+تېما يوللاش
alqut يوللانغان ۋاقتى:2017-8-8 03:00 4932 قېتىم كۆرۈلدى 44 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شياۋمىنىڭ ئورگان تەرەپ ئۇيغۇرچە قوللىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ شياۋمى 6 دىن بىرنى سېتىۋالغان. نەچچە كۈندىن بېرى ھەپلىشىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلالماي، ئالىپ تورىغا كۆپ قېتىم ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى يازدىم. ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئاخىرى تور ئارلاپ يۈرۈپ بىر تورداشنىڭ خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىپمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئاخىرى ئۆزۈم بىر ئامالنى تاپتىم.

قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق مەقسەتكە كىلەيلى:
MIUI8 سىستېمىسى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشنى چەكلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئاۋۋال سىز شياۋمىنىڭ ئۇسلۇب بازىرىدىن يانفۇندا ھەقسىز خەت نۇسخىسىدىن بىرنى چۈشۈرۈڭ ( بۇرۇن چۈشۈرگەن خەنزۇچە خەت نۇسخىسى بولسا ئۆچۈرۋىتىپ، چوقۇم ئىشنى 0 دىن باشلاڭ) . دىققەت: چۈشۈرگەن ھەقسىز خەت نۇسخىسىنى كۆڭۈلدىكى خەت نۇسخىسى قىلىپ بىكىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ئەمدى ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدىن بىرنى تۆۋەندىكى ئورۇنغا كۆچۈرۈڭ (مىنىڭ بۇ يەردە ئىشلەتكىنىم UKIJ Ekran.ttf )

ئەگەر يۇقارقى كۆرسىتىلگەن ئورۇندىكى theme نىڭ ئىچىدە data. نى تاپالمىسىڭىز مۇشۇ كۆزنەكنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئاۋۇ ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىلغان ئۈچ تال چىكىت كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئۇنىڭدىن 显示隐藏文件 نى تاللاپ قويسىڭىز كۈرۈنىدۇ.
يۇقارقى تەرتىپ بويىچە كىرىپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، مۇشۇ مۇندەرىجىدە ئىسمى ئۈچەيدەك ئۇزۇن بىر ھۆججەت بار. كېڭەيتىلگەن نامى mrc بولغان ھۆججەت. شۇ ھۆججەتنى بېسىپ تۇرۇپ، ئاستى تەرەپتىن ئىسىم ئۆزگەرتىش دىگەن تۈرنى تاللاپ، مۇشۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى كۆچۈرۋالىمىز ۋە ئاخىرىدىكى mrc نىڭ ئارقىسىغا بىردانە 2 نى قىستۇرۇپ قويىمىز.
ئەمدى ھازىر بىر كۆچۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ ئۈستىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى تاللاپ، ھازىر بىز كۆچۈرۋالغان ئاۋۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى چاپلايمىز. (گەپنى قىسقارتىپ دىسەك، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى ھەقسىز چۈشۈرگەن ھۆججەت نامىغا ئۆزگەرتىپ قويىمىز)
دىققەت: ماۋۇ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ttf ئىدى، ھازىر ئىسىم ئۆزگەرتكەندە mrc بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسىڭىز بۇ مەشغۇلات مۇاپىقىيەتلىك بولمايدۇ جۇما. ئىسىمنى ئۆزگەرتكەندە كېڭەيتىلگەن نامنىمۇ ئۆزگەرتىمىز.
ئەمدى ئۇسلۇب بازىرىدىن، بايا چۈشۈرگەن خەت نۇسخىسىنى تاللاپ، تىلىفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىز ئۇيغۇرچە ھەرپلەر چىرايلىق كۈرۈنىدۇ.
ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك ھەل قىلالىغان بولسىڭىز رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇما
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

44ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
appchi ۋاقتى: 2017-8-8 09:51:15
مۇشۇ VIVO X7  گە پەقەت تۇنۇتالمىدىم ، ئەگەر تۇنۇتالايدىغانلار بولسا 50元红包 بېرەتتىم .
گىلەم
于于于于于 ۋاقتى: 2017-8-8 10:22:41
بۇ ئۇسۇل نەچچە قېتىم يوللىنىپ بولغانغۇ؟
ئورۇندۇق
boraoghli ۋاقتى: 2017-8-8 10:52:18
شياۋمى مەكىستە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، رەھمەت!
5-قەۋەت
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-8-8 11:04:55
مىنىڭ يانفۇنۇم   小米3移动بەن ئىدى ئاندىرويىد 4.4.4سىغىمى 16gسىستىمىسى
پەقەتلا يېڭىلانمايۋاتىدۇ يېڭىلاي دىسەم نۆۋەتتىكىسى ئەڭ يېڭى نەشىرى دەپ تۇرىۋالدى ياردەم قىلساڭلا
6-قەۋەت
رۇھ ۋاقتى: 2017-8-8 11:07:34
مەنغۇ خىلى چۈشۈنۈپ قالدىم شاۋمىي تېلفۇن بۇلغان بۇلسا كىرىپ سىناپ باقاتتىم
7-قەۋەت
灬XaX灬 ۋاقتى: 2017-8-8 11:10:31
/forum.ph ... amp;highlight=miui8
بۇ ئۇسۇل بۇرۇن يوللىنىپ بولغانغۇ !؟
8-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2017-8-8 11:11:26
رەھمەت، بۇ ئۇسۇل ھەم ئاددىي ھەم چۇشىنىشلىك ئىكەن
9-قەۋەت
sepra ۋاقتى: 2017-8-8 11:15:34
كۆرسەتمە بۇيىچە  Alkatip UI  خەت نۇسخىسىنى قاچىلىۋالدىم ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.
10-قەۋەت
bayawat ۋاقتى: 2017-8-8 11:21:17
بۇنداق قىلسا يانفۇننى بىر ئىتىپ ئاچسا  يەنە ئەسىلىگە كىلىپ قالدىكەن ،   ھەرقىتىم يانفۇننى ئاچقاندا  يەنە مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كىلدىكەن
11-قەۋەت
nawayi ۋاقتى: 2017-8-8 11:45:36
ئوۋ ماۋۇ ئوڭاي ئۇسۇلكەن رەھمەت سىزگە
12-قەۋەت
永远爱情)╲_╲_ ۋاقتى: 2017-8-8 11:55:01
بۇنىڭدا تېلفۇننى بىر قىتىم قايتا قوزغاتساق خەت نۇسخىسى ئەسلىگە كىپ قالامدىكىن ،يەنە خەت نۇسخىسنى مۇقۇملاشتۇرساق تېلفۇن قايتا قوزغۇلدۇ سەل ئاۋارچىلىق ،ھىلقى پىنيىن چىقىدىغان ھەقسىز  خەت نۇسخىسمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا بولغان  تېلفۇننىڭ تۇكى تۈگەپ قايتا قوزغاتقاندا ئەسلىگە كىپ قاغاچقا يەنە بىكىتىش كىرەك ، دىمەك يەنە قايتا قوزغۇلدۇ ، لىكىن ئاۋارچىلىق ھىس قىلمايدىغانلا سىناپ باقسا بولدۇ،
13-قەۋەت
umid7606 ۋاقتى: 2017-8-8 13:03:43
مەنمۇ بىريىل بۇپقالايدىدى شۇنداققىلغىلى miui8چىقىپ ئۇزۇنبولمايلا باشقا دوسلار يوللاپتىكە ئالىپقا شۇچاغدا قىلغان ئۇيغۇرچى قېتىلمىغان چاغلاردا
14-قەۋەت
umid7606 ۋاقتى: 2017-8-8 13:08:04
قايتا قوزغۇتۇشنى تاللىماي تەڭشەگ كۆرسىتىش خەت نۇسقىسىغا كىرىپ يەنە شۇ خەت نۇسقىسىنى تاللىۋەتسىڭىز   ئىككىلا ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشتى
15-قەۋەت
ab1ajan ۋاقتى: 2017-8-8 14:12:59
بۇرۇن خەت نۇسقىسى چۈشۈرۈپ باققان ئادەمنىڭ ھىسابات نۇمىرىدا كىرىپ ،قاچىلىۋاسا ئاسان بولامدىكىن تاڭ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部