كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 1

روبائىيلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئاقچا
9
جۇغلانما
20
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 18:08:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈش ئەمەستۇر سەپرىمىز تەرك ئەتكىلى،
مەنزىلگە  بىرلا سەكرەپ بولماس يەتكىلى .
يۈك ئېغىر يول مۈشكۈل پارلاقتۇر غايە ،
مەردلەرنى سىنايدۇ داۋان ئۆتكىلى .

گەر بولسا قەلبىڭدە پىنھان بىر ئازاپ ،
شۇقەدەر ئاچچىق ھەم ئېيتقىلى بولماس.
كۆم ئۇنى سۈكۈتنىڭ چوڭقۇر تەكتىگە ،
سۈكۈتىڭ سۆزلەيدۇ بىر كۈن ساڭا خاس.

غەمگە بولدۇم مۇپتۇلا دەپ غەم يېمە،
جاننى قەستلەر غەم دېگەن يامان نېمە.
ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس غېمى بار ،
مەنلا غەمكىن باشقىلار غەمسىز دېمە.

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانچىلدى تىكەن،
بىلدىممەن گۈل دىگەن تىكەنلىك ئىكەن .
ئارقىغا يانغانتىم گۈل دېدى كۈلۈپ ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل نەدە ئىكەن .

قومۇش ئۆز بويىغا قىلغاچ تەمەننا ،
ئاخىرى يانچىلىپ بولىدۇ بورا.
يار قىلماق بولساڭ گەر كەمتەرلىكنى سەن ،
شاخلىرى ئىگىلگەن مىۋىنى دورا.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم ،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم .
سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ،
قەرزىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم .

Rank: 1

ئاقچا
9
جۇغلانما
20
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 12:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش،
ئىشەك بولما نادانغا ئوخشاش .
ئايانماي بەر ھۇسۇلۇڭنى ،
ئانار ئەنجۈر بادامغا ئوخشاش.

ساقايماس كېسەللەر داۋا بولمىسا،
ياشالماس ھاياتلىق ھاۋا بولمىسا .
ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ پەرقى قانچىلىك ،
ۋىجدان ھەم ئار نۇمۇس ھايا بولمىسا.

يالغان ئېيتماس كائىنات پەقەت،
نۆۋىتىدە كېلەر باھار كۈز.
يالغان ئېيتار ئادەملەر پەقەت،
بىر-بىرىگە قاراپ يۈزمۇ-يۈز.

كۈنمۇ گاھ ئېچىلىپ گاھ تۇتۇلغاندەك،
گاھ يىغلاپ گاھ كۈلۈپ ياشايدۇ ئادەم.
مەڭگۈلۈك بولمايدۇ قايغۇ ھەم شاتلىق ،
قايغۇ ھەم شاتلىققا تولغان بۇ ئالەم.


يامغۇرنىڭ تامچىسى تاشنىمۇ تىشەر،
سۈركەلسە ئارغامچا پولاتنى كىسەر.
تىرشچان ئادەملەر بولىدۇ ئالىم ،
ئۆگەنسە يىڭنىدە قۇدۇق قېزىپ گەر.

بىز كەلدۇق كېتەرمىز يوقتۇر يالغىنى،
دەقىقە ئۆتسىمۇ يوقتۇر يانغىنى .
ھەرقەدەم كۆپ پۇرسەت كۈتىدۇ سېنى،
ئويلانغىن ئۆزەڭگە باغلىق قالغىنى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.090947 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 00:55

چوققىغا قايتىش