ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • kiccuri تۈنۈگۈن 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    8830pro ئېكرانى چېقىلىپ كەتتى، ئۈرۈمچىدە تېلىفۇن زاپچاسلىرى ساتىدىغان بالىلار بولساڭلار ئالاقىلاشساق...

  • altun 2013-8-4 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 2013-8-2 09:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 2013-7-30 00:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇرسوفت خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

2

دوست

1325

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
50
جۇغلانما
588
توردا
22 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 23:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەت خادىمى تۈرى بويىچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. تۆۋەندىكىسى ئالىم ئەھەت بلوگىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى.

1. يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش خادىمى
(1) تەرجىمان، 15 نەپەر
ۋەزىپىسى: ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىدۇ. ئىشتىن سىرت ۋەزىپە بويىچە ئىشلەيدۇ ۋە شۇ بويىچە ھەق ئالىدۇ.
خىزمەت ئورنى: ئاساسەن توردا بولىدۇ. تور ئارقىلىق ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

شەرتى: ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان كومپيۇتېرى بولۇشى، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى 4-دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ناۋادا، ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار بولسا تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، ھېچقانداق سىناق ئېلىنمايدۇ.
ئىش ھەققى: ئىنگلىزچە ھەر 1000 سۆز ئۈچۈن 80~100 يۈەن. (ئادەتتە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2000 سۆز تاماملاشقا بولىدۇ).

(2) باشقۇرغۇچى، 1 نەپەر.
ۋەزىپىسى: تەرجىمانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋاقتى بارلارغا ۋەزىپە تەقسىملەپ بېرىدۇ. كۈندىلىك تاماملانغان تەرجىمە مىقدارىنى نازارەت قىلىدۇ، تەرجىمە سۈپىتىنى تەكشۈرىدۇ.

خىزمەت ئورنى: ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.
شەرتى: ئىنگلىز تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل كەسپى ياكى تەبئىي پەن كەسپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئاۋۋال ئويلىشىدۇ.
ئىش ھەققى: 2500 يۈەن+5 خىل سۇغۇرتا+ئۈنۈم ئىش ھەققى+يىللىق مۇكاپات

بۇ خىزمەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 3 كۈنلۈك يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ئاساسىي ساۋاتلاردىن ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. بۇ خىزمەت سىزنىڭ ئوقۇش، خىزمىتىڭىزگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىز بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ.

ئالدى بىلەن بىر ئابزاس ياكى 4-5 قۇر قىسقىچە تەرجىمھالىڭىزنى بىزگە يوللاپ بېرىڭ.
ئېلېكتىرونلۇق خەت: alim.ahat@hotmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئالىم ئەھەت

2. مۇلازىمەت خادىمى
(3) يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇلازىمەت خادىمى
ۋەزىپىسى: سېتىش بۆلۈمىدە يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىدارە-ئورگانلارغا يۇمشاق دېتال يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە قاچىلاش مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ.
خىزمەت ئورنى: قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
شەرتى: كومپيۇتېر قوراشتۇرۇش، سىستېما قاچىلاش تەجرىبىسى بولۇش، ئىللىق چىراي، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش (قىزلار قوبۇل قىلىنمايدۇ).
ئىش ھەققى: 2500 يۈەن+5 خىل سۇغۇرتا+ئۈنۈم ئىش ھەققى+يىللىق مۇكاپات
بۇ خىزمەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 1 ھەپتە ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. 1-2 ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1200 يۈەن بېرىلىدۇ. ئاندىن 2 يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزىلىدۇ.

ئالاقىلىشىش ئادرېسى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇرات
تېلېفون: 2813300، 2839871
خىزمەت ۋاقتىدا يەنى چۈشتىن بۇرۇن 9:00 دىن 12:00 گىچە، چۈشتىن كېيىن 2:00 دىن 5:00 كىچە تېلېفون قىلىڭ.

مەنبە: ئالىم ئەھەت بلوگى http://www.alimahat.com/?p=2543

8

تېما

2

دوست

667

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
205
توردا
155 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 00:25:15 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئويلىشاي

16

تېما

9

دوست

1951

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
444
توردا
706 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 00:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 _سىگە تىزىملاتقان بولسام ياخشى بولاتتىكەن ... ئەمما ھازىر مىنىڭ شارائىتىمغا ماس كەلمەيدۇدە ....
ئەقىل كۆركى تىلدۇر،بۇتىل كۆركى سۆز،
كىشى كۆركى يۈزدۇر

9

تېما

10

دوست

1753

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
560
توردا
344 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 00:36:18 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا كۆپۈنچىمىزنىڭ ئۈچىنچىسىگە كۆزىمىز چۈشكىدەك

0

تېما

1

دوست

318

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
91
توردا
113 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 11:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە1- بۇلدىكەن لىكىن مىنڭ بىلمىم تۇۋەن كىلىپ قالدىكەن 3-چۇشدىكەنمەن لىكىن پۇپرسەت يوقدە

0

تېما

1

دوست

318

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
91
توردا
113 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 12:01:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە1- بۇلدىكەن لىكىن مىنڭ بىلمىم تۇۋەن كىلىپ قالدىكەن 3-چۇشدىكەنمەن لىكىن پۇپرسەت يوقدە

1

تېما

0

دوست

555

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
145
توردا
151 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 16:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئويغۇرسوفت شىركىتىدە بەكلا ئىشلىگۈم بار ئىدى، مائاش تېمىدا دېيىلگىنىدىن تۆۋەن بولسىمۇ مەيلى ئىدى. چۈنكى مېنىڭ ئۇيغۇر سوفت شىركىتىكە ئىخلاسىم ۋە ھۆرمىتىم بەكلا چوڭقۇر ئىدى. لېكىن مېنىڭ يا ئىنگىلىز تىلىدىن سەۋىيەم يوق، يا كومپيۇتېر قوراشتۇرۇش، سىستېما قاچىلاش دېگەنلەرگە ئۇستا ئەمەس. ھەي.......
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

4

دوست

346

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
104
توردا
86 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 02:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ماس كېلىدىكەن  لېكىن ئىنگىلىزچىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن                              
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-17 05:50 , Processed in 0.131827 second(s), 35 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش