چەكسىز 1يۈەنگە 500مىگا بىردىكەن 24سائەتلىك ئەمەسكەن 500مىگانى ئىشلىتىپ بولالمىسا ئەتىسى يەنە ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەۋاتىدۇ راسمۇ يالغانمۇ مەنمۇ بىلمىدىم
9-قەۋەت
mickin ۋاقتى: 2017-8-22 16:44:27
تىلگىراف مۇ قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە 99يۇەنگە چەكسز مۇلازىمەتنى يولغا قۇيدى  مەملىكەت تەۋەسىدە 3000مىنۇت سۇزلىشش
10-قەۋەت
239866898 ۋاقتى: 2017-8-22 17:56:10
باللا تېڭشۈن داۋاڭ كارتىنى كىملىكتىن چىقىرۋەتكىلى بولمامدۇ يېزىلاردىكى بىرلەشمە تىجارەت زالىغا كىرسەم چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ دەيدىغۇ ئىشلەتمەت تاشلىۋەتسەك قەرىزگە ماڭىدىكەن
11-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-8-22 18:36:30
239866898 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-22 17:56
باللا تېڭشۈن داۋاڭ كارتىنى كىملىكتىن چىقىرۋەتكىلى بول ...

ھازىر خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىر بىرىدىن ئۆتە ئۇششۇق . ھەرگىز تىكلەشكىلى بولمايدۇ.
12-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-8-22 18:40:31
يەنىلا قىممەتكەن بۇ تور چوقۇم ئەرزانلايدۇ
13-قەۋەت
算了吧 ۋاقتى: 2017-8-22 18:47:16
1473232480 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-22 15:51
تېلىگرافنىڭ چىق& ...

تېلىگىرافنىڭ خېلى ئەرزانغۇ
14-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2017-8-22 18:56:08
239866898 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-22 17:56
باللا تېڭشۈن داۋاڭ كارتىنى كىملىكتىن چىقىرۋەتكىلى بول ...

ناھىيە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تىجارەت زالىغا بارسىڭىز ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكىلى بولىدۇ.
15-قەۋەت
梁飞 ۋاقتى: 2017-8-22 19:14:41
تورداشلار گەدىنىمىزدە قەرىز كارتا بولسا ئادەەتە كارتا بىجىرىدىغان يىزىلاردىكى زاللاردا قەرىزنى تۆلەپ قارا تىزىملىتىن چىقكەتكىلى بولامدىغاندۇ ،
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ توختاملىق كارتىسى كۆيۈپ كەتكەن ،توختام ۋاقتى توشۇشقا يەنە ئىككى يىل باتتى ،شۇنىمۇ ھازىر بولغان قەرزىنى تۆلىۋەتسەك كىملىكىمىزدىن ئۆچەمدىغاندۇ ،
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部