ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 729 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 895|ئىنكاس: 17

[بىلىم، تەجرىبە] 8813 ھەققىدە ئىككى ھۆنەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

24

دوست

1905

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
16
جۇغلانما
256
توردا
604 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:38:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaydayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 21:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسىتلار
يېقىندا خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن پەقەت شۇ تورداشلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگىدەكلا ۋاقىت چىقىۋاتىدۇ. ئالدىنقى كۈنى يوللانغان 8813 نىڭ تەرجىمە رومىنى قاچىلاش جەريانىدا بىر مەسلىگە يۇلۇقتۇم، يەنى رومنى قاچىلىغاندىن كېيىن قوزغىلىش رەسىمىدە تۇرۇپ يانفۇن پەقەت ئېچىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ئاخىرى ھەل قىلدىم .

بۇنىدىڭدىن بۇرۇن بىر ئىشنى دەپ ئۆتسەم، ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بويىچە بىر روم تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان، ئەگەر روم ياكى ئەپ تەرجىمە قىلىشتىن خەۋىرى بارلار بولسا بىرلىكتە روم تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلساق، پەقەت خەۋىرىڭلار يوق ،لىكىن خەنزۇتىلىدىن خەۋىرىڭلار بارلارمۇ كىرسەڭلار بولىدۇ.   قاتنىشىشنى خالايدىغانلار ئوغلان روم تەرجىمە گۇرۇپپىسى QQ توپىنى قېتىۋېلىڭلار . توپ نۇمۇرى:286784935  قوشقاندا oghlan دەپ ئەسكەرتىڭ


1-روم قاچىلاشتىكى خاتالىقنى ھەل قىلىش
بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك :
بەيدۇ رومىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بەيدۇ رومى ۋە recovery سى 8813 يانفۇنىنىڭ رايۇن بۆلىنىشگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز ياسىغان ياكى باشقىلار ئەلالاشتۇرغان ۋە ياكى تەرجىمە قىلغان رومنى بەيدۇ رومىنى قاچىلاپ سىناپ باققان يانفۇنغا قاچىلىساق قاچىلانمايدىكەن.
يەنى بەيدۇ رومىغا ۋە مۇشۇ روم قاچىلانغان يانفۇنلارغا نىسبەتەن boot رايۇنى بۆلىكى mmcblk0p12 مۇشۇ رايۇندا، Cache رايۇن بۆلىكى mmcblk0p15 رايۇندا بولىدىكەن. بىز بەيدۇ رومىنى قاچىلاپ بولۇپ، يەنە باشقا رومنى قاچىلىماقچى بولساق، مۇشۇ قاچىلىماقچى بولغان روملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ    boot رايۇنى بۆلىكى mmcblk0p15  دە بولغاچقا روم توغرا قاچىلانمايدىكەن.
نەق گەپكە كەلسەك :
ئەگەر يۇقرىقىدەك ئەھۋالغا يۇلۇقسىڭىز قەتتئىي ئەنسىرىمەڭ . سىز قاچىلاپ مەغلۇب بولغان رومنى winrar قاتارلىق پىرىستىن يېشىش قۇرالى بىلەن قوش چىكىپ ئېچىڭ ( ھەرگىزمۇ پىرىستىن يېشىش ئەمەس، ئادەتتە ھۆججەت ئاچقاندەك دىمەكچى). ئاندىن تەرتىپ بويىچە META-INF\com\google\android\updater-scritpt ماۋۇ ھۆججەتنى تېپىپ ، ئوڭ تەرىپىنى چىكىپ خاتىرە دەپتەردە ئېچىڭ ، ھەمدە package_extract_file("boot.img", "/dev/block/mmcblk0p15"); مۇشۇ قۇرنى تېپىپ ئاخىرىدىكى 15نى 12 گە ئۆزگەرتىپ ،ئاندىن ساقلاڭ ،ساقلىغاندىن كېيىن سىز باياتىن winrar ئارقىلىق ئاچقان روم قايتا پىرىسلامسىز دەپ ئەسكەرتىدۇ، سىز جەزىملەشنى تاللاپ ئاندىن كېيىن مۇشۇ رومنى قاچىلىسىڭىز روم توغرا قاچىلىنىپ يانفۇن قوزغىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :
1.jpg

2.jpg

3.jpg

4.jpg

5.jpg

6.jpg

7.jpg


2- بەيدۇ recovery سىنى باشقا recoveryغا ئالماشتۇرۇش
بەيدۇ recovery سى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، سىز باشقا recovery نى قاچىلىسىڭىز يەنىلا ئەسلىگە قايتىۋالىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىڭ. باشقا recovery غا ئالماشتۇرۇشتىن مەقسەت بەيدۇ recovery سى بىلەن باشقا روم قاچىلىسىڭىز بەزىدە روم قاچىلانمايدۇ ياكى مەسلە كۆرۈلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئالماشتۇرىمىز.

1-ئالدى بىلەن ماۋۇ قۇرالنى چۈشۈرۈڭ
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=349475&uk=1779277149
بۇندىن بۇرۇن يانفۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك USB قوزغاتقۇچلىرىنى تولۇق قاچىلاڭ.
2-يانفۇننىڭ كەينى قاپچۇقىنى يەنى باتارىيەنى ئالغاندا ئېلىۋىتىدىغان قېپىنى ئېلىۋىتىڭ.(بۇنىڭ سەۋەبى كەينىدە)
2-ئاندىن كېيىن قورالدىكى خەنزۇچە recovery يېزىش دىگەننى بېسىپ خەنزۇچە recoveryنى يېزىڭ ، خەنزۇچە recovery يېزىلىپ بولۇپ تېلىفۇن قوزغالغان ھامان تېلىفۇننىڭ باتارىيسىنى ئېلىۋىتىپ( قايتا قوزغىلىپ گۈلنىڭ رەسىمى چىققان ھامان باتارىينى ئېلىۋىتىڭ) سەل تۇرۇپ قايتا سېلىڭ، بۇ باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى باتارىينى ئېلىۋەتمىسىڭىز يەنە بەيدۇنىڭ recovery سىغا قايتىپ كېىتىدۇ. باتارىينى قايتىدىن سېلىپ ئاۋاز يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن يانفۇننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى 10سېكونىت ئەتراپىدا بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن قۇيىۋىتىپ recovery ھالەتكە كىرىپ، 重启手机 دىگەننى تاللاپ ، بۇنىڭدىن 是的,禁止重写recovery دىگەننى تاللاپ يانفۇننى قوزغاتسىڭىز ئەمدى بەيدۇ recoveryسىغا قايتىۋالمايدۇ، خالىغانچە روم يازالايسىز، روم يېزىش جەريانىدا خاتالىق چىقمايدۇ.

C8813دىن ياردەم سورايدىغانلارغا پەقەت بىلگىنىمچە ياردەم بېرەلەيمەن، چۈنكى قولۇمدا C8813 يوق

1

تېما

7

دوست

1513

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
5
جۇغلانما
186
توردا
1061 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇتېلىفۇننىڭ زاۋۇت قۇلپىسىنى قانداق ئاچىمىز ئۇچۇر كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا

9

تېما

0

دوست

2319

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
570
توردا
712 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:54:02 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدايې ئەپەندىم بەيدۇ25 رومنى سىناپ كۆردۈڭىزمۇ مەن قارسام بەزى ئىختدارلار باردەك 中国电信  中国联通 中国移动 مۇشۇللارمۇ باركەن مەندە GSM كارتا بۇلمغاچقا سىنىيالمىدىم

23

تېما

24

دوست

1905

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
16
جۇغلانما
256
توردا
604 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:59:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 20:54
شەيدايې ئەپەندىم بەيدۇ25 رومنى سىناپ كۆردۈڭىزمۇ مەن قا ...

مەن ھازىر دەل شۇ رومنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، مەندىمۇ شۇنداق كارتا بولمىغاچقا سىناپ باقمىدىم
C8813دىن ياردەم سورايدىغانلارغا پەقەت بىلگىنىمچە ياردەم بېرەلەيمەن، چۈنكى قولۇمدا C8813 يوق

23

تېما

24

دوست

1905

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
16
جۇغلانما
256
توردا
604 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:59:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nimjapa يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 20:51
مۇشۇتېلىفۇننىڭ زاۋۇت قۇلپىسىنى قانداق ئاچىمىز ئۇچۇر ك ...

ھازىرچە شۇ نۇمۇردىن باشقا ئېچىش ئۇسۇلى يوق
C8813دىن ياردەم سورايدىغانلارغا پەقەت بىلگىنىمچە ياردەم بېرەلەيمەن، چۈنكى قولۇمدا C8813 يوق

19

تېما

0

دوست

1351

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
434
توردا
240 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 21:02:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەن ئۇيغۇرچە رومىنى ئېلان قىپتىكەن.ھازىر قارسام يوققۇ؟ شەيدايى بۇرادەر بەيدۇ رۇمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرامسىز ياكى يەنە گۇرۇچ رومىنى ساقلامسىز؟

23

تېما

24

دوست

1905

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
16
جۇغلانما
256
توردا
604 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 21:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdullam يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 21:02
ئەتىگەن ئۇيغۇرچە رومىنى ئېلان قىپتىكەن.ھازىر قارسام ي ...

بەيدۇ رومىنى ھازىرچە باشقىلار قىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ بىر تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇردۇم ، شۇلارنى تەربىيلىگەچ بەيدۇ رومىنى سىناق تەرىقىسىدە تەرجىمە قىلىپ باقماقچى، MIUI رومى چىققان ھامان بىرىنجى بۇلۇپ مېنىڭ قۇلۇمغا تېگىدۇ ، شۇ چاغدا قىلماقچى
C8813دىن ياردەم سورايدىغانلارغا پەقەت بىلگىنىمچە ياردەم بېرەلەيمەن، چۈنكى قولۇمدا C8813 يوق

44

تېما

7

دوست

3322

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
1
جۇغلانما
1081
توردا
538 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 21:40:13 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدايى ئەپەندىم  بىرە سۇئالغا جاۋاپ بەرسىڭىز ياكى بىرە تىيما يوللىسىڭىز (مۇشۇ تىيمىغا ئوخشاش) بەك چۈشىنىشلىك قىلىپ يوللايدىكەنسىز خېلى دىققەت قىلدىم.
رەھمەت سىزگە
ئىشىنىمەنكى سىز تەرجىمە قىلغان روملارمۇ شۇنداق چۈشىنىشلىك ئىنىق چىقىدۇ.

ياخشى تىيمىلىرىڭىزنىڭ ئۆزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۆمىد قىلىمەن!

5

تېما

3

دوست

1097

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
203
توردا
419 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 21:47:42 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 8813 ئىشلىتىمەن، بولسا ياخشى روم تەرجىمە قىلساڭلا،

11

تېما

11

دوست

1896

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
516
توردا
474 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 22:31:27 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xaydayi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 21:04
بەيدۇ رومىنى ھازىرچە باشقىلار قىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ بىر  ...

مەنمۇ ھازىر ئۆزەمنىڭ تېلېفۇنىنىڭ رومىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن.باشقا ئىشلار قۇلۇمدىن ئاساسەن كىلىدۇ،لېكىن خەنچە سەۋىيەم تۆۋەن،خالىسىڭىز توپقا مېنىمۇ قېتىپ قويسىڭىز!  QQ:1499915932
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-5-30 11:42 , Processed in 0.121034 second(s), 22 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش