كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 1

DX1.5 تە ئۆي كۆچۈش ۋە UCenter تەجىربىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3279 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 17:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىپ تورىغا ئىشلەتكەن Discuz! X1.5 نى باشقا مۇلازىمتېرىغا يۆتكەشكە توغرا كەلدى. بۇ جەرياندا بەزى مەسىللەرگە يولۇقۇپ، قايتا-قايتا ئىزدىنىپ، سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆي كۆچۈۋالدىم. تەجىربەمنى قىسقىچە يېزىپ قوياي. باشقىلارمۇ ئوخشاش مەسلىگە يولۇقسا پايدىلىنار .

ئالدى بىلەن باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ سانداننى زاپاسلايمىز. زاپاسلىغاندا 站长-数据库 دېگەن يەردىن زاپاسلىماي، چوقۇم Ucenter دىن زاپاسلاڭ. مەن ئالدىنقى قېتىم 站长-数据库 دىن زاپاسلاپ، شۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرىۋېتىپتىمەن. كېيىن مۇلازىمېتىردىن كاشلا چىققاندا شۇ زاپاسلىغان sql ھۆججىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەم ھېچنىمە يوق.
Ucenter غا كىرىپ 数据备份 دېگەن يەردىن زاپاسلىساق ھەممىسنى تولۇق زاپاسلايدىكەن. زاپاسلانغان ھۆججەت مۇلازىمېتىردىكى Discuz! X1.5 قاچىلانغان يەردىكى data قىسقۇچىنىڭ ئىچىگە زاپاسلىغان چېسلا بويىچە ساقلىندىكەن. شۇ ھۆججەتنى كومپىيۇتېرغا كۆچۈرۋالساق بولىدۇ.
ئاندىن ئەسىلدىكى مۇلازىمېتىردىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى rar شەكىلدە قىسىپ چۈشۈرۋېلىپ، يېڭى مۇلازىمېتىرغا چىقىرىپ يەشتىم. install بۇيرۇقى ئارقىلىق Discuz! X1.5 نى يېڭىدىن قاچىلىدىم. ئەمدى سانداننى ئەسلىگە قايتۇرۇش باسقۇچىغا كەلدۇق.
ئەسىلدىكى سانداننى phpmyadmin ئارقىلىقمۇ زاپاسلىۋالغان ئىدىم. شۇنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ باقاي دىسەم phpmyadmin دا نورمال ئەسلگە كەلمىدى.
شۇنىڭ بىلەن Ucenter غا كىرىپ ئەسلىگە كەلتۈرسەم نورمال ئەسلىگە كەلدى. ئەمما Ucenter دىكى 应用管理 دا 通讯失败 دەپ تۇرىدۇ. ھەي چاتاق بولدى دەپ ئويلاپ، زاپاسلاش بۇيرۇقى بەرسەم 未知错误 دەپ خاتالىق چىقىپ زاپاسلانمىدى. گوگۇلدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئىزدەپ سىناق قىلدىم. ئاخىرى مەسلىنى تاپتىم.
مۇلازىمېتىردىكى config قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى config_ucenter.php  ، config_ucenter_default.php ھۆججەتلىرىدىكى ۋە uc_server\data قىسقۇچىدىكى config.inc.php ھۆججىتىدىكى UC_KEY نىڭ قىممىتى بىلەن باشقۇرۇش بېتى UCenter دىكى 应用管理-编辑应用-通信密钥:  قىممىتى ئوخشاش بولمىسا بولمايدىكەن.
ئاندىن نۇرقۇتتىكى بىر تېمىدا 应用 IP گە 127.0.0.1 نى يېزىڭ دەپ باركەن. مېنىڭكىدە يازمىساممۇ شۇنداق باركەنتۇق. يەنىلا نورماللاشمىدى. ئاشۇ 127.0.0.1 نى ئۆچۈرۋەتسەم ئاندىن 通信成功 دەپ چىقتى. ھەم UCenter دىمۇ نورمال زاپاسلاندى.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
6
جۇغلانما
121
توردا
19 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 15:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن مۇشۇنداق يۇلۇققان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش جەريانىنى قالدۇرساق كۆپچىلىككە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدۇ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.064382 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 05:54

چوققىغا قايتىش