كۆرۈش: 1414|ئىنكاس: 11

يېشىللاشتۇردىغان سېھىرلىك دېتال VMware ThinApp   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3276 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 20:10:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
VMware ThinApp مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا خالىغان يۇمشاق دېتالنى يېشىللاشتۇرالايدۇ. ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان دېتال بولسۇن ياكى باشقا دېتاللار بولسۇن مۇشۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ يېشىللاشتۇرۇپ بىرلا ھۆججەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. تىزىملاش جەدىۋىلى، سىستېما ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ.
شۇنداق بولغانىكەن، خالىغان دېتالنى مۇشۇ VMware ThinApp نىڭ ياردىمىدە بىر تاللا يېشىل ھۆججەتكە ئايلاندۇرۋېلىپ، بارماق دېسكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە كۆچۈرۋېلىپ خالىغان ئورۇندا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىشلىتىدىغان دېتالنى قاچىلايمەن، تىزىملاش نومۇرنى كىرگۈزىمەن دەپ ئاۋارە بولمايمىز. VMware ThinApp  ئارقىلىق بىر ھۆججەتكە ئايلاندۇرۋەتكەن دېتاللارنى ئاسانلىقچە يەشكىلى بولمايدۇ، بۇنداق بولغانىكە باشقىلار بىز كىرگۈزگەن نەشىر ھوقۇقى ۋە باشقا شەخسى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  مەن ئۇيغۇرچە Photoshop CS4 Me نى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق بىرلا ھۆججەتكە ئايلاندۇرۋەتكەن.
ئىزاھ: يېشىل يۇمشاق دېتال دېگىنىمىز_ قاچىلاش ھاجەتسىز، ۋىندوۋىسنىڭ تىزىملاش جەدىۋىلىگە بېقىنمايدىغان، ھۆججەت بار يەرنى ئېچىپ قوش چەكسىلا ئېچىلدىغان يۇمشاق دېتاللارنى كۆرسىتىدۇ.
00.png


VMware ThinApp نىڭ Windows7 دىمۇ ئىشلەيدىغان ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تۆۋەندىكى ئادېرستىن چۈشۈرۈڭ
توك قېچىردا چۈشۈرۈش ئادېرسى


بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادېرسى
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
قاچىلاپ تەييار قىلغاندىن كېيىن Setup Capture نى ئىجرا قىلدۇرمىز.
VMware ThinApp How to-01.png

next نى باسساق تۆۋەندىكى ھالەتكە ئۆتىدۇ.
VMware ThinApp How to-02.png


Advanced settings نى بېسىپ يېشىللاشتۇرماقچى بولغان دېتالنىڭ قاچىلىندىغان دېسكا رايوننى تاللاپ بېرىمىز. تۆۋەندىكىدەك
VMware ThinApp How to-03.png


دېسكىنى تاللاپ ok نى باسساق دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. تەكشۈرۈش تاماملانغاندا next كۇنۇپكىسى يورۇيدۇ.

VMware ThinApp How to-04.png


ئەمدى ئەڭ مۇھىم باسقۇچقا كەلدۇق.
VMware ThinApp How to-05.png

مۇشۇ رەسىمدىكى ھالەتكە كەلگەندە next باسماي، بۇ كۆزنەكنى كىچىكلىتىۋېتىمىز. ئاندىن يېشىللاشتۇرماقچى بولغان دېتالنى قاچىلايمىز. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلدۇرۇپ كۆرۈپ باقىمىز. نورمال ئىجرا بولغاندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىپ ئاندىن يۇقارقى رەسىمدىكى next  كۇنۇپكىسنى باسىمىز.
قاچىلىغان ھۆججەتنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ چىقىدۇ
VMware ThinApp How to-06.png


تۆۋەندىكى رەسىمدەك ھالەتكە كەلگەندە ئىجرا ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى تاللاپ بېرىمىز.
VMware ThinApp How to-07.png


كېيىنكى كۆزنەكلەردىكى تاللانمىلارنى ئۆزگەرتمەي next نى بېسىۋەرسەك بولىدۇ. تۆۋەندىكى ھالەتكە كەلگەندە
VMware_ThinApp_How_to-12.jpg


Build Now كۇنۇپكىسنى باسىمىز.
بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن Build Complete دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنگەندە مەشغۇلاتىمىز تامام بولىدۇ. ئاندىن Finish كۇنۇپكىسنى بېسىۋەتسەك بولىدۇ. ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا يېشىللاشتۇرۇپ بىر ھۆججەتكە ئايلاندۇرغان ھۆججەت VMware ThinApp دېتالى قاچىلانغان يەردىكى bin قىسقۇچىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
بۇ ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇرەككەپ دېتال، بەلكىم بىر قېتىمدا مۇۋاپىقىيەت قازىنالماسلىقىڭىز مۇمكىن، يۇقىردا مەن كۆرسەتكەن قەدەم باسقۇچلارنى سەۋرىچانلىق بىلەن بىر نەچچە قېتىم قىلسىڭىز ئىشلىتىشنى ئۈگىنۋالالايسىز. بىرەر مەسلىگە يولۇقسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
12
جۇغلانما
182
توردا
11 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 21:47:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان نەرسىكەن. ئوفىس، چچ ، ئۇيغۇرچە سىكايىپ دىگەندەكلەرمۇ بۇلامدىكەن؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3276 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 22:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nokiafun يوللانغان ۋاقتى  2011-4-23 21:47
ئوبدان نەرسىكەن. ئوفىس، چچ ، ئۇيغۇرچە سىكايىپ دىگەندەك ...

ئەلۋەتتە بولىدۇ.
Common Files دېگەندەك سىستېمىنىڭ يوشۇرۇن يەرلىرىگە ھۆججەت يازىدىغان مۇرەككەپ دېتاللارنىمۇ يېشىللاشتۇرۇپ سىناپ باقتىم.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 2

ئاقچا
8
جۇغلانما
30
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 00:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىناپ باقاي ...

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
8
جۇغلانما
140
توردا
12 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 10:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللانغان ۋاقتى  2011-4-22 20:10
VMware ThinApp مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا خالىغان يۇمشاق دې ...

بۇئىنگىلىزچە نۇسخىسىكەن . بۇنىڭدا يېشىللاشتۇرغان دېتاللارنى ئىجراقىلغاندا .ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى .تىزىملىك سىتونى غا كىچىك كۆزنەك چىقىۋالامدىكەن .دېتالنىڭ ئەڭ قاملاشمىغان ئىقتىدارى مۇشۇ بۇلۇپ قالدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3276 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 11:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
20
توردا
1 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 11:38:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلا ماڭا ياردەم قىلىپ بۇدىتالنى سۈرەتلىك دەرىس قىلىپ يوللاپ بەرگەن بولساڭلا رەخمەت

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
2
جۇغلانما
102
توردا
9 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 15:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەپ بىراي چ چ 1606120361

Rank: 4

ئاقچا
75
جۇغلانما
723
توردا
85 سائەت
نادىر
0
تېما
25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 13:41:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتالنىمۇ يېشللاشتۇرۇپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز ، ئىشلىتىشمىزگە قۇلايلىق بۇلاركەن.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
6
جۇغلانما
118
توردا
19 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 16:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقىتىم دىتال يىشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قىتىم قاچىلامدىكەنمىز ياكى بىر قاچىلاپلا قويساق قايتا سىستىما قاچىلىغىچە ئىشلتەلەمدىكەنمىز؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.076463 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-24 07:13

چوققىغا قايتىش