<<مەن ۋە نەۋرۇز>> تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئىنتىل نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش جەريانى
بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز شۇكى: خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان «نەۋرۇز بايرىمى» نى تەبىرىكلەش ۋە بۇ بايرام ئەھمىيىتىنى قېرىنداشلىرىمىزغا ھېس قىلدۇرۇش، ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى قەدىرلەشتەك روھىنى جارى قىلدۇرۇش.
1. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار: ئىنتىل مەكتىپىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن باشقا ھەر قانداق بىر كىشى قاتناشسا بولىدۇ. قاتناشقۇچىلار نەچچە تۈرگە قاتنىشىشقا ئىقتىدارى يەتسە شۇنچە تۈرگە قاتناشسا بولىدۇ.
2. مۇسابىقە شەكلى: ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى، ئېنگلىز تىلى، تۈرك تىلى، كومپيۇتېر قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئايرىم – ئايرىم مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3. مۇسابىقە ئورنى: مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى مەكتىپىمىزنىڭ ئېلخەت ئادېرىسىغا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ.
ئەسەرلەر ئېلخەتكە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئەۋەتىلىدۇ:
ئۇيغۇر تىلى ئەسەرلىرى: xjintil1@163.com
خەنزۇ تىلى ئەسەرلىرى: xjintil2@163.com
ئېنگلىز تىلى ئەسەرلىرى: xjintil3@163.com
تۈرك تىلى ئەسەرلىرى: xjintil4@163.com
كومپيۇتېر ئەسەرلىرى: xjintil5@163.com
بۇ ئېلخەت ئادېرىسلىرىنىڭ ھەممىسى xjintil نىڭ كەينىدە 1 دېگەن ساندىن 5 دېگەن سانغىچە تەرتىپ بار. بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلغايسىزلەر.
4. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋاقتى: 2013- يىل 2- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12:00 دىن 2013- يىل 3- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12:00 گىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى قوللىنىدۇ).
تىل ئەسەرلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىدا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى سىياسەتلىرىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىت ئىدىيەلەر بولماسلىقى كېرەك. ساغلام بولغان ئىجادىي كۆز قاراشلار ئىپادىلىنىشى كېرەك.
2. ئەسەرلەرنىڭ ژانىرىغا چەك قويۇلمايدۇ. لېكىن ئەسەر تېمىسى چوقۇم «مەن ۋە نەۋرۇز» دېگەن تېمىدا بولۇشى كېرەك. ئەسەرنى يۇقىرىدا دېيىلگەن 4 خىل تىلنىڭ قايىسسىدا يازسىڭىز بۇلىۋېرىدۇ. كۆپ خىل تىلنى بىلسىڭىز كۆپ خىل تىلدا بىر نەچچە پارچە ئەسەرنى بىرلا ۋاقىتتا قاتناشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3. ئەگەر ئەسەرلەر تەرجىمە ئەسەر بولسا چوقۇم ئەسلى ئاپتورى ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئەسەر ئىچىدە باشقا ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان مەزمۇن بولسا چوقۇم ئەسلى ئاپتور ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆچۈرسىڭىز قانۇنى مەسئۇلىيەتكە ئۆزىڭىز ئېگە بولىسىز. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار چوقۇم ئەسەرلەرنى ئۆزى يېزىشى كېرەك. ۋاكالىتەن يازدۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.
4. سىز ئەسەرلەرنى مەيلى قايسى تىلدا يېزىڭ، ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسى قەتئىي توغرا بولۇشى كېرەك. ژانىرى ئاپتور تەرىپىدىن ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
5. باھالاش گۇرۇپپىمىز سەمىمىي ۋە ئوچۇق ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھەر بىر ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى ئۆلچىمى بويىچە باھالاپ چىقىدۇ ۋە تور بېكتىمىزدە ئاشكارا ھالدا تەشۋىق قىلىنىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سەمىمىيلىك ئەڭ ياخشى سىياسەت.
6. ئەسەرلەرنىڭ بارلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەي ئاپتورغا تەۋە بولىدۇ. مەكتىپىمىز ئەسەرلەرنىڭ ھېچقانداق ئېگىدارچىلىق ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلمايدۇ.
7. تىل ئەسەرلىرىنى ئەسەر بىلەن بىرگە، شەخسىي ئۇچۇرلىرىدىن ئىسىم – فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى بىرگە قوشۇپ ئەسەر بىلەن بىر ھۆججەتكە پرىسلاپ يۇقىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئېلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتىپ بېرىسىز.
كومپيۇتېر ئەسەرلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
قاتنىشىش تۈرى: تەكشىلىك ئېلان – سەنئەت لايىھەسى. لايىھە تېمىسى: «مەن ۋە نەۋرۇز».
لايىھەگە قويىدىغان تەلەپ ۋە ئۆلچەملەر:
1. رەڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، رەڭ سەنئىتى.
2. بەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بەت تىزىش ئۇسۇلى.
3. لايىھە ئېنىقلىقى ۋە ئىشلىتىلگەن سۈرەتلەرنىڭ سۈزۈك، پاكىزلىقى.
4. لايىھەنىڭ مەزمۇن – مەناسى، لايىھە چوڭ – كىچىكلىكى ۋە بەت ئۆلچىمى.
5. لايىھەنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇنلار ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىت مەزمۇنلار بولماسلىقى، باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك.
ئەسكەرتىش: تەكشىلىك ئېلان – سەنئەت لايىھە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار يۇقارقى مەزمۇنلارنى زىچ ماسلاشتۇرغان ھالدا سۈپەتلىك لايىھەدىن بىر پارچىلا ئەۋەتسە بولىدۇ. لايىھە پۈتكەندىن كېيىن لايىھەنىڭ JPG نۇسخىسى ۋە PSD نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بېرىسىز. ھەم، شەخسىي ئۇچۇرلىرىدىن ئىسىم – فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى بىرگە قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىڭ. كومپيۇتېر ئەسەرلىرىنى ۋە ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىر ھۆججەتكە پرىسلاپ xjintil5@163.com غا ئەۋەتىسىز.
مۇكاپاتلاش ئۆلچەملىرى ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
مۇكاپات سانى:
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: 5 نەپەر. ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى: 32500.00 يۈەن.
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: 5 نەپەر. ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى: 17500.00 يۈەن.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: 5 نەپەر. ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى: 7500.00 يۈەن.
ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: 5 نەپەر. ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى: 2500.00 يۈەن.
مۇكاپات سوممىسى:
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى: نەق پۇل 1500.00 (بىر مىڭ بەش يۈز) يۈەن. 5 مىڭ يۈەنلىك مەكتىپىمىزنىڭ بىر يىللىق ھەقسىز ئوقۇش مۇكاپاتى.
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى: نەق پۇل 1000.00 (بىر مىڭ) يۈەن. 2500.00 يۈەنلىك مەكتىپىمىزنىڭ 6 ئايلىق ھەقسىز ئوقۇش مۇكاپاتى.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى: نەق پۇل 500.00 (بەش يۈز) يۈەن. مىڭ يۈەنلىك مەكتىپىمىزنىڭ 3 ئايلىق ھەقسىز ئوقۇش مۇكاپاتى.
ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: 500.00 (بەش يۈز) يۈەنلىك مەكتىپىمىزنىڭ ھەقسىز ئوقۇش مۇكاپاتى.
جەمئىي مۇكاپات سوممىسى: 60000.00 (ئاتتىمىش مىڭ) يۈەن بولۇپ، غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!
مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ مەكتىپىمىزگە ۋە باھالاش گۇرۇپپىمىزغا ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سەمىمىيلىك ئەڭ ياخشى سىياسەت.
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى مەكتىپىمىز تور بېتىگە كىرىپ كۆرۈۋالغايسىز.
مۇسابىقە ئويۇشتۇرغۇچى: شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى
ئالاقە تېلېفونى: 0991-2888344
تور بەت: www.xjintil.com
مەكتىپىمىز 2013- يىل 3- ئايدىن باشلاپ يېڭىدىن ئېچىلغان دەرسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادېرىستىن كۆرۈۋالغايسىز:
http://www.xjintil.com/Korush.asa?mid=150
ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى: 2888344-0991
|