+تېما يوللاش
alqut يوللانغان ۋاقتى:2016-4-2 22:11 4561 قېتىم كۆرۈلدى 29 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن يېقىندا نۇر تورىدىن Samsung S6 EDGE يانفۇننىڭ سىستېما نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بولدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇشاللىقىمدا يېڭى سىستېمىنىڭ ئەھۋالى چوقۇم ياخشى دېگەن ئوي بىلەن android سىستېمىسىنى 6.0 گە كۆتۈرگەن ئىدىم. كۆتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى نورمال ئىشلىگەن بولسىمۇ لېكىن دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە خەت ئامبىرىنى ئىشلىتەلمىدىم. ھەر قېتىم ئۇيغۇرچە خەت ئامبىرىنى تاللىغاندا سىستېىما [كىلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس قانۇنسىز خەت نۇسخىسىنى سىستېما قوللىمايدۇ، ئۆچۈرۋىتەمسىز؟] دېگەندەك ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ تۇرۋېلىپ پەقەتلا قوللىمىدى. توردىن كۆپ قېتىم ئىزدىگەن بولساممۇ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالمىدىم.

شۇڭا ماڭا ئوخشاش 6.0 گە كۆتۈرمەكچى بولغانلار ئەڭ ياخشىسى كۆتۈرمەڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا سامسۇڭ شىركىتى باشقا خەت ئامبىرىنى پۇلغا سېتىشنى مەقسەت قىلىپ، يانفۇن نەشىرىنى كۆتۈرگەنلەرگە قارىتا پۇل تۈلەپ خەت نۇسخىسى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا بىزنىڭ خەت نۇسخىمىزنىمۇ كىرگۈزۈپ بەرسە، پۇل تۈلىسەكمۇ مەيلى ئىدى. ياكى بىرلىشىپ پىكىر بەرسەكمۇ بولىتى.

ھازىر يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سامسۇڭ S7/S7 EDGE لارمۇ ئوخشاشلا يۇقارقىدەك خەت ئامبىرى قاچىلاشنى مۇنۇپۇل قىلىۋېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت. شۇڭا بۇ يانفۇنلارنى سېتىۋالماقچى بولغانلار ئۇيغۇرچە خەت ئامبىرىنى نورمال قوللايدۇ دەپ خام خىيال قىلماڭلار. root نى ئېچىۋەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

مەن سامسۇڭ S7 EDGE دىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇرچىنى سىناق قىلدىم. يەنىلا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىغىلى بولمىدى. بوپتۇلا ئىشلىتىۋىرەي دىسەم ئۇيغۇر تىلىدىكى ئى ھەرىپى ئۇلانماي ناھايىتى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى. يانفۇننىڭ خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش ئورنىغا كىرىپ يېڭى خەت نۇسخىسىنى توردىن چۈشۈرۈشنى تاللىسام %90 خەت نۇسخىسىنى سامسۇڭ شىركىتى ھەقلىق قىلىپ تارقىتىپتۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرتال ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولغان بولسىمۇ ھەق تۈلەپ ئېلىشقا رازى ئىدىم . بەك ئاچچىغىم كەلدى. مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قوشۇش توغرىسىدا پىكىر بىرىپ باقساق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
alip + 30 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

29ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئۆتكور ۋاقتى: 2016-4-2 23:06:28
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ماۋۇ ئىشلارنى،ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دېگۇلۇك ھەي،بۇنىڭغىمۇ ئەمدى lgنىڭ تۇپىسى يۇقتىمۇ قانداق؟ئۇيغۇرچە ى ھەرىپى ئۇلانمايدىقان،
گىلەم
زاھېر ۋاقتى: 2016-4-2 23:35:21
مەن قولىلايمەن  ھەقىلىق بولىسىمو مەىلي    ياخىشي پىكىركەن بۇ    س6  5.1 دە نۇرمال قولىلايدكەنىتۇق قولومىدكي نوتي5  5.1 چىغىسدمو سېزيولوقىقان مەسىلىگە يولىقوپ ئۇيىغۇرچىني چېرايىلىق قېلامىمغان 2 كۇن بۇرۇن 6.0 گە كۇتۇرۋالىدىم   سېناپىباقىسام يەنە ئۇخىشاش   بېراق 6.0 سېسىتمنىڭ ئەلا لاشىتۇرۇلغان ئېقىتداري كۇپكەن  تۇكىتىجەش ئېقىتىداردمو كۇرنەرلك ئېلىگرلەش بوپتو  لېكىن شۇ ئۇيغۇرچىزە
رەھىمەت بۇرادەر    مەن ئۇچۇنلا يولىلاپىسىز بۇتېمىني
ئورۇندۇق
ئىزلەپ ۋاقتى: 2016-4-3 00:53:48
قايسى نەشىردىن باشلاپ كۆتۈرۈشكە بولىدىغاندۇ ، سامسۇڭ تېلېفونلارنىڭ ھەممىنى بولارمۇ يا
5-قەۋەت
alqut ۋاقتى: 2016-4-3 01:17:26
بۇ يازمامنى تەستىقلاپ قويغىنىڭلارغا ۋە پىكىر تەكلىپلىرىڭىزلارغا كۆپ رەھمەت. بايا بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولۇپ، بىر قانچە كونا ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تۇنۇتۇش جەريانىنى قايتا سىناق قىلدىم. سىناق ئاخىرىدا مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.
ھازىر مانا ئەمدى يېڭىلىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا root ئالماي تۇرۇپلا ئۇيغۇرچە تۇنىتىش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. بۇ تېخنىكا ئوخشاشلا سامسۇڭ S7 ۋە S7 EDGE لەرگىمۇ ماس كىلىدۇ. ئاۋۋال ئەپ بازىرىدىن 字体管家 نى چۈشۈرىمىز. (دىققەت، مەن تەمىنلىگەننى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن)

بۇ يېڭى نەشىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ چۈشۈرۈپ بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق zitiguanjia ناملىق مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈڭ. ناۋادا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى سىزدە بولمىسا بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈپ، يۇقىرىدا دىگەن ئورۇنغا ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق كۆچۈرۈپ كەلسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى بۇ 字体管家 نى قوزغىتىپ، ئاستى تەرەپتىن 我的 نى بېسىڭ، چىققان تىزىملىكتىن 我的字体 نى تاللىسىڭىز بايا سىز كۆچۈرگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى كۆرۈنىدۇ.
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تاللاپ 应用 نى باسسىڭىز سىستېما سىزگە 字体插件 نى قاچىلاشنى تەۋىسيە قىلغان ئۇچۇر كۆزنىكى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەڭ مۇيىم. بۇنى چوقۇم قاچىلايسىز. قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بۇ پروگراممىدىن چېكىنىپ، يانفۇنىڭىزنىڭ 显示 دىن ھازىرقى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تاللاپ بېقىڭ. مۇۋاپىقىيەتلىك بولدىمۇ؟ ئەگەر 不支持该字体 دەپ چىقىۋالسا داۋاملىق تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ. ئەمدى يانفۇنىڭىزغا 爱字体 نى قاچىلايسىز (ئەگەر سىزدە بولمىسا بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ)

قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بىر قۇر ئىجرا قىلىۋىتىپ، چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن بايا بىز توردىن چۈشۈرگەن خەت نۇسخىسىنى ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق يانفۇننىڭ ifont مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى custom مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈڭ.[]ئەمدى بۇ 爱字体 نى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن ئۈستى تەرەپتىكى 我的 نى تاللاپ، ئىچىدىن 我的字体 نى تاللاڭ. 应用 كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ نامىدا بىر ئەپ شەكىللەندۈرۈپ يانفۇنىڭىزغا قاچىلايدۇ، داۋاملاشتۇرۇپ قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يانفۇنىڭىزنىڭ 显示 غاكىرىپ ھازىر قاچىلىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ 完成 كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر شۇنداق چىرايلىق چىقىدۇ. بۇ ماقالە خىيال تورىغا تەۋەبۇ سىناقنىڭ مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا يوللاپ قويدۇم. كۆرۈپ پايدىلنىۋالساڭلار بولىدۇ.
http://www.hiyal.com/Item/651.aspx


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
惩罚..... + 10 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

6-قەۋەت
alqut ۋاقتى: 2016-4-3 01:21:12
7-قەۋەت
t-burkut ۋاقتى: 2016-4-3 02:24:13
مەن ئالدىنقى ھەپتە بىر دانە s7  نى روتلاپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى قاچىلاپ بەردىم نورمال ئىشلىتىۋاتىدۇ
روتلىسا ئامال بار
8-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2016-4-3 02:44:33
ئەسكەرتىكىنىڭزگە رەھمەت
9-قەۋەت
ئالىم122 ۋاقتى: 2016-4-3 13:28:18
ئەتگەن س7دىن بىرنى ئەكىلىپتىكە ئۇيغۇرچە تۇنىتىپ بىرىڭ دەپ قىلالمىغانتىم. تىمىنى كومەپتىمەن  ئەپسۇس.
10-قەۋەت
alqut ۋاقتى: 2016-4-3 13:36:50
بارلىق تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ. يانفۇننى ئامال بار root لىماڭ. چۈنكى root نى ئاچقاندىن كېيىن يانفۇننى ئىگە تەرەپنىڭ يېڭىلاش مۇلازىمىتىدىن مەھرۇم قىلغان بولىسىز. مەنمۇ s6 edge دىن بىرنى ئالغان. شۇ ئالغان تىلىفۇننى 6.0 گە كۆتۈرۈپ بولۇپ ئاندىن s7 edge گە ئالماشتۇردۇم. لېكىن root ئالمىدىم. سەۋەبى يۇقىرىدا دىگىنىمدەك. سىز بىر قېتىم root ئالغاندىن كېيىن باشقا rom لار كۈزىڭىزگە چىرايلىق كۈرۈنۈپ كىتىدۇ، ئاخىرىدا تىلىفۇنىڭىز مۇقىم بولماي، يېڭى rom چىقسىلا تەبىئىي ھالدا يېڭىلاپ باققۇڭىز كېلىدۇ.
11-قەۋەت
ozturuk111 ۋاقتى: 2016-4-3 16:31:50
爱字体دىكى  ئۇيغۇرچە خەت شەكىللىرى بولماسمۇ
12-قەۋەت
umut... ۋاقتى: 2016-4-3 20:30:02
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ قالدى كەچۈرگەيسىلە تىلفۇننۇڭ قوش چىكىپ چوڭايتىدىغان ئىقتىدارىنى ئەتكىلى بۇلامدۇ تىلفۇندا ئۇيۇن ئوينىغاندىمۇ قوش چىكىلىپ كىتىپ چوڭىيىۋېلىپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى
13-قەۋەت
hanka ۋاقتى: 2016-4-3 23:49:12
نوتې 5 نىمۇ 6.0.1 گە كوتىرۋالدىم
كۈرۈنمە يۈزى شۇنداق چقرايلىق تىزلىكىمۇ شۇنداق تىز
ھەممە يىرى نۇرمال شۇنداق ياخشى رەسىملەرمۇ سۈزۈك  
تور بەتتىكى مىما سالىدىغان ئۇرۇنلارغا بارماق ئىزى مىما بۇلۇدىغان بۇپتۇ شۇنداق ياخشى ياشىسۇن سامسۇڭ !
بىخەتەرلىك دەرىجىسى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇرۇلۇپتۇ
يەنە ئىچكى ساقلىغۇچىمۇ كوپ 1.5 گ  يىرى زاپاس تۇردۇ
ئىشقىلىپ ماڭا بەكلا يارىدى
تەڭشەك قىسىمى كۈيۈپ قالغىدەكلا چىرايلىق ۋاھ دەپ قالىسىز
تىز يېڭىلاڭ
14-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2016-4-4 10:50:22
t-burkut يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 02:24
مەن ئالدىنقى ھەپتە بىر دانە s7  نى روتلاپ ئۇيغۇرچە خەت ن ...

لېكىن ھازىر روتلىسا سامسۇڭ ھەميانى ئىشلىمەيدۇ. شۇنداق دەپ ئېلىپ كەلگەنلەرگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلار مەجبۇرىيەت دەپ ئويلۇدۇم سىلەر ئۈچۈن.
15-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2016-4-4 10:54:42
alqut يوللىغان ۋاقتى  2016-4-3 13:36
بارلىق تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ.  ...

ئىگە تەرەپ سېستىمىسىنى دەيدىغان ئىش بولسا بەش ھۆججەتلىك سېستىمىنى تېپىپ يېزىۋەتسەك يەنىلا جايىغا كېلىدۇ. بىر يامان يېرى my knox بىلەن samsung pay ئىشلىمەيدۇ. ئورگان رومىنى يازساقمۇ بىكار. شۇڭا روتلىمىغان ياخشى ئوخشايدۇ .
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部