ئالىپ سۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئىزاھاتى
باتۇر، قەھرىمان. ئالپ ياغدا ئالچاق چوغدا _ باتۇر يېغىدا بىلىنەر، ئالچاق جاڭجالدا. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئالچ ئەرتوڭا ئۆلدىمۇ ئېسىز ئازۇن قالدىمۇ ئۆزلەك ئۆچىن ئالىدىمۇ ئەمدى يۈەك يىرتىلۇر {ئالپ ئەرتوڭا ئولدىمۇ؟ يامان دۇنيا قالدىمۇ؟ پەلەك ئوچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.} خاقان ئافراسىياپ ئولدىمۇ؟ بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟ پەلەك ئۇنىڭدىن ئوچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ، يۈرەكلەر پارە - پارە بولماقتا.
ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان ئەجدادىمىز- ئالىپ ئەرتۇڭا
ئىران ۋە تۈرك رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلغان ئەفراسياپ مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنى ئەجداتلىرىمىز ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىغان .ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئەجداتلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن قارا دېڭىز بويىغىچە سوزۇلغان كەڭ تىرىتورىيىدە قۇرغان ساك ئىمپىرىيىسىنىڭ مەشھۇر قاغانى بولغان . بۇ ئىمپىرىيىنى ئىرانلىقلار تۇران دەپ ئاتىغانىدى . بۇ دۆلەت مىلادىدىن بۇرۇنقى يەتتە ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 2-ئەسرىگىچە ھۆكۈم سۈرگەن . تۇران قاغانى ئالىپ ئەرتۈڭا ھەققىدىكى مەلۇمات ئەڭ ئاۋال ئاتەشپەرەسلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى <<ئاۋىستا>>دا بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇ توران پادىشاھى ئەفراسياپ دەپ ئاتالغان ، ئۇلۇغ پارىس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىس غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەھمۇت غەزنەۋى (مىلادىنىڭ 997-يىلدىن 1030-يىلغىچە سۇلتان بولغان) نىڭ تاپشۇرىقى بويىچە يازغان ئۆزىنىڭ <<شاھنامە>> ناملىق داستانىدا ، ئەفراسياپنىڭ ئىران پادىشاھى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ جايدا توختالغان . مەھمۇت قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >>دا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ئالىپ ئەرتۇڭا ھاۋاسى ياخشى بولغان ئوردۇكەنىت (قەشقەر) تە تۇرغانىكەن . بۇچاغدا ، كۈچلۈك پارىس ئىمپىرىيىسى ۋۇجۇتقا كەلگەنىكەن . مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئىران ئەھمانىلار سۇلالىسى (مىلادىدىن 700 يىل بۇرۇنقى ۋاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 300 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ پادىشاھى كەيخىسراۋ (مىلادىدىن 633 يىل بۇررۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 584 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە پادىشاھ بولغان ) ئەفراسياپنى مەغلۇپ قىلغاندا ، ئەفراسياپ شەرىققە چىكىنىپ ئالتاي ئەتراپلىرىغىچە كەلگەن . كېيىن ئەفراسياپ ئۆز دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسىملىرىغا قايتىپ كېلىپ ، مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ئەزەربەيجاندا ئىرانلىقلار بىلەن يەنە تۇتۇشقان . ئۇ بىر جەڭدە ، مۈكۈنۈپ ياتقان ئىران ئەسكىرىنىڭ ئاتقان ئوقى بىلەن ئۆلگەن .
ئالىپ ئەرتۇڭا تارىختا راستىنلا ئۆتكەن رىئال شەخسمۇ ؟
بىز ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا راستىنلا ئۆتكەن قەدىمكى ئەجدادىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارغا ئىگە . م . قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >> دا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى ماتەم قوشاقلىرىنىڭ پارچىلىرى كەلتۈرۈلگەن :
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ،
يامان دۇنيا قالدىمۇ .
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر .
ئەل بۆرىدەك ھۇۋلاشتى ،
يىرتىپ ياقا يىغلاشتى .
پەريات چېكىپ دادلاشتى ،
كۆزلەر ياشقا قاپلىنۇر .
ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ماتىمىگە يېتىپ كەلگەن بەگلەرنىڭ شۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىگە بېغىشلانقان قوشاقتا مۇنداق دېيىلگەن :
بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى ،
قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى .
مەڭزى ، يۈزى سارغايدى ،
سۈرتۈلگەندەك زەپىران .
ئۇيغۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ << قۇتادغۇبىلىك>> داستانىدا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدا مۇنداق يازغان :
276 . بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر ،
جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلار .
277 . بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگىلىك ،
تۇڭا ئالىپ ئەر ئىدى بەختى بەلگىلىك .
278 . ئىلىمدە بۈيۈك ، كۆپ پەزىلەتلىك دىلى ،
بڭلىملىك ، ئەقىللىق ، خەلىقنىڭ خىلى .
279 . ئىدى ئۇ مەردانە ، زېرەك ئەر ئوغلان ،
دۇنياغا زېرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران .
280 . تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ ئەفراسياپ ،
ئافراسياپ تۇتتى ئەلنى يەڭ شىماشكاپ .
تاجىكلار كىتاپتا پۈتۈپتۇ ئۇنى ،
كىتاپقا پۈكمىسە كىم ئۇققاي ئۇنى .
ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى بۇ پارچىلار ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا ئۆتكەن ھەقىقى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئۇلۇغ قاغانلىرىمىزدىن بىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تۇران دۆلىتى (ساكلار دۆلىتى) گە ئامورغ ، تۇمارىس ، <<شۇ>> ئاتلىق قاغانلار يىتەكچىلىك قىلغان.
ئالىپ دېگەن گەپ شۇنىڭدىن كەلگەن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان گوست xp نى ياسىغۇچى، ئالىپ دېگەن ئىسمنى باشقىلار ئىشلىتىۋالغان بولغاچقا ئالىپلار دەپ ئىشلىتىپتىكەن. مەنمۇ بۇ تارىخنى ئوقۇغاندىن باشلاپ ئاشۇ ئۇلۇغ ئەجدادىمىزنى ئەسلەش، سىزگە ئوخشاش بۇ نېمە گەپ دېگۈچىلەرگە بۇ تارىخنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ نامنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. |