ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 625|ئىنكاس: 10

MSN Messengerنى قىرغىزچىلاشتۇرۇش ھەققىدە ياردەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاقچا
5
جۇغلانما
86
توردا
15 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 18:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالام-ئەلەيكۇم ئالىپ ئەپەندى ۋە ئالىپ تورىدىكى قېرىنداشلار :
       مەن ئالىپ تورىنىڭ ئەزاسى Beles بولىمەن ،ئوقۇغۇچى، مىللىتىم قىرغىز ،ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان .
       كۆپچىلىككە ئايان ، ھازىر ئۇچۇر دەۋرى ، رىقابەت دەۋرى ، غەرىپ مەدىنىيتى بىزگە ئىلغار پەن-تېخنىكا ، ئىلغار ئدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزگە ،تۈرك مىللەتلىرى مەدىنىيتىگە ئورنىنى تولدۇرغىسىز يوقۇتىشلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئېغىر خىرىسقا دۇچچار بولىۋاتىدۇ ، ھەممىمىز ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيىمىز ، ئانا تىلىمىزنى سۆيىمىز ، مەدىنىيتىمىزنى ، تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسەك ئەرزىيدۇ .
      ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق تۈركىي مىللەتلەر بولغان ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئقتىسادى ،مەدىنىي تەرەقىياتى ھەممىنىڭ ئالدىدا ، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز ، ھەققىقەت ، شۇنىڭغا ماس ھالدا .ئۇچۇر تېخنىكىسىمۇ بىزگە قارىغاندا كۆپ ئالدىدا ،مەسىلەن بىر قاتار يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى قۇرۇلدى، ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دېتاللار ئشلىنىپ چىقىۋاتىدۇ، ھەتتا بىز كۆپ ئشلىتىدىغان مەشخۇلات سېستىمىلىرىمۇ ئۇيغۇرچە تىلدا سۆزلەشكە باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئشلىتىدىغان دېتاللارمۇ نامسىز قەھىرمانلار تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىدى...  ئۇچۇر تېخنىكىسى جەھەتتە ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىزگە باشلامچىلىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ .
       ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، مەنمۇ شۇ كۆپ قوللىنىدىغان بىر قانچە دىتالنى قىرغىزچىلاشتۇراي دېگەن ئدىم ، بىراق تېخنىكا ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە ئۇچۇراۋاتىمەن ، كەتكەن ۋاقىت كۆپ ،بىراق ئەمەلىي ئۈنۈم بەك تۆۋەن بولىۋاتىدۇ (قىرغىزچە ئاتالغۇ، تەرجىمە جەھەتتە مەسىلە يوق). شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىپ ئەپەندىدىن شۇنداقلا قېرىنداشلاردىن ياردەم سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن ، كۆپىرەك يول كۆرسەتكەيسىلەر !
        بىرىنچى قەدەمدە MSN Messengerنى قىرغىزچىلاشتۇراي دېگەن ، تېخنىكا جەھەتتىن بەك قىينالدىم ، ئالىپ تورىدا سۆزلەنگەن بىر قانچە ئۇسۇل بويىچە تەرجىمە قىلىپ سىناپ باقتىم ،نۇرغۇن ۋاقتىم كەتتى،  بىراق ئۈنۈمى بولمىدى ، قىقىسى تېخنىكام يېتىشمىدى ، ئالىپ ئەپەندى ، بولسا مۇشۇ جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلغان بولسىڭىز ، كۆپ رەخمەت سىزگە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 19:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇرۇپپىمىزغا قوشۇلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

MSN Messengerنى  قىرغىزچىلاشتۇرۇشقا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشنى خالايمەن. مەن تېخنىكىلىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلاي، سىز خېتنى قىرغىزچىغا تەرجىمە قىلىڭ (مەن قىرغىزچىنى بىلمەيمەن شۇڭا تەرجىمىدە ياردەم بېرەلمەيمەن) . پۈتكەندە ئالىپ ئۇيغۇرچلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى نامىدىن ۋە سىزنىڭ شەخسى نامىڭىزدىن ئالىپ تورىدا ھەقسىز تارقىتىمىز. ئېلان تەشۋىقات، تارقىتىش ھوقۇقى ئالىپ تورىدا بولىدۇ. قوشۇلسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى ئادېرستىن Sisulizer دېتالىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىڭ.  (ئۆگىنىپ بولغان بولسىڭىز تېخى ياخشى) قالغىننى ئاندىن سۆزلىشەيلى.

دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى

Sisulizer2010 دەرىسلىكى
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

ئاقچا
5
جۇغلانما
86
توردا
15 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 19:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بولىدۇ ، مەن تەلىپىڭىزگە قوشۇلىمەن ، شۇنداق بولسۇن ، قوللىغىنىڭزغا كۆپ رەخمەت ئالىپ ئەپەندى
     Sisulizer2010  بۇ دىتال بىلەن ئالدىنقى مەزگىللەردە خېلى ھەپىلەشكەن ھازىرمۇ كومپىوتىرىمدا ئورنىتىغلىق، ئشلىتىشنى يامان ئەمەس بىلىمەن .

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
574
توردا
83 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 21:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىرغىز دوستۇمىزنىڭ غەيرىتىگە ،ئىشلىرى تىزراق ئەمەلگە ئاشسۇن.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
399
جۇغلانما
471
توردا
115 سائەت
نادىر
0
تېما
21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 16:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان پىكىركەن.
بولسا گورۇپپىدا باشقا قېرىنداش مىللەتلەرمۇ قېتىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكى قىرغىز، قازاق، تاتار، تاجىك ... قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى بىز بىلمىگەندىكىن، ئۇشۇلاردىن ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان ئادەملەر بولسا دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىغا بىز يېتەكچىلىك قىلساق، تىلىنى ئۇلار تەرجىمە قىلسا بولىدىغان گەپكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-6 16:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر سىلاۋيان ياكى لاتىن ھەرپلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇنداقتا يۇمشاق دېتاللارنى شۇلارنىڭ تىلىغا ئۆرۈش تېخىمۇ ئاسان دېگەن گەپ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
574
توردا
83 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 14:27:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا،  كومپيۇتىر تېخنىكىسىدا خىلى ئالدىدىكەن جومۇ.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-26 14:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Beles ئەپەندى، Messenger نى قىرغىزچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىڭىز قانداق بولىۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

ئاقچا
5
جۇغلانما
86
توردا
15 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 12:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش alip نىڭ يازمىسى

ئەسسالام-ئەلەيكۇم ،  يېرىمى پۈتۈپ قالدى ، تەرجىمە سۈرىتى بئر قەدەر ئاستا ، ئمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا كۆپ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن ، ئمكان قەدەر تىزىراق پۈتۈرۈشكە تىرىشىمەن !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 12:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتكەن قىسىمىنىڭ رەسىملىرىدىن بىر نەچچە پارچە يوللىۋەتمەمسىز. كۆرۈپ باقايلى.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.070398 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 05:27

چوققىغا قايتىش