كۆرۈش: 661|ئىنكاس: 2

ئادەم بەدىنىدىكى 10چوڭ ئالتۇن ۋاقىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئاقچا
9
جۇغلانما
20
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 17:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بەدىنىدىكى 10چوڭ ئەڭ ياخشى ئالتۇن ۋاقىت
1.        چىش چوتكىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
تاماقتىن كىيىنكى 3مىنۇت ئېغىز چايقاش،چىش چوتكىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئېغىز بوشلۇغىدىكى باكتىرىيە يىمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ ھاسىلى قىلغان كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددىلار ئاسانلا چىرىيدۇ ھەم چىش ئىمال ماددىسىنى ئېرىتۋىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن چىش تاجىسى زىيانغا ئۇچىرايدۇ.
2.        چاي ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
چاي ئىستىمال قىلشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى تاماق يەپ بىر سائەتتىن كېيىن.كۆپ قىسىم كىشلەر تاماقتىن كېيىنلا ئىسىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ،بۇخىل ئۇسۇل پەقەتلا ئىلمى ئەمەس.چۈنكى چاي يۇپۇرمىقى ئىچىدىكى خىروم كېسلاتاسى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ئاسان ئېرىمەيدىغان تۆمۈر تۇزلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ،بۇ ئاندىن تۆمۈرنىڭ بەدەن تەرپىدىن  سۈمۈرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئاسانلا قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.        سۈت ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
سۈت تەركىبىدە مول بولغان كالتىسى بار بولۇپ،ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچكەندە ، كېچىدىكى قان ۋەكالتىسىنڭ تۆۋەنلىكىنى تۇلۇقلاپلا قالماي بەلكى يەنە سۆڭەكنى ئاسىرغىلى بۇلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈتىنىڭ يەنە ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى بار،
4. مىۋە يىيىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
مىۋە يىيىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى تاماق يىيىشتىن بىر سائەت بۇرۇن.چۈنكى مىۋە خام يىمەكلىككە تەۋە بۇلۇپ ئاۋال خام يىمەكلىكنى يەپ بۇلۇپ ئاندىن پشۇرۇغان يىمەكلىكلەرنى يىگەندە بەدەن ئىچىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيەلمەيدۇ،بۇ ئادەم بەدىنىنڭ ئىمۇنتت سېستىمىسىنى ئاسىراشقا پايدىلىق .
5. ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىتى
ئەتىگەن سائەت 8دىن 10غىچە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 4دىن 7گىچە بولغان ۋاقىت ،ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىتدۇر .بۇ ۋاقىتتا قۇياش نۇرى پايدىلىق بولغان ئولتىرا بىنەپشە نۇرنى ئاساس قىلغان بۇلىدۇ بۇئادەم بەدىنىدە ۋىتامىنD نىڭ ھاسىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .مۇشۇنداق بولغاچقا ئادەم بەدىنى ئىمونتت سېستىمىسىنىڭ تىبىركلىيۇز ۋە سۆڭەك بۇششنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ.قان تۇمۇرلارنىڭ قېتىششدىن كېلىپ چىققىدىغان كېسەللكلەرنىڭ نسبىتى تۆۋەنلەيدۇ .
6. ھۆسۈن تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
تېرە مىتابولىزىمى 24سائەت ئىچىدىكى سەھەر سائەت 6دە ئەڭ جانلىنىدۇ،شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئشلەتكەندە تېرە مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تېرە ساغلاملىقىنى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرشكىلى بۇلىدۇ.
7. سەيلە قىلشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
تاماقتىن كىيىنكى 45مىنۇتتىن 60مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىتتا، سائىتىگە 4.8كىلومىتىر تىزلىك بىلەن
20مىنۇت پىيادە سەيلە قىلغاندا،  ئىنىرگىينى كۆپلەپ سەرىپ قىلىپ ئۇرۇقلاشقا پايدىسى بۇلىدۇ .
ئەگەر تاماق يەپ بولۇپ 2سائەتتىن كېيىن سەيلە قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
8. يۇيۇنۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنىڭ تېمپۇراتۇرىسنى (35-45)ئارلىقىدا قىلىپ تەڭشەپ يۇيۇنغاندا پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇل،بۇغۇملار بۇششۇپ قان ئايلىنىش تىزلىشىپ تىنىچ ئۇخلاشقا ياردىمى بولىدۇ .
9. ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
چۈشلۈك ئۇيقۇنى ئەڭ ياخشىسى 13دىن باشلاش كېرەك .بۇۋاقىتتا ئادەم بەدىنى بۇششاشقانلىقنى ھىس قىلىپ ناھايىتى ئاسانلا ئۇخلىيالايدۇ .
كەچتە سائەت 22دىن 23كىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇخلاش كېرەك ، چۈنكى ئادەمنىڭ قاتتىق ئۇخلاش ۋاقتى 24سائەت ئىچىدىكى سەھەردىكى 3سائەت ،ئادەم ئۇخلاپ بىر يېرىم  سائەتتىن كېيىن ئاندىن قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ .
10. بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
كەچقۇرۇن بەدەن چېنقتۇرۇشنىڭ پايدىسى ئەڭ كۆپ.چۈنكى ئىنسانلار بەدەن ساپاسىنى جارى قىلىدۇرۇش ۋە بەدەننىڭ ماسلىشش ئىقتىدارى بولسا چۈشتىن كېيىن ياكى كەچقۇرۇنغا يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ پۇراش،كۆرۈش،ئاڭلاش سېزىملىرى ئەڭ سەزگۈر ،پۈتۈن بەدەننىڭ ماسلىشش  ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بۇلىدۇ.بۇلۇپمۇ يۈرەك رېتىمى، قان بېسمى ئەڭ تۇراقلىق، شۇڭا بۇ ۋاقىت بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ.

Rank: 2

ئاقچا
5
جۇغلانما
50
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 19:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە.نۇرەۇن قىممەتلىك ۋاقىتلارنى بىلۋالدىم.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
66
توردا
7 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 20:02:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەركەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.124267 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 06:22

چوققىغا قايتىش