ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 729 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1301|ئىنكاس: 10

پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 20 تور بېكەت رەت تەرتىپى››بېلۋىلىڭ‹‹

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

4

دوست

947

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
308
توردا
133 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 19:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا  پەن تېخنىكا  بىلوگى-BusinessInsider  يېقىندا ماقالە  يېزىپ،پۈتۈن يەر  شارى بويىچەئەڭ چوڭ 20 تور  بېكەتنى خۇلاسىلەپ  چىققان.بۇ چوڭ تور بېكەتلەر  رەت  تەرتىپىنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىلغىنى بولسا داڭلىق ئىزدەش ماتور كاتتىبېشى-گوگۇل تورى بولماستىن بەلكى،ئامېرىكىدىكى باشقا  بىر شىركەت  بولۇپ چىققان.دىققەت قىلىشقا  ئەرزىيدىغىنى شۇكى،جۇڭگودىكى 5 تور بېكەت بۇ قېتىملىق Top 20 تىزىملىكىگە كىرگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىغا تىزىلغىنى تېڭشۈن تورى،يەنى QQ.com بولغان.تېڭشۈن تورىنىڭ مۇستەقىل  زىيارەت قىلىنىش سانى 284 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمگە يېتىپ،بۇ رەت  تەرتىپتە  دۇنيا  بويىچە 7-ئورۇندا  تۇرغان.

تۆۋەندە،بىز بىرلىكتە بۇ يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ 20 تور بېكەتنى كۆرۈپ باقايلى!

1.Facebook.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:836 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:ئىجتىمائىي ئالاقە  تورى
    ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى ھەم قوشۇمچە  CEO سى مارك زۇكېربېرگ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا بۇ تور بەتنى ئېلان قىلغان بولۇپ،دەسلىپىدە،بۇ تور بېكەت پەقەت  خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنلا  ئېچىۋېتىلگەن.لېكىن كېيىنلىكتە  بولسا  ناھايىتى تېزلىكتە باشقا  ئۇنۋېرسىتىت ۋە ئۇتتۇرا  مەكتەپلەرگىچە  كېڭەيگەن ھەم ناھايىتى تېزلىكتە مودا بولۇشقا  باشلىغان.

2. Google.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:782 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:تور ئىزدەش ماتورى
ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا،گوگۇل تورى نىسبىي تويۇنغان تور ئىزدەش ماتورى بازىرىغا كىرگەن بولۇپ،بۇ تور بەت ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى،ئاددىي بولغان باش بەت لايىھىسى ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئېستىمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ،بۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققان.نۆۋەتتە،بۇ تور بېكەت  يەنىلا Gmail ئېلخەت  ساندۇقى،گوگۇل  خەرىتىسى،Google+  ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇلازىمەتلەر  بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ،ئۆز  نۆۋىتىدە،ئۇ يەنە  كىشىلەرنىڭ تور زىيارەت قىلىش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلغان.


3.YouTube.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:721 مىليون 900 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:ۋېدىئولارنى تورغا چىقىرىش،ھەمبەھىرلىنىش،كۆرۈش تور  بېكىتى
   ئۆسۈپ يېتىلىش  تارىخى:2006-يىلى،گوگۇل شىركىتى YouTube نى سېتىۋالغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ تور بېكەتنى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە داڭلىق چولپانلارنىڭ  دىققەت قىلىشىغا نائىل قىلغان.شۇنىڭدىن باشلاپ،كىشىلەر YouTube  تورىغا چىقىپ قىزىقارلىق ۋېدىئولارنى كۆرۈشكە  قىزىقىشقا  باشلىغان  ھەم مۇشۇ تور بېكەتتە Justin Bieber قا  ئوخشاش يېڭى سەنئەتكارلارنى بايقاشقا باشلىغان.


4.Yahoo.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:469 مىليون 900 مىڭ ئادەم قېتىم
  تور بېكەت تەسۋىرى:ئىزدەش ماتورى ھەم سۇپىسى بولۇپ،Yahoo Finance ۋە Flickr قاتارلىق باشقا مۇھىم ئىقتىدارلىرىمۇ بار.
   ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:ياخۇ تورى بولسا 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا دۇنياغا  كەلگەن ئىپتىدائىي Web تورى بولۇپ،ئابونتلار  ھەمىشە ياخو تورىغا چىقىپ،خەۋەر كۆرۈش،تەنتەربىيە مۇسابىقە ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش،مالىيە-ئىقتىساد،شۇنداقلا ياخۇ ئېلخەت مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.


5.WIkipedia.org
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:469 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:ھەقسىز تور ئېنسىكلوپىدىيە سۇپىسى
   ئۆسۈپ يېتىلىش  تارىخى:ۋىكى ئېنسىكلوپىدىيىسى ئابونتلارنىڭ بۇ توربېكەتتە مەزمۇن ئېلان قىلىش ۋە تەھرىرلىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بولۇپ،بۇمۇ دەل بۇ تور بېكەتنىڭ مائارىپ تەربىيلەش مەزمۇنلىرى مول بولغان ئاساسلىق تور بېكىتى بولالىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.Answers.com تورىغا ئوخشىغان ھالدا،ۋىكى تورىنىڭ ئاساسلىق زىيارەت قىلىنىش  سانىمۇ گوگۇلنىڭ زىيارەت قىلىشىدىن كەلگەن.

6.Live.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:384 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:مىكروسوفتنىڭ يېڭى ئېلخەت مۇلازىمىتى
   ئۆسۈپ يېتىلىش  تارىخى:مىكروسوفت شىركىتى Outlook、Hotmail   دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېلخەت مۇلازىمەت سۇپىسىغا  ئىگە بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى چوڭ ئېلخەت  مۇلازىمىتىنى Live.com ئارقىلىق ئاندىن زىيارەت قىلغىلى  بولىدۇ.ھازىر ئەگەر سىز Hotmail.com、Outlook.com دەپ كىرگۈزسىڭىز،ھەممسىلا Live.com قا  ئۇلىۋېتىلىدۇ.


7.QQ.com

مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:284 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:جوڭگودىكى ئىزدەش ماتورى ھەم باش توربېكىتى
     ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى QQ.com نىڭ ساھىبى بولسا تېڭشۈن شىركىتى بولۇپ،بۇ تور بېكەت جۇڭگو بويىچە ئەڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ئىگە بولغان ئۇچۇر ئالاقە مۇلازىمىتىنى بارلىققا  كەلتۈرگەن.بۇ تور بېكەتنىڭ دەل ۋاقتىدىكى ئۇچۇر ئالاقە مۇلازىمىتىنىڭ ئابونتلىرى 700 مىليوندىن ئارتۇق ھەركەتچان ئابونتقا ئىگە.بۇ تور بېكەتنىڭ زور بولغان ئابونتلار  قوشۇنى بۇ شىركەتنىڭ QQ بوشلۇقى،تېڭشۈن مىكرو بلوگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا  مۇلازىمەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

8. Microsoft.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:271 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم
   تور بېكەت تەسۋىرى:يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىش،مىكروسوفت يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش ھەم يېڭىلاش تور بېكىتى
   ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كومپىيوتېرلار مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات  سېستىمىسىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچدىكى كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر Microsoft.com ئارقىلىق مۇلازىمەت ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ ھەم باشقا ئىقتىدارلارنىڭ  قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.


9.Baidu.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:268 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم
   تور بېكەت تەسۋىرى:جوڭگودىكى ئىزدەش ماتورى بولۇپ،تور بەت،ئۈن سىن،رەسىم قاتارلىق ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:بەيدۇ تورى بولسا جۇڭگودىكى ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئىزدەش  ماتور تور بېكىتى بولۇپ،بۇ تور بېكەت جۇڭگودىكى  نەچچە مىڭ ئىلغار ئېنژىنىرلار  قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ،ئىزدەش  ماتورىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلۈكسىز  يېڭىلاپ،ئىزدەش ماتورىنىڭ سۈپىتى ھەم ئىنكاس سۈرئىتىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ كەلمەكتە.


10.MSN.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:254 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:مىكروسوفتنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئېنتىرنېت تور ئۇچۇر توپلىمى
ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:MSN ئاللىقاچان ISP دىن تەرەققىي قىلىپ توردىكى مۇلازىمەت توپلاشتۇرۇلغان بىر تور بېكەتكە  ئايلانغان بولۇپ،بۇ ھازىر Hotmail、MSN Messenger قاتارلىقلارنى ئۆز  ئىچىگە ئالغان مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.


11.Blogger.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:229 مىليون 900 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:مىكرو بىلوگ سۇپىسى
   ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:ئەڭ دەسلەپتە،Blogger بولسا سان فىرانسىسكودىكى ناھايىتى كىچىك بىر شىركەت  بولۇپ،ئېنتېرنېت تور كۆپۈكلىرى ۋەيران بۇلۇشقا ئاز قالغاندا،بۇ شىركەتمۇ ناھايىتى خەتەرلىك ھالەتكە  چۈشۈپ قالغانىدى.لېكىن 2002-يىلى گوگۇل شىركىتى بۇ شىركەتنى سېتىۋالغاندىن كېيىن،Blogger مۇ قايتىدىن گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.


12.Ask.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:218 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:ئىزدەش ماتورى
   ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا،Ask.com نىڭ ئەسلى ئاساسى AskJeeves ئىدى.ئانا شىركەت IAC بۇ About.com نى سېتىۋالغاندىن كېيىن،Ask ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگە نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنى قۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە  بولغان.


13. Taobao.com

مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:207 مىليون  ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:جۇڭگودىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا تور بېكىتى
ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:eBay  ۋە ئامازون تور بېكەتلرىگە ئوخشاش،تاۋباۋ  تورىمۇ پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ توردىكى سودا قىلىش تور بېكىتىنىڭ بىرىدۇر.2003-يىلى،ئالى بابا ئابونتلار ئۈچۈن تاۋباۋ  تورىنى يولغا  قويغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا دۇكان ئېچىپ مال سالسا  ھېچقانداق ھەق ئالمىغان،مانا بۇ سەۋەبتىن،ئۇ توردىكى مال سېتىش دۇنياسىنىڭ گىگانت ئادىمىگە .ئايلانغان.



14.Twitter.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:189 مىليون 800 مىڭ  ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىش سۇپىسى
ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:Twitter تورى 2009-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ،ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن ھەم پۈتۈن يەر شارىدىكى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىنىشىدىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلانغان.ئاخبارات ئورگانلىرى،سىياسىي شەخىسلەر ھەم كەسىپ تىجارەتچىلىرىنىڭ بەس بەستە بۇ تورغا قۇشۇلۇشى، Twitter نى ناھايىتى مۇھىم بولغان ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندۇرغان.

15.Bing.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:184 مىليون  ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:تور ئىزدەش ماتورى
ئۆسۈپ يېتىلىش  تارىخى:مىكروسوفت شىركىتى ئىزچىل ھالدا Bing.com  تورىغا قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ھەم ئىجتىمائىي ئالاقە يان سىتونى قۇرۇش،ھېساپلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تىرىشچانلىق بىلەن بۇ تور ئىزدەش  ماتورىنىڭ ئەپلىك ئىشلىتىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،مىكروسوفت شىركىتى باشقا تور بېكەتلەرگە ھەق بېرىپ،Bing.com  نى ئۇلىنىش قىلغان.



16.Sohu.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:175 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:جۇڭگودىكى باش تور بېكەت ھەم ئىزدەش ماتورى
   ئۆسۈپ يېتىلىش  تارىخى:سوخۇ 1997-يىلى  قۇرۇلغان بولۇپ،ئۇ جۇڭگودىكى تۇنجى تور ئىزدەش ماتور  شىركىتى ھەم ئۆزلۈكسىز  تەرەققى قىلىپ بىر غايەت زور باش تور بېكەتكە ئايلانغان،ھازىر بۇ تور بېكەتنىڭ ئىلكىدە ئويۇن ئويناش تورى ۋە ئۆي مۈلۈك تورى بار.

17.Apple.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:171 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:ئالما مەھسۇلاتلىرى،يۇمشاق دېتاللىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە سېتىۋىلىش تورى
   ئۆسۈپ يېتىلىش  تارىخى:Apple.com دا،ئالما شىركىتىنىڭ Apple Store نىڭ ئۇچۇرى ھەم بارلىق ئالما  مەھسۇلاتلىرىنىڭ خېرىدارلارنى قوللاش بەتلىكى بار بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تور بېكەت،ئالما شىركىتىنىڭ تور زىيارەتچىسى Safari تونۇيدىغان ئاساسىي بەت.


18.WordPress.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:170 مىليون 900 مىڭ ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:مىكرو بىلوگ سۇپىسى
ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:WordPress ناھايىتى ئاسان مەشغۇلات  قىلغىلى بولىدىغان مىكروبىلوگ ھەم تور بەت ئېلان قىلىش قورالى بولۇش  سۈپىتى بىلەن،زور تۈركۈمدىكى ئابونتلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان.


19.شىنلاڭ تورى-Sina.com.cn
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:169 مىليون  ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:ئابونتلارنى مېدىئا مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان جۇڭگودىكى باش تور بېكەت
ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى:21-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلا،شىنلاڭ تورى < جۇڭگونىڭ ياخۇسى> دەپ ئاتالغانىدى.2009-يىلى شىنلاڭ تورى مىكروبىلوگ مۇلازىمىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،نۆۋەتتە ئۇنىڭ بۇ تۈر  مۇلازىمىتىنىڭ ئابونتلىرى 400 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.


20.ئامازون تورى-Amazon.com
مۇستەقىل زىيارەت قىلغۇچىسى سانى:163 مىليون ئادەم قېتىم
تور بېكەت تەسۋىرى:توردا مال سېتىۋىلىش تور بېكىتى
   ئۆسۈپ يېتىلىش  تارىخى:ئامازون تورى دەسلەپتە يولغا  قۇيۇلغاندا،پەقەت ناھايىتى ئازلا  خادىملىرى بولغان كىچىك بىر شىركەت ئىدى،ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسلىق تىجارىتى بولسا ئوراپ قاچىلاش ۋە  نەشىر بۇيۇملىرىنى تۇشۇش ئىدى.لېكىن ئامازون تەدرىجى زورىيىپ،شۇنداقلا  ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسى-Kindle Fire  تۈز ئېكرانلىق كومپىيوتېرىنى بازارغا  سالغان.
سېرلىق بىز

6

تېما

5

دوست

1010

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
236
توردا
401 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 20:09:58 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلىنىش تورى دۇنيا بويىچە قانچىنچى ئۇرۇندا تۇرا؟

1

تېما

0

دوست

407

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
7
جۇغلانما
33
توردا
247 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 20:43:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر تور پۈتۈن ئۇچۇق ھالەتتە بولسا،بەلكىم بۇ دەرىجە بولماسلىقى مۇمكىن

247

تېما

38

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2535
جۇغلانما
1245
توردا
5603 سائەت
نادىر
29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 21:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلارنى باشقا يەردىن كۈچۈرۈپ ئەكەلگەن بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

ئالپ تورىغا يوللانغان تېمىلارنىمۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا تەكرار يوللايدىكەنسىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

3

تېما

1

دوست

420

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
132
توردا
106 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 22:34:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ Facebook مۇ بىزنىڭ دۆلەتتە نورمال ئېچىلىپ ،سىرىىتتىكىلەر بىلەن نورمال ئالاقىلاشقىلى بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى .....

باھا سۆز

-______________  ئوغۇرلۇقچە چىقسىڭىز بولىدۇ...  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 17:33

0

تېما

0

دوست

344

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
9
جۇغلانما
139
توردا
56 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 23:24:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ask نوقۇل ئىزدەش تورى ئەمەس ، سوئال جاۋاب تورى

5

تېما

2

دوست

1363

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
404
توردا
331 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 03:13:41 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى قانداقمۇ پۈتۈن يەرشارى دىگىلى بولسۇن، ما ھىلىگەرلەر تۈپەيلى …

15

تېما

3

دوست

1039

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
277
توردا
190 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 13:10:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qagiliq يوللىغان ۋاقتى  2013-2-23 20:09
ئۇلىنىش تورى دۇنيا بويىچە قانچىنچى ئۇرۇندا تۇرا؟

http://alexa.chinaz.com/?domain=ulinix.com

http://alexa.chinaz.com/?domain=ulinix.cn

3

تېما

6

دوست

2115

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
813
توردا
174 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 14:44:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە كۆڭۈل ئىچىش خاراكىتىدىكى تور بىكەتلەرنىڭ، دەرىجىسىنىڭ  يۇقىرى بۇلىشى نېمىدنن دىرەك بېرىدۇ؟
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

0

تېما

0

دوست

288

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
88
توردا
25 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 16:05:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلنىىش تورى قانچىنچى ئورۇندا تۇردىغاندۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-5-30 15:17 , Processed in 0.123994 second(s), 22 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش