ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 729 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 691|ئىنكاس: 13

مۇنبەر باشلىقى، باشقۇرغۇچىلار ۋە بارلىق ئەزالارغا تەلەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1097

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
301
توردا
426 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 17:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى. ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن. شۇنداقلا تېلېفونىڭلارنى ئۆز ئارزۇيۇڭلاردىكىدەك قىلسۇن(چاقچاق-ھە). ئەمدى ئەسلى مەقسەدكە كەلسەم.
(سۆزۈم سەل كۆپرەك. ئەمما ۋاقىت چىقىرىپ، ئەستايىدىل ئوقۇپ قويۇڭ. زىيىنى تەگمەيدۇ.)
ئاخىرىغا كەلگەندە ئۆزىڭىز تەۋە بولغان تۈرنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن باشقۇرغۇچى بولسىڭىز، باشقۇرغۇچىلارغا دېگەن تۈرنى، ئەزا بولسڭىز، ئەزالارغا دېگەن تۈرنى كۆرسىڭىز مەقسىدىمنى چۈشىنەلەيسىز.
      ئالىپ تېخنىكا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر يانفونچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى ھەقىقەتەن تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ مەندەك تېلېفون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن. بۇ تور بەتكە كىرگەنلىرىمىز ئاساسلىق ئىككى خىل مەقسەد بىلەن كىرىمىز. بىرى ئۆگىنىش، يەنە بىر ئۆزىمىز بىلگەننى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش. مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە كۈنىگە بىر قانچە قېتىم كىرىمەن. يېڭى تېمىلار، يېڭى بىلىملەر، يېڭى خەۋەرلەر بولسا كۆرەرمەنمىكىن دەپ. مېنىڭچە باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق.
         بىر توربەتنى قۇرۇپ، بۇنچىلىك راۋاجلاندۇرماق ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئىخلاسمەن تېرىشچان ئەگەشكۈچىلەر كەم بولسا بولمايدۇ. مۇنبەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئادەملەر كۆپ بولغانسېرى، باشقۇرماقمۇ سەل قولايسىز بولۇپ قالىدىغان گەپ. ھازىر مۇنبەردە موشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە خىل ئەھۋال سادىر بولۇۋاتىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارغا تەلەپ:
باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلاشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئىشلىتىپ(ئازراق جاپانى ئارتۇق چېكىپ، چۈنكى سىلەر باشقۇرغۇچى ئەمەسمۇ، ھوقۇق بولغاندىن كېيىن، ھوقۇقنىڭ جاپاسىمۇ باردەـ(چاقچاق، ئارتۇق سۆزلەپ قويغىنىم بولسا چاقچاق، لېكىن سەمىمىي تەلەپ))، تەستىقلانغان تېمىغا نىسبەتەن، ئەستايىدىل تەھرىرلەش ئېلىپ بارساڭلا (تېمىنىڭ مەزمۇنىنى تەھرىرلەپ بولۇشقا ئەلۋەتتە يېتىشىپ بولالمايسىلە). تېمىنى تېما تەۋە بولغان سەھىپىگە قويۇشقا ئەھمىيەت بەرسەڭلا. ھەممىدىن مۇھىمى تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئەستايىدىل ئويلاشساڭلار، تېما تەستىقلاشتا، بىز ئەزالار تېما يازساق بەزىدە ماۋزۇسىنى ياخشى قويالمايدىغان ئەھۋاللار سادىر بولۇپ قالىدۇ.   بۇنى سىلەر تولۇقلاپ ياخشى باشقۇرۇپ كەتسەڭلار. مەسىلەن: ماۋزۇسىغا پەقەتلا «ياردەم قىلساڭلار» ياكى «جىددىي ياردەم قىلساڭلار» دېگەندەك تېمىلارغا نىسبەتەن، بۇ ماۋزۇنى كۆرگەن ئادەم نېمىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، تېمىنى كۆرۈپ چىقىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىغۇ، مۇۋاپىق ئىنكاس يازار، ئۇنداق بولمىغاندا، شۇ ئادەمنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا،  مۇنبەرگە كىرگەن ئادەم تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ، تېما يوللىغۇچىنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنى چۈشىنەلىگۈدەك بولسا (بۇ ئەسلىدە تېما يوللىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى، لېكىن ئۇلار شۇنداق قىلىپ بولالمىغان بولسا)، تەستىقلانمىغان تېمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى ئۇقتۇرۇپ قويساڭلا.  بۇ ھەقتە مېنىڭ قورساق كۆپۈگۈم بار.
ئەزالارغا تەلەپ:
تېما يوللاشتا:
1)تېما يوللاشتىن بۇرۇن يوللىماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل بىر ئويلىنىۋېتىپ ئاندىن يوللىساڭلار. تېمىنىڭ ماۋزۇسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئويلانساڭلا. مۇنبەرگە كىرگەن ئادەم تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ، تېما يوللىغۇچىنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنى چۈشىنەلىسە، بۇنداق بولغاندا مۇنبەرگە كىرگەن ئادەم تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ-دە. ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، تېمىغا كىرىدۇ، ئىنكاس يازىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، تېما زىيارەت قىلغۇچىنىڭ ۋاقتى بىھۇدە ئىسراپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېما يازغاندا بولۇپمۇ ياردەم سوراپ تېما يازغاندا، ئالدى بىلەن ئۆزەڭلار يازماقچى بولغان تېمىغا ئوخشاپراق كېتىدىغان تېمىلاردىن ياردەم ئىزدەپ بېقىپ، پەقەت بولمىغاندا، ئاندىن تېما يوللىساڭلا. بولۇپمۇ ماۋزۇغا «جىددىي ياردەم قىلساڭلار»، «ياردەم قىلساڭلار» دېگەندەك ماۋزۇلارنى قويمىساڭلا. ماۋزۇنىڭ نېمىدىن جىددىي ياردەم قىلىش كېرەكلىكى، نېمىدىن ياردەم قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇرغان بولسا.
2) تېمىنىڭ مەزمۇنىغا نىسبەتەن، ئىملانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىنتايىن مۇھىم. ياخشى بىر تېمىنى يوللىغان بولسىڭىز. ئىملانى توغرا يازمىسڭىز تېمىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئىملاغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئىشلەتكەن سۆز ئىبارىلەرنىڭ ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. تېمىنى يېزىپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ھاپىلا-شاپىلا يوللىۋەتمەي، بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ، تەھرىرلەپ ئاندىن يوللىساڭلا.
ئىنكاس يېزىشتا:
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يازمىساڭلار. بۇنداق بولغاندا، تېمىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە ئىنكاس پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىلەر، ئوخشاشلا تېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر. ھازىر مۇنبەردە موشۇنداق خارەكتېردىكى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە بەزى ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقلاش ھاجەتسىز بولغاچقا، يازغان ئىنكاس بىراقلا كۆرۈنىدىكەن-دە موشۇنداق قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا ئىنكاسىڭلارنى تەستىقلاش زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئەزالار موشۇ خىل ئەھۋالنى سادىر قىلىشتىن ساقلانساڭلا.

يۇقارقىسى بۇيرۇق ئەمەس تەلەپ، بىز ئالىپ مۇنبىرىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن نەپ ئالىدىكەنمىز. بۇ مۇنبەرنىڭ ساپلىقىنى قوغدىشىمىز، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز. تېخىمۇ ياخشى بىلىملەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن، قوشالىغۇدەك تۆھپىمىز بولسا، قوشساق، بۇ سىز ئۈچۈن، مەن ئۈچۈن، ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىش.  ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، موشۇنداق بىر ياخشى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈرسەك.

بەك جىق سۆزلەپ قالدىم. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
ئاخىرىدا، باشقۇرغۇچىلار، بۇ تېمامنى تەستىقلىمىساڭلارمۇ مەيلى.

2

تېما

0

دوست

1004

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
295
توردا
153 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 17:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىغان گەپ.ئەسلىدىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەكتى.مەن قوللايمەن،

247

تېما

38

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2535
جۇغلانما
1245
توردا
5603 سائەت
نادىر
29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 18:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىركەن، قوللايمىز.

تېمام نېمىشقا تەستىقلانمىدى دېگەنلەر سەۋەبىنى ماۋۇ تېمىدىن كۆرۈڭلار.
ئالپ تورىدا تەستىقلانمايدىغان تېمىلار

مۇنبەر قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن، تېمىسى تەستىقلانمىغانلارغا تەستىقلانماسلىق سەۋبىنى يازسا تېما يازغۇچىلارغا بارمايدىكەن، شۇڭا تېمىسى تەستىقلانمىغانلارنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبى ئۇقتۇرۇلمايدۇ. تەستىقلىنىپ، ئۆچۈرۈلگەن تېما بولسا ئۆچۈرۈش سەۋەبى ئەسكەرتىلدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

1

تېما

0

دوست

545

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
142
توردا
147 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 19:02:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەخ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىپسىز دوستۇم، مەنمۇ خېلى ئۇزۇندىن بېرى سىزدەك ئويلىغان بولساممۇ لېكىن سىزدەك ئىپادىلەش (بولۇپمۇ ئويلىغاننى يېزىقتا راۋان ئىپادىلەش) قابىلىيتىم سەل تۆۋەن بولغاچقا مۇشۇ توغرىلىق بىرەر تېما يازالماي يۈرەتتىم. بۈگۈن مانا سىز مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى چۈشىنىشلىك ھەم تەپسىلىي قىلىپ يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە.
مەن بولۇپمۇ مۇشۇ ئىنكاسنىڭ مەزمۇنلۇق، پايدىلىنىش قىممىتى بار بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەن تېما كۆرگەندە ھەممە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقىشىقا بەك قىزىقىمەن، لېكىن بەزى تېمىلارغا يېزىلغان يايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەن ياكى قىممىتى يوق ئىنكاسلارنىڭ تولىلىقى مېنىڭ بۇ قىزىقىشىمغا سۇ سەپتى. مەن ئۆتكەندە بىر تېمىنى كۆرسەم 150 دىن ئارتۇق ئىنكاس بار ئىكەن، مەن زېرىكمەي ھەممە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقتىم. لېكىن ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كەتكەن ۋاقتىمغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى، چۈنكى خېلى كۆپ ئىنكاسلارنى ئوقۇغۇنىمنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمىدى. بىر قىسىم ئىنكاسلار تەكرار يوللانغان، بىر قىسىملىرى باشتا يوللانغان ئىنكاس بىلەن مەزمۇنى ئوخشاش ئىكەن.
بۇ مۇنبەردە تۆردە ئولتۇرغانلارغا گۆش پولۇ ئەكەلمىگەندىكىن تۆر (يەنى دىۋان ياكى گىلەم) تالاشماي ئىنكاسىمىزنىڭ مەزمۇنىغا كۆڭۈل بۆلسەك دەپ قارايمەن.
يەنە بىرى تېما يازغۇچىلارمۇ ئىنكاس كۆپ يېزىلسا خۇشال بولۇپ كېتىدىغان، ئىنكاس ئازراق بولۇپ قالسا كۆڭلى يېرىم بولىدىغان تۇيغۇدا بولمىسا ئىكەن دەيمەن. چۈنكى تېمىنى ئىنكاسنى دەپ ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىنى مەقسەت قىلىپ يازغاندىكىن پەقەتلا كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا دىققەت قىلسا يېتەرلىك.

3

تېما

0

دوست

973

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
4
جۇغلانما
303
توردا
304 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 21:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، يەنە  ئازراق قوشۇمچە قىلىپ قوياي ، ئەيىپكە بۇررىماڭلار ئۇستازلار ،قايتا يىزىلىپ قالغان ۋە ۋاقتى ئۆتكەن بايدىلىنىش قىممىتى يوق تىمىلارنى ئۆچۈرۋەتسەك بەزىلىرىمىزتىزىملىتىپ قويۇپ ئاقچە تۇلۇقلىيالماي  ۋە شىفىرنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، باشقا نامدا كىرگەنلەرمۇ  بار ،شۇڭا تىزىملاتقان نامدا ئۈچ ئايغىچە كىرمىگەنلەرنىڭ ئەزالىق نامى ئۆچۈرۈلسە .

1

تېما

3

دوست

978

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
266
توردا
409 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 21:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئۇررۇنلۇق بۇلۇپتۇ ، مەن قەتئى قوللايمەن ، بىراق باشقۇرغۇچىلارغا جاپا بۇلىدۇ ، شۇنداق بۇلسىمۇ ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن غەيرەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

7

تېما

4

دوست

874

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
32
جۇغلانما
149
توردا
412 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 22:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ موشۇنداق بولغاندا ھەممە ئىش تەرتىپلىك بولىدۇ،
خەتلەرنىڭ ئىملاسنى قانداق توغۇرلايمىز موشۇ توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرساڭلار.

3

تېما

1

دوست

538

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
166
توردا
142 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 23:25:30 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئوبدان گەپلەركەن.

11

تېما

4

دوست

1688

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
654
توردا
222 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 23:43:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئال يوللىغان ۋاقتى  2013-2-25 22:42
بەك ياخشى بوپتۇ موشۇنداق بولغاندا ھەممە ئىش تەرتىپلىك  ...

http://imla.uyghurdev.net  مۇشۇ ئادرېسقا كېرىپ يازغان خەتلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرىلىسىڭىز بولىدۇ

1

تېما

2

دوست

696

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
28
جۇغلانما
209
توردا
212 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 23:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ ،مەن قوللايمەن.مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە كۈنىگە بىر قانچە قېتىم كىرىمەن. تېما يازغاندا بولۇپمۇ ياردەم سوراپ تېما يازغاندا،خەتلەرنىڭ ئىملاسنى قانداق توغۇرلايمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-5-30 22:10 , Processed in 0.243079 second(s), 21 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش