ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى :
دۇنيا ئانا تىل بايرىمى كۇنى چاقماق گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن HuaWei C8950D نىڭ تەرجىمە رومىنى (سىناق نۇسخسى )ھۇزۇرىڭلارغا سۇنالىغانلىقىمدىم بەكمۇ خۇرسەنمەن !
روم ھەققىدە :
(1) روم نەشىرى 4.0.4 (ھازىرقى ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان B941 ئورگان رومى )
(2) ئەخلەت ئەپلەر تازىلانغان پاكىزە روم ، سۇرئەت تېز ، مۇقىم .
(3) ھەربىر ئەپنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن ئىملا تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئاندىن بولاقلانغان .
(4) بەيدۇ خەت كىرگۈزگۈچىسى قۇشۇلدى .
رومدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش :
روم قاچىلاش خەتەرلىك مەشغۇلات ، ئەگەر روم قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز مۇنبەردىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن كۆرۈپ ئۆگۈنۈڭ ياكى بىۋاستە مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. روم قاچىلاشتىن كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.
رومنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى
رومغا ئۇيغۇرچە تىل قوشۇشتا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ:
بۇ بىر سىناق نۇسخا بولۇپ يەنە نۇرغۇن كەمچىلىكلەر بولىشى تۇرغانلا گەپ .
ھازىر بايقالغان كەمچىلىكلەر:
1. ئۇيغۇرچە تىل مۇھىتىدا WiFi غا باغلىسا خاتالىق كۆرۈلىدۇ . بۇنى ۋاقتىنچە ھەل قىلىش ئۇسۇلى خەنچە تىلدا WiFi غا باغلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇرچىغا توغرىلاپ ئىشلىتىش .
-------------------------------------
قوشۇمچە: ئەسلى دوستلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن قوش تور قوللايدىغان مۇكەممەل بولغان بىر رومنى تەرجىمە قىلىپ يوللىماقچى ئىدۇق ئەمما ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت ئاندىن ئەڭ موھىم بولغىنى قوش تور قوللايدىغان روملارنىڭ تۈرى ئاز بولغاچقا تاپقان رومدىكى بەزى بىر سەۋەنلىكلەرنى تۈزۈتۈشكە ھازىرچە ئامال قىلالمىدۇق. دوسلار ئىشلىتىۋاتقان باشقا روملارنى تەۋسىيە قىلساڭلار بىز ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەرجىمە قىلىپ دوسلار ھوزورىغا سۇنۇشقا تەييار.
«چاقماق » گورۇپپىسىدىن بايراملىق يەنە بىر سوۋغا :
ئەپسۇس،،،بايرام ئاخىرلاشتى.
|