ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 729 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1371|ئىنكاس: 32

ۋېيشىن ھەقلىق قىلىنىش تالاش-تارتىشىنىڭ ئالدى كەينىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

2813

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
78
جۇغلانما
769
توردا
629 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز دىققەت قىلغان بولۇشىمىز مۇمكىن، يېقىندىن بىرى ئىنتېرنېت تورىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا ھەم ئەڭ كەسكىن تالاش-تارتىش بولىۋاتقان نۇقتا دەل ۋېيشىننىڭ ھەقلىق بولۇش مەسىلىسى بولماقتا. بۇ ھەقتە ھەرخىل قاراشلار بولىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇچۇر سانائەت مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن مىللىي كارخانا (دۆلىتىمىزدىكى مىللىي كارخانا)لارنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن چەكلەش رولىنى ئويناۋاتىدۇ. ھەر قايسى داڭلىق IT ساھەسىدىكىلەرمۇ بىر-بىرلەپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ.
لى كەيفۇ: ۋېيشىن ۋۇجۇدقا كېلىشتىن بۇرۇن، تېڭشۈن بىلەن خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى، بولۇپمۇ جۇڭگو كۆچمە بىلەن ئىزچىل ياخشى ھەمكارلىشىپ كەلگەن، ئومۇمەن ئىزچىل ھالدا نىسبەتەن كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىلىسى پايدا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ۋېيشىننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى يالغۇز «كەم بولىۋاتقان تور ئۇچۇر بۇيرۇقى بايلىقى»نى ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە خىرىس ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاۋازلىق كەسىپ ۋە ئۇچۇر كەسپى قوش خىرىسقا دۇچ كەلدى. سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئادەتتىكى ئابونتچىلارنىڭ نۇقتىمۇ-نۇقتا ئۇچۇرلىشىشى %10.6 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىسقا ئۇچۇر تىپىدىكى كەسىپلەرنى بېجىرىشىدىمۇ تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.


لى كەيفۇنىڭ مۆلچەرى: ئەگەر بۇ مەيدان مەنپەئەت توقۇنۇشقا قارىتا بىر ئېھتىماللىق نەتىجىسىنى مۆلچەرلەپ باقساق، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى مۇتلەق ھالدا تېڭشۈنگە: «مەن بىلەن ھەمكارلاشساڭ، مەن ھەق يىغىمەن، ئىككىمىز بۆلۈشىمىز؛ ئەگەر مەن بىلەن ھەمكارلاشمىساڭ، سەندىن ھەق ئالىمەن.» دېگەن كوزىرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ مەجبۇرى ئىستېمال قىلىندۇرۇشى ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر تەقدىردۇر.
بۇ يەردە ۋېيشىننىڭ ھەقلىق قىلىنىشى ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىلەن تېڭشۈن ئوتتۇرىسىدىكى شاھمات ئويۇنى بولماستىن، بەلكى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇچۇر سانائەت مىنىستىرلىقىنى بۇ ئىشقا ھۆكۈمەت سالاھىيىتى بىلەن ئارىلىشىشى بۇ مەنپەئەت ئۇرۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىپ قويدى. ۋېيشىندىن ھەقىقەتەن ھەق يىغىلىپ قالسا، بۇ ھالدا جۇڭگونىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئېنىق. يەنى مونوپۇلىيەلىك كارخانىلار مىللىي كارخانىلارنى باش كۆتۈرگۈزمەي، پۈتۈن بازارنى مونوپول قىلىۋېلىش سەۋەبىدىن، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ئىزدىنىشچان، جۇشقۇن روھقا ئىگە بولغان مىللىي كارخانىلارنىڭ يولىنى بوغۇپ قويۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ۋېيشىننى ھەقلىقلەشتۈرۈش ھەققىدە بۇ مەسىلە ھەرگىزمۇ مونوپولىيە مەنپەئەتدارلار تەرىپىدىن بېكىتىلمەستىن، بەلكى پۈتۈنلەي بازارغا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھەممىنى بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بەلگىلىسە، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى.
ئەمەلىيەتتە تېڭشۈننىڭ ۋېيشىن مەھسۇلاتى ۋۇجۇدقا كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەممىسى ئۆزىنىڭ پاراڭلىشىش قورالىنى تەتقىق قىلىپ چىققان ۋە بازارغا يۈزلەندۈرۈپ دېگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. مەسىلەن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئۇچقۇر خەت (فېيشىن)، ئۇچقۇر پاراڭ (فېيلىياۋ)، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ۋو دوست (ۋويۇۋ)، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ يىشىن قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنغان. ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى بازاردا پۇت دەسسىتىپ تۇرالماي، ئاخىرى تېڭشۈننىڭ ۋېيشىننى ئىسكەنجىگە ئېلىشى يېقىندا ئېيتىلغان ما خۇاتېڭنىڭ مۇنۇ سۆزى «جۇڭگو كۆچمىنىڭ تېخنىكىسى بەك ناچار، ھەممىسى يارىماس...(ئاساسىي مەزمۇنى مۇشۇنداقراق)» دېگەن سۆزىنى دەلىللەپ بېرەمدۇ قانداق؟
ئەتىگەندە سىنا مىكروبلوگىدا مۇنداق بىر مىكروبلوگ يازمىسى مېنى قاتتىق ئويغا سالدى:
ئەگەر بۇ قېتىملىق ۋېيشىننى ھەقلىقلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا مەجبۇرى ئىجرا قىلىنسا، ئۇ ھالدا 300 مىليون ۋېيشىن ئابونتچىلىرى تۆۋەندىكىنى ئىسپاتلايدۇ:
1. ۋېيشىن ھەقىقەتەن ياخشى؛ 2. بۇ خىل دۆلەت مۇتلەق بازار ئىتقىسادى دۆلىتى ئەمەس، بەلكى قارا جەمئىيەت ئىقتىساد دۆلىتىدۇر؛ 3. مىللىي كارخانىلار ھېچنەرسىگە ھېساب ئەمەس؛ 4. ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىدە چوقۇم ھوقۇقدارلارنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بار؛ 5. بۇ خىل دۆلەتنىڭ غايىسى بىر چۈشلا خالاس؛ 6. ما زۇڭ (ما خۇاتىڭ) چەتئەلگە كۆچۈپ كەتمىسە، نېرۋىسىدا چاتاق بارمۇ نېمە؟
بۇ بىر مىكروبلوگ مەزمۇنىدىكى بۇ قىسقىغىنە بىر قانچە جۈملە سۆز بىزنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ.
------------------------------
ماقالە ئەسلى مەنبەسى:
http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=448


بىلوگىمىن كۆرۇپ باققىڭىز يوقما؟   http://uqkun.sinaapp.com/

23

تېما

24

دوست

1907

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
16
جۇغلانما
256
توردا
604 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پاراڭلارنىمۇ ئاڭلىغان. لېكىن بۈگۈن ئەتتىگەن بىر تور بەتتىن كۆردۈم، مىكرو خەت (ئۈندىدار) ھەق ئالىدۇ دىگەن گەپ ھەرگىزمۇ ئابونىتلاردىن ھەق ئالىدۇ ئەمەس، بەلكى تېلىگىراف شىركەتلرى تىڭشۈن شىركىتىدىن ئاممىۋى مۇلازىمەت ھەققى دەمدۇ شۇنداق بىر ھەقنى ئالىدىغاننىڭ گىپىنى قىپتۇ ... مېنىڭچىمۇ مىكرو خەت ھەرگىز ئابونىتلاردىن ھەق ئالمايدۇ.
C8813دىن ياردەم سورايدىغانلارغا پەقەت بىلگىنىمچە ياردەم بېرەلەيمەن، چۈنكى قولۇمدا C8813 يوق

30

تېما

16

دوست

1906

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
169
جۇغلانما
546
توردا
398 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:24:53 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمشلار يۈز بىرە ئەمدى?

18

تېما

17

دوست

2813

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
78
جۇغلانما
769
توردا
629 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:25:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xaydayi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 11:22
بۇ پاراڭلارنىمۇ ئاڭلىغان. لېكىن بۈگۈن ئەتتىگەن بىر تور ...

ئۇنداق بوپ قالسا ، بۇ مەسىلىگە بىز بەك باشقاتۇرۇپ كەتمىسەكمۇ بولامدۇ نىمە؟
بۇنىڭغا ماخۇاتىڭ باش قاتۇرسا بولغۇدەك
بىلوگىمىن كۆرۇپ باققىڭىز يوقما؟   http://uqkun.sinaapp.com/

3

تېما

3

دوست

1072

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
268
توردا
369 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:30:51 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئۈچ  چوڭ  خەۋ ەرلىشىش (بۇلۇپمۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش)شىركەتلىرى چىدىماپتۇھە…………!

6

تېما

5

دوست

1010

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
236
توردا
401 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:32:44 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىيشىن ئىقىم مىقدارىنى بەك خورىتىدىغۇ،خەۋەرلىشىش ھەققىدىن پۇل تاپالمىسا ئىقىم مىقدارىن كۆپ پۇل تاپىدۇ

باھا سۆز

ئەپ  لېكىن كۆپ كىشىلەر ئۈندىدار ئىشلىتىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 18:09

23

تېما

24

دوست

1907

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
16
جۇغلانما
256
توردا
604 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:36:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkun77 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 11:25
ئۇنداق بوپ قالسا ، بۇ مەسىلىگە بىز بەك باشقاتۇرۇپ كەت ...

ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسلە مۇشۇ ، يەنى ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتى مىكرو خەتتىن قانداق شەكىلدە ھەق ئالىدۇ؟   ئابونىتلاردىن ھەق ئالسا تىڭشۈن شىركىتى نۇرغۇن ئابونىتلىرىدىن ئايرىلدىغىنى ئېنىق.

باھا سۆز

uqkun77  بۇ گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:42
C8813دىن ياردەم سورايدىغانلارغا پەقەت بىلگىنىمچە ياردەم بېرەلەيمەن، چۈنكى قولۇمدا C8813 يوق

30

تېما

12

دوست

1391

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
3
جۇغلانما
130
توردا
444 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقىم سىتىپ پۇل تاپقانكىن بولمىدىمۇ؟ مۇشۇ ۋىيشىن بولمىسا قانچىلىك ئادەم ئىقىم ئىشلىتىدۇ، بەزى ئادەملەر مۇشۇ ۋىيشىن ئوينايمەن دەپلا تور كەسپىنى ئاچقۇزۇپ قويۇپ ئۇنىڭ بالىلىلرى ياكى تۇققانلىرى تىلفۇننى ئوينايمەن دەپ ئىلىۋىلىپ بىلىپ بىلمەي تورغا چىقىپ كىتىپ نەچچە يۈز يۈەن قەرىز قىلىپ قويغانلارنىمۇ كۆردۇق ئاڭلىدۇق، مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئىقىم بىلەن پۇل تىپىۋاتقانكىن بولمىدىمۇ؟
ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋەتسەم باشقۇرغۇچىلىق ھوقوقىم يوقاپ  ...

6

تېما

2

دوست

555

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
106
توردا
275 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 12:10:57 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بالىلار بىز بۇ ئىشقا باش قاتۇرمىساقمۇ بولىدۇ ،شۇ ۋاقتى كەلگەندەبىر نىمە دېمەمدۇق ،،ناۋادا ئۈندىداردا  ئابونىتلاردىن ھەق يىغىپ قالسا ھازىر پاراڭلىشىدىغان ئەپلەرنىڭ كۆپلىكدە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشىراق بىرەرسىنى ئىشلىتەمىز يا بولمىسا شۇنداما

13

تېما

4

دوست

933

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
313
توردا
101 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 12:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALxAT يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 11:43
ئىقىم سىتىپ پۇل تاپقانكىن بولمىدىمۇ؟ مۇشۇ ۋىيشىن بولم ...

شۇنى دەيمەن چىدماس گۇيلاركەن بۇ بىزمۇ مۇشۇ ۋېيشىن ئارقىلىق سەئۇدى ئەەبىستاندىكى تۇققانالر بىلەن كورشۇپ تۇرۋاتىمىز بولمىسا خەلىقئارالىق كەسىپنى ئاچسا پالان پۇل دىگەن گەپ
ئوۋچى ئۇچۇرپەن-تخنىكائىزدىنىش ئىشخانىسى www.owqe.biz
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-5-30 17:07 , Processed in 0.131492 second(s), 20 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش