ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان پاتىگۈل ياسىن (ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى)
ئايال- قۇياش ،ئىللىق نۇر چاچقان ،
چىن سۆيگۈگە داغدام يول ئاچقان ، يۇلتۇزدەكلا سۆيگۈ تاراتقان ، تەڭرى ئۇنى گۈل قىپ ياراتقان ، ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
ئۇ بولمىسا پىشمايدۇ ئاشمۇ ، ئايلانمايدۇ گۈھەرگە تاشمۇ ، تەبەسسۇمغا ئالماشماس ياشمۇ ، قەد كۈتۈرۈپ تۇرالماس باشمۇ ، ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
ئۇ بولمىسا ئۈيۈڭمۈ زىندان ، ئوت پىراقتا يۈركىڭ خۇمدان ، جىگەر پارەڭ بالاڭمۇ ۋەيران ، سەن ئۇچسەن خازاندەك ھەريان ، ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
ئۇ بولمىسا ئوخشىماس نېنىڭ ، ھەمىدە شوخ ئاقمايدۇ قېنىڭ ، كېسەلدىن يات بۇلالماس تىنىڭ ، ئۇ مىسالى بىر ئالتۇن كېنىڭ ، ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
تەبەسسۈممۇ ئۈچەر چېھرىڭدىن ، قۇت تاپالماس ئويمۇ مىھرىڭدىن ، سۆز ئاچقىلى بولماس سېھرىڭدىن ، پاشىلارمۇ، قورقماس قەھرىڭدىن ، ئاياللارسىز زۈلمەت بۇ جاھان .
ئۇسىز بوران ئۇچار ئۆيۈڭدىن، تەممۇ قاچار ئاش ھەم سۈيۈڭدىن ، پەرياد چىقار چالغان كۈيۈڭدىن ، ياش تۈكۈلەر ھەتتا مويۇڭدىن ، ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
ئۇ بولمىسا مۇھەببەت قايدا ، نۇر بۇلامدۇ شۇ تۇلۇن ئايدا ، خوش بۇلامسەن ھەر قايسى جايدا ، ھەتتا قالار ئۈلۈكمۇ سايدا ، ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان ، ئۇلار بولسۇن مەڭگۈگە ئامان سۆيگۈ تولسۇن قەلبىگە ھامان ، دىل ئايرىلىش ھەممىدىن يامان ، ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
ئادەم ئاتا ھاۋا ئانامدىن ،
قالغان ئۇدۇم ،كۈيۈم ، مۇھەببەت ، ئىناق-ئىجىل ئۆتسەكلا پەقەت ، سۆيگۈ بىلەن ياشنايمىز ئەبەت ، ئايرىلمايدۇ سۆيگۈ مۇھەببەت .
ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئەسلى ، ئاي قۇياشتۇر ئۇلارنىڭ نەسلى ، ئۇلار بولغاچ گۈل ،باھار پەسلى ، ئۇلار تاپسۇن قۇت بەخىت ۋەسلى ، ئۇلار قوينى مەڭگۈ بىر يەسلى ، ئەر-ئايالسىز زۇلمەت بۇ جاھان .
|