ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 6

ۋاپاغا ۋاپا قىلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جۇغلانما
59
ئاقچا
5
توردا
5 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-2
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 14:07:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


‹‹ بىر سوم پىلانى›› نىڭ مەسئۇلى، ئوت-يۈرەك ئوغلانىمىز ۋاپادارىم،  11 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ 10-ئاپىرىلدىن باشلاپ توردا بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرگەندىن بېرى كەڭ تور جامائەتچىلىگىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى ۋە يېقىندىن كۆڭۇل بۆلۇشى بىلەن بىر قەدەر ياخشى نەتجگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە بېلەت تاشلاش باسقۇچى   ئاخىرلىشىش ئالدىدا  تۇرماقتا، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر كۈنلۈك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەيساجانغا بولغان  قوللىشىمزنى ئەمەلىي ھەرىكتمىز بىلەن بىلدۇرسەكمىكىن. ئەيساجاننىڭ بۇ قېتىملىق غەلبىسى بىز تورداشلارنىڭ قولىدا، بىر ئاز قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرتىپ بۇ ساخاۋەتچى ئۈچۈن ئاخىرقى بىر نەچچە بېلەتنى تاشلاپ قويغايسىز!
http://chengxu.iyaxin.com/newx2/vote/poll.php?id=3

مەن قانداقتۇر ئەيساجاننىڭ تۇققىنى ياكى يېقىن تونۇشى ئەمەس، بىراق مۇشۇ ئوت يۈرەك ئوغلانىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن ئالىپ تورىغا بۇ تېمىنى يېزىشىم، بىلىمەن ئالىپ بىر كەسپىي تور بېكەت. لېكىن تەستىقلاپ قويغايغان بولساڭلار تولىمۇ مىننەتتار بۇلاتتىم. بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز مۇشۇ بىر سوم پىلانىنى قوللاشنى ئويلىغان بولساقمۇ لېكىن ئەمەلىي بىر قوللاپ بۇلالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. مۇشۇ تېما ئارقىلىق بىر-ئىككى مېنۇت ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ بولسىمۇ قوللاپ قويايلى.
ئۇنىڭ ساترىك شېئىرلىنى ئوقۇغاچ بېلەت تاشلاپ قويمامسىلەر.

مەن تەرجىمان دادام بىلەن بىلەن بالامغا

پاراڭ قىلسام كىچىك چېغىم بوۋامغا .
ھاجىتىمىز چۈشمەس ئىدى دادامغا .
ئۆتە ئۆتمەي 20يىل، بوپ قالدىم-
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا ....

بالام كۆنگەچ "شۇزى "دەپلا   تاغاقنى ،
ئوقالمىغاچ  ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ،
ئايرىيالماي پىياز بىلەن سامساقنى ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

تۇغۇلغان كۈن، بالام "خەپپى تۇيۇ" دەپ ،
لەغمەن يېمەي قەغەز كېيىپ  شام پۈۋلەپ ،
دادام قايناپ  كەتسە ئۇنى بەز-بەزلەپ ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دۇئا قىلساق دۇئا قىلماي ،بەزىدە
-بۇرۇنىنى تاشلاپ قويسا  قەغەزگە ،
دادام قاقشاپ ئۇرۇپ كەتكەچ ئۈستەلگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام يىغلاپ  نەۋرىسىنىڭ ئەپتىگە ،
دۇئا قىلسا ئانا تىلنىڭ بەختىگە ،
يېتەلمىگەچ بالام گەپنىڭ تەكتىگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام تىت تىت بولۇپ كەتسە بەزىبىر ،
بالام ئۈچۈن بۇ تەنبىھلەر  بەرىبىر ،
دەپ قويىدۇ:  بوۋام  جىنتىيەن بۇدۈيجىر ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام دېدى كۆنگەن يامان كۆيگەندىن ،
مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن ،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن ،
دادام تەنبىھ قىلدى ماڭا ،بالامغا!

-خەت يازمايلا،  رەسىم چاپلا قەبرەمگە ،
ئانا تىلنى ئۆگەتمىسەڭ نەۋرەمگە  ،
ئىزنا بولسۇن "رەسىملىك تاش"ئەۋرەمگە ،
يىغلاپ كەتتى دادام قاراپ بالامغا ....


ئوغلۇم دېدى ،دادام توختاپ پاراڭدىن ،
قورقۇپ قالدىم بۇ ئەپتىدە  بالاڭدىن ،
قىيامەتتە سوراق   باردۇر   پاداڭدىن ،
تارىخنى پۈتۈن ئۆگەت  بالاڭغا !

تۇغ ئاستىغا بىزنى يىغقان  ئوغوزخان،
پانتېكىن ھەم كۆلتېكىن ،بىلگە قاغان  .
نىجاتلىققا باشلاپ ساتۇق  بۇغراخان ،
ھاياجاندا سۆزلەپ كەتتى بالامغا !

بىز ئۇيغۇرمىز!ئۇيغۇر تىلنى سۆيەيلى ،
تاشلىمايلى ،ئىشلىتەيلى ،كۆيەيلى ،
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۆلەيلى ،
خىيانەتلەر  ئېغىر كەپتۇ دادامغا .


كۆپ تىل بىلىش ئېلىپ كېلۇر كامالەت ،
ئانا تىلنى بۇزۇش ،ئۇنتۇش جىنايەت ،
بىز قىلمايلى ئانا تىلغا ھاقارەت ،
چۈشەندۈردۈم بۇ گەپلەرنى  بالامغا .


ئۆگىتىمەن ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ،
قوشۇش- ئېلىش، كۆپەيتىشنى، كەسىرنى ،
ياد ئالغۇسى "يەر-ئانام  "دەپ نەسىرنى ،
ۋەدە بەردىم ،يىغلاپ تۇرۇپ دادامغا .


جىق ئويلاندىم ،بارچە  گۇناھ  ئۆزۈمدە ،
نۇر چاقنىدى ئۇيغۇر دېسەم كۆزۈمدە  ،
بۇرادىرىم چىن پۈتسەڭلا  سۆزۈمگە ،
ئانا تىلنى چوقۇم ئۆگەت بالاڭغا !

ئەيساجاننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەپسلىي كۆرۈپ باقماقچى بولساڭلار مۇشۇ ئادرېستىن كۆرۈڭلار.
http://www.56.com/flashApp/out.1 ... ng_deco_version=off بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 16:34  

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
293
ئاقچا
150
توردا
271 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-19
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 23:19:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ نەزىرىمدە بىر سوم پىلانىنىڭ باشلامچىسىنى خېلى چوڭ بىر ئادەم دەپ ئويلايتتىم ...  بېلەتتىن كۈندە قانچىنى تاشلىغىلى بولسا شۇنچە تاشلاپ قويساق ئەرزىيدۇ مېنىڭچە ...

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
105
ئاقچا
16
توردا
59 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-3
نادىر
0
تېما
14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 01:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن مەن قارىسام ئۇيغۇر باللىلاردىن مۇ خېلى باركەن دىمە دەپ سىز مۇشۇ بىر بالىغا بېلەت تاشلاڭ دەپ تۇرۋالىسىز
دولقۇنقان ھەسەن

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
125
ئاقچا
1
توردا
54 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-20
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 12:02:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلەن بىر يەردىن
قانچىلىك تاشلىغىلى بولسا شۇنچىلىك تاشلاپ قويۇڭلا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
96
ئاقچا
7
توردا
150 سائەت
تىزىملاتقان
2012-3-21
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 12:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشىى ئىكەن

Rank: 2

جۇغلانما
28
ئاقچا
0
توردا
15 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-2
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 18:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا ئازراق ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ تاشلاپ قۇيىلى كانچىلىك تاشلىغىلى بولسا مىللىتىمىزگە شۇنچىلىك تاشلايلى بۇ شېئىرىگە رەھمەت ئېيتىشش ئۈچۈن بولسىمۇ .

Rank: 2

جۇغلانما
17
ئاقچا
1
توردا
3 سائەت
تىزىملاتقان
2012-4-16
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 14:45:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-10 13:25 , Processed in 0.108871 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش