ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش

ZTE V880 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى ھەققىدە

يوللىغۇچى: ھۇررا | يوللىغان ۋاقتى: 2012-5-4 20:19| كۆرۈلۈشى: 423| ئىنكاس سانى: 15|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

ئالدىنقى قېتىم بىر توردىشىمىز بىر يازما يوللىغان. ZTE V880 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى چىققانلىقى توغرىسىدا. ئادرىسى:
/forum.php?mod=viewthread&tid=4179&highlight=880

شۇنىڭدىن كىيىن مەن توردىن بەك كۆپ ئىزدىدىم. خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكى قاتارلىق خېلى كۆپ تور بەتلەردە شۇ توغرىسىدا خەۋەر بار ئىكەن. « 2012-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى تىجارەت ئۇرۇنلىرىدا مۇشۇ مۇلازىمەتنى تەمىنلەشنى باشلىدى» دەپتۇ.

بىراق، مەن تېلفۇنۇمنى سېتىۋالغان تىجارەت زالىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ئالاقىلاشسام، ئۇلار ئۇنداق ئۇقتۇتۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنىم، ئۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئاندىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق تارماق شىركىتىگە تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسەم، ئۇلارمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.

قانداق قىلساق شۇ روم ھۆججىتىنى تاپقىلى بولار. بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتە ئىشلەيدىغانلار، ياكى دوستى بارلار بىر سۈرۈشتۈرۈپ باققان بولساڭلار.  تېلېگراف نەشىرىدىكىسى بازارغا سېلىنىپتۇ. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نەشىرىدىكىمۇ چۇقۇم بولىشى مۇمكىن.

ياكى بولمىسا تېلېگراف نەشىرىدىكىسىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ZTE V880 غا كۆچۈرۈپ سىناپ باققان بولساق.

يېڭى ئىنكاسلار

xaydayi يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 20:34:35
بۇ تېمىڭىزنى تەستىقلىماي دېگەن ئىدىم،سەۋەبى :
1- بۇ روم ھەقىقەتەن بار ئىكەن ، لېكىن پەقەت بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئىچكى تورىدىلا بۇ رومنى چۈشۈرگىلى بولىدىكەن ...
2- تېمىڭىزنى ماس سەھىپىگە يوللىماپسىز ، تېمىنى يۆتكەي دېسەم ھۇقۇقىڭىز يەتمەيدۇ دەپ چىقىۋالدى .
3- بۇ رومنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باققانلار يوق ، سىز قەيەرگە تېلىفۇن قىلغىنىڭىز بىلەن بۇ رومنى پەقەت شۇ تېخنىكىلىق خادىملارلا بىلىدىكەن ...
ئالدىنقى قېتم مەن ئاشۇ تېمىنى كۆرۈپ  تولۇق بىر ھەپتە ئىزدەندىم ،لېكىن ئىچكى تورغا كىرىش مۇمكىن بولمىدى .

oyginiman يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:03:15
ئاپلا تىلفۇن ئىلىشتا ئالدىراپ كىتىپتىمەن ئەمەسما. بالدۇرراق  ئۇققان بولسام  مۇشۇ تىلفۇننى سىتىۋالاتتىم .بۇرۇنقى تىلفۇنغا ئۇيغۇرچى تونىتىپ بولالماي باشقىسىغا ئالماشتۇرغانتىم ...
ھۇررا يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:22:55
تەستىقلىمىسىڭىزمۇ مەيلى ئىدىغۇ، مۇنبەر سىلەرنىڭ شەخسىي مۈلۈكۈڭلار بولغاندىكىن. بىزدە نىمە ئامال.
ھۇررا يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:25:58
ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولغان بىلەن، ھېچكىم ئۇقمىسا، ياكى بىرە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان V880 نى كۈرۈپ باقمىساق. ھەقىقەتەن مەۋجۇت دەپ لىۋىمىزنى چىشلەپلا ئولتۇرامدۇ.

بىرەر ئامال قىلمامدۇق ئەمدى.
sewriyar يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:17:12
ئالدىنقى قېتم بىر توردېشىمىز...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇرادەر ئالدىڭزدا خىجىلمەن، v880 تىپلىق بۇ يانفۇننىڭ سىزتىلغا ئالغان تىمىدىكى Rom ھۆججىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇت . لىكىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئىچكى توربىتىدە تەمىنلەنگەن بولغاچقا مەندە ئامال بولماي قالدى. سىزنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشش شىركىتىدە بۇرادىرىڭىز بولسا بىرەر ئامال قىلمامسىز؟  ( ئەگەرتاپالىسىڭىز كۆپ ئادەم مەنپەئەتلەنگەن بۇلاتتى )
sewriyar يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:25:34
بۇئىنكاس Symbian سىستىمىلىق يانفۇندا يېزىلغاچقا نەقىل ئالغىلى بولمىدى.
azar يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 02:41:31
sewriyar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 00:25
بۇئىنكاس Symbian سىستىمىلىق يانفۇندا يېزىلغاچقا نەقىل ئا ...

مەندە v880 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى بار، لىكىن بوشلۇققا يوللىيالمايمان،ھەم بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئىچكى تور بېتىدەتەمىنلەنگەن روممۇ ،ئەمەسمۇ بىلمەيمەن ،ماڭاباشقىلار چچ دىن ئەۋەتىپ بەرگەن بىرلەشمىنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىدىغانلار سېناپ بېقىڭلار،مەندە u880 بولغاچقا ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا،سىنالمىدىم ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن قىرىندىشىم ،بىرلەشمىنىڭ كارتىسىدا نورمال ئىشلەيدۇ دىگەن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-5 02:43):
سىناپ باقىدىغانلار چچ نۇمۇرنى قالدۇرۇڭ ئەۋەتەي.
000BAHTIYAR يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:11:38
azar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 02:41
مەندە v880 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى بار، لىكىن بوشلۇققا يوللىي ...

بۇرادەر ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىزQQ693560455
توردا ساقلايمەن!بولسا يوۋشىياڭغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز
ھۇررا يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:18:16
ماڭا ئەۋەتىپ بىرىڭ، مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم: 392734626

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-13 21:27 , Processed in 0.102023 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش