ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك رېتىمىغا ئەگىشىپ، ئادەمنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ يىلنى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تىلى يىلى دېيىشكىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن. نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز، بۇ يىل كىرگەندىن بىرى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسىغا Windows 8 نىگىزىدىن (تېگىدىن) ئۇيغۇرچە قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ھازىر بۇ سىستېما بۇ يىل 10-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ سىستېما بازارغا سېلىنسا بۇنىڭدىن كېيىن كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ جاھىل ماشىنىنىڭ ھەر قانداق قىسمىدا ئۇيغۇرچە تونۇتىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشقا خاتىمە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تورداشلارغا مەلۇم بولسا كېرەك، بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىزچىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ يىل يەنە بىر مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) سىستېمىسىنىڭمۇ تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نەشرى ئېلان قىلىندى.
ھەقسىز ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) نى تېگىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچە سىستېما ئىشلىتىشىمىزدە زور قولايلىق ئېلىپ كېلىشكە سەۋەبچى بولغان بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، تىرىشچان، ئوت يۈرەك ئالىمىمىز ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ كۈچلۈك كۈچىشى بىلەن مىكروسوفتنىڭ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى تېگىدىن قوللايدىغان ساپ ئۇيغۇر يېزىقىلىق سىستېمىسىنىڭ بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغانلىقىدەك كاتتا خەۋەرلەر ئادەمنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىۋەتتى. ئەمدى گېپىمىزنى بۇ كومپيۇتېردىن ئىبارەت جاھىل ماشىنىدىن ئالقىنىمىزدا ئوينىتىپ يۈرگەن يانفونغا يۆتكىسەك، ئالما شىركىتىنىڭ ئالما يانفونى ساپ ئۇيغۇرچىنى قوللىغاندىن (تېگىدىن ئەمەس، بەلكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىنى نورمال كۆرسىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ) سىرت يەنە دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ يانفون ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان گۈرۈچفونمۇ ئۇيغۇرچىنى تامامەن قوللايدىغان بولۇپ چىقتى. (ئەسكەرتىش: پىرىنسىپ جەھەتتىن ئەنجۈر سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئەنجۈر 4.0 دىن يۇقىرى سىستېما نەشرىدە ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما مەن ئۆزۈم پەقەت گۈرۈچفوننى ئىشلەتكەن بولغاچقا باشقا ماركىلىق يانفونلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللاش مەسىلىسىگە كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، بۇ جەھەتتە يەنىلا ئىشلىتىپ سىناپ باققانلار بىر نەرسە دېسە بىر قەدەر مۇۋاپىق، ئەمما گۈرۈچفونغا نىسبەتەن مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقىغا %100 كاپالەت بېرەلەيمەن.) بۇنىڭ بىلەن ھازىر بىز كومپيۇتېردىن ھالقىپ ئالقىنىمىزدىكى يانفون ئارقىلىقلا ئانا تىلىمىزدا خاتىرە يېزىش، لۇغەتتىن سۆز ئىزدەش (خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-باشقا تىللار، باشقا تىللار-خەنزۇچە، باشقا تىللار-باشقا تىللار) كىتاب ئوقۇش، مىكرو بلوگ ئويناش، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى بىمالال زىيارەت قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ئانا تىلىمىزدىن بەزۇرۇز زوقلىنالايمىز.
شۇڭا، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئايرىلالمايدىغان بۇ كومپيۇتېر ۋە يانفوندىن ئىبارەت قوراللاردا ئانا تىلىمىزنىڭ ئۆز سىماسىنى تېپىشى شۇنداقلا باشقا تىللار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالىشىغا ئاساسەن بىز 2012-يىلىنى ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تىلى يىلى دېمەسلىككە يەنە باھانىمىز بارمىدۇ؟
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان گۈرۈچفوندىكى ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەل سىيماسىدىن كەسمە رەسىم تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈرەكلىك ھالدا گۈرۈچفوننىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقىغا %100 كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلىماقچىمەن.
قېنى دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى كەسمە رەسىملەردە بولسۇن!
 گۈرۈچفوندىكى ئۇيغۇرچە ئالاقىلىشىش دەپتىرى 
گۈرۈچفوندىكى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت 
گۈرۈچفوندىكى ئۇيغۇرچە كۈندىلىك خاتىرە 
گۈرۈچفوندا ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش (ساپ تېكىست ھۆججىتى) 
گۈرۈچفوندا ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇش (PDF فورماتىدا) 
گۈرۈچفوندا مىكرو بلوگ ئويناش (گۈرۈچفوندىكى گۈدۈك) 
گۈرۈچفوندا بلوگ يېزىش (گۈرۈچفوندىكى ئىلقۇت) 
گۈرۈچفوندىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەت (گۈرۈچفوندىكى ئوكيان تورى) 
گۈرۈچفوندىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەت (گۈرۈچفوندىكى ئوكيان تورى) 
گۈرۈچفوندىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەت (گۈرۈچفوندىكى ئوكيان تورى)
مەنبە: ئىلقۇت بلوگى http://blog.ilqut.com/index.php/archives/3713.html
باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : مەن ئالدىنقى بىر قانچە تېمىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەندەك ،سىز تىلغا ئالغان ‹‹گۈرۈچفون›› يەنى شىياۋمىي تېلىفۇنىنىڭ تېرىق ياكى گۈرۈچ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئاساسەن داڭلىق ماركىلارنى تەرجىمە قىلماي شۇ پېتى ئالىمىز .شۇنىڭ ئۈچۈن تېما ماۋزۇسىنى قايتا تەھىرىلەپ قويدۇم .ئامال بولسا تېما مەزمۇنىدىكى ‹‹گۈرۈچفون ››دېگەن سۆزلەرنى سىز تەھىررلەپ قويسىڭىز . باشقۇرغۇچى --- شەيدايى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaydayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 14:53
|