كۆرۈش: 1206|ئىنكاس: 5

ئانا تىل-ئۇيغۇر تىلى تور بېتى ئېچىۋىتىلدى(ئۇلىنىش ئىلتىماسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
9
توردا
0 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بېتى ھەققىدە



مىللەت - ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل ، ئورتاق زېمىن ، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى.
بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە شۇ مىللەتكە خاس بولغان ئورتاق تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقى مىللەتلىك خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۇرۇپ ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ،ئەنئەنىسىنى،تارىخىنى،مەدەنىيتىنى،.... ئۆز تىلى بىلەن كىيىنكىلەرگە يەتكۇزىدۇ.
توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم،رەڭگارەڭ ،ئىلغار ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىگە دائىر نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى تىپىش تامامەن مۇمكىن.لېكىن ئۇيغۇرتىلىغا دائىر كەسىپلەشكەن تور بەتنى يىقىنقى بىر – ئىككى يىل مابەينىدە تىپىش مۇمكىن بولمىدى. بىلىك،ئىزدىنىش،ئىنتىل قاتارلىق توربەتلەردە ئېچىلغان ئۇيغۇرتىلى سەھىپىسى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ھەل بولغان بولسىمۇ، لېكىن سىستىمىلىق بولغان ياكى باشقىلار سىنىڭ ئۆز تىلىڭنى ئۆگىنىدىغان بىرەر تور بىتىنىڭ بارمۇ دىسە دەماللىققا ئويلانمايلا بار دىيەلەيدىغان ئىمكانىيەت بولمىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئانا تىلىم تور بېتى بىزنى بۇ خىل ئىمكانىيەت ، ئىپتىخارلىق ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى.
ئۇيغۇرتىلى خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتقان ئالاھىدە ئەھۋالدا ئۇيغۇرتىلىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش، ئۆزگىچە تىل بايلىقىنى نامايان قىلىش ، تىلنى توغرا ئىشلىتىش،ئۆز تىلىنى بىلمەيدىغانلارغا ياردەم بىرىش.....بۇلار ئۆز مىللىتىگە كۆيىنىدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ساقلاپ تۇرىشىنى ئۇمۇت قىلىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى. بۇ زامان پەقەت قۇرۇق گەپ قىلىپ، پو ئاتىدىغان زامان ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان زامان.
مەن 2010-يىلىدىن بىرى بىر قانچە چوڭ توربەتلەرگە ۋە يېڭىدىن تور بەت ئاچماقچى بولغانلارغا مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى سەھىپىسى ئېچىش ياكى ئۇيغۇرتىلىغا دائىر مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان تور بەت ئېچىش تەكلىپىنى بەرگەن بولساممۇ، لېكىن بۇ ئىش تاكى ھازىرغىچە روياپقا چىقمىدى.بەلكىم زىيارەت مىقدارى ، مەزمۇن، زىيارەتچىلەر قاتارلىق تەرەپلەردىن ئويلاشقان بولىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرتىلىغا دائىر كەسىپلەشكەن بىر تور بەتنىڭ بولماسلىقى مىنى ئىزچىل بىرخىل تەشنالىق،ئىنتىزارلىق ئىچىدە قىينىغان، ئۆزگە مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش داۋامىدا ، مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىش تور بىتىڭ بارمۇ دەپ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەي ئۇيالغان، ئۆزۈمنىڭ بىر ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرتىلىنى ئىشلەتكۇچى، تور بەت قۇرغۇچى تۇرۇقلۇق بۇ ھەقتە پەقەت پىلان قىلىپ، خىيال قىلىپ ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ ، ھېچ ئىش قىلمىغىنىمدىن ئۆزۈمدىن نەچچە رەت نومۇس قىلغان جەريانلار مىنى داۋاملىق تۈردە قىيناپ كەلگەن ئىدى.
دەرۋەقە ئۇيغۇرتىلىغا دائىر نۇرغن مەسىلىلەر تور بەت يۇزىدە ھەل بولدى،ھەل بولىۋاتىدۇ.بۇ تەرەپلەردە بىلىك،ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتى،ئۇيغۇر سوفت،ئالپ سوفت،ئىزدىنىش،كەنجى سوفت قاتارلىق تور بەتلەر ،ئىلمىي جەمئىيەتلەر،شىركەتلەر،شەخىسلەرنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى قىلىپلاشتۇرۇش،ئۇچۇرلاشتۇرۇش،تەشۋىق قىلىش جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنى ۋە تۆھپىسىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇيغۇرتىلىغا دائىر مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بېتى ئۇستىدە دېگەن بىر قاتار مەسىلىلەر ، ئەڭ مۇھىمى شەخىسنىڭ ئارزۇسى ئاساسىدا قۇرۇلدى.
ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بېتىگە تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر تۆۋەندىكىچە:
ئۆلچەم – ئۇيغۇرتىلى ئاساسى بىلىملىرى، فونتىكا،لىكسىكا،گىرامماتىكا قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ، تونۇشتۇرۇش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
تەتقىقات-ئۇيغۇرتىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتقا ئەگىشىپ تەرەققى قىلىش ، ئۆزگىرىش،مۇكەممەللىشىش تارىخى ھەققىدە ئىلمىي ئىزدىنىش، ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتىدىكى،جۇملىدىن ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى تۆھپىكار شەخس، ئورۇن ۋە گۇرۇپپىلار ھەققىدە ئۇچۇر، تۇرمۇشىمىزدا ئۇيغۇرتىلىنى قوللىنىش ،ئىشلىتىش جەريانىدا يۇز بىرىۋاتقان خاتالىقلار ، سەۋەنلىكلەر ئۇستىدىكى ئىزدىنىش ،كۆزىتىش، تەكلىپ-پىكىرلەر،ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتىغا دائىر تۇرلۇك ئىلمىي ماقالىلەر تونۇشتۇرۇش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
ۋاسىتە – ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشكە دائىر كىتاب-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، يۇمشاق دېتاللار، ئېلكىتاب،رەسىم، ئاۋازلىق-سۇرەتلىك ماتېرياللارنى تەمىنلەش ، تەشۋىق قىلىش، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
خەت نۇسخىسى چۈشۈرۇش – ئۇيغۇرتىلى كومپيۇتېر خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى ، خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتاللىرىنى، ئۇيغۇرتىلىغا دائىر تەھرىرلەش قاتارلىق دېتاللارنى چۈشۈرۇش بىلەن تەمىنلەش،تەشۋىق قىلىش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرتىلىدىكى نۇسخىسى ئىچىۋىتىلدى. خەنزۇتىلىدىكى بېتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.
................................................................................................
ئۆز تىلىغا كۆڭۈل بولۇش، ئۆز مېلىغا كۆڭۈل بولۇشتىنمۇ مۇھىم، ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى قۇرۇلدى. مەن بىر ئاددى كىشى، ئۇيغۇرتىلى جەھەتتىكى بىلىمىمنى مول،مۇكەممەل دىيىشكە بەكلا بالدۇرلۇق قىلىمەن.شۇنداق بولغاچقا سەۋەنلىكلەر ساقلانغان بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ،تەنقىد ۋە پىكىر بىرىشنى ئۇمۇت قىلىمەن.ھەمدە مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان دوسلار، ئۇستازلارنىڭ ياردەمدە بولىشىنى، مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، باشقۇرۇش ،تەھرىرلەشكە قاتنىشىنى سەمىمىي ئۇمۇت قىلىمەن،شۇنداقلا شارائىتى بار ئۇستازلار ۋە دوسلار بولسا ھەمكارلىشىشنى،تور بەت خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى بىلەن ھەقسىز ئۆتكۈزۇپ بىرىشنى خالايمەن.(مېنىڭ شارائىتىم يەنىلا شۇ تورغا چىقىش ناچار ئەھۋال ئاستىدا)
ئاخىرىدا ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يىقىندىن ياردەمدە بولغان ئابدۇراخمان،ئەسئەت ئەپەندىلەرگە، تور بەتنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگەن قاغىلىق ئىدراك ئىلىكتىرون تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئوسمانجان(ئېرلان)ئەپەندىگە رەھمەت ئىيتىمەن.

ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بىكەت ئادرىسى : http://www.anatil.org |         http://www.维吾尔语.com         

ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى خەت نۇسخىسى چۈشۈرۇش بېتى ئادرىسى: http://www.anatil.org/uyfont/

تۇغ ئادرىسى:           تۇغ:  

ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورىنىڭ ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بىتىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قىتىۋىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2283
جۇغلانما
645
توردا
3569 سائەت
نادىر
40
تېما
225
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 11:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىغا پايدىلىق ھەر قانداق ئىشنى قوللايمىز.
كىچىككىنە تەكلىپ: ئانا تىل تور بېتى بولغاندىكىن ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولساڭلار. تور بەتكە كىرسەم باش بەتتىلا بىر نەچچە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن.
ئۇيغۇرتىلى ئەمەس ئۇيغۇر تىلى. بىر سۆزدىن كېيىن بىر بوشلۇق بار.
يۇزى ئەمەس يۈزى
بىتىنىڭ ئەمەس بېتىنىڭ
ۋاسىتە توغرىمۇ ياكى ۋاستەمۇ؟
ئالىم ئەھەتنى ئالىم ئەخەت دېسەڭلار ئاچچىقى كېلىپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
9
توردا
0 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-8-12 11:41
ئۇيغۇر تىلىغا پايدىلىق ھەر قانداق ئىشنى قوللايمىز.
كىچ ...

123.JPG


مەنمۇ جىق مەسىلىلەردە گاڭگىراپ قىلىۋاتىمەن. يىڭى ۋە كونا ئىملا قائىدىلىرى بەكلا ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
232
توردا
71 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 12:49:43 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ تولىمۇ خۇرسەن بولدم قوللايمەن مىنىڭ كومپيوتېردا تورغا چىقىش ۋاقتىم بەك ئاز كۆپۈنچە يانفۇندا تورغا چىقىمەن شۇڭا مەندەك يانفۇندا تورغا چىققىچىلار ئۈچۈن ئانا تىل تورىنىڭ يانفۇن نۇسقىسىمۇ تۈزۈلگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
146
توردا
46 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 13:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى بوپتۇ !  بۇ  بىر بىلىم كانى  ئىكەن!  قوللايمىىز!

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
216
توردا
56 سائەت
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 17:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 苏ICP备12047620号-1 )

, Processed in 0.071214 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-10-19 22:21

چوققىغا قايتىش