ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 729 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 744|ئىنكاس: 9

huawei c8950d نىڭ قۇلۇپىنى يېشىش ۋە root لاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

237

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
52
توردا
79 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 15:25:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   perzent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-27 15:58  

1. huawei c8950d نىڭ قۇلۇپىنى يېشىش
(1) تۆۋەندىكى ئادىرىستىن ئىگە تەرەپتىن قۇلۇپ يېشىش نومۇرىنى ئىلتىماس قىلىمىز. ئۇ بەتكە تىزىملىتىش ھاجەتسىز.
http://www.huaweidevice.com/cn/servicePolicy.do?method=preUnlock
jie suo1.JPG

1-ئورۇنغا ئېل-خەت تولدۇرۇلىدۇ.
2-ۋە 3-ئورۇندىن يانفۇن تۈرى ۋە تىپى تاللىنىدۇ.
4-ئورۇنغا يانفۇننىڭ S/N نومۇرى تولدۇرۇلىدۇ. (بۇ نومۇرنى يانفۇننىڭ باتارىيىسىنى چىقىرىۋېتىپ چاپلانما قەغەزدىن كۆرىسىز.)
s  n.JPG

5-ئورۇنغا IMEI/MEID نومۇرى تولدۇرۇلىدۇ، بۇ نومۇرمۇ يوقىرىدا دېگەن چاپلانما قەغەزدە بار.
6-ئورۇن ئېچىلمايدۇ، يەنى، ئۇچۇر كىرگۈزگىلى بولمايدىغان ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا تولدۇرۇلمايدۇ. ئەگەر تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنسا، يانفۇننى ئېچىپ تېلېفۇن ئۇرۇش ھالىتىدە *#*#1357946#*#* نى كىرگۈزسىڭىز ئېكراندا سەككىز خانىلىق بىر گۇرۇپپا نومۇر كۆرۈنىدۇ، (كۆرۈنمىسە قايتا قىلىڭ.) شۇ نومۇرنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.
يوقىرىقى باسقۇچلار تاماملانغاندىن كېيىن ئاستىدىكى «تاپشۇرۇش» (提交) بېسىلىدۇ.
ئىلتىماس تاماملاندى، ئەمدى 2-3 كۈن ساقلايسىز، ئېگە تەرەپ يېشىش نومۇرىنى سىز قالدۇرغان ئېل-خەتكە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. نومۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن يانفۇننى root لاش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. ئۇ نومۇرنى ياخشى ساقلاڭ، يەشكەنگە پۇشايمان قىلسىڭىز كېيىن يەنە بۇ نومۇر ئارقىلىق ئەسلىدىكى قۇلۇپلاقلىق ھالىتىگە قايتۇرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

نومۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى يېشىش مەشغۇلاتى:
1. كېرەكلىك دېتالنى چۈشۈرىمىز:
Handset_WinDriver.zip
چۈشۈرۈش
HuaWei_C8950D_OneKeyTools.exe
چۈشۈرۈش
C8812一键解锁 (بۇ دېتال C8812 بىلەن c8950d كە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.)
چۈشۈرۈش

2. usb نى ئېچىپ قويىمىز. تېز قوزغىلىش ھالىتىنى تاقاپ قويىمىز. رسىمدىكىدەك تەڭشەڭ:
未命名.JPG


1361944826419.JPG

2. يانفۇننى كومپيۇتېرغا چېتىپ تولۇق تونۇتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن 腾讯手机管家, 豌豆荚, 91手机助手 لاردىن پايدىلىنىپ تونۇتساق بولىدۇ.
3. fastboot ھالىتىگە كىرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن يانفۇننى تاقاپ، ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ توك مەنبە كونۇپكىسىنى بېسىپ، 10 سېكۇنتتىن كېيىن ئىككىلا كونۇپكىنى قويىۋېتىمىز، بۇ چاغدا قوزغىلىپ خۇاۋېينىڭ لوگوسى چىقىپ موشۇ ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ fastboot قا كىرگىنى بولىدۇ. ئەگەر تېز قوزغىلىش ھالىتىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز يانفۇننىڭ باتارىيىسىنى چىقىرىپ بەش سېكۇنتتىن كېيىن سېلىپ ئاندىن داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
lll.JPG


ئەمدى يانفۇننى كومپيۇتېرغا چاتىمىز ۋە Handset_WinDriver.zip نى يېشىپ ئىجرا قىلىۋېتىمىز.
C8812一键解锁 مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، unlock.bat نى ئىجرا قىلىمىز.
cmd.JPG

رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلغاندا بىز تاپشۇرۇپ ئالغان يېشىش نومۇرىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ مائوس ئوڭ كۆنۇپكىسى بىلەن چاپلاپ قايتۇرۇش كۆنۇپكىسىنى باسىمىز. تاماملانغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ ۋە قايتا قوزغىلىپ زاۋۇت لاھىيىسىگە قايتىدۇ.
بۇ مەشغۇلاتتىن بۇرۇن تېلېفۇن خاتىرىسى قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق مۇھىم ماتىرىياللىرىڭىزنى زاپاسلاشنى ئونۇتماڭ. بولمىسا ھەممىسى يوقاپ كېتىدۇ.
يانفۇن يېشىلىپ بولدى، ئەمدى رووتلىساق بولىدۇ.

huawei c8950d نى root لاش
HuaWei_C8950D_OneKeyTools.exe دېتالىدا Recovery نى خەنزۇچىلاشتۇرۇش ۋە رووتلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. خەنچە Recovery كۆرۈنۈشى:
rrr.JPG

دېتال قوزغۇتۇلىدۇ، رەسىمدىكى 3-تۈر ئىجرا قىلىندۇ. مەشغۇلات تاماملانغاندا قايتا قوزغىلىدۇ.
2101326fz0dgkhkgk3e1gf.JPG

2101556apvim6kdsi6tbvi.JPG

قايتا قوزغالغاندا Recovery ھالىتىگە كىرىپ باقىمىز، رەسىمدىكىدەك بولسا توغرا بولغان بولىدۇ.

Recovery غا كىرىش:
تېز قوزغىلىش ھالىتى تاقاق ھالەتتە ئاۋاز يوقىرىلىتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ توك مەنبە بېسىلىپ 10 سېكۇنتتىن كېيىن ئىككىلىسى قويىۋېتىلسە بولىدۇ.

ئەمدى شۇ Recovery تىزىملىكىدىن رووت ھوقۇقى ئېلىش دېگەننى ئىجرا قىلىش ياكى بايىقى دېتالدىكى رووت ئېلىش دېگەن تۈرلەردىن يانفۇننى رووتلىۋالساق بولىدۇ.
رووت ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، يانفۇن قايتا قوزغالغاندا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.
sss.JPG

22

تېما

24

دوست

1885

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ھەۋەسكار

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
16
جۇغلانما
252
توردا
601 سائەت
نادىر
1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 16:28:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇاۋىي يانفۇنلىرىنىڭ قۇلۇپ ئېچىش ،root ھوقۇقى ئېلىشباسقۇچلىرى ئاساسەن ئوخشىشىدىكەن
C8813دىن ياردەم سورايدىغانلارغا پەقەت بىلگىنىمچە ياردەم بېرەلەيمەن، چۈنكى قولۇمدا C8813 يوق

1

تېما

0

دوست

237

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
52
توردا
79 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 17:04:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   perzent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-27 17:10  

«A710e一键ROOT.exe» دېگەن بۇ دېتالمۇ بولىدۇ، A710e ۋە C8950d لاردا بىر كونۇپكا بىلەنلا root ھوقۇقى ئېلىش مەشغۇلاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. يانفۇننى يېشىپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىسىز.
چۈشۈرۈش

1

تېما

0

دوست

350

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
2
جۇغلانما
134
توردا
69 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 10:42:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تېلفونۇم 华为T8950D ئىدى، تېلفوننى ئالغاندا روتلاغلىق ھالەتتە ئالغا كيىن ئۆزۈم سېستىما قاچىلاپ باقاي دەپ سېستىما قاچىلاپ باققان.    لىكىن سېستىما قاچىلغاندىن كىيىن روتلىيالمىدىم، توردا دىيىلگەن ئۇسۇللارنىڭ نەچچە 10 خىلىنى سىناپ باقتىم، كۆپ قىسمىدا مەغلۇپ بولدۇم.   2-3 دە روتلاش مۇۋاپىقيەتلىك بولدى گەپ چىقتى لىكىن، قارسام روتلانماپتۇ.    سورايدىغان سۇئالىم روتلانغان تېلفۇنغا قايتا سېستىما قاچىلغاندىن كىين ئۇنىڭ قۇلۇپپىنى يىشىش كىرەكمۇ؟          مۇشۇ تېلفوننى روتلاپ باققانلار، ياردەم قىلساڭلا.

7

تېما

4

دوست

874

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
32
جۇغلانما
149
توردا
412 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:07:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاغان مەزگىلىدە قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرىنى ئىلتىماس قىلىش بەك تەس بولدى دېسە،ئۈچ قېتىم ئىلتىماس قىلىپ قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرىغا تەستە ئىرىشتىم.

8

تېما

4

دوست

613

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
162
توردا
109 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sony مۇ ئاشتا باشتا قۇلۇپ ئىچىش پارۇلىغا ئىرىشىش ئۈچۈن پايپىتەك قىلۋىتىدۇ .ئادەمنى....
يارايسىز مەنمۇشۇ خواۋېينى روتلاشنى بىلىۋالدىم.
كۆزنەك8 نى 100 يۈەنگە قاچىلاپ بىرىمەن.

1

تېما

0

دوست

237

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
52
توردا
79 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 00:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمامغا بىر ئاقچىمۇ چۈشمەپتۇ-يا؟

1

تېما

0

دوست

353

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
62
توردا
165 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 00:58:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Handset_WinDriver.zip   بۇ دىتال چۇشمەيدىكەن غۇ

1

تېما

0

دوست

353

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
62
توردا
165 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 01:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشۇرۇش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز

0

تېما

0

دوست

78

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
23
توردا
12 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 21:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى ، مەندە c8950d يانفۇنى بار ئىدى يۇقۇردىكىگە ئوخشاش شىركەتكە يوللىغان ئىدىم . 15كۈن ساقلىغان بولساممۇ ئەۋەتىپ بەرمىدى . ئىچىم سىقىلىپ刷机大师 بۇ  سېستىما ئارقىلىق rom قاچىلىغان ئىدىم  بىراق تېلفۇندا 华为 بەلگىسى چىقىپ ئۈندەش بەلگىسى ئاستىدا 4قۇر ئېنگىلزچە خەت چىقىپلا تېلفۇن قوزغالمىدى .  سەمىمى ياردەم سورايمەن ..رەخمەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-5-30 04:05 , Processed in 0.367317 second(s), 29 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش