ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 6

مىسىردىكى تاش ھەيكەل ۋە بىزنىڭ مائارىپىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
111
ئاقچا
6
توردا
5 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-24
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 13:14:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سفىنكىس – شىر تەنلىك ، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل. قەدىمقى زاماندىكى بىرخىل غايەت زور تاش ھەيكەل بولۇپ، ئادەتتە شىر تەنلىك ياكى ھايۋان تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك قىلىپ ياسالغان. ئەڭ داڭلىق سفىنكىس قەدىمقى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى ھافرا قاھىرە ئەتراپىدىكى گىزا(Giza) دېگەن جايدا ئۆز ئىھرامىنىڭ يېنىغا ياساتقان سفىنكىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتىر، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 57 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سفىنكىس بىر پارچە غايەت زور قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان ، ئېيتىلىشىچە يۈزى ھافرانىڭ يۈزىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، فىرئەۋىنلەرنىڭ سۈرلۈكلىكىنىڭ سىموۋلى ئىكەن. ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ناپالېئون يىراققا يۈرۈش قىلىپ مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، بۇ سفنىكىسقا فىرانسىيە ئارمىيسىنىڭ زەمبىرەك ئوقى تېگىپ كېتىپ، يۈز قىسمى زەخمىلەنگەن. قەدىمقى ئاسسۇرىيە ۋە فىنكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ سفىنكىسلار بولۇپ، تولىسى مىسىرنىڭكىگە تقلىد قىلىپ ياسالغان. ھازىر «سفىنكىس» دېگەن سۆز كۆپىنچە ئىمارەتلە ياكى ھۈنەر- سەنئەت  بويۇملىرىنى بېزەيدىغان ھەرخىل ئادەم باشلىق، كالا باشلىق، قوي باشلىق ھايۋان تەنلىك نەقىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مىسىر بىلەن ئارىلىقىمىز يىراقراق شۇنداقلا ئۇ يەرگە ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بولسىمۇ بېرىپ، شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەللەرنى كۈرۈش بىزگە پەرز بولمىغان ۋە زۆرۈر بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپىمىزدىكى شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھوقۇقدارلارنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ بۇ تېمىنى يېزىش ئىلھامىمغا سەۋەپ بۇلۇپ قالدى.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق لۇغىتىدە يۇقارقى ئۇچۇرلارغا ئائىت ئىزاھاتلار تۆۋەندىكىدەك بېرىلگەن ئىكەن.
① پىكىر قىلىش، سۆزلەش ۋە ئەمگەك قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ھەم ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياسىيالايدىغان، ھەم ئىشلىتەلەيدىغان، شۇ سەۋەبلىك باشقا ھەممە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن تۇرغۇچى جانلىق؛ كىشى، ئىنسان: ② كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئايرىم ئەزاسى، شەخس: ياخشى ئادەم. ئەخلاقلىق ئادەم. ناچار ئادەم. ③ كوللېكتىپ ئىگىلىك ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەربىرى؛ جان:   ④ بىراۋنىڭ خىزمەتكارى ياكى تەرەپدارى: 5.يەر يۈزىدىكى بىرىنچى ئىنسان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئاللاھ بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقاندىن كېيىن، ئادەمنى تۇپراقتىن يارىتىپ جان كىرگۈزگەن، ئۇنىڭغا شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى زېمىندا تۇرغۇزۇشنى ئىرادە قىلغان. ئادەم پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بوۋىسى بولۇپ، بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە مىڭ يىل ياشىغان.
شىر- سۈت ئەمگۈچى گۆشخور ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا، تۆت پۇتى كۈچلۈك كېلىدۇ. ئەركىكىنىڭ بوينىدا ئۇزۇن يالى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلىرى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە كېلىدۇ. ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. كۈچلۈك ھۆركىرەيدۇ. ئادەتتە ھايۋانلار پادىشاھى دەپ قارىلىدۇ.
ھەيكەل ①  ئادەم ياكى ھايۋان گەۋدىسىنىڭ گىپس، تاش، مېتال، ياغاچ ۋە شۇ قاتارلىق قاتتىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان تەسۋىرى: ② كۆچمە. نامدا بار، ئەمما قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئەمەلىي ھوقۇقى يوق ئەمەلدار:
گەرچە مىسىر پىرئەۋىنلىرى ئۆزلىرىنى ئالەمچە پەردازلاپ، ھوقۇق تۇتقان ۋاقىتلىرىدا شىردەك ياۋۇزلۇق قىلغان، ئۆلۈمنى ئويلىغان چاغدا، ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆڭلىدە ئېتىراپ قىلغان، ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ئۆزلىرىگە مەڭگۈ باش ئۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ھەيكەللىرىنى تىكلىگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېساپتا تارىخ ۋە خەلقنىڭ باھاسى ئۇلارنىڭ يەنىلا ئاددى ئادەم سۈپىتىدە ياخشى ئادەم ۋە يامان ئادەمدىن ئىبارەت ئىككى باھانىڭ بىرىدە ئېتىراپ قىلدى.

دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريىسىدە ئاجىزلار شاللىنىپ، كۈچلۈكلەرنىڭ تاللىنىپ تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئەمما كۈچلۈكلەر تەرەققى قىلدۇرغان زاماننىڭ ئاجىزلار تەرەققى ياشىغان زاماندەك ئادىل، ساپ ، ھەقىقى بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ قانداق بۇ ھەقتە توختالمىغان بولسا كېرەك.
يەر شارىدىكى زورلۇق زومبۇلۇقلار نۇقتىسىدىن قارىساقمۇ ئەسلىدە كۈچلۈكلەرنى ھەم ئەقىللىقلەر ھەم رەھىمسىزلەر دەپ قارىساق خاتا بولماس دەپ قارايمەن. ناۋادا زامان ئەقىللىق كۈچلۈكلەرنىڭ قولىغا چۈشسە، ھەممە ئادەمنىڭ بەختى ، ناۋادا ئەقىلسىز قارا قورساقلارنىڭ قولىغا چۈشسە، بىچارە چۈمۈلىنىڭمۇ كۈن ئالمىقى تەس!

مانا ھەش پەش دىگۈچە مائارىپ سېىغا قەدەم قۇيۇپ، «مائارىپ، بالىلار، مىللەت، كەلگۈسى» دەپ يۈرگىلىمۇ 20 يىل بۇلۇپ قاپتۇ. بۇ 20 يىلنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئىنتايىن ئاددى ۋە ئىنتايىن ناچار شارائىتتىكى ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ئۆتكۈزگەن بولساق، 20 يىلنىڭ ئوتتۇرىسىنى ناھايتى يۇقىرى بېسىملىق خىزمەت مۇھىتى ئەمما ناھايتى قايناق ۋە ئەھمىيەتلىك تەربىيە خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈپتىمەن.
دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلارنى ئېچىش، شىنجاڭ مائارىپ خىزمەت يىغىنى روھىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، ھەقىقەتەن رايونىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىچىدە مائارىپتىكى سېلىنمىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ياخشىلاندى. مەكتەپلەر ئەڭ ياخشى مۇھىتقا، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەڭ سەرخىل ئادەملەرگە، بالىلارمۇ ئەڭ ياخشى تاللاشقا ئېرىشىۋاتقان مۇشۇنداق مۇھىتتا، مائارىپتىكى ھوقۇق سودىسىنىڭ  چەكسىز ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە ئۆزلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇپ ، سەبى بالىلار ۋە ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ بېشىغا نادان، قارا قورساقلارنى تىكلەپ قويۇشىنى نېمە دەپ چۈشەنگۈلۈك؟  بۇلارنى دارۋىن نەزىريىسىدىكى كۈچلۈكلەر دەپ ئېيتساق، ئۇلارنى كىم، قانداق ئادەملەر ئېتىراپ قىلىدۇ؟
بىر ئۆمۈر بىرگە بىرگە ئىشلەش داۋامىدا، بىزگە «مىللەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن» ھەققىدە ۋەز ئېيتقان ئۇستازلارنىڭ ھوقۇق ئۈچۈن بىر كېچىدىلا ، پىرئەۋىننىڭ تاش ھەيكەللىرىگە ئايلىنىپ كېتىشى مېنى ئەمەس، مىللى مائارىپنىڭ تەقدىر قىسمىتىدىن ناھايتى ئەپسۇسلاندۇردى.
«قىزىل تېرگاۋ» دېگەن تور ئويۇنىنى ئويناپ دۈشمەنلەرنى تازا يېڭىپ، قىرىۋاتقان مەزگىلدە، بىر خىل ئەپسۇن ئوقۇيدىغان ئوقۇيدىغان ئەسكەرلەر پەيدا بولىدۇ دە، شۇنداقلا بىر ئەپسۇن ئوقۇسا، بىزنىڭ ئاران ياساپ چىققان ئەسكەرلىرىمىز تۇرماق تۆمۈر تانكىلىرىمىزمۇ ، ئۇلار تەرەپكە ئۆتۈپ بىزگە ئوق چىقىرىپ بىزگە قارشى چىقىدۇ. مائارىپتا ھازىر ئەنە شۇنداق يوشۇرۇن ئەپسۇنچىلارنىڭ تەسىرىدە، تەرەققىياتقا، كەلگۈسىگە ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ، مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشىنى، مائارىپتا سۈپەت ئۆزگىرىشىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدىغان ، سېھىرلەنگەن قورچاق ئۇستاز»لار بارلىققا كەلمەكتە.
پىرئەۋىنغۇ نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ياشاپ، خەلققە ئەپسۇن ئوقۇسۇن، ئۇ زامانلاردا مەدەنىيەت تەرەققى قىلمىغان....شۇڭا خەلق ئۇلارغا چەكسىز ئىشەنگەن...
ھازىرقى زامان ھوقۇق ئەپسۇنچىلىرىنىڭ كارامىتى پىرئەۋىن ئەپسۇنچىلىرىنىڭ كارامىتىدىن مىڭ ھەسسە يۇقىرى. گەرچە ھازىرقى زامان ھوقۇق ئەپسۇنچىلىرىنىڭ مەخسۇس گۈمبىزى، ھەيكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا شۇنداق بىر خىسلەتلەر باركىن، ئۇنىڭ ئەپسۇنلىرىنىڭ ئىلھامىدا، ساق ئوقۇتقۇچى خامۇش ئوقۇتقۇچىغا، ساق رەھبەر نادان رەھبەرگە ھەش پەش دېگۈچە ئايلىنىپ بولالايدۇ.
مائارىپتىكى باشلىقلارنىڭ مەكتەپلەرگە مۇدىر سەپلەشتە ئەپسۇننى ئاساس قىلىشى دەل بۇنىڭ پاكىت ئاساسى.
زامان ئەپسۇنىنىڭ تەسىرىدە ، ئەمەلدارلىرىمىز مۇدىر تەيىنلەشتە، ئۇلۇم بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىنىڭ
«كور ئىتقا بولۇۋەرسە باش ئارسلان،
بولۇر ئىتلار ئارسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئارسلانغا باش ئىت،
بولۇر ھەممە ئارسلانلار ئىتتەك ھامان»  دېگەن ھېكمەتلىرىدىكى باشتىكى ئىككى مىسرانى تاشلىۋېتىپ، ئاخىرىدىكى ئىككى مىسراغا ناھايتى قاتتىق ئەمەل قىلماقتا.
مائارىپتا نېمە كەم؟
ھېچنىمە كەم ئەمەس، مەكتەپلەر باغچىلاشتۇرۇلغان، ياش، ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئېھتىياج بويىچە قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قۇيۇلغان....
ئۇنداقتا نېمە كەم؟
پەقەت ۋە پەقەت مائارىپ ئۈچۈن سوقىدىغان يۈرەكلا كەم!
لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھازىرقى قسىمەن ئەمەلدارلارنىڭ ۋاقتىلىق ھەيكەل تىكلەپ، ئۆزىنى مىسىر پىرئەۋىنلىرىدەك مەبۇد ھېساپلاپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئاخىرقى ھېساپتا، ياكى مىللەتنىڭ ساپا جەھەتتىكى ھالاكىتى ياكى ئەپسۇنچى موللىلىرىنىڭ خاتا ئايەتلىرى ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ تويمىغۇر نەپسى تۈپەيلى ئۇنى كىشىلەرنىڭ ھەقىقى يوسۇندىكى ھۆرمىتىگە مەڭگۈ ئېرىشتۈرەلمەيدۇ.

شەھىرى ئاقسۇ   2012-يىلى 4-ئاي

Rank: 4

جۇغلانما
168
ئاقچا
1
توردا
108 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-9
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 17:45:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ تورىغا  مانا  مۇشۇنداق  ئېسىل  مۇلاھىزىلىك  تىمىلار   ئېلان  قىلىنىپ  تۇرسا  ئوقۇغۇچىغا  خۇددى  پولۇ  لەڭمەننىڭ  ئارىسىغا    ئوخشىتىپ ئېتىلگەن    چۆچۈرىلىك  سۈيۈقئاش ئارىلىشىپ  كەلگەندەك بەلەن  تېتىيدىكەن.  
تېما  ئېگىسىگە  تەشەككۈرلەر،  ئېسىل  مۇلاھىزە  بوپتۇ.

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
132
ئاقچا
0
توردا
50 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-27
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 17:51:31 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نا ھايتى ياخشى تېمىدا يېزىلغان ئەسەر ئىكەن ،رەخمەت سىزگە .بىراق ،كۆر ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسىلان ........بۇ مىسرالار پەيلاسۇپ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ  قۇتات غۇبىلىك داستانىدا ئېيتىلغان .. ئەلشىر ناۋائى ئۇ سۆزلەرنى ئشلەتكەن .ئىنكاس يانفۇندا يېزىلغاچقا تەھرىرلىيەلمىدىم ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇغايسىلەر...

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
85
ئاقچا
0
توردا
13 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-27
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 18:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نا ھايتى ياخشى تېمىدا يېزىلغان ئەسەر ئىكەن ،رەخمەت سىزگە

Rank: 4

جۇغلانما
603
ئاقچا
2
توردا
85 سائەت
تىزىملاتقان
2011-2-7
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 15:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىدەك قىلامسىز نىمە ؟يازمىڭىزمۇ بەلەن چىقىپتۇ.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 4

جۇغلانما
603
ئاقچا
2
توردا
85 سائەت
تىزىملاتقان
2011-2-7
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 15:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمىڭىز ۋيگۇر  (توغرىسى : ئۇيغۇرuyghur  )بۇلۇپ خاتا يېزىلىپ  قالدىمۇ ياكى قەستەن خاتا يېزىۋالدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
111
ئاقچا
6
توردا
5 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-24
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنى باشقىلار ئىشلىتىپ بوپتۇ...
بۇ خىل يېزىلىشنى تىل يېزىق كومىتىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىشتىن بۇرۇنلاش ئىشلەتكەن. ھازىرمۇ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن... سىز توغرا چۈشىنىپ ئوقۇسىڭىز بولدى...
يېڭى چىققان Windows8 دىمۇ بۇ مەسىلە ئېنىق ھەل بولماپتۇ...
ئىشقىلىپ ئوقۇسىڭىز مەنىسى باشقا ياققا كەتمەيدۇ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-10 15:06 , Processed in 0.114909 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش