ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 729 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 957|ئىنكاس: 18

مۇئەللىم ئورنى پەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

882

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
334
توردا
147 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 17:30:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


           مۇئەللىم ئورنى پەس.

1
«ساراڭ» دەر سۆزلىسەم  مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
نەچچە رەت پاكەندىن باستى بىزنى  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
داۋامسىز  بالىلار خۇددى داھىدەك،
كۆرمەيدۇ بىزلەرنى كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئۆيگە يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
ئورنىمىز پەس بولغاچ باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
بولغاچقا سىنىپتا داۋامسىز بالا ،
سىنىپتا دائىم ئوقۇغۇچى ئالا.
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.(
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
مال باھا ئۆسۈشتىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
مېڭىلماي بىلىم ئۇلۇغلاپ ھىكمەتتە،
مۇئەللىم قىينىلار، ئەمەس ئىززەتتە.
بەزىلەر بولۇپ بەك  يامان نىيەتتە.
مۇئەللىم پەس كۆرۈپ  يۈرەر ئىللەتتە،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
ئىللەتنى تۈزىتەي دىسەڭ ئاقمايدۇ،
قۇلاقلارغا بۇنداق ھەق گەپ ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىش بولغاچ تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
(قاچانمۇ كىلەر؟) دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىلىيەتتىن ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
ئوقۇتۇشقا پايدىلىق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.

2013-3

0

تېما

3

دوست

3508

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
90
جۇغلانما
712
توردا
1265 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 17:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulla350 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-4 17:56  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ھەقىقى مەۋجۇت مەسىلە شۇڭامە جبۇرى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىش
كىرەك!!!!!http://bbs.misranim.com/thread-99484-1-1.html

9

تېما

0

دوست

2319

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
570
توردا
712 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 18:08:22 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركاللا كىم يازغاندۇ بۇننى ھەققى بىر ئەھۋالنى ئەينەن يىزىپتۇ

9

تېما

0

دوست

2319

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
570
توردا
712 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 18:20:48 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-4 18:22  

باشقا يەرلەردە مۇئەلىملەرگە يالۋۇرۇپ بالسىننىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ بىز مىلەتچۇ باللار ساۋادىنى چىقىرۋالسىلا باشلانغۇچ ياككى ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپ مەكتەپتىن چىقىرۋىلىپ موللامغا بىر ئىككى ئايلىق دەس ئىلشقا ئاندىن ئۇيەدىن چىقرىپ ھۈنەرگە بىردۇ كىيىنچۇ بىر بۇلسا ھۈنەرۋەن بۇلۇپ پۇل تاپدۇ بىر بۇلسا ئىگلىك تىكلىيەلمەيدىغان بىر ئادەم بۇلۇپ ھەممە ئەسكلىلكتە بار بىرسى بۇلدۇ شۇنۇڭ ئۈچۈن كىينكى ئەۋلاتلارغا ياخشى بىر مۇھىت ھازىرلاپ قانچىلىك ئەجىر قىلساقمۇ ياخشى ئوقۇتۇپ جەميەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىلەيلى  مىلەتننىڭ يۈزنى يۇرۇق قىلسۇن خەتلىرىم تاقا تۇققا بۇلۇپ قالدى توغرا چۈشنۈڭلار مەكتەپتە ئوقۇمغاچقا مۇشۇنداقراق يازدم

11

تېما

0

دوست

882

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
334
توردا
147 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 18:22:09 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!  دەت كەلمىگىچە گەپ كەلمەيدىكەن. يۇقارقى شىئېر مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن، تىلىمدىن چىققان سۆزلەر!

44

تېما

7

دوست

3322

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
1
جۇغلانما
1081
توردا
538 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 18:29:39 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئەپ ياساۋاتقان مۇشۇنداق نادىر يازمىلارنى كىرگۈزۈپ
خالىسىڭىز شۇ ئەپكە بۇنىمۇ قۇشۇۋىتەي مۇ؟ ؟؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

505

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
183
توردا
122 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 20:44:02 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللامغا بەرسە بولمامدىكەن!..........................؟؟؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

398

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
71
توردا
185 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 20:54:03 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ωj大niG⑧木 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 20:44
موللامغا بەرسە بولمامدىكەن!..........................؟؟؟؟؟؟

موللامغا بەرسە ئەلۋەتتە بۇلىدۇ … بەرسە  بىرەر ئايلىق ئەمەس راۋۇرۇس بىر تەربىلەنگەنگە قەدەر بەرسە بۇلىدۇ ،نىمە ئۇ  يا پەندە يوق   يا دىندا يوق   بىر ئايدا قۇرئان ساۋادى  چىقىدۇ شۇ   تەۋھىد   ئەقىدە دىگەنلەرنى ئۈگەتمىسە  يەنىلا باكا…

2

تېما

0

دوست

206

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
57
توردا
31 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 20:55:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
︶ㄣSuBaㄜ︵ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 18:29
بىر ئەپ ياساۋاتقان مۇشۇنداق نادىر يازمىلارنى كىرگۈزۈپ ...

مەن قوللايمەن  

0

تېما

0

دوست

398

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
71
توردا
185 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 20:56:22 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ωj大niG⑧木 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 20:44
موللامغا بەرسە بولمامدىكەن!..........................؟؟؟؟؟؟

موللامغا بەرسە ئەلۋەتتە بۇلىدۇ … بەرسە  بىرەر ئايلىق ئەمەس راۋۇرۇس بىر تەربىلەنگەنگە قەدەر بەرسە بۇلىدۇ ،نىمە ئۇ  يا پەندە يوق   يا دىندا يوق   بىر ئايدا قۇرئان ساۋادى  چىقىدۇ شۇ   تەۋھىد   ئەقىدە دىگەنلەرنى ئۈگەتمىسە  يەنىلا باكا…
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-5-30 09:07 , Processed in 0.103577 second(s), 21 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش