كۆرۈش: 573|ئىنكاس: 3

MO ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3276 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-28 13:49:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتى MO فورماتىدا بولىدىكەن. (كېڭەيتىلگەن نامى MO )                       ە
MO  ھۆججىتى Linux نىڭ ھۆججىتى بولۇپ، ئۇنى ئېچىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ماشنا تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ PO ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. (ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان مەيلى ئېنگىلىز تىلى بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر تىلى بولسۇن، مەيلى ياپون تىلى بولسۇن كومپىيۇتېرنىڭ تونۇيدىغىنى پەقەت 01 دىن تۈزۈلگەن ئىككىلىك سىستېمىدىكى ماشنا تىلىدىن ئىبارەت. كومپىيۇتېر CPU نىڭ قوماندانلىقىدا ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ماشنا تىلىدىكى 01 نى ئىنسانلار تونۇيدىغان ھەرپ، سان، رەسىم، ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ)
بۇ نەزەرىيلەرنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەپسىلى ئۆگىنىۋالسۇن، بىز نەق گەپكە كېلەيلى
MO  ھۆججىتىنى PO گە ئايلاندۇرۋالساق PO ھۆججىتى تېكىست فورماتىدىكى ھۆججەت ئىكەن. ئۇنى خاتىرە دەپتەردە ياكى ئالدىنقى قېتىم تونۇشتۇرغان OmeaTدا ۋە ياكى تۆۋەندە مەن ماختىماقچى بولغان Poedit تا تەرجىمە قىلىۋەرسەك بولىدىكەن.
MO  ھۆججىتىنى PO گە ئايلاندۇردىغان دېتالنىڭ ئىسمى gettext . بۇ دېتالنى ئىگە تەرەپ تور بېتى
http://gnuwin32.sourceforge.net/packages/gettext.htm
دىن ياكى ئالىپ تورىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ. ھەقسىز.
ئالىپ تورىدىن چۈشۈرۈش
gettext-0.14.4.exe (3.9 MB, چۈشۈرۈش سانى: 80)

gettext نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك DOS بۇيرۇق قۇرىغا بۇيرۇق يازىدىكەنمىز. (كومپىيۇتېر ئىپتىدائى جەمىيىتىدىكى DOS نى ئىشلىتىپ باقمىغانلار بولسا مۇشۇ باسقۇچ سەل تەس توختىشى مۇمكىن)
C:\Program Files\GnuWin32\bin\msgunfmt.exe d:\default.mo -o d:\default.po
DOS بۇيرۇق قۇرنى ئېچىش ئۈچۈن 运行 غا cmd دەپ يېزىپ ئىجرا قىلدۇرساق بولىدۇ. 运行 نى ئېچىش ئۈچۈن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ۋىندوۋىسنىڭ بەلگىسى بار كۇنۇپكا بىلەن  R كۇنۇپكىسنى بىللە باسسا بولىدۇ.
بۇ يەردىكى C:\Program Files دېگىنى gettext قاچىلانغان سۈكۈتتىكى ئورۇن. باشقا يەرگە قاچىلىغان بولسىڭىز بۇ يولنىمۇ ئۆزگەرتىسىز.
d:\default.mo تەرجىمە قىلماقچى بولغان mo ھۆججىتى تۇرۇشلۇق ئورۇن، باشقا يەردە بولسا بۇ يەرنىمۇ ماس ھالدا ئۆزگەرتىسىز.
يۇقارقى بۇيرۇق ئىجرا بولۇپ بولغاندىن كېيىن d:\default.po دېگەن ھۆججەت قۇرۇلسا مەشغۇلاتىمىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. ئەمدى default.po نى تەرجىمە قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ.
PO نى تەرجىمە قىلىش دېتالى Poedit بۇ دېتالنى ئىگە تەرەپ تور بېتى
http://sourceforge.net/projects/poedit/
دىن ياكى ئالىپ تورىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ. ھەقسىز.
ئالىپ تورىدىن چۈشۈرۈش
poedit-1.4.6-setup.exe (3.81 MB, چۈشۈرۈش سانى: 14)

Poedit نى ماختىشىمدىكى سەۋەب، بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ باركەن. قارىغاندا لىنۇكىسنى تەرجىمە قىلىۋاتقانلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئوخشايدۇ.
Namsiz-1.jpg

بۇ رەسىمدە كۆرۈنۋاتقىنى ooVoo دېتالىنىڭ ئەرەب تىل ھۆججىتى

PO ھۆججىتىنى Poedit تا ئېچىپ تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن "ساقلاش" نى بېسىپ ساقلىساق، PO تۇرۋاتقان يەرگە ئاپتۇماتىك ھالدا MO ھۆججىدىن بىرنى قۇردىكەن. ئىش تامام.
قارىغاندا مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ Linux نىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىچى-باغرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ.






ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
414
توردا
66 سائەت
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 00:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ قولاي ئامال ئىكەن بۇنداق بولغاندا تىزرەك ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولغۇدەك
ئەگەر LINUX ئەسلى كودىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇيەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدىكەن
http://www.kernel.org/diff/diffview.cgi?file=/pub/linux/kernel/v2.6/next/patch-v2.6.39-rc7-next-20110513.bz2
++C بولسا تىخىمۇ ياخشى C
ئەسسالام دۇنيا

ئاقچا
2
جۇغلانما
298
توردا
31 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 20:46:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى  ۋاقىتتا   ماڭا   ئۈگەتكەن  ھۆنەر  ئىدى   ،  لىكىن   ئەپسۇس   ............................   مەن   ئۈگنەلمىگەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
15
جۇغلانما
260
توردا
15 سائەت
نادىر
0
تېما
12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 21:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن راس گەپنى قىلسام CMDنى ئىشلىتىشنى بىلمەيتتىم، ئىجرا قىلالمىدىم، تەرجىمە قىلىدىغان بىر دېتال چىقىپ قالغانتى...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.070260 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-24 04:48

چوققىغا قايتىش