+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-5-4 23:45 6035 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دەۋىر ژۇرنىلى (TIME) تەسىر كۈچى زور، ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى باھالاپ چىقتى.

پەن-تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئىنسانلار ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئويلاپمۇ باقمىغان. دەۋىر ژۇرنىلى باھالاپ چىققان پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدا سونىي Walkman غا ئوخشاش يېڭى بىر ساھەگە باشلامچى بولغان مەھسۇلاتلار، ئالما iPod قا ئوخشاش يېڭى ئۇقۇم مەھسۇلاتىدىن مودا مەھسۇلاتقا ئايلانغان مەھسۇلاتلار بار.
بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە

1. ئالما iPhone
ئالما تۇنجى قېتىم ئىقتىدارى كۈچلۈك ئالقانغا ماسلاشغان كومپىيۇتېرلۇق ئۈسكۈنە ئايفوننى ياساپ «ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون» غا ئېنىقلىما بەردى. ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىشىتىكى ئەنئەنىۋى قاراشنى ئۆزگەرتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يانفون تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن تۇنجى قېتىم ياسالغان ئىقتىدارى كۈچلۈك ئاندرويد سىستېمىلىق يانفون Motorola Droid  ـ 20-ئورۇنغا؛ يانفوندا تۇنجى بولۇپ تور بەت زىيارەت قىلىشنى ۋە ئې-خەت قوبۇل قىلىپ-يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان BlackBerry 6210 يانفونى 24-ئورۇنغا؛ تۇنجى قېتىم ئانتېناسىنى ئىچىگە ئورناتقان Nokia 3210 يانفونى 34-ئورۇنغا؛ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى يانفون Motorola Dynatac 8000x بولسا 37-ئورۇنغا تىزىلغان.



2. سونىي Trinitron رەڭلىك تېلۋىزورى
سونىي 1968-يىل رەڭلىك تېلۋىزۇرنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۈچ رەڭلىك تەسۋىر كۆرسەتكۈچ لامپىلىق تېلۋىزورنىڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتى. تۇنجى قېتىم ئەيمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تېلۋىزۇر.


3. Apple Macintosh
كۆك رەڭلىك گىگانىت IBM پۈتكۈل كومپىيۇتېر بازىرىغا ھۆكۈمران قىلىۋاتقان ۋاقىتتا جوبىس Macintosh تىن پايدىلىنىپ IBM بىلەن رىقابەتلەشكەن. Macintosh ئىشلىتىش ئاسان گرافىك كۆرۈنمە يۈزى، مائۇس ئارقىلىق لايھىلەش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق يېڭىچە ھۆكۈمرانلىق ئۆلچىمىنى تىكلىگەن. كېيىنكى رىقابەتتە Windows ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقتى.


4. Sony Walkman
تۇنجى ئەۋلاد ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان ماگنىت لېنتىلىق ئاڭلىغۇچ (لۇ يىنجى)بولۇپ، باھاسى ئەرزان، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، 200 مىليون دانە سېتىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشا تۈردىكى ئاۋاز قويۇش ئۈسكۈنلىرىدىن Victola Record Player ئۈنئالغۇسى 6-ئورۇنغا، iPod - 9-ئورۇنغا ، Sony Diskman D-50 قويغۇچىسى 40-ئورۇنغا تىزىلغان.


5. IBM Model 5150
ھازىر شەخىسلەر كومپىيۇتېرى (PC) يوق ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بىر كېچىدىلا شەخىسلەر كومپىيۇتېرى غايپ بولسا ئىنسانلار ئۆزىنى ئىپتىدائى جەمىيەتكە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئەڭ دەسلەپكى شەخىسلەر كومپىيۇتېرى قانداقتى؟ بۇ سۇئالغا 1981-يىلى ياسالغان بىرىنجى ئەۋلاد شەخىسلەر كومپىيۇتېرى IBM Model 5150 جاۋاب بېرەلەيدۇ. بۇ كومپىيۇتېر شەخىسلەر كومپىيۇتېرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئېنىقلىما بەرگەن. قاتتىق دېتال ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان. ئەينى ۋاقىتتا DOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن.


ئۇنىڭدىن باشقا 1992-يىلى ياسالغان تۇنجى خاتىرە كومپىيۇتېر IBM Thinkpad 700c - 21-ئورۇنغا؛ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك Osbrone 1 كومپىيۇتېرى 43-ئورۇنغا؛ 1999-يىلى ياسالغان تۇنجى سىمسىز تور ئىقتىدارى سەپلەنگەن iBook خاتىرە كومپىيۇتېرى 38-ئورۇنغا؛ iPad - 25-ئورۇنغا تىزىلغان.


8. Kodak Brownie Camera
رەت تەرتىپتە ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان كامىرا (فوتو ئاپپارات) . 1990-يىلى ئېلان قىلىنغان. ئاددى كىشىلەر ھەتتا بالىلار ئىشلىتەلىگۈدەك قىلىپ قويلايلىق لايھىلەنگەن. باھاسى ئەرزان، ھەجىمى كىچىك، مەشغۇلاتى ئاددى بولۇش ئالاھىلىدىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن.


ئۇنىڭدىن باشقا Philips N1500 VCR سىنئالغۇ 12-ئورۇنغا، Toshiba DVD Player - 30-ئورۇنغا تىزىلغان.
ۋىدىئولۇق ئويۇنچۇقلاردىن: 13-ئورۇندا Atari 2600 ؛ 15-ئورۇندا Nintendo Entertainment System؛ 16-ئورۇندا Nintendo Game Boy؛ 31-ئورۇندا Sony PlayStation؛ 32-ئورۇندا Nintendo Wii لار بار.


قورال تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن:
Canon Pocketronic Calculator ھىسابلىغۇچى 11-ئورۇنغا؛ IBM Selectric Typewriter ماشىنكىسى 17-ئورۇنغا؛ ماشنىغا ئورنىتىلدىغان تۇنجى ئەۋلاد GPS ئۈسكۈنىسى TomTom GPS - 22-ئورۇنغا؛ Amazon Kindle كىتاب ئوقۇغۇچىسى 28-ئورۇنغا؛ HP DeskJet پىرىنتېرى 35-ئورۇنغا؛ ئەڭ بۇرۇنقى PDA غا ۋەكىللىك قىلدىغان Palm Pilot  ـ  36-ئورۇنغا تىزىلغان.


يېقىنقى يىللاردىن بېرى چىقىۋاتقان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئۇقۇم مەھسۇلاتلىرىدىن:
VR ۋە AR نىڭ باشلامچى مەھسۇلاتى Oculus Rift ـ  39-ئورۇنغا؛ Google Glass كۆزئەينىكى 50-ئورۇنغا؛ Segway تەڭپۇڭ ماشنىسى 48-ئورۇنغا؛ داڭلىق ئۇچقۇر 大疆精灵  ـ  46-ئورۇنغا؛ Fitbit  ـ  42-ئورۇنغا؛ ئەقلى ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىسى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى Nest Thermostat ـ  44-ئورۇنغا؛  3D پىرىنتېرى Makerbot Replicator  ـ  49-ئورۇنغا تىزىلغان.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +32 ئاقچا +15 يىغىش سەۋەبى
noyali + 2 ياخشى يازما
Günes + 30 ياخشى يازما
alip + 15 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ilterish ۋاقتى: 2016-5-5 04:47:34
ۋايييي ئۇخلاشدىن ئاۋال ئېچىپتىكەنمە ، ھەجەپ ياقتى ما تېما
گىلەم
numeyir ۋاقتى: 2016-5-5 11:01:41
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ، ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ.
ئورۇندۇق
KONA ۋاقتى: 2016-5-5 13:37:33
ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن، مانا مۇشۇنداق تېمىلار، كۆپرەك يوللانسا.قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
5-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2016-5-5 13:55:04
پايدىلىق تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت، سونىينىڭ   ئ‍ىلىكتىرون رىقابەت تېخنىكا كۈچى ھەقىيقەتەن كۈچلۈككەن
6-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2016-5-5 15:16:02
ئەقىلى فونىڭ تەرەقىياتى بەك تىز بوپتۇ ئەمسە.
7-قەۋەت
198515 ۋاقتى: 2016-5-5 22:26:59
ماۋۇ قاتاردا سامسۇڭ شىركىتى يوققۇ.
8-قەۋەت
tulpar0007 ۋاقتى: 2016-5-6 12:40:12
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بۇپتۇ  قۇلۇڭىزغا دەت بەمىسۇن
9-قەۋەت
30229 ۋاقتى: 2016-5-6 23:20:58
ھەقىقەتەن بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىلىمكەن
10-قەۋەت
لەشكەر ۋاقتى: 2016-5-6 23:28:28
Sony ئويۇنچىقى ھەممىدىن ياخشى
11-قەۋەت
sabir199 ۋاقتى: 2016-6-1 14:20:51
ھەقىقەتەن ياخشى تېما  ئېلىكتىرون دەۋرىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن زور بوپتۇ
12-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-3-25 08:55:53
ھەقىقەتەت  ياخشى،،،،،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部