ئىلقۇتتىن ئىلاۋە:
ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان Windows 8 مۇ ئېلان قىلىندى. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۆزىدىكى ئۆزگىچە يېڭىلىقلار ۋە ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىقتىدارلار ئارقىلىق كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا Windows 7 ئېلان قىلىنغاندا نۇرغۇن تورداشلار بىراقلا Windows XP دىن Windows 7 غا كۆچۈشنى خالىمىدى. چۈنكى بۇ ېيڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Windows XP بولغان پەرقى زىيادە چوڭ بولغاچقا، كەڭ ھەۋەسكارلار دەماللىققا بۇ يېڭى سىستېما Windows 7 دا مەشغۇلات ئېلىپ بارالماي، گاڭگىراپ قالدى ۋە ئاخىرى كۆپ ساندىكى ھەۋەسكارلار سىستېمىسىنى يەنىلا Windows XP غا قايتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۇ يەردە ھەۋەسكارلارنىڭ Windows 7 غا دەرھال كۆچەلمەسلىكى بۇ شاش ئاتنى قانداق مىنىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى بۇ شاش ئاتنى قانداق كۆندۈرۈش، ئۆزىمىزگە قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش ھەققىدە بىرەر جايدا سىستېمىلىق ماتېرىيال يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن تا ھازىرغىچە ئارىمىزدا Windows 7 دىن ئىبارەت بۇ شاش ئاتنى مىنىپ باقمىغانلار نۇرغۇن. مانا ئەمدى نۇرغۇنلىرىمىز بۇ Windows 7 دىن ئىبارەت شاش ئاتنى مىنىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىنمۇ چاپقۇر ئارغىماق ھېسابلانغان Windows 8 مەيدانغا چۈشتى. بۇ ئارغىماق ھەممىمىزنىڭ ئۇنى تېزدىن كۆندۈرۈپ ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزغا مۇھتاج. ھەممىمىز بىلىمىز، ئات ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇنى مىنىشنى بىلمىسەك ئۇ ھالدا بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى ئات بىلەن ئارغىماقنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ. شۇڭا بلوگگىر تورداشلارنىڭ بۇ چاپقۇر ئارغىماقنى تېزدىن كۆندۈرۈپ، ھەقىقىي پەيزىنى سۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇرۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ، مەزكۇر چاپقۇر ئارغىماققا ئائىت ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «ئارغىماقنى كۆندۈرۈش قوللانمىسى (Windows 8 产品指南)» نى تەرجىمە قىلىپ، كەڭ تورداشلارغا سۇنۇشقا تۇتۇش قىلدى. تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق تۈزىتىش پىكىرى بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
———————————————————————–
ئەمىسە، تولا گەپنى ئاز قىلىپ، بۇ چاپقۇر ئارغىماقنى قانداق كۆندۈرۈش ھەققىدە ئاساسىي مەزمۇنغا ئۆتۈپ كېتەيلى!
Windows كۆركەم، تېز، راۋان بولۇپ، تور بېكىتىڭىز، كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىز، قوللىنىشچان ئەپلىرىڭىز شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، سىزنى «باشلاش»تىن ئېكرانىڭىزدا ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق مەزمۇنلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. Windows 8 ۋە Windows RT ئىلغار بولغان قاتتىق دېتاللاردا يېڭىلىق يارىتىشقا كەڭ سۇپا تەمىنلەپ، يېڭى بىر ئەۋلاد تاختا كومپيۇتېرى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كومپيۇتېر ۋە بىر گەۋدىلەشكەن PC قاتارلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئەسلىھەلەر سەزمە كونترول (触控)، مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ زور ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ ئۈچ ئەسلىھەنى ھازىرقى ئەڭ تېز، ئەڭ ئىشەنچلىك بولۇش ئاساسىدا مۇكەممەل ماسلاشتۇرغان.
Windows خىزمەت ۋە كۆڭۈل ئېچىشنى تېخىمۇ ئازادىلەشتۈردى. Windows ۋە PC نىڭ تاشقى جەھەتتىكى ئەپچىللىكى، لايىھەلىنىشتىكى كۆركەملىكى ھەمدە يېڭىچە ماتېرىيال ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىقتىدارى ۋە باتارىيەنى ئىشلىتىش ۋاقتى جەھەتتە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى. Windows 8 ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش ۋە قوللىنىشنى مەركەز قىلغان. سىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئويۇنلاردىن ھوزۇرلىنىش، سىن ھۆججىتى ۋە ناخشا چۈشۈرۈش شۇنداقلا ئۇلارنى تېلېۋىزوردا قويۇش قاتارلىقلاردىن ھوزۇرلىنالايسىز.
سىز Windows ئەپ بازىرىدىن Windows 8 ۋە Windows RT ئۈچۈن ئەپكە ئېرىشەلەيسىز. سىز ئەپ بازىرىدىن زور مىقداردىكى ئەپلەرنى بايقاپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەپلەرنى كۆرەلەيسىز. ياكى ئۇلارنى چېكىپ زىيارەت قىلىپ ئەپلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
Windows ئۆزئارا باغلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆچمە بەلباغ ئىقتىدارى 3G ۋە 4G نى قوللايدۇ. كۆچمە ھالەتتە، PC ئاپتوماتىك ھالدا ئەتراپتىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان Wifi نۇقتىسىنى ئىزدەپ تاپالايدۇ، سىز ھەر قانداق جايدا بۇ كۆچمە بەلباغلارغا ئازادە ئۇلاپ، ھەر ۋاقىت خىزمىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرالايسىز. شۇنداقلا ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشەلەيسىز.
ئۆزگىچىلىكىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز

«باشلاش» ئېكرانىدا ئۆزگىچىلىڭىزنى تولۇق نامايەن قىلالايسىز. ئەڭ دەسلەپ كۆرۈش پەردىڭىزگە بۆسۈپ كىرىدىغىنى جانلىق، كۆركەم بولغان «باشلاش» ئېكرانىدۇر. «باشلاش» ئېكرانىدىكى ھەر بىر بۆلەك مەلۇم بىر ئالاقىلاشقۇچى، قوللىنىش (ئەپ)، تور بېكەت، قويۇش تىزىملىكى شۇنىڭدەك سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان مەزمۇنلار بىلەن باغلانغان. بۇ ھەرگىزمۇ تىنچ رەسىملىك ئادەتتىكى ئۈستەل يۈزى ئەمەس. ئەكسىچە، سىز: ھالەت يېڭىلاش، ھاۋارايىدىن مەلۇمات، تەۋسىيەلىك ھۆججەت، شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز. سىز ھەتتا بىر قوللىنىشنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەرىكەتچان يېڭىلانغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. «باشلاش» ئېكرانىغا قانچىلىك بۆلەكنى ئورۇنلاشتۇرغىڭىز كەلسە شۇنچىنى ئورۇنلاشتۇرالايسىز، سىز بۇ بۆلەكلەرنى تۈرگە ئايرىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ ۋە ئىسىم قويالايسىز. شۇڭا ئۇلار سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە گەۋدىلىنىدۇ.
مەخپىي نومۇرىڭىز رەسىمگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان
ئۆتمۈشىڭىزدىكى بىر تالاي سان-سىفىرلىق مەخپىي نومۇرىڭىزنى ئېسىڭىزدە ساقلاپ، ئاندىن PC غا كىرىش ئادىتىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. ھازىر سىز پەقەت بىر پارچە رەسىم ئىشلىتىپلا مەخپىي نومۇر قىلالايسىز. سىز خالىغان بىر پارچە رەسىم تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە رەسىم ئۈستىگە سىزىش ئارقىلىق مەخپىي نومۇر ھاسىل قىلالايسىز، بۇنداق بولغاندا، مەخپىي نومۇر بېرىكتۈرۈش چەكسىزلىككە ئىگە بولۇپ، رەسىمنىڭ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىسمى ئەتراپىغا سىزسىڭىزلا بولىدۇ. مەشغۇلات شۇنداق ئاددى. سىز مەخپىي نومۇر رەسىم ھالىتىنى قولىڭىز ئارقىلىڭ سەزمە ئېكرانغا بىۋاسىتە سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى مائۇس ئارقىلىق سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تەييارلىق: سىزگە زۆرۈر بولغان ئەپلەر
Windows 8 ۋە Windows RT ئۆزىدىن نۇرغۇنلىغان ئاساسىي ئەپلەر ۋە باشقا ئەپلەرنى ھازىرلىغان. مەسىلەن: كىشىلەر، ئېلخەت، رەسىم ۋە مەكتۈپ قاتارلىق ئەپلەر سىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىپ، خىزمەت ۋەزىپىڭىزنى تېزدىن تاماملىشىڭىزغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىڭىزغا ئاسانلىق يارىتىپ، ھەممىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ.
كىشىلەر ئەپى 
ئەڭ يېڭى ئۇچۇر، ئېلخەت، يۈز دەپتىرى (Facebook) شۇنىڭدەك LinkedIn ،Messenger ،Twitter قاتارلىق ھېساباتىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشالايسىز.
رەسىم ئەپى 
بىر ئورۇندا بارلىق رەسىم ۋە سىن ھۆججەتلىرىڭىز مەيلى Facebook ،Flickr ،SkyDrive ياكى باشقا PC دا بولسۇن ھەممىسىنى كۆرەلەيسىز.
مەكتۈپ ئەپى
Facebook ياكى Messenger دىكى دوستلىرىڭىزغا مەكتۈپ يوللىيالايسىز، يەنە نەچچە يۈز خىل چىراي ئىپادىسىنى تاللاپ ئەۋەتەلەيسىز.
مۇزىكا ئەپى 
مۇزىكا ساقلىغۇچىڭىزنى كۆرۈش، قويۇش تىزىملىكى قۇرۇش ھەمدە تەھرىرلەش، شۇنىڭدە ئەڭ مودا بولغان ئەڭ يېڭى مۇزىكىلارنى چۈشىنىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز. رەسىم، كىشىلەر تەرجىمىھالى ۋە ناخشا پىلاستىنكىسىدىكى تىزىملىك ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيسىز. Xbox غا تىزىملىتىپ، زور مىقداردىكى ناخشا-مۇزىكىلاردىن چەكسىز ھوزۇرلىنالايسىز.
خەرىتە ئەپى 
Bing خەرىتە ئەپىدىن پايدىلىنىپ، كېسىشمە خەرىتىلەرنى كۆرەلەيسىز ھەمدە تارماقلارغا بۆلۈنگەن يول يۈرۈش لىنىيەلىرىگە ئېرىشەلەيسىز. قاتناش تەپسىلاتى، يول ئەھۋالى، كوچا خەرىتىلىرىنى، Multimap خەرىتىسى، سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى ۋە يۇقىرىدىن كۆرۈنۈش خەرىتىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرەلەيسىز.
SkyDrive ئەپى 
Windows ئەپلىرىڭىز ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىڭىز ئارا توسالغۇسىز زىيارەت قىلالايسىز ۋە ھۆججەتلىرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلالايسىز.
ئېلخەت ئەپى 
ئوخشاش ئورۇندا Outlook.com ،Gmail ۋە Yahoo دىكى ھېسابات ئېلخەتلىرىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز.
سىن ھۆججىتى (ۋىدېيو) ئەپى 
كىنو ۋە تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرەلەيسىز. PC رىڭىزدا ياكى تېلېۋىزورىڭىزدا كىنو ۋە تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرەلەيسىز.
ھاۋارايى ئەپى 
ھاۋارايى ئەپىنى ئىشلىتىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى جەلپ قىلارلىق ھاۋارايىنى كۆرەلەيسىز. سىز يەنە ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ھەر سائەت، ھەر كۈنى ۋە 10 كۈندىكى ھاۋارايى ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز.
ئويۇن ئەپى 
ئەڭ ئاۋات بولغان يېڭى ئويۇنلارنى بايقاپ، ئۇنى PC رىڭىزغا چۈشۈرەلەيسىز. تۇرمۇش ۋە ساياھەت ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن باش رەسىمىڭىزنى تەھرىرلەش بىلەن بىرگە دوستلىرىڭىزنىڭ ھالىتىنى كۆرەلەيسىز، شۇنداقلا ئۇلار ھەمبەھرلەنگەن ھەمبەھرلەردىن ھەمبەھرلىنەلەيسىز.
خەۋەر ئەپى 
خەۋەرلەردىن خەۋەر تاپالايسىز. بۇ كۆركەم، كۆپ خىل رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەرلەر Bing دىن تەمىنلىنىدۇ. سىز بۇ خەۋەرلەر ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولالايسىز.
چېسلا ئەپى 
ئايلىق كۆرۈنۈش (月视图)، ھەپتىلىك كۆرۈنۈش ياكى ئىككى كۈنلۈك كۆرۈنۈش ئارقىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزنى تەكشۈرەلەيسىز. مۇۋاپىق ۋاقىتلاردا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويغان ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرۇۋالالايسىز. بۇنداق بولغاندا سىز ئۇچرىتىشقا دەل ۋاقتىدا كېچىكمەي يېتىپ بارالايسىز.
مالىيە ئەپى 
بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ ئاساسلىق بازار كۆرسەتكۈچلىرىنى كۆرەلەيسىز، «باشلاش» ئېكرانىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان بازار شارائىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ھالىتىدىن خەۋەردار بولالايسىز.
Windows مەڭگۈ سىزگە ھەمراھ بولىدۇ
ساياھەت ئەپى
نەپىس رەسىملەر ئارقىلىق، دۇنيادىكى 2000 دىن ئارتۇق مەنزىرىلىك جايلارنىڭ چۆمبىلىنى قايرىۋېتەلەيسىز.
Bing تەمىنلىگەن ساياھەت ئەپى سىز ئۈچۈن: ساياھەت كۆرسەتمىسى، ئالدىن زاكاس قىلىش قورالى، شۇ ۋاقىتتىكى پۇل ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاش شۇنىڭدەك ھاۋارايى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەپ سىز ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئۇچۇرنى تەمىنلەپ، سىزنىڭ كېلەر قېتىملىق ساياھىتىڭىزگە قەلبىڭىزنىڭ كۈچلۈك تەلپۈنىشىنى قوزغايدۇ.
.
Windows ئەپ بازىرى
Windows 8 ۋە Windows RT دا Windows ئەپ بازىرى ھازىرلانغان بولۇپ، بۇ ئەپ ئارقىلىق PC رىڭىز ئۈچۈن زور مىقداردىكى ئەڭ يېڭى ئەپلەرنى بايقىيالايسىز.
پەقەت ”ئەپ بازىرى“ نى چەكسىڭىزلا زور مىقداردىكى ئەپلەرگە كۆز يۈگۈرتەلەيسىز. ھەمدە باھاسى (پۇلى)، باشقىلارنىڭ باھاسى (باشقىلارنىڭ باھالىشى) ۋە تېخىمۇ كۆپ شەرتلەر ئارقىلىق ئۆزىڭىز لازىملىق ئەپلەرنى تاللىيالايسىز. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن ئەپلەر ھەقسىز تەمىنلەنگەن. ھەقلىق ئەپلەردىمۇ ۋاقىتلىق ئىشلىتىش مۇددىتى تەمىنلەنگەن بولۇپ، سىزنىڭ كۆرۈپ چىقىشىڭىز ۋە ئىشلىتىشىڭىزنى قارىشى ئالىدۇ.
مەيلى سىز قەيەرگىلا بارماڭ، Windows مەڭگۈ سىزگە ھەمراھ بولىدۇ
Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتىپ ھەر قانداق بىر Windows 8 ياكى Windows RT قاچىلانغان PC نى ئىجرا قىلالايسىز. بۇ PC دا ئۆزىڭىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىڭىز، ھالىتىڭىز ۋە ئورنىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
سىز يېڭىدىن Windows نى ئاساس قىلغان PC غا ئېرىشكىنىڭىزدە، Microsoft ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتىپ كىرىپ، كىشىلىك ئالاقە چەمبىرىڭىزدىكى ھەرىكەتچان ھالەت ئارقىلىق ئالاقىداشلىرىڭىزدىن كەلگەن ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز. قىسقىسى مەيلى سىز قەيەردە بولماڭ، Windows سىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولىدۇ!
Windows 8 دېگەن نېمە؟
Windows 8 مىكروسوفتنىڭ Windows 7 دىن كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىلگىرىكى Windows بىر يۈرۈش نەشرى بىلەن ئوخشىماسلىقى، Windows 8 يالغۇز PC غىلا ئىشلىتىلىپ قالماي، يەنە تاختا كومپيۇتېرغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
Windows 8 نىڭ ئورنى
مىكروسوفتنىڭ CEO سى سىتېۋ بالمېر: «مىكروسوفت تارىخىدا ئۈچ مۇھىم كۈن بولغان. بىرىنچىسى بېل گەيتىسنىڭ شىركەتنى قۇرغان كۈنى؛ ئىككىنچىسى
Windows 95 ئېلان قىلىنغان كۈن؛ ئۈچىنچىسى Windows 8 ئېلان قىلىنغان كۈن.» دەيدۇ.
مىكروسوفت Windows 8 دا «Win 95 دىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق يارىتىلغان.» دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ. يالغۇز ئەنئەنىۋىي PC مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە كۆپ نۇقتىلىق سەزمە كونترول ئەندىزىسىنى قوللانغان ۋە ARM قۇرۇلمىلىق سەپلىمىدىكى تاختا كومپيۇتېرلارنى قوللايدۇ، كەلگۈسىدە يەنە Windows Phone 8 بىلەن قىسمەن يادروسىنى ھەمبەھرلىنىش ئىشقا ئاشىدىغان بولۇپ، ھەتتا يىپيېڭى Xbox720 نىڭ ھەممىسىدە Windows 8 ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا Windows 8 بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن Windows ئەپ بازىرى، Skydrive ،Office Store ۋە Xbox Live Store (مۇزىكا، كىنو، ئويۇن) قاتارلىق ئىكولوگىيەلىك زەنجىرى قاتارلىقلار بار. مىكروسوفت Windows 8 نى ئىشلىتىپ بىر PC، يانفون، تاختا كومپيۇتېر، ئويۇنچى (游戏机) ھەتتا تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى بىر ئىكولوگىيەلىك سىستېما قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى.

Windows 8 مىكروسوفتنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى، سۇپىسىنى، مۇلازىمەت ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىگە ۋارىسلىق قىلغان
ئارقا كۆرۈنۈش ساۋاتلىرى

مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ لوگو تارىخى
Windows 8 تارىختىكى مۇھىم ئېچىش نەشرلىرى
1. Developer Preview يەنى (DP): ئاچقۇچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
2. Consumer Preview يەنى (CP): ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى (Beta نەشرى)، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
3. Release Preview يەنى (RP): تارقىتىلىدىغان كۆرۈپ بېقىش نەشرى، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان.
4. Release to Manufacturing يەنى (RTM): رەسمىي نەشرى، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى (دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتى كۈنى) تارقىتىلغان.

Windows 8 نىڭ ئېچىش نەشرىدىكى «دەسلەپ ئاچقاندىكى كۆرۈنۈش» ئارايۈز سېلىشتۇرمىسى

Windows 8 نىڭ ئېچىش نەشرىدىكى «ئېكران قۇلۇپلانغاندىكى كۆرۈنۈش» ئارايۈز سېلىشتۇرمىسى

Windows 8 نىڭ ئېچىش نەشرىدىكى «باشلاش ئېكران» ئارايۈز سېلىشتۇرمىسى

Windows 8 نىڭ ئېچىش نەشرىدىكى «ئۈستەل يۈزى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىستون» ئارايۈز سېلىشتۇرمىسى 
Windows 8 نىڭ ئېچىش نەشرىدىكى «پىروگراممىنى ئالماشتۇرۇش» ئارايۈز سېلىشتۇرمىسى
سىرتقى كۆرۈنۈشتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاچقۇچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى (DP) دىن كېيىنكى ئۈچ نەشرىدە ئۆزگىرىش ئانچە چوڭ بولمىغان، ئەمما ئىقتىدارى جەھەتتە ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي تارقىتىش نەشرى (RTM) نىڭ ئەڭ مۇكەممەل بولغان.
يۇقىرىقى سىناق ئەڭ ئاخىرقى تارقىتىش نەشرىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان، نەشر نومۇرى: 9200
Windows 8 نى قاچىلاش، يېڭىلاش ۋە ئاكتىپلاش
Windows 8 نىڭ نەشرى
ئالدىنقى يازمىمىز «Windows 8 تولۇق قوللانمىسى–مەخسۇس تېما سۆز بېشى»دا Windows 8 نىڭ تۆت مۇھىم تارىخى ئېچىش نەشرىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. ئەمما Windows 8 نىڭ تارقىتىش نەشرىگە نىسبەتەن Windows 8 نىڭ تۆت خىل نەشرى: Windows 8—ئادەتتىكى نەشرى، Windows 8 Professional—كەسپىي نەشرى، Windows 8 RT—ARM نەشرى ۋە
Windows 8 Enterprise—كارخانا نەشرى قاتارلىقلار بار.
ئىسمىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، ئادەتتىكى نەشردىكى Windows 8 ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا يۈزلەنگەن؛ كەسپىي نەشرى تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى ۋە كارخانا\تېنىك خادىملارغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئادەتتىكى نەشرىنىڭ ئىقتىدارلىرى ئاساسىدا شىفىرلاشتۈرۈش، مەۋھۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان؛ كارخانا نەشرى بولسا كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇ كەسپىي نەشرىنىڭ ئىقتىدارلىرى ئاساسىدا يېڭىدىن Windows To Go قاتارلىق كارخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىنى ھازىرلىغان. ئەمما Windows RT نەشرى نىسبەتەن ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ مەخسۇس تاختا كومپيۇتېرلارغا ئىشلىتىلىدىغانلىقتىن، يەككە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، پەقەت ARM قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچلۇق PC ياكى تاختا كومپيۇتېرىغا ئالدىن قاچىلىۋېتىلگەن بولىدۇ. بۇ تۆت ئوخشىمىغان نەشردىكى Windows 8 نىڭ ھەر خىل ئىقتىدار جەھەتتىكى پەرقى تۆۋەندىكىچە:
ئىقتىدارى | Windows RT | Windows 8 (ئۆلچەملىك نەشرى) | Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى) | Windows 8 Enterprise (كارخانا نەشرى) | ھازىر بار بولغان Windows نەشرى بىلەن سىغىشىش | سىغىشمايدۇ | سىغىشىدۇ | سىغىشىدۇ | سىغىشىدۇ | سېتىۋېلىش يولى | ئەسلىھەگە ئالدىن قاچىلانغان | سېتىۋېلىش يولى كۆپ خىل | سېتىۋېلىش يولى كۆپ خىل | سالاھىيىتى دەلىللەنگەن ئىشلەتكۈچىلەر | قۇرۇلمىسى | ARM (32-bit) | IA-32(32-bit) or x86-64 (64-bit) | IA-32(32-bit) or x86-64 (64-bit) | IA-32(32-bit) or x86-64 (64-bit) | بىخەتەر قوزغىلىش | بىخەتەر | بىخەتەر | بىخەتەر | بىخەتەر | رەسىملىك شىفىر | بار | بار | بار | بار | باشلاش ئارا يۈزى، ھەرىكەتچان ئىتۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈنۈملەر | بار | بار | بار | بار | سەزمە كونتروللۇق كۇنۇپكا تاختىسى | بار | بار | بار | بار | تىل بولىقى | بار | بار | بار | بار | يېڭىلىنىدىغان بايلىق باشقۇرغۇچىسى | بار | | | بار | ئۆلچەملىك پىروگرامما | بار | | | بار | ھۆججەت تارىخى | بار | | | بار | سىسېمىنىڭ قايتا تەڭشەش ئىقتىدارى | بار | | | بار | Play to ئارقىلىق «قويۇشقا» يوللاش ئىقتىدارى | بار | | | بار | Connetted standby تورغا ئۇلانغان ھالەتتە پەيت كۈتۈش (待机) | بار | | | بار | Windows update | بار | | | بار | Windows Defender | بار | | | بار | كۈچەيتىلگەن كۆپ ئېكراننى قوللاش | قوللايدۇ | | | قوللايدۇ | يېڭى ۋەزىپە باشقۇرغۇچ | بار | | | بار | IOS تەسۋىرى ۋە VHD ئېسىش | بار | | | بار | كۆچمە ئالاقە ئىقتىدارى | بار | | | بار | Microsoft ھېساباتى | بار | | | بار | Internet Explorer 10 | بار | | | بار | SmartScreen | بار | | | بار | Windows ماگېزىنى | بار | | | بار | Xbox Live پىروگراممىسى (Xbox Live Arcade نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) | بار | | | بار | Exchange ActiveSync | بار | | | بار | تېز سۈرئەتتە ئۇخلاش ھالىتىگە ئۆتۈش (Snap) | بار | | | بار | VPN گە ئۇلاش | بار | | | بار | Device encryption | بار | | | يوق | سىستېمىغا ئالدىن قاچىلانغان Microsoft Office | بار | يوق | | يوق | ئۈستەل يۈزى | قىسمەن بار | | | يوق | ساقلاش بوشلۇقى باشقۇرۇش (storage space) | يوق | | | بار | Windows Media Player | يوق | | | بار | Windows Media Center | يوق | | | يوق | يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۈستەل يۈزى | پەقەت ئابونتلار تېرمىنالى قىلىنىدۇ | پەقەت ئابونتلار تېرمىنالى قىلىنىدۇ | ئابونتلار تېرمىنالى ۋە مۇلازىمىتېر تېرمىنالى | ئابونتلار تېرمىنالى ۋە مۇلازىمىتېر تېرمىنالى | VHD دىن قوزغىتىش | يوق | | | بار | BitLocker and Bitlocker To Go | يوق | | | بار | ھۆججەت سىستېمىسىنى شىفىرلاش | يوق | | | بار | Windows رايونىغا كىرىش | يوق | | | بار | گۇرۇپپا تاكتىكىسى (组策略) | يوق | | | بار | AppLocker | يوق | | | بار | Hyper-V | يوق | يوق | پەقەتلار 64 بىتلىقى قوللايدۇ | Windows To Go | يوق | | | بار | DirectAccess | يوق | | | بار | تارقاقلاشتۇرۇپ بوففېرلاش (BranchCache) | يوق | | | بار | RemoteFX دا كۆرۈش ئۈنۈمى تەمىنلەش | يوق | | | بار | Metro ئۇسلۇبىدا پىروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇش | يوق | | | بار |
Windows 8 سەپلىمە تەلىپى
Windows 8 نىڭ سىستېما قاتتىق دېتالىغا بولغان تەلىپى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، Windows 7 نورمال ئىجرا بولالايدىغان قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدە ناھايىتى راۋان ئىجرا بولالايدۇ.
تۆۋەندىكىسى ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن تەۋسىيە سەپلىمىسى:
CPU تەۋسىيەسى: 1 ھېرتىس (GHz) ياكى تېخىمۇ تېز بولغان؛
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1GB RAM لىق (32 بەت) ياكى 2GB RAM لىق (64 بىت)؛
قاتتىق دېسكا: 16GB لىق (32 بىت) ياكى 20GB لىق (64 بىت)؛
كۆرسىتىش كارتىسى: WDDM قوزغاتقۇچى بولغان Microsoft DirectX 9 سۈرەت ئەسلىھەسى؛
ئەگەر بەزى ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى قوشۇمچە تەلەپلەرنى ئورۇندىشىڭىز كېرەك:
1. ئەگەر سەزمە كونترولىغۇچنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، كۆپ نۇقتىلىق سەزمىلىك تاختا كومپيۇتېرى ياكى ئېكران بولۇش كېرەك؛
2. ئەگەر Windows 8 ئەپلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا 1024*768 ئېنىقلىقتىكى ئېكران بولۇشى كېرەك؛
3. ئەگەر ئەپتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانماقچى بولسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا 1366*768 ئېنىقلىقتىكى ئېكران بولۇشى كېرەك؛
4. بىخەتەر قوزغىتى شئۈچۈن يېڭىدىن UEFI BIOS ھازىرلىنىشى كېرەك، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىز قوللىمىسا BIOS ئارقىلىق تەڭشىسىڭىز بولىدۇ؛
5. Hyper-V ئىككىنچى دەرىجىلىك ئادرېس ئۆزگەرتىش (SLAT) ئىقتىدارى بولغان 64 بىتلىق سىستېما بولۇشى شۇنداقلا 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بولۇشى كېرەك؛
6. بەزى ئويۇن ياكى يۇمشاق دېتاللار سۈرەتلىك ئىقتىدار بىلەن DirectX 10 ياكى تېخىمۇ يۇقىرى نەشرى بىلەن سىغىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛
7. BitLocker To Go قاچىلىغاندا باھالىنىدىغان خاسلىق ئۆلچىمىدىكى USB چاقماقلىق ساقلىغۇچ قوزغاتقۇچىغا ماس كېلىشى كېرەك؛
Windows 8 نى قاچىلاش ۋە نەشرىنى كۆتۈرۈش
يەرلىكتە قاچىلاش
شۈنلېي قاتارلىق چۈشۈرۈش قورالى ئارقىلىق مىكروسوفت ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن Windows 8 نىڭ IOS ھۆججىتىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ ياكى باشقا ساقلاش ۋاسىتىلىرىغا چۈشۈرگەندىن كېيىنكى قاچىلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى خىلى ISO ھۆججىتىنى پىرىستىن يېشىپ بىۋاسىتە Setup.exe نى چېكىپ قاچىلاش (تەۋسىيەلىك)، يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ISO ھۆججىتىنى USB، DVD ياكى باشقا ۋاسىتىلەرگە ئويۇپ سىستېما قوزغىتىش دىسكىسى قۇرۇپ چىقىپ، قاچىلاش ئۇسۇلىدۇر.
توردا نەشر كۆتۈرۈش
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، Web دە ھەق تۆلەش ئۇسۇلىدا تەدرىجىي ھالدا يۈزلىنىش بولىۋاتىدۇ (مەسىلەن: ئالمىنىڭ Mac OS X سىستېمىسى)، ئۆتمۈشتىكى نۇر دىسكىسى سېتىۋېلىشقا قارىغاندا كۆپ قولايلاشتى. بۇنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش (验证) ئۇسۇلىمۇ ئىشەنچىلىك بولدى.
توردا Windows 8 نىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈشنى ئويلايدىغان تورداشلارغا نىسبەتەن، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىستېما XP ۋە XP دىن يۇقىرى نەشردىكى سىستېمىنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە توردا ئەڭ يېڭى نەشرىنى Windows 8 غا كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما ساقلىنىپ قېلىنىدىغان ھۆججەت، پىروگرامما ۋە تەڭشەكلەر ھازىرقى نەشرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ. (كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر Windows 7 ئىشلەتكۈچىلىرى بىۋاسىتە نەشر كۆتۈرگەندە، سىستېمىنى قايتا تەقسىملەشتىن سىرت، ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى قايتا قاچىلاش ھاجەتسىز.)

ئالدىنقى نەشر Windows 7 دە بەلكىم بەزىلەر ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ھەر قېتىم نەشر كۆتۈرگەندە، ئاۋۋال ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ ئوخشاش بولمىغان مۇستەققىل پىروگرامما ”نەشر كۆتۈرۈش مەسلىھەتى“، ”ئەركىن يەتكۈزۈش“ (ھۆججەتنى ساقلاش ۋە تەڭشەش) ۋە ”پىروگراممىنى قاچىلاش“ ئىجرا بولۇپ، ئاندىن كېيىن بىر قېتىملىق ”ئەركىن يەتكۈزۈش“ (ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەڭشەش) ئېلىپ بېرىلاتتى. ئەڭ يېڭى نەشردىكى Windows 8 بۇ ئۈچ باسقۇچنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكرار باسقۇچلارنى چىقىرىپ تاشلىغان ياكى ئاددىيلاشتۇرغان. بۇنداق بولغاندا، پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەشغۇلات قىلىشى تېخىمۇ راۋانلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ”ئەتراپلىق“ مۇلازىمەتلەرمۇ سىستېمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

Win7 دىكى 60 قا يېقىن ئېكران تەڭشەش Win8 دىكى چېكىش قېتىم سانى ئاران 11 قېتىم بولۇپ، %82 ئازايتىلغان. ئەسكەرتىش:
ئەگەر پەقەت ھېس قىلىپ باقماقچى بولسىڭىز، VMware ياكى VirtualBox قاتارلىق مەۋھۇم يۇمشاق دېتال سەپلىمىسى ئارقىلىق مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرغاندىن كېيىن چۈشۈرۈپ تەييارلاپ قويغان Win8 نۇر دىسكا ISO ھۆججىتىنى يۈكلەپ ئىشلىتىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
بىۋاسىتە Setup.exe نى چەككەندىن كېيىن، قاچىلاش جەريانىدا ھەقىقىي نەشرنىڭ مەھسۇلات ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈش كېرەك.
ئەگەر توردا نەشر كۆتۈرمەكچى بولسىڭىز ئاپتوماتىك نەشر كۆتۈرۈش سىغىشچانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ئەگەر يەرلىكتە قاچىلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسىڭىز، ئورگان بېتىدە تەمىنلگەن Windows 8 سىغىشچانلىق مەركىزىدىن تەكشۈرۈش قورال ئەسلىھەسى، قوزغاتقۇچ ۋە ئەپ يۇمشاق دېتاللىرى Windows 8 بىلەن سىغىشامدۇ يوق تەكشۈرۈپ كۆرۈشىڭىز كېرەك.
ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز 32 بىتلىق Windows 7 بولسا، ئۇ ھالدا پەقەت 32 بىتلىق Windows 8 گە نەشر كۆتۈرەلەيسىز؛ مۇناسىپ ھالدا ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز 64 بىتلىق Windows 7 بولسا ئۇ ھالدا سىز 64 بىتلىق Windows 8 غا نەشر كۆتۈرەلەيسىز.
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە Windows سىستېمىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىلار ئېتىۋار قىلىش پىلانىدىن بەھرىمەن بولۇپ، پەقەت 98.00 يۈەن (خەلق پۇلى) تۆلەش ئارقىلىقلا Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىغا نەشر كۆتۈرەلەيدۇ.
Windows 8 نى يېڭىلاش ۋە نەشر كۆتۈرۈش
يېڭى يېڭىلاش پىرىنسىپى

Windows 8 دە يېڭى يېڭىلاش پىرىنسىپى قوللىنىلغان بولۇپ، سىستېما يېڭىلاش يامىقى ئارقا سۇپىدا چۈشۈرۈلىدىغان بولۇپ، قايتا قوزغىتىشمۇ ھازىرقى Windows 7 غا ئوخشاش ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى چىقمايدۇ ياكى كېچىكىپ قوزغىتىش ئەسكەرتمىسى بەرمەيدۇ. ئۇ ئودا ئۈچ كۈن سىستېما ئارا يۈزى (ئېكران قولۇپلىما ھالىتىدىمۇ) ئەسكەرتىش بېرىدۇ. ئەگەر ئىزچىل قايتا قوزغىتىلمىسا، سىستېما ئۈچ كۈندىن كېيىن (72 سائەت) مەجبۇرى ھالدا قايتا قوزغىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، Windows 8 ئۇسلۇب تەڭشىكىدە يېڭىلاش ۋە ئۈستەل يۈزى كونترول تاختىسىدا يېڭىلاش ئاساسەن بىردەك.

توردا نەشر كۆتۈرۈش
ئەگەر ئەڭ دەسلەپتە Windows 8 نىڭ ئادەتتىكى نەشرىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن Windows 8 نىڭ كەسپىي نەشرى ياكى كارخانا نەشرىگە ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە ”Windows 8 غا ئىقتىدار قوشۇش“ ئارقىلىق Windows 8 نىڭ ئوخشىمىغان نەشرىگە ئېرىشەلەيسىز. نەشرنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە (ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش) يەرلىكتىكى ئەپ، ھۆججەت ۋە تەڭشەكلەردە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت سېتىۋالغان مۇناسىپ مەھسۇلاتنىڭ ئاچقۇچ نومۇرىنى كىرگۈزۈشتۇر.

”كونترول تاختىسى\سىستېما بىخەتەرلىكى\يېڭى ئىقتىدارىغا ئېرىشىش“ تىن مەھسۇلات ئاچقۇچ نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ Windows 8 نى ئاكتىپلاش
Windows 8 ۋە ئىلگىرىكى Windows نەشرلەرنى ئاكتىپلاش ئۇسۇلى ئوخشاش، يەنىلا ئاچقۇچ نومۇرىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئوخشىمايدىغىنى Windows 8 دە ئىلگىرىكى ”تۈركۈم ئىجازىتى CD-KEY“ ئۇسۇلى بىكار قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر OEM كومپيۇتېرنىڭ BIOS ھەممىسىگە بىردىن بىر Windows ئاچقۇچ نومۇرى يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاكتىپلاشتىن ئىلگىرى Windows 8 UI ئارايۈزىنى خاسلاشتۇرۇش تەڭشىكى (ئېكران قۇلۇپلاش ھالەت رەسىمى، باشلاش ئېكرانى قاتارلىقلار) قۇلۇپلانغان بولۇپ، سىستېما ھەمىشە مەجبۇرى ”ئاكتىپلاش ئەسكەرتىشى“ كۆزنىكىگە ئاتلاپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاكتىلىپلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

————————
داۋامى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…
مەنبەسى: ئىلقۇت بىلوگى
|