كۆرۈش: 478|ئىنكاس: 1

«مەن مائارىپچى ئەمەس موئاشچى » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
5
جۇغلانما
50
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 16:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپكە نىسپەتەن ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىش ئىنتايىن موھىم. ئوقۇتقۇچى بولغان ھەر بىر ئىنسان ئوقۇغۇچلارنى ياراملىق تەربىيلەشنى مەخىسەت قىلىدۇ ئەلۋەتتە.لىكىن نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچلارنىڭ  ئەۋلات تەربىيلەشتەك بۇ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇ خىزمىتىنى،ئاشۇ ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت ئوستازنىڭ قۇلدا تەربىيلىنىپ ھازىرقىدەك ئىمتىيازغا ئىگە بولۋاتقان ھەممىگە قادىر يۇقۇرى-تۆۋەن باشلىقلىرىمىز ئوقۇتقۇچلىرىمىزنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرىنى ئاسان كۆردىمۇ قانداق كۈندە بىر «يېڭلىق»ئالۋانلارغا.ۋە يەنە ئوقۇسا چۈشەنمەيدىغان تىگى كۈرۈنمەس «ئارخىپ»ئىشلەشكە ھايداۋاتىدۇ.ئولارنىڭمۇ كۆزلىرى كور بۇلۇپ قالغانمىدۇ؟«مەكتەپ» دىگەن بۇ ئاددى ئاتالغۇنى،ئوقۇتقۇچىنىڭ نىمە ئىش بىلەن مەشخۇل بولدىغانلىقىن بىلمەمدىغاندۇ؟ئولارغۇ يىل ئاخرىسىدا «مۇنەۋەر »بۇلۇپ چونتىكى پۇل بۇلار.بىزنىڭچۇ؟!.يىل ئاخرىسىدا ئاشۇ غۇجاملار سەۋەبلىك دەرىس ئۆزلەشمىگەن دىگەن قالپاق بىلەن «ئاتالمىش»تەربىيىلىنىشكە بېرىپ ،شۇنداق ئىشلەپمۇ ئاران ئىرىشكەن بىر ئايلىق مائاشقا يەنە بىر نەچچە مىڭ سومنى قېتىپ مەھبۇسقا ئوخشا ش سۈرگۈنگە ھايدىلۋاتقان.ئاران دىگەندە خۇتۇن-باللار بىلەن،ئاتا-ئانا،ئورۇق-تۇغقانلار بىلەن جەم بۇلۇش پۇرسىتى بولغان كىچىككىنە ئىمتىيازلىق  تەتىل گە كىچىڭ پوسمىلار كەيدۈرۈلۈپ تەتىللىرىمىز ھارام بۇلۋاتقان..........!.بىزدەك ئوقۇتقۇچلارنىڭ گىپىنى قىلدىغان بىرەر باشلىق چىقماسمۇ؟ مۇشۇنداق يالغاندىن-راسقا ئوخشىتىدىغان.كاۋىنى ئەمەس باراڭنى راس قىلدىغان ،ئوقۇتقۇچلارنىڭ «قوللار »دەۋرى قاچانمۇ ئاخىرلىشار؟
بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ تۆۋەندىكى نىدالارغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى. بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز مەكتىۋىدە كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقى رىئاللىق ئىكەن.نۇرغۇن يەرلىرى ئاساسى قاتلام.يىراق.چەت يېزا مەكتەپلىرىدە ئىشلەۋاتقان بىزدەك ئوقۇتقۇچلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش ئىكەن.شۇڭاتورداشلارنىڭ قەلىپ خانىسىگە سۇندۇم.بەلكىم ئورتاق تۇنۇشقا كىلىپ قالساق ھەجەپ ئەمەس.               
«مەن مائارىپچى ئەمەس موئاشچى »

سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈم بار ئىدى بىراق ،سۈكۈتتىن سۆزلەشنى ئەۋزەل كۆردۈم .تايماس ئەپەندىنىڭ «سىز مائارىپچىمۇ ياكى موئاشچىمۇ »دېگەن تېمىسنى كۆرۈپ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت جەرياندا بۇلۇنۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسكە ئالدىم ئويلاپ باقسام مەن ھەم مائارىپچى ھەم ئىككى مىڭ سومنىڭ قۇلى بۇلغان مۇئاشچىكەنمەن مانا ئوقۇتقۇچۇلۇقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ كەسىپنىڭ بوسورغۇسدىن ئاتلاپ كىرگىلمۇ دەل بىر يىل بوپتۇ ،بۇ بىر يىل جەرياندا ئاڭلىمغاننى ئاڭلاپ كۆرمگەننى كۆردۇم _قانداق دەمسىز ؟ئالدىرماي مۇنداق سۆزلەي
«1»2010 يىلى 6 -ئايدا بىر يېزىغا ئوقۇتقۇچى بولدۇم ،بۇ يېزىدا ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولغاچقا خىزمەتكە چۈشۈپ بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ مەكتەپتە ئۈچ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇلاندىم ،كومپىيوتېر ،خەنزۇتىلى ،مۇزىكا(ھۆجەيرەم يوق تۇرۇپ مۇزىكا ) ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم ،ئەلۋەتتە كەسپىم جۇغراپىيە ئىدى بۇنى ئاز دەپ مەدىنيەت پونكىتنىڭ ئارتىسلىرىغا يېزا مالىيەسىدىن خىراجەت ئاجىرتىپ بېرەلمەگەچكە ئىش تاشلىغان دىھقان سەنئەتچىلىردىن ئاتىلىپ بىر ئاي دۆلەت بايرىملىق ئارتىس بولدۇم ،بۇ ئىشنى تۈگۈتۈپ يېزىلىق ھۆكىمەتتە خەنزۇچە ھەم كومپىيوتېر بىلدىغان خىزمەتچى بولمىغاچقا يېزىلىق ھۆكىمەتتىكلەرگە ياردەمچى بولۇپ بىر ئاينى ئۆتكۈزۈپ تۇرسام ،تۇلۇق ئۈچنىڭ ئوقۇغۇچلىرىغا جۇغراپىيە دەرىس تەكرار قىلىپ بېرىدىغان كەسپىي ئوقۇتقۇچى يوقلۇق سەۋەبلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ شۇ يەردە ھازىرغىچە خىزمەت قىلۋاتىمەن بىراق تولۇق ئۈچنىڭ ئوقۇتقۇچسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە ئاقمدى ،ئوقۇغۇچى باللارنىڭ دەرسىنى قويۇپ يېزدىكى ھەر قايسى ئورگانلار ئارا خور ئېيتىش مۇسابىقسىدە بىرىنجى بۇلۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەبىي قەلىبلەرنڭ دەرسىنى قۇيۇپ خور مەشىق قىلدۇق .
ھازىر مەكتەپلەرنى يېزىلىق ھۆكىمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەچكە ،يېزىدىن ئوقۇتقۇچىلارنى دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ قوغۇن ،تاۋۇز ئۈزۈپ دېھقانلارغا ياردەمگە بەردى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە دەرسى قالدى يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دىھقانلارنىڭ ھەم شۇ يېزىنىڭ تاۋار ماركىسنى ئوقۇتقۇچلار مۇلازىم خادىم بۇلۇپ يەرمەنكىگە سالدى ،يەنە دەرس قالدى يېزدىن ئوقۇتقۇچىلارنى ئاجىرتىپ ھەممە ئائىلگە نۇمۇر سالدۇردى ،يەنە دەرس قالدى كىچسى رەھپەرلەر تەكشۈرگىلى كەلدى ،ئوقۇتقۇچىلار خۇددى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىدەك «ئەر بولمىسمۇ خىزمەت بولغاندىن كىيىن ،دەرس بولمىسمۇ دۇتتار بولغاندىن كىيىن »دەپ ھەمراھ قىز بولدى شۇنداق بىز بۇنداق چاغلاردا مائارىپچى ئەمەس مۇئاشچى بولدۇق
«2»تېخى شەنبە ،يەكشەنبەنى قۇربان قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇغۇچى باللارنى مەكتەپكە تۇلۇق ئەكىلىش ئۈچۈن ھازىر پىژغىرىن ئىسىقتا كەنىتمۇ -كەنىت ماڭدۇق ،مۇئاشىچى بولغاندىن كىيىن ماڭدۇق ،دۈشەنبە كۈنى ئىككى ئاساسەن خىزمىتنى قايتا تەكشۈرگىلى كەلگەنلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن دەم ئالماي ئىشلىدۇق شۇندىمۇ دىھقانلار باللىرنى ئەۋەتىشكە تۈگۈل _مۇئەللىم بالامنىڭ ئاپسى ئاغرىق 1000 سوم بەرسەم بالامنى مەكتەپتىن ئاجىرتىپ چىقىرىپ بەرسىڭىز بالامغا خوتۇن ئېلىپ بەرسەم ئاش -تاماقنىڭ ھۆدىسدىن چىقسۇن دېدى بىر قىسىم دىيانەتلىك ئوقۇتقۇچىلار شۇ ئوقۇغۇچنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاپ قارشى تۇرغان بولسا شۇ توي خېتى ياكى باشقا رەسمىيەت بېرىدىغان رەھبەرلەر ئازغىنە پۇلىغا ئۆزىنى بۇزۇپ ئوقۇغۇچلارنى ساتتى سېتىپلا ھەمىدىن خالاس بولسا مەيلى ئىدى ،تەپ -تارتماستىن تەكشۈرۈش ئۈمكىگە شۇ بالىنى نەخلەيسەن ،نەدىن بالا تاپساڭ تاپ دەپ بۇيرۇق سوقتىبالىنى نەدىن تاپىدۇ ،ئامال يوق ،ئالبۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ،ساتىراچ ،قاساپ دېگەندەك باللارنى سېنىپقا يېغىپ ئەكىرىپ باشلىقلارنى موملاپ يولغا سالدۇق ،ماھايەتتە باشلىقلار موملانمايتى ،دەل بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز موملنۋاتاتتى بۇنى ئاز دەپ مۇنۇ قارنى بالا باشلىقلار باشقا چاغلاردا تەكشۈرۈشكە چىقماي شۇ يېزىنىڭ بازار كۈنى پايلاپ چىقىپ بىچارە مەكتەپ مۇدىرنى تەڭقىسلىقتا قويدى ،مۇدىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاماندۇرۇپكا پۇلىغا شۇ ھارامتاماق باشلىقلارنى مىھمان قىلىپ يولغا سالدى ،بىزنىڭ كاماندۇرۇپكا پۇلىمىز شۇنداق قىلىپ يوق بولدى شۇنىڭ بىلەن بىز مائارىپچى ئەمەس مۇئاشچى بولدۇق
«3»ئوقۇغۇچلارنىڭ ئەسلا ئوقۇش خىيالى يوق ،ئۇلار خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەكلا يېڭلىققا قىزقمايدۇ ،شۇنچە كۆپ ئالىملارنى ھەتتا ئۇيغۇرلاردىن چىقان پەخىرلىك ئوغلانلارنى مىسال قىلىپ دەرسكە قىزقتۇرسىمۇ (ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە شۇنداق پۈتۈلۈپتۇ )دەپلا يۈردى دەرسكە كەلمەي مەكتەپتىن قېچىپ قىشتا چانا تېيلىشقا ،يازدا سوغا چۈمۈلۈشكە قاچىتى ،مەكتەپكە زورلاپ ئەكىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويسا مۇئەللىملارنى ئۇردى ،بەزىسى تېخى مەكتەپ مۇدىرىغمۇ قول تەككۈزگەنلەرمۇ چىقتى ئاتا -ئانسىغا نەسھەت قىلىڭ دېسە تەپ تارتماي بالامنى سېلەر باشقۇرلامىساڭلار مەن قانداق باشقۇرمەن ،ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن سېلەر خەققە بۇزەك بولغاندىن بىر ئىككى پەشۋا ئېتىپ تۇرسا نىمە بوپتۇ دېگۈچلەرمۇ ئاز ئەمەس «بالىڭىزنى بىر ئوقتۋالايلى» ،ھازىر ھۆكىمەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچلارغا ھەق بېرىپ ئوقۇتۋاتىدۇ دەپ يالۋۇردۇق ،قىز بالا دېگەن خەقىنىڭ بالسى ئوقۇپ مۇئاشلىق بولسىمۇ بىزگە بەرمەي ئېرىنى باقىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالا 18 دىن ئېشىپ كەتسە ئەر ئالمايدۇ دەپ يۈرگەنلەرمۇ كۇرمىڭ شۇنىڭ بىلەن بىز مائارپچى بولماي مۇئاشچى بولدۇق
«4»ئوقۇتقۇچلار ياتقىغا قارسىڭىز قورقۇپ ھوشىڭىزدىن كېتسىز ،تاملىرى ئوت ئاپىتىگە ئۇچىرغاندەك ئىسلىشىپ ،قارداپ كەتكەن ،قىش كۈنلىرى ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرساق بۇرۇنلىرىمىز قىزىرىپ ئۈشۈپ قالدۇ ،يازدا ئىسىپ چىلىق -چىلىق سۇدا قۇپىمىز توك گاھ بار گاھ يوق ،سۇنىمۇ مەكتەپ نۇرمۇلۇق بەرگەن يەر ئاستىدىن چىقدىغان قۇدۇق سۈينى ئېچىمىز ،مەكتەپ ئارقا مەيدانى ئوشۇققا كەلگۈچە توپا ،ئوقۇتقۇچلار ئۇچىسدىكنىڭ قانداق رەڭلىك كىيىم ئېكەنلىكىنى بەزى پەرىق قىلالمايسىز ،يېغىنىڭ كۆپلۈكىدىن دەرسلەر قۇربان بۇلدۇ ،ئۇساپ ياكى قۇرسىقىڭىز ئېچىپ يۈگرەپ چىقىپ بىر سومغا سۇ ياكى نان ئېلىپ يەي دېسىڭىز ئاقتىنمۇ كۆكتىنمۇ تاپالمايسىز ،پۇلغا قۇل بولمسىڭىز بىر ئۆيىڭىزگە قايتسىڭىز 100 سوم ماشىنا كىرا ھەقىقگە كېتىدۇ ،مەكتەپتكى دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچلارنىڭ داۋام تۇراقلىقى ياخشى ئەمەس دېگەن باھانىسى بىلەن سىنىپ مۇدىرلىرى كۈنى كەم دېگەندە بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بەش سوم جەرىمانە تۈلەيسىز ،ئۆزى يېغىن ئېچىپ دەرس قالدۇرسا گەپ يوق ،بىز ئاغرىپ زەمبىلدە كۆتۈرگىدەك ھالغا چۈشۈپ روخسەت سورساق ،كۈنىگە 50 سوم جېرىمانە ،بىر كۈندە بەش ۋاخ يوقلۇمنىڭ بىر قېتىمغا كېچىكسىڭىز 8 سوم جەرىمانە ،مەكتەپ يېپق شەكلىدە باشقۇرلىدۇ بىر قتىم سەۋەبسىز مەكتەپ دەرۋازسدىن سېرىتقا چىقسىڭىز 10 سوم جەرىمانە ئوقۇغۇچىڭىز چوڭ تازلىقىتا سىنىپ، مەيداننى 80 نۇمۇردىن تۆۋەن تازلاپ قويسا سىزدىن 50 سوم جەرىمانە ئوقۇغۇچىڭىز سوقوشۇپ ،بىر -بىرنى يارلاندۇرسا سىزنىڭ ياخشى تەربىيە قىلمغانلىقىڭىز ئۈچۈن 20 يۈئەن جەرىمانە ھەپىتدە دەرس تىڭشاش ،كەسپىي ئۆگنىش ،دەرس تەييارلىقى ،تەستىق تۇلۇق بولمىسا 100 سوم جەرىمانە ئوقۇغۇچىڭىز مەكتەپ گۈلىكىدىن بىر تال گۈل ئۈزۈپ تۇتلۇپ قالسا سىزدىن بەش سوم نەخ مەيدان جەرىمانسى جەرىمانە ئالغۇسى كەلسە ،نىمشىقا تاماق يەيسەن ،مەكتەپىنىڭ توكىنى جىق ئىشلىتىپ توك پولىنى كۆپەيتىۋەتتىڭ ،نىمىشقا ئوبۇرناغا كۆپ چىقسەن ،ئىشخانڭغا نىمىشقا قۇلۇپ سالمدىڭ دېگەندەك ئاقماس باھانە بىلەن بىر ئاي كىچنى كىچە ،سوغوقنى ،ئىسقىنى باشتىن كەچۈرۈپ ،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ،دەرسكە تەييارلىق قىلىپ ،ئوقۇغۇچلارنى ئۈسۈپ يېتلىش خاتىرسىنى ،سىياسى ئۆگىنىش خاتىرسىنى ،ئۈچىنى قوغداپ ئىككىگگە قارشى تۇرۇش خاترىسىنى ،كەسپىي ئۆگنىش ،قوش تىل ئۆگىنىش ،دەرس تىڭشاش ،چىقىم ،يوقلام باشقۇرۇش دېگەندەك تالاي ئىشلارنى قىلىپ تەستە ئالغان نەچچە مىڭ سوم قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداق بۇلۋەرگەنلىكتىن مەن قاتارلىق بىر قاتار مائارىپچلار مۇئاشچى بۇلۇپ ئاھ چېكۋاتىدۇ
ئەسلى مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى   

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
574
توردا
83 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 21:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە يۇقاردا سۆزلەنگەن ئىشلار بولمىسىمۇ ، لىكىن شەكىلۋازلىق ئىغىر. بىز يۇقىرىدىن سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھانى ئالىدۇ  دىسە ، ئىمتىھاننى راسىت ھەقىقى ئالالمىدۇق.  يۇقىرىدىن ،بالىلارنىڭ سەۋيىسى  يۇقىرىكەن دەپ ،قۇشتىل ئوقۇتۇش تەلىپىنى بالداقمۇ بالداق يۇقىرلاتتى. ئاخىرى ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپتۇق. ئەمىليەتتە  بىچارە بالىلارغا ئۇۋال بولغاچقا يا ئۇيغۇرچە يا خەنسۇچە پىششىق ئىگەللىيەلمىدى.مائارىپىزدىكى ئاجىزلىق بارغانسىرى گەۋدىلەندى.ياش 40ياشقا بارمايلا،  بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە بىكارچىغا  ئايلاندى. نىمە ئۈچۈن دىگەندە  ئۇلار قوشتىل ئوقۇتۇش ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.مۇشۇ قىتىمقى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇيىچە، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش(  ماتىماتىكا ،خەنسۇچە   )ئىمتىھاندا  مەكتىۋىمىزدىكى 209 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن ماتىماتكىدىن 35 خەنسۇچىدىن 90 لاياقەتىلىك بولدى .يۇقارقىلار دىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بۇلىدىكى بىزنىڭ مائارىمىز ئۈچۈن ھەقىقى سۆزلەيدىغان كىشىلەر بەكلا ئازكەن.بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى  ساقلانغان مەسىللەر بىزنىڭ ھەل قىلىشىمزنى كۆتۈپ تۇرۇپتۇ. بىز  زادى قانداق قىلىشىمز كىرەك؟   
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.066176 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 02:49

چوققىغا قايتىش