ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 993|ئىنكاس: 10

غەرب ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىنى تەنقىت قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 14:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غەرب ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىنى تەنقىت قىلدى

ل.ې.ھۆگبېرىي

ئەسكەرتىش:خاراكتېرىمىزدىكى يىتەرسزلىكلەرنى بايقاپ ،كۆرسىتىپ بىرىشنى .تۈرك ئالىملىرى دەسلىۋىدە،ئۇيغۇر ئالىملىرى 20-ئەسرنىڭ ئاۋۋالىقى بىشدا،يىڭى دەۋردە بولسا، 90-يىللاردىكى زىيالىيلىرىمىز باشلاپ بىرىشكەن،ئەمما تەنقىت قوبۇل قىلالمايدىغان ‹‹خاراكتىرىمىز ››ئۆزىمىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئستىگەن يازغۇچىلىرىمىزنى كۆزگە ئىلماسلىققا سەۋەب بولدى.خۇددى كەمچىلىكىمىزنى تىلغا ئالساق ،كەمچىلىكىمىز بارغانسرى كۆپىيىپ كىتىدىغاندەك خاتا قاراشتا بولۇپ،ئەكسىچە ھەل قىلىش چارىسى ئۇستىدە ئىزدەنمىدۇق،بىراۋ كۆرسىتىدۇ،يەنە بىر بىراۋ ئامال تاپىدۇ.ئەيىبمىزنىڭ
تىخىمۇ كۆپلۇكىنى بىلىشىمىز كىرەك،‹‹ھەممىگە چوقۇم بىردىن بىردىن تۇزۇتۇپ يۇزلىنەلەيمەن›› دىگەن روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشمز كىرەك.كىسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا-دىگەن گەپ بار،ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىدىن قورقۇش ئۇنىۋىرسال كىسەللىكى-ئەرزىمەس ،ئاددى غەلبگە مەپتۇن بولۇپ،ماھىيەتلىك ئاجىزلىقنى كۆرمەي گۇمران بولۇش-بىزنى يالمىيالمىغاي.ئەلۋەتتە خەقنىڭ باھاسى ئۆز قىممىتىمىزنى ئۆلچەشتىكى مىزان ئەمەس،شۇنداقلا خاتالىقتىن خالىيمۇ ئەمەس،



ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ھازىرقى قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆپ مەنبەلىك، ئۆزارا بىرىككەن گەۋدە بولۇپ، ھەرقايسى تەركىپلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان .شۇڭا بىر پۈتۈن مىللەتكە تەۋە بولغان مىللىي خاراكتېرنى مۆلچەرلەپ چىققىلى بولمايدۇ.مەن پەقەت ئۆزۈم كۈزەتكەن بىرقانچە نۇقتىلاردىن ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئۈستىدە ئىزدىنىشقا تىرىشتىم.


ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ،تەلۋىلىك، قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئىدىيىسى ئۇلاردا نابۇت قىلىش رولىنى بەكرەك ئوينىغان ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى بارلىق ئاكتىپ ۋە ئنكاس قايتۇرۇش خاراكتېرىنى نەپىسىدىن بوغۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك تەپەككۈر قىلىش، مۇشتاقلىق،ئىنتىلىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى ھىچقانداق مەپتۇنلىقى ياكى قىزغىنلىقى بولمىغان، بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتى بولمىغان بىر ماھىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.بۇ ئاللاغا چوقۇنۇش يولىدىكى ئۆزىنى ئاتىغان ئوت كەبى قىزغىنلىق ئىچىدىكى كۈرەش بولماستىن بەلكى ناھايىتى قاشاڭ ، چېكىدىن ئاشقان سەۋرچان، قانائەتچان بىر خاراكتېر بولۇپ، ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن.بۇ خىل خاراكتېر ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە مۇھىتىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرەر كىشىنىڭ ئۆز قايغۇسىنى ناھايىتى چوڭقۇر ئىپادىلىگەنلىكىنى ،بىرەر كىشىنىڭ يۈز بەرگەن تراگېدىيىگە نىسبەتەن چۆچۈگەنلىكىنى ، بىرەرە كىشىنىڭ خۇشاللىققا ئۇچرىغاندا ئۆز مەمنۇنلىقىنى كۆڭۈل قېتىدىن چىقىرىپ ئىپادىلىگىنىنى ياكى، بىرەرسىنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ قاقاھلاپ كۈلگىنىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.ئۆز جۈملىسىدىن بۇ خىل ھادىسىلەر بالىلارغىمۇ تەسىر قىلغان بولۇپ،ئۇلار كىچىكىدىنلا شۈكرى قىلىش ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىنىدۇ.ئۇلار ھەرقانچە زور خۇشاللىق ۋە بەختكە يولۇققاندىمۇ يەنىلا ئۆز خۇشاللىقىنى كۆز بىلەن كۆرۈنگىدەكلا ئىپادىلەپ قويىدۇ ھەم بۇ خىل ھېسسىيات قىسقىلا بىر پەيت داۋام قىلىدۇ.ئۇلار پەقەت ئاللاھلا باي ۋە كەمبەغەللەرنى يارىتىشقا قادىردۇر، بەندىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئۆزگەرتىش كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ خۇددى ئىگىسىنىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ ماڭغان ، ئىگىسى ھەددىدىن زىيادە بېسىم سالسىمۇ زۇۋان سۈرەلمىگەن ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان تىلى تۇرۇپمۇ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك ماجالى يوق ئىدى.

ئۇلار قارىماققا دىنغا تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۇ بەندىلەر ئۆزىنى قايرىپ قويۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرنى بەكرەك ئويلىشاتتى.ئۇلارنىڭ پاكلىق ۋە ناپاكلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى تولىمۇ ئەخمىقانە ئىدى.مەسىلەن، بىرەرسى 14 خىل ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى سۇيۇق تاماق قالدۇقلىرىنڭ چىشلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغىنىنى بايقىسا ياكى بىرەر تامچە يېشى ئېقىپ كەتسىمۇ ،ئۇلار بۇ نامازنى بۇزدى دەپ بىلىپ، باشقىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ.ئۇ خىل قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قويغان كىشى چوڭ ئالدامچى ۋە يالغانچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.



بۇ خىل ئىدىيىلەر ئۇلاردا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوخشاش خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،بۇ خىل خاراكتېرنىڭ كەينىدە ئۇلار ھېچقانداق ئىشنىڭ تېگى –تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن مۇستەسنا ھالدا، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئىشلارغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالغان.بۇ خۇددى ئۇلارنڭ يەر تېرىش ئۇسلۇبىغا ئوخشاش.ئۇلار ئۈچ چى چوڭقۇرلۇقتا يەر كولايدۇ، ئوخشاش ئۆلچەمدىكى يەرگە،ئوخشاش مىقداردىكى ئۇرۇق سالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا شۇ خىل تەرىقىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئويلۇنۇپ كۆرمىگەن.


بۇ خىل ئىسلام دىنىدىنمۇ ھالقىغان جاھىل كونسېرۋاتىزملىق ئۇلارنىڭ قان –قېنىغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق تەتقىقات، ئىزلىنىش، ئىلگىرىلەشنى چەكلەپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كافىرلارغا قارشى ئىدىيىسىمۇ ئانا سۈتى بىلەن تەڭ كىرگەن بولۇپ،بۇ ئۇلارنى باشقا مىللەتلەردىن ئۆگىنىش ، قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان.


ئۇلار ئەگەر بالىلار بۇ خىل قائىدىلەرگە دىققەتسىزلىكتىن ئەمەل قىلالماي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ئۇلارنى“ بۇرنۇڭنى ياكى قۇلىقىڭنى كېسىمەن“ دەپ قورقىتىدۇ.ئۇلار كۆپىنچە دىنىي ئەقىدە ۋە جازالاش مېتوتلىرى ئارقىلىق بالا تەربىيىلەيدۇ.


ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئۇلاردا راست گەپ قىلىش ئادىتى كەمچىل.بالىلار كىچىكىدىنلا خاتالىقىنى تونۇشقا ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كەچۈرىشىگە ئېرىشىشكە ئۆگىتىلمەيدۇ.ئاتا-ئانىلار بولسا، “ئۇلار تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ“دەپلا مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.پەقەت ئاللاغا بولغان دۇئا –تالاۋەتلا بارلىق گۇناھ، خاتالىقلارنى يۇيىدۇ دەپ قارايدۇ. ئوغرى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقان چېغىدا ئاخىرەتتىكى جازادىن قورقۇپ:“ئاللاھ، كەچۈرگەيسەن گۇناھىمنى “دەپ ۋارقىراپ تۇرۇپ ، يەنە قول سالىدۇ.


ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش پەزىلىتى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بولسا كېرەك.ئۇلار قېرىنداش ۋە ھەمراھلىرىنى چوڭ كۆرىدۇ، مېھماندارچىلىقى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك.

ئەر –ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتە ،مۇھەببەت ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئىشەنچ ۋە ھۈرمەتنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، قارىماققا ئۇلاردا پەقەت جىنسىي تارتىش كۈچىلا ئۆزارا ئۇلارنى باغلاپ تۇرغان ئاساسىي كۈچتەك قىلاتتى.


بۇ خىل كىشىلەر ئاسان غەزەپلىنىپ ئاسان ئاچچىقى يانىدىغان كىشىلەر ئىدى.ئۇلاردا يەنە ھالى چوڭلۇق،قىززىق قانلىق، تەرسالىقمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلاردا سەۋر-تاقەت كەمچىل ئىدى.كۆرگەن كىشى ئۇلارنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ دەپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىن ئەندىشە قىلىپ قالاتتى.


ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلار بولغاندا، ئۇلار چىرايلىق ۋە ياسىداق گەپلەر بىلەن ماختاشقا ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ.

ئۇلاردا يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ھالقىغان بىر خىل چۈشىنىش تەس ھېسسىيات بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋە تۈركلەرگە ئاجايىپ قىزىقاتتى.ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ 40-50 يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا “ياتلار“دەپ ھېسابلايدۇ.شۇڭا باشقا دىندىكىلەرگە قارشى قوزغىلاڭ ۋە جەڭلەردە ئۇلار ئاسانلا سەپكە قوشۇلۇپ ياۋلارغا قارشى تۇرالايدۇ.

ئۇيغۇرلار قورقۇنچاق، يۈرەكسىز دادىل ئەمەس ھەم ئۇلاردا ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىقدارى ئاجىز.ئەگەر بىرىگە ھوقۇق تېگىدىغان بولسا، ئۇ دەرھاللا رەھىم –شەپقەتسىز ۋە باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ.غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم كۈل ئىچىدە كېتىۋاتقان سازاڭ قۇرتىدەك ئۆمىلەپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. بايلار ھامان كەمبەغەللەرنى ئانىي تاپاتتى.دەۋا –سوراقلاردا بولسا، قازى پارىنى كىم كۆپ بەرسە شۇنىڭ گېپىنى راست قىلاتتى.تەسىرى چوڭ كىشىلەر ئۆز ئىمتىيازىغا تايىنىپ، ساختا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈچىلەرنى يىغالايتتى.

ياۋروپالىقلاردا خىزمەتكارلار خوجايىننىڭ خەير-ساخاۋىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خوجايىنغا بولغان سادىقلىقىنى ئىش-ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، ھەرگىزمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆزىگە كۆندۈرۋالغانلىقى بىلەن خوجايىننىڭ مايىللىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا، خىزمەتكارلار ئىچىدە كۆز بوياپ، ئامال بار ئىشنى ئاز قىلىپ، باشقا ئۇسۇللار بىلەن خوجايىننىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغانلار كۆپرەك.

بۇلاردا بىرەر ئەسۋاپ توغرىسىدا كەشپ قىلىش، ياخشىلاش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش مەۋجۈت ئەمەس.ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ياكى مەدەنىيەت تېمىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلۇنۇش ئەھۋاللىرى ئاز ئۇچرايدۇ.ئۇيغۇرلار كۆرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىتاپلار ئەرەپچە ۋە پارىسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، دىن ،پال سېلىش ۋە سېھىرگەرلىك تېمىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن.

ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتمۇ بوستانلىقلاردىن باشقا قالغىنى قۇملۇق، چاڭقاق يەر، تاقىر تاغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىمۇ شۇ تەرىقىدە ھاياتىي كۈچى ئاجىز بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن.

مېنىڭ بۇ زېمىندىكى پۈتكۈل مۇساپەمدە، مەن يەنە شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئۇيغۇرلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەمدۇ ياكى خالىمامدۇ،ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا گۈل تېرىپ تەبىئەتكە ھۆسن قوشقىنىدىن باشقا، مەن شۇ جەرياندا بىرەرسىنىڭ توختاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىنىنى ياكى تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئون قەدەم ماڭغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنۈشى _ كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسا،كۈزگە تەلپۈنۈشى _مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.

يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار ئىچىدە ئاكتىپ تۈردىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ئاز بولۇپ، كۆپىنچىسى پاسسىپ تۈردىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى.بۇ پەقەت بىر ياۋروپالىقنىڭ كۈزىتىشىدىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدۇر.



شىۋېتچىدىن تىۋىش تەرجىمىسى
مەنبە: تىۋىش
بىلوگى، تارىم ئاگېنتلىقى تورى
رەتلىگۈچى:تارىم

ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

جۇغلانما
0
ئاقچا
8
توردا
1 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-31
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 19:53:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەرەپلىمە بوپ قاپتۇ .ئوقۇپ باقسام 19 ئەسىرنىڭ باشلىرىدەك قىلىدۇ . لىكىن ھازىر بەزى بىر خاراكتىرلىرمىز تىخىمۇ ناچارلاشقىلى تۇردى .
ئويلاپ باقسام ئىچىمدىن بىر كۈلۈپ باقماپتىمەن .ھەي

Rank: 4

جۇغلانما
286
ئاقچا
1
توردا
42 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-12
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 02:03:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى  ئەستايىدىل  كۈزىتىپتۇ  ھەقىقەتەن  بىزنىڭ  پسخىكىمىزدا  خېلىلا  مەسىلا بار، لېكىن نۇرغۇن  تەرەپلەرنى  غەرىپچە  تەپەككۇر  بىلەن  كۈزىتىپتۇ  بىزدە  ئەقىدە  جەھەتتىن   مىللى  ئاڭ  جەھەتتىن  باشقىلار ئۆگۈنۇشكە  تىگىشلىك  خىسلەتلەر   كۆپ   .................مەدەنىيەتنى  بىز  ئۆگىتىدىغانلاردىن   ھېلى  ھەم   خېلىلا  ئالدىدا  ئىكەنمىز...........
ئىيمان[/b] بايلىقىم

Rank: 2

جۇغلانما
22
ئاقچا
2
توردا
4 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-14
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 11:41:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالىم بەك ئالدىراقسانلىق قىلىپ بىر مىللەتنىڭ خاراكتىرىنى يېزىپ قويۇپتۇ. بىر مىللەتنىڭ خاراكتىرىنى باشقا بىر مىللەتنىڭ تولۇق چۈشۈنۇپ كېتىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇ ئالىم پەقەت ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ئۆزىنى داڭلاش ئۈچۈنلام يازغاندەك قىلىدۇ. مەن ئازىراق ئاتىكاچىلىق قىلپ قويدۇم. لىكىن بۇ مېنىڭ ئۆز كۆز قارىشىم ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىيتىش ھۇقۇقى بولىدۇ.

Rank: 1

جۇغلانما
0
ئاقچا
9
توردا
2 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-18
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 18:36:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش atlankurax نىڭ يازمىسى

بەزى كەمچىلىكلەر بېزدە راستېنلا بار ، لىكىن بۇ كىشىنڭ كۈزىتىشى تازا ئەتراپلق بولمىغاندەك تۇرىدۇ .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 00:59:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا «غەربلىك ئالىم ئۇيغۇرلارنى تەنقىد قىلدى »دېگەن ماقالە ھەرقايسى تور بەتلىرىدە قىزىق تېما بولۇپ قالدى. ئەڭ دەسلىۋىدە بۇ تېمىنى تارىمى تورىدا كۆرگەنىدىم. شۇ چاغدا تېمىغا قاراپلا تولىمۇ قىزىقتىم. چۈنكى ”كىشى ئۆزىگەئەينەك بولالمايدۇ “ ،بىر مىللەت ئۈچۈن ئۆز مىللەت كىشىللىرىنىڭ كەمچىلىكلەر ھەققىدە ئويلىنىشى زۆرۈر بولۇپلا قالماي بەلكى ،دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر ئەقىلدارلىرىنىڭ سەمىمىي ئوپراتسىيىسىمۇ ھەم مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆز مىللەت كىشىللىرى كۆپىنچە ھالدا نۇرغۇن ئىجدىمائىلىقلار تۈپەيلى،پىچاقنى بىلىگەندە سەل ئېھتىيات بىلەن سالسا ،ئەمما باشقا مىللەت كىشىللىرى تولىمۇ يۈرەكلىك ۋە 3-نوقتىدىن تۇرۇپ ئوپراتسىيە قىلىشى مۈمكىن .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كىشىلەر بىر ئالىم ئاتالغان ئەقىلدار بولغىنىدا ،ئۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ساپاسى ۋە ئالىم ئاتىلىۋاتقانلارنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا نەزەرنى ئاغدۇرۇپ بېقىش تولىمۇ مۇھىم ئىش ئىدى ئەلۋەتتە.
شۇنداق قىلىپ تېمىنى ئاچتىم .ئەمما تېما مېنى ئاجايىپ ئەپسۇسلاندرغان بىلەن بىرگە يەنە غەزىۋىمنى قوزغىدى. ئوقۇغانسىرى بۇ تېمىنىڭ بىر ئالىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىدىن گۇمان قىلدىم. ئىشەنمىسىڭىز ،تۆۋەندە بۇ تېمىدىكى ئەبگا ئەيىبلەشلەرگە قاراپ باقايلى!
بۇ «ئالىم» ئۇيغۇرلارنىڭ ئېدىلوگيىسى ھەققىدە پىكىر قىلغىنىدا ،ئۇلارنى ناھايىتى تەلۋە،قاشاڭ ،ھېچقانداق نەرسىگ ئىنتىلىشى بولمىغان ،يا خوشاللىق يا خاپىلىقنى بىلمەيدىغان،ھەممىگە تەقدىر دەپلا بويسۇنىدىغان ، ھايۋان سۈپەت قىلىپ تەنقىد قىلىدۇ.كىشى بۇ قاراشلارنى ئوقۇغاندا غەزەپلىنىش بىلەن بىرگە بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەۋرنىڭ سىمۋولىدۇر ؟..دەپ سوئال قويماي قالمايدۇ. تارىختا غەربلىكنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ۋە مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلىگەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان زامانى ئۇيغۇر زامانى ئەمەسمىدى؟ ئەكسىيەتچىل زوراۋان ھاكىمىيەتلەرگەئىزچىل خەنجەر ئۇرغان سادىر پالۋان ،سىيت نوچىلار ئۇيغۇر ئەمەسمىدى؟ يېقىنقى زامانلاردكى تۆمۈر خەلىپە، خوجىنيىاز ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،مەمتىلى ئەپەندى ،ئابدۇقادرى داموللاملار ئۇيغۇر ئەمەسمىدى؟ ئەجىبا بۇ مۆھتىرەملىرىمىز ئۇيغۇر قېنىدىن پەۋقۇلئادە چىقىپ قالغانلىرىمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ كەينىدە ۋە ئاساسىدا ئۇيغۇر ۋىجدانى ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ راست سۆزلۈك ، ھەقپەرەس ، مېھرى مۇھەببەتلىك ۋە ئەقىللىق خۇسۇسىيەتتىكى ئاساسى يوقمىدۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ھېچ بولمىغاندا 700يىلغا يېقىن جاھالىيەتتە قالغان بىر قەۋمنى ئەتراپلىق تەھلىل ۋە تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ، ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق تەنقىد قىلدىم دەپ تىللىغان بۇنداق ”ئالىم“لارغا بەس دەيمەن ۋە تۈكۈرىمەن. بۇ خىل ئالىملارنى ھەم كۆككە كۆتۈرۈپ ،ئاتالمىش ”مىللەت ئوپراتسىيىسى“ ھەققىدە گەپ ساتقان تور بەتلەرگىمۇ  ۋە تور بەت ئىگىللىرىگىنىمۇ نادانلىقتا ئەيبلەيمەن.
ئەمدى بۇ زاتنىڭ كەينىدىكى بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!) قىزىل رەڭلىكى شۇ ماقالىدىن ئۈزۈندە(

ئۇلار قارىماققا دىنغا تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۇ بەندىلەر ئۆزىنى قايرىپ قويۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرنى بەكرەك ئويلىشاتتى.ئۇلارنىڭ پاكلىق ۋە ناپاكلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى تولىمۇ ئەخمىقانە ئىدى.مەسىلەن، بىرەرسى 14 خىل ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى سۇيۇق تاماق قالدۇقلىرىنڭ چىشلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغىنىنى بايقىسا ياكى بىرەر تامچە يېشى ئېقىپ كەتسىمۇ ،ئۇلار بۇ نامازنى بۇزدى دەپ بىلىپ، باشقىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ.ئۇ خىل قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قويغان كىشى چوڭ ئالدامچى ۋە يالغانچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

قاراڭ ،ماۋۇ ھاماقەتلەرچە ،زەھەرخەندە سۆزلەرگە . بۇ بىر ئالىمنىڭ نە ئالىمكى توغرا ئەقىدىدىكى ۋە ئەخلاقتىكى ئىلىم ئىگىسىنىڭمۇ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس. ئىسلام دىنى ھەققىدە گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاۋال مۇشۇ دىننى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەڭ ئاددى ساۋاتقا ئىگە بولۇش كېرەك. فېقىھ ئىلىمىدا ئېغىزدا قالغان نۇقۇتچىلىك يېمەكلىكنىڭ يۈتۈلۈپ كېتىلىشى نامازنى بۇزىدۇ دەپ بار. ئاق كۆڭۈل خەلقىمىزنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس. بۇ ھۆكۈمدە ”قۇدرەتلىك ،تەڭدىشى يوق ئاللاھقا چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار بار. !“ ئويلاپ باقايلى : تەڭدىشى يوق،كەرەملىك ،ھەممىنى ياراتقان ،ئاخىرەتتە سوئال سوراق قىلىدىغان بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا ،پاك ،پاكىز ،پۈتۈن دېققەت ۋە خوشۇ بىلەن تۇرماي ،نان خېشەك چايناپ لەلەڭلەپ تۇرساق ،بۇ ئاللاھنىڭ سۈپىتىگە ماس قىلىقمۇ؟بۇ مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىگە ماس قىلىقمۇ؟ ھالبۇكى  ئاۋۇ ئالىمنىڭ بۇنى بىلگىچىلىكى بارمىدۇ؟ بىلمىسە نېمىشقا كۆپتۈرۈپ مەسخىرە قىلماق بولىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە مەن بۇئالىمنىڭ مۇددىئاسىدىن ھەم گۇمانلىنىشقا باشلىدىم.ياش ھەققىدىكى بايانلىرىغىغۇ قەتئى ئىشەنمىدىم.
ئەر –ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتە ،مۇھەببەت ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئىشەنچ ۋە ھۈرمەتنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، قارىماققا ئۇلاردا پەقەت جىنسىي تارتىش كۈچىلا ئۆزارا ئۇلارنى باغلاپ تۇرغان ئاساسىي كۈچتەك قىلاتتى.

قېنى بۇ تەلۋە«ئالىم»نىڭ بۇ ھاقارىتى ھەققىدىكى ئاساسلىرى؟ ئۇ دەلىل كەلتۈرەلەرمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنىڭدا دەلىلنىڭ سۇنىقىمۇ يوق ! نوزۇگۇمنىڭ پاكلىق ئۈچۈن جان بېرىشى ،7 قىزنىڭ پاكلىق ئۈچۈن جان بېرىشى ، ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھەم ئۆز مەشۇغى ئۈچۈن جان بېرىشلىرىنى بۇ تەنتەك ئالىم بىلەمدىغاندۇ ياكى قەستەن بىلمەسلىككە سېلىۋىلىپ ،ئۇيغۇرلارنى پەقەت شەھۋەتنى قاندۇرۇشنى بىلىدىغان ھايۋان دەپ ھاقارەتلەۋاتامدىغاندۇ؟

ئۇلاردا يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ھالقىغان بىر خىل چۈشىنىش تەس ھېسسىيات بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋە تۈركلەرگە ئاجايىپ قىزىقاتتى.ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ 40-50 يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا “ياتلار“دەپ ھېسابلايدۇ.شۇڭا باشقا دىندىكىلەرگە قارشى قوزغىلاڭ ۋە جەڭلەردە ئۇلار ئاسانلا سەپكە قوشۇلۇپ ياۋلارغا قارشى تۇرالايدۇ.

ماۋۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا ،كىشى ماۋۇ «ئالىم»ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك ھاقارەت قىلىش ئۈچۈنلا يازغان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ كىشى. چۈنكى بۇ قۇرلاردا ھېچبىر لوگىكىغا چۈشىدىغان مەنتىقىلىق مەزمۇن يوق. قىزىق ئىش ،ئۇيغۇرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئوخشىمايدىغان ،چۈشىنىش تەس بولغان بىر ھېسسىيات بارمىش – بۇ ھېسسىياتنىڭ دەلىلى ”باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۇ جايدا 40-50يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا يات ھېسابلايدىغىنىمىش“ توۋا، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ يېتەرلىك دەلىلى ئەمەسمۇ؟ كاللىسى جايىدىمىدۇ يا ،دەپ قالىدۇ ماۋۇنى كىشى.
ھەممىنى يېزىپ بولۇش ھاجەت ئەمەس ،خالىغانلار ماقالىنىڭ ئاخىرىغ بېرىلگەن ئۇلىنىشتىن ئەسلى تەنقىدنى كۆرۈپ باقسۇن ،بىزئاخىرىدا كىشىنى مەقسەتلىك ھاقارەت قىلغان ماۋۇ ئالىمنىڭ تۆۋەندىكى ئۈزۈندىللىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

مېنىڭ بۇ زېمىندىكى پۈتكۈل مۇساپەمدە، مەن يەنە شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئۇيغۇرلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەمدۇ ياكى خالىمامدۇ،ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا گۈل تېرىپ تەبىئەتكە ھۆسن قوشقىنىدىن باشقا، مەن شۇ جەرياندا بىرەرسىنىڭ توختاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىنىنى ياكى تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئون قەدەم ماڭغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنۈشى _ كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسا،كۈزگە تەلپۈنۈشى _مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.

توۋا ،تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمىگەن كىشى گۈلنى تېرىپ نېمە قىلسۇن؟
جېنىنى ئاران بېقىۋاتقان ، بىردە مۇشۇنداق ياۋروپالىق ئاتالمىش زەھەرخەندە ”ئالىم“نىڭ تىلىغا ،بىردە جاھانگىرلىكنىڭ زۇلىمىغا ،بىردە باتىل دىن تارقاتقۇچىلىلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ،بىردە يېقىن خوشنىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە يەنە بىردە مۇناپىق كېزەندىلەرنىڭ ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ نادان قالدۇرىىشىغا ئۇچراپ ،شورپىشانە بولىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ، زىيادە ھېسسىياتچانلىقتىن بۇرنىغا يەپ كېلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئۆز ھوزۇرىنى ،ئاھۇزارى ياكى خوشاللىقىنى ئانچە مۇنچە قەلبىگە يوشۇرغىنىنىڭ نەرى خاتا؟ ...
ئۇلار يىرتىق كېيىملەر بىلەن ئېتىزلاردا ئورما ئورۇپ يەر ئاغدۇرۇپ بىر كۈنلۈك ئىشىنى تۈگەتكىنىدە  ھالال ئەمگىكىدىن سۆيۈنۈپ ”ئۇھ…“دەپ تىنىق ئالغان بىچارە دېھقاننىڭ مەڭزىدىكى ،قەلبىدىكى خوشاللىقنى كۆرۈشكە ئاجىز .
ئۇلار بالالارغا ،زالىملارغا پىسەنت قىلماي ،ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىگە ھەم پىسەنت قىلماي گۈس گۈس دەسسەپ مەيدانغا چىقىپ ھەق گەپنى دەپ بولۇپ ،زالىملارغا خەنجەردەك  تىكىلگەن كۆزلەردىكى جاسارەت ۋە پالۋانلىقنى كۆرۈشكە ئاجىز . ھەم ئەشۇ دەقىقىدە ئۆلۈمگە ئېلىپ بېرىلغىنىدا  ئايالى ئاياللىقى تۈپەيلى ئېرىگە چىدىماي يىغلاپ توۋلىغىنىدا ،كەينىگە قاراپ مىيىغىدا خاتىرجەم كۈلۈپ قويغىنىدىكى قەھرىمانلىقنى كۆرۈشكە ئاجىز.
ئۇلار يەتتە قىزنىڭ يار لېۋىدە تالاي نامەرتلەرنى يەر چىشلىتىپ ئاخىرىدا ياڭراق ئاۋاز بىلەن بىللە قىيادىن سەكرىگەندىكى زىل زىلىنى ۋە پاك ئىپپەتنى كۆرۈشكە ئاجىز.
ئۇلار نوزۇگۇم قۇمۇشلۇقلاردا مۆكۈنۈپ يۈرگىنىدە ،زالىملار بىلەن يەكمۇ يەك ئېلىشقىنىدىكى مۇھەببەتنى ،پاك ۋىجداننى كۆرۈشكە ئاجىز.
ئۇلار ئابدۇقادرى داموللام ،مەمتىلى ئەپەندىلەرنى چەت يۇرتلاردىكى مەئىشەتنى تاشلاپ يۇرتىغا دادىل قورقماس قەدەملەرى بىلەن قەدەم تاشلىغىنىدىكى پاك ئەقىدىنى ۋە جاسارەتنى كۆرۈشكە ئاجىز.

ئۇلار مەھمۇد سىجاڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ”ياخشىسى مەن يولىڭىزنى قىلاي ،بىر مەزگىل قېچىپ ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئېلىڭ …“دەپ كۆيۈنگىنىدە ،“ياق ،مەن كەتمەيمەن…“دەپ چوقان توۋلىغاندىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە زالىملارغا بولغان غەزەپ نەپرەتنى كۆرۈشكە ئاجىز.

ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇر جادۇغا بېسىلغاندا ئىككى خىل تىلدا توۋلىغان شوئارىدىكى ھەقىقى ئۇيغۇرلۇقنى كۆرۈشكە ئامالسىز. شۇنداق ئۇلار بۇلارنى كۆرۈشكە ئاجىز ،ئامالسىز ،چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ تەنقىدىدە سەمىمىيەت يوق ،ئىلمىيلىك يوق ، مۇھەببەت يوق پەقەت يامان غەرەز ۋە ئۆچمەنلىك بار پەقەت.
مەن بۇنى سەزگەچ ، بۇ ”ئالىم“زادى قانداق ئالىمدۇ راست ئالىممىدۇ ياكى ؟ دەپ ئىزدىنىش ئېلىپ باردىم. نەتىجىدىدە كېينىچە ئاساسلىقى تارىمى تورىدىن تارقالغان بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى يەنە بىر مەنبە تىۋىش بىلوگىنى ئىزدەشكە توغرا كەلدى. گوگىلدىن تىۋىش دەپ يازسام بىلوگباس سۇپىسىغا قۇرۇلغان بۇ بىلوگنى چىقىرىپ بەردى. ئالدىراپ  مۇشۇ ماقالىنى ئىزدىدىم .چۈنكى خىيالىمدا مۇشۇ ئەسلى مەنبە بولسا ،بۇ ئالىمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ماقالىدا پەقەت ئىككىلا مەنبە قالدۇرۇلغاچ بۇ ئەڭ ئاخىرقى يىپ ئۇچى ئىدى.
ھەقىقەت ئاخىرى ئاشكارا بولدى:
تىۋىش تورىدىكى ئەسلى بىرىنجى مەنبە: http://tiwish.blogbus.com/logs/39166843.html
تارىمى تورىدىكى بۇرمىلانغان ئىككىنجى مەنبە: http://www.tarimi.com/383.aspx
ئەسلى بىردىنبىر مەنبە بولغان تىۋىش بىلوگىدا بۇ ماقالە پەقەت قىسقىچە پايدىلىنىش يوسۇنىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خاراكتىرى» دېگەن ماۋزۇدا بېرىلگەن بولۇپ ،تەرجىمان تولىمۇ مەسئۇلىىيەتچانلىق بىلەن غەربلىك بۇ كىشى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن.
—-
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى
ل.ې.ھۆگبېرىي
( ل.ې.ھۆگبېرىي_شىۋېتسىيىلىك مىسسىيونېر.ئۇ شىنجاڭغا ئىلگىر-ئاخىر ئۈچ قېتىم كەلگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم1894-1900-يىلغىچە ، ئىككىنجى قېتىم 1903-1909-  يىلغىچە،ئاخىرقى قېتىم 1911-1916-يىلغىچە تۇرغان.ئۇ يەنە روسىيە، ئىرانلاردىمۇ مىسسىيونىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان.—تەرجىماندىن)
‏-‏-‏-
دېمەك ئەسلى مەنبەدە ھېچقاچان ماۋۇ قاپاق كاللا ،رەزىل دىن تارقاتقۇچى مىسىيونېرنى ئالىم دېمىگەن . ئۆزلۈك ۋە كىملىكنى ئوقۇغانلار شىۋىت مىسىيونېرلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ۋە ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق بىر بۆلۈكلەرنىڭ ئۇلارغا جاننى ئالقانغا ئەپ قويۇپ قانداق كۆرەشلەرنى قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلسە كېرەك. ھالبۇكى ئابدۇقادرى داموللىدەك بۈيۈك ئەللامىمىزگە قىلىنغان نومۇسسىزلارچە قەست ۋە قەتلىتائامدا ،مۇشۇ مىسىسيونېرلارنىڭ رەزىل قولى بارلىقىنىى ھەم بىلسە كېرەك.
ھالبۇكى تارىمى تورىدىكى بىر قىسىم قىلچە خىجىل بولمايدىغان نادان تەھرىرلەر – مۇشۇ ئۆز پېتى ئېلان قىلسىمۇ بولىدىغان ئادەتتىكى بىر ماقالىنىڭ ئاپتورىنى ”بىر دىن تارقاتقۇچىدىن – ئالىملىققا ئۆستۈرۈپ ئۇيغۇر تور ئابونتلىرىغا داۋراڭ قىلغان. نەتىجىدە ئاق قارىنى دەررۇ پەرق قىلالمايدىغان نۇرغۇن تورداشلار بۇ ماقالىدىن زەھەرلەنگەن. ناھايىتى ئېنىقكى ۋەتەنپەرۋەر – ۋەتەنسىزلىككە قويۇۋاتقان دۈشمەنلەرنى تىللاپ ماقالە يازىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۆيگۈسى شۇنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. مىللەتپەرۋەر بولسا – مىللىتى يولۇقاۋاتقان رېئال كىرزىسلەر ھەققىدە سەمىمىي ماقالە يوللايدۇ . چۈنكى ئۇنىمۇ سۆيگۈسى شۇنىڭغا يېتەكلەيدۇ. ئەمما بىر مىسىسئونىرچۇ؟ بىر ئىسلام دىنىغا ئۆچ دىن تارقاتقۇچىچۇ؟ بىر 18يىل ئۇيغۇر ئىچىدە يۈرۈپ دىن تارقاتماقچى بولۇپ ،ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي بۇرنىغا يېگەن ،ئۇيغۇر ئوت يۈرەكلىرى تەرىپىدىن لالما ئىتتەك قوغلاندى بولغان مىسسىئونىرچۇ؟
ئەلۋەتتە مانا مۇشۇنداق ئۆچمەنلىك ،يامان غەرەز ،رەزىل مەقسەتكە تويۇنغان ئىپلاس ماقالە يېزىپ ئاچچىغىنى چىقىرىدۇ.ۋە بۇ ئارقىلىق  خوجايىنلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلايدۇ…!
ئاخىرىدا:
مانا يوقارقىدەك قايمۇقۇشلارغا يول ھازىرلىغان ، ئاساسسىز تەنقىد ۋە ھاقارەتلەرنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە ھېچ خىجىل بولماي سۇنۇشقا ئالدىراپ ،بىر رەزىل نىيەتلىك مىسىيونېرنى – مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئالىم دەپ سۈپەتلەپ داغ دۇغا قوزغاشقا ئالدىراپ كەتكەن تارىمى تور بېكىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى قاتتىق ئەيبلەيمەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورداشلارنى ھەرقانداق ماقالىگە دۈچ كەلسە،زېرەكلىك ۋەمۇستەھكەم ئەقىدە نۇقتىسىدا  مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەسلى مەنبە: خانتەڭرى تورى
http://www.hantangri.net/?p=378
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

جۇغلانما
0
ئاقچا
7
توردا
1 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-2
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 21:00:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىقى مەزمۇننى ئوقۇپ شۇنى ئويلاپ قالدىم ئەگەر بىزدە ئۇنداق ئىللەتلەر بولمىسا بۇنۇڭغا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئەمما ئاپتۇر قىلىدىغانغا ئىشى يوق بۇنى يىزىپ ئولتۇرمايدۇ ھەم ئاپتور
سۆزىدە بارلىق ئۇيغۇرلار  %100 مۇشۇنداق دىمىگەن ، بەلكىم ئۆزىمىز بىلمىگىنىمىز بىلەن بىرقىسىم يامان ئىللەتلەر كۆپىنچە كىشىلىرىمىزدە باربولىشى مۈمكىن .   

Rank: 2

جۇغلانما
20
ئاقچا
1
توردا
3 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-31
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 19:56:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىللەتنىڭ ئومۇمي ئەھۋالىنى چۈشنىش ئۈچۈن نەچچە ئەسىرلەرنىڭ كىتىدىغانلىقى بىر ئاللاغا ئايان. نەچچە  يىل تۇرغان بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇيغۇر خاراكتېرنى تەكىتىلەپ بىر نەرسە يېزىشى بەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ.ئۇيغۇر خاراكتېرنى سۆزلىگەن مۇنۇ ياۋرۇپالىق مەدىنىيەتسىز، چاكنا ئىكەنلىكىنى پەقەت يۇشۇرالماپتو.بوپتۇ ئۇدىگەن ياۋرۇپالىق لىكىن بىرنىڭ ئىچىمىزدىكى ياۋرۇپالىقلار قاچانمۇ تۇگەر ھەي ئىسىت

Rank: 2

جۇغلانما
20
ئاقچا
1
توردا
3 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-31
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 20:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئۇستاز مىللىتىمىزگە ھاقارەت كەلتۇردىغان ھەر قانداق باسما ياكى سۆزلەرگە رەدىيە بىرىۋەرسىلە بىزنىڭ ئۆزىمىز ئسلى بىلەن بىرگە بولالمىسمۇ كۆڭلىمىز بىرگە .

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
64
ئاقچا
0
توردا
57 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-25
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 04:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنڭچە بۇ ئالىم باشلانغۇچ مەكتەپتە ساۋادىنى چىقىرىپلا قالغان ئىشلارنى يولدىن تېپڭۋالغاندەك قىلىدۇ....ئۇ مۇشۇيەردە بولغان بولسىدى بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىمىز نى  تەبىئى كۆرۇپ قالاتتى .....شۇنداقمۇ قېرىنداشلار.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 03:45 , Processed in 0.119176 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش