كۆرۈش: 966|ئىنكاس: 17

تېلىفۇنىڭىزنىڭ كېسەككە ئايلىنىشىدىن قورقماڭ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
2
جۇغلانما
68
توردا
29 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 04:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بېرى دوستلارنىڭ سېستىما ئالماشتۇرۇشتا مەغلۇب بولۇش ياكى باشقا سەۋەپلىك تېلىفۇنلىرىنىڭ كېسەككە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دوستلارغا ئاز تۇلا بولسىمۇ ياردىمى تېگەرمىكىن دەپ تۆۋەندىكى دەرسلىكنى سۇندۇم.
بۇ دەرىسلىك تېلىفۇننىڭ recovery ھۈججىتى بۇزۇلغانلىكى سەۋەبىدىن hboot كىرەلمەي كىسەككە ئايلانغان ياكى يېرىم كىسەككە ئايلانغان تېلىفۇنلارغا ماس كېلىدۇ،
بۇ دەرىسلىكنىڭ پىرىنسىپى ۋە باسقۇچلېرى تۇۋەندىكىچە:
1.تەقلىدىي android نى كۇمپىيوتېرغا ئورنىتىش،
2.تەقلىدىي android ئارقىلىق تېلىفۇنغا recovery ئورنىتىش، تېلىفۇنىڭىزنىڭ recovery سى نورمال بولسا يەنە بۇرۇنقىدەك بىمالال سېستىما قاچىلىيالايسىز،دىمەك تېلىفۇنىڭىز كىسەك ھالىتىدىن قۇتۇلدى دىگەن گەپ،
1.تەقلىدىي android نى ئورنىتىش:
ئالدى بىلەن كومپىيوتېرغا android sdk نى سەپلەيمىز(تېلىفۇنغا سېستىما ئالماشتۇرۇش مەغلوپ بۇلۇپ كىسەككە ئايلانغاندا تېلىفۇن ئۆزىدىن بىۋاستە قايتا سېستىما قاچىلغىلى بولمايدۇ،بۇ ۋاقىتتا دەل  android sdk نىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بۇلىمىز،شۇڭا كومپىيوتېرغا چۇقۇم android sdk نى قاچىلىشىمىز كېرەك)
1.1 تەقلىدىي android نى ئورنىتىش ئۈچۈن كومپىوتېرىڭىزدا java بۇلىشى كېرەك،ئەگەر بولمىسا http://java.sun.com/javase/downloads/widget/jdk6.jsp بۇ ئادرىسقا كىرىپ Java نىڭ Windows نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئورناتسىڭىز بۇلىدۇ،
1.2 android sdk نى چۈشۈرۈش ۋە ئورنىتىش: چۈشۈرۈش ئادرىسى http://dl.google.com/android/android-sdk_r05-windows.zip  چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دېسكىغا شەشسىڭىز بۇلىدۇ،مەسلەن:E:\android-sdk-windows  دىققەت:سىز شەشكەن مۇندەرىجىنىڭ ئىسمىدا خەنزۇچە بولسا بولمايدۇ،چۇقۇم ھەرىپ بۇلىشى كېرەك،
android-sdk-windows دىگەن ھۇججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدە Tools دەيدىغان بىر ھۈججەت خالتىسى بار،ئەمدى شۇ ھۈججەتنىڭ پۈتۈن يۇلىنى مەسلەنE:\android-sdk-windows\Tools دىگەننى سېستىمىنىڭ path 变量 غا قۇشىمىز،
قۇشۇش ئۇسولى:我的电脑 > 右键属性 > 高级 > 环境变量
رەسىم 1~2 دىن كۆرۈڭ       
دىققەت:path كە قۇشقاندا 变量值 دىگەن كاتەكچىدىكى بۇرۇنقى خەتنىڭ كەينىگە بىر ؛ قۇيىۋىتىپ كەينىگە قۇشىمىز،
1.3 تەقلىدىي android نى سەپلەش:
android-sdk-windows\ ھۈججىتىدىكى SDK Setup.exe نى ئىجرا قىلىڭ،بۇ ۋاقىتتا بەلكىم https:// نى ئۇقۇيالمىدى دىگەندەك خاتالىق كۆرۈلىشى مۇمكىن،رەسىم 3 كۆرسىتىلگەندەك،بۇنى ھەل قىلىش ئۇسولى بولسا Settings >Force https://...sources to be fetched using http:// نى تاللاشتىن ئىبارەت،رەسىم 4 تە كۆرسىتىلگەندەك،
ئاندىن Avaiable Packages نى تاللاپ چۇشۇرىمىز،رەسىم 5 تە كۆرسىتىلگەندەك،
ئەگەر سىز ئىشلىتىدىغان ئەڭ تۇۋەن سېستىما android2.2 بولسا سىز پەقەت         SDK Platform Android 2.2. API 8, revision 2 نىلا تاللىسىڭىز بۇلىدۇ،چۈنكى android2.2 قوللىغان يۇمشاق دىتاللارنى 2.2دىن يۇقىرى سېستىمىلار بىمالال قوللايدۇ،
تاللىغىنىڭىز چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بىۋاستە android-sdk-windows مۇندەرىجىسىگە ئورنىتىلىپ كېتىدۇ،رەسىم 6~7 دە كورسىتىلگەدەك ،بۇ ۋاقىتتا چۈشۈش سۈرىتى بەك ئاستا،سەۋىرچان بۇلۇڭ،
رەسىم 7 گە كەلگەندە ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى new نى چىكىپ چىققان كۆزنەكتىكى name دىگەنگە خالىغان بىر ئىسىمنى يېزىڭ ، target دىگەندىن Android2.2-API Level 8,نى تاللاڭ،size دىگەنگە سېغىم كارتىنىڭ سىغىمىنى يېزىپ Create AVD دىگەننى بىسىڭ ،رەسىم 8 دە كۆرسىتىلگەندەك،
Create AVD مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بولسا Start نى چىكىپ قوزغۇتۇپ android نىڭ ھەقىقى ئەپتى بەشىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ،رەسىم 9~10~دا كۆرسىتىلگەندەك، دىققەت :ئەگەر كومپىيوتېردىكى 我的文档 نىڭ ئورنىنى يۈتكىۋەتكەن بولسىڭىز قوزغۇتۇش مەغلوپ بۇلىدۇ،بۇنى ھەل قىلىش ئۇسولى :我的文档 ئىچىدىكى android مۇندەرىجىسىنى يۈتكەش ،يەنې ئەگەر سېستىمىڭىز win7 بولسا C:\Users مۇندەرىجىسىگە ،xp بولسا  C:\Documents and Settings مۇندەرىجىسىگە  يۈتكەيمىز ،تەقلىدڭي android قوزغۇلۇشتىن بۇرۇن بىر كىچىك كۆزنەك چىقىدۇ،بۇ كۆزنەكتىن “Launch نى تاللىسىڭىزلا بۇلىدۇ،رەسىم 11~12~13تىكىسى بولسا تەقلىدىيandroid ئىچىلىپ بولغاندىكى رەسىمى،
android ئەمدىلا قوزغالغان ۋاقىتتا سېستىما تىلى ئىنگىلىزچە بۇلىدۇ،بۇنى تەڭشەپ         Settings - > Language & Keyboard -> Select language خەنزۇچە قىلغىلى بۇلىدۇ،
شۇنداق قىلىپ پۇل خەجلىمەيلا بىر android تېلىفۇنىغا ئىگە بولدۇق،ئەمدى بۇ تىلىفۇنغا يۇمشاق دىتال قاچىلاپ باقامدۇق،
2.تەقلىدىي android قا ئەپ قاچىلاش ئۇسولى:
2.1 ئالدى بىلەن تەقلىدىي android نى قوزغۇتۇپ ئەپ قاچىلاڭ ،مەسلەن QQ نىڭ ئەپ ھۈججىتىنى ئۇستەل يۈزىگە قۇيۇپ (ھۈججەت ئىسمى QQ.apk )،كومپىوتېردىكى cmd كۆزنىكىنى ئىچىڭ(باشلاش نى چىكىپ cmd دەپ كىرگۈزۈپ enter كۇنۇپكىسىنى بىسىڭ )،ئاندىن cmd كۆزنىكىگە adb install Desktop\QQ.apk دەپ كىرگۈزۈپ enter كۇنۇپكىسىنى بىسىڭ،رەسىم 14 تە كۆرسىتىلگەندەك،  دىققەت :بۇ ۋاقىتتا كومپىيوتېرىڭىزغا ھەر قانداق android تېلىفۇنىنى چاتماڭ،بولمىسا ئەپنى ئورناتقىلى بولمايدۇ، enter نى باسقاندىن كېيىن رەسىم 15 تىكىدەك مەزمون كۆرىلىدۇ،success دىگەن خەت چىققان بولسا ئەپ ئورنىتىش مۇۋەووىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ، بۇ يەردە بىر كىچىك تېخنىكا بار،يەنې سىز cmd كۆزنىكىگە adb install دەپ يازغاندىن كېيىن ئورناتماقچى بولغان ئەپ ھۈججىتىنى مائوس بىلەن سۆرەپ cmd كۆزنىكىگە ئەكەلسىڭىز adb install نىڭ كەينىدىكى قىسمى ئۆزلۈكىدىن يېزىلىدۇ،ئادىن سىز enter باسسىڭىزلا بۇلىدۇ، ئورنۇتۇپ بولغاندىن كېيىن تەقلىدىي android نىڭ ئىكرانىدا بىر QQ بەلگىسىنىڭ كۈپىيىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز،شۇ QQ غا چىقىپ سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ،بايىقى ئۇسول بۇيىچە باشقا ئەپلەرنى ئورناتسىڭىز ياكى تەقلىدىي android نىڭ تورغا چىققۇچىسى ئارقىلىق باشقا ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ ئورناتسىڭىز بۇلىدۇ ،خاتىرجەم بۇلۇڭ،تەقلىدىي android تا تورغا چىقسىڭىز كومپىوتېرنىڭ تور ئىقىمى خورايدۇ،كارتىدىكى پۇلنى تۇتمايدۇ، لېكىن ۋېي شىن دا ئادەم قۇشىمەن دەپ كومپىيوتېرىڭىزنى چايقاپ يۈرمەڭ.ھې ھې ھې ..
ئەمدى قىلىدىغان ئىششىمىز كىسەككە ئايلانغان تېلىفۇننى كومپىيوتېرغا تۇنۇتۇش،
android sdk نى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن تېلىفۇننى usb سىمى ئارقىلىق كومپىيوتېرغا چاتساق بۇلىدۇ،چاتقاندىن كېيىن تېلىفۇننىڭ قوزغۇتۇش كۇتۇپكىسىنى باسساق،كومپىيپتېردا تۇنۇتقۇچنى ئورنىتىش كۆزنىكى چىكىدۇ،بۇ ۋاقىتتا 系统自动查找驱动程序安装 نى تاللىماي،选择自定义驱动程序位置 دىگەننى تاللاڭ،چۈنكى android sdk نى ئورناتقان ۋاقىتتا تېلىفۇننىڭ تۇنۇتۇش پىروگراممىسى android sdk مۇندەرىجىسىدىكى USB driver مۇندېرىجىسىگە چۈشۇپ بولغان بۇلىدۇ،بۇ مۇندەرىجىنى تاللاپ ئورناتسڭىزلا بۇلىدۇ،ئەگەر بۇرۇن تۇنۇتقۇچنى ئورنىتىپ بولغان بولسىڭىز قايتا ئورناتمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،
ئەمدى توردىن تېلىفۇنىڭىزنىڭ تىپىغا ماس كىلىدىغان recovery پروگراممىسى چۈشۈرۈڭ،چۈشۈرگەن recovery چۇقۇم تېلىفۇنىڭىزغا ماس كىلىشى كېرەك،چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن recovery نى خالىغان دېسكىغا قۇيۇڭ،مەسلەنc:\recovery.img ،
تۈۋەندە كىسەككە ئايلانغان تېلىفۇنغا قايتىدىن  recovery قاچىلايمىز،(ئەڭ مۇھىم باسقۇچ)
بايىقىدەك cmd كۆزنىكىنى ئىچىڭ،ئاندىنadb devices # دەپ كىرگۈزۈپ enter نى بېسىڭ،ئەگەر تېلىفۇننىڭ نورمال كومپىيوتېرغا ئۇلانغانلىقىنى بىلىدۈردىغان خەتلەر چىقسا cd بۇيرۇقىنى ئىشلىتىپ recovery بار بولغان مۇندەرىجىگە يۈتكەڭ،ئاندىن تۈۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىڭ  adb reboot bootloader #ئاندىن enter نى باسسىڭىز fastboot ھالىتىگە كىرىدۇ،ئاندىن تۈۋەندىكى بۇيرۇقنى  fastboot flash recovery.img # يېزىپ enter باسسىڭىز recovery تېلىفۇنغا ئورنىتىلىدۇ، ئەگەر تۈۋەندىكىدەك خەتلەر كۆرۈلسە recovery ئورنىتىش مۇۋەپپىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ،fastboot flash recovery recovery.imgsending ‘recovery’ (4612 KB)… OKAYwriting ‘recovery’… OKAY    ئەمدى تېلىفۇنىڭىزدىن usb سىمىنى ئېلىۋىتىپ ،تېلىفۇننى ئېتىپ ،قايتىدىن recovery غا كىرىپ سېستىما قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ،
كىسەك تىلىفۇننىمۇ ئوڭشىۋالدۇق،بۇ جەرياندا كومپىيوتېرغا Java,android sdk نى قاچىلدۇق،ئەگەر ئۆزى قول سىلىپ ھىچقانداق يەردە يوق ئەپلەرنى يېزىپ بېقىشنى ئويلىغان دوستلار بولسا بۇ ئىككى يۇمشاق دىتالنىڭ ئۈستىگە eclipse دەيدىغان يۇمشاق دىتالنى قاچىلسىلا android ئەپ يازىدىغان بىر مۇكەممەل مۇھىت پۇتكەن بۇلىدۇ،android ئەپ يېزىش باشقا كومپىيوتېر يومشاق دىتاللېرىنى يازغاندەك ئۇنچە قىيىن ئەمەس،توردا ئەپ يېزىشنى ئۆگىتىدىغان دەرىسلىك ساماندەك جىق،ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بولغان ئەپلەرنى يازالايسىز،،،
ئاخىردا بۇ تىمىدىكى خاتالىقلارنى ياكى چۈشەنمىگەن جايلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،












بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 13:56  

رەسىم 1

رەسىم 1

رەسىم 3

رەسىم 3

رەسىم 2

رەسىم 2

رەسىم 4

رەسىم 4

رەسىم 10

رەسىم 10

رەسىم 9

رەسىم 9

رەسىم 13

رەسىم 13

رەسىم 12

رەسىم 12

رەسىم 11

رەسىم 11

رەسىم 8

رەسىم 8

رەسىم 7

رەسىم 7

رەسىم 6

رەسىم 6

رەسىم 5

رەسىم 5

رەسىم 15

رەسىم 15

رەسىم 14

رەسىم 14
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما ئاقچا يىغىش سەۋەبى
androiduyghur + 10 + 1 سىنغا ئىلىپ يوللاپ قو.

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 10  ئاقچا + 1   باھا خاتىرىسى

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
21
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 09:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم، ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە. ئىلگىرى مەنمۇ تېلېفونىمنى كېسەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، كۆپ ئاۋارە بولغان ئىدىم. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
306
توردا
47 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 10:00:45 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بىر   سىناپ  باقاي  .يەنە  بىر  تلفۇنۇم  كىسەككە  ئايلانغىلى 2 ئاي  بولدى.
قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورۇققىنى ئەمەس.

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
654
توردا
60 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:34:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئالدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرگەچ تۇراي

Rank: 4

ئاقچا
15
جۇغلانما
261
توردا
36 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 16:04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ئۇسۇلكەن، رەھمەت سىزگە،

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
40
توردا
19 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:51:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان دەرسلىككەن،ۋوردقا ئايلاندۇرۇپ ساقلاپ قوياي، ھەر ئېھتىمالغا قارشى،لازىم بولغاندا تاپقىلى بولمايدىغان ئىش چىقمىسۇن

Rank: 4

ئاقچا
11
جۇغلانما
384
توردا
21 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 22:47:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاشقا ئەرزىگۈدەك تېما ئىكەن .

Rank: 4

ئاقچا
16
جۇغلانما
292
توردا
146 سائەت
نادىر
0
تېما
14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 08:48:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كۆپ جاپا چىكىپ كېتىپسىز، ئەمەلىيەتتە Recovery يېزىش ئۈچۈن android sdk قاچىلاشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق . recovery يېزىش ۋە adb بۇيرۇقلىرىنى بىرىش ئۈچۈن مۇشۇ تۆت دانە ھۆججەت بولسىلا كۇپايە.
adb.exe
AdbWinApi.dll
AdbWinUsbApi.dll
fastboot.exe
قوشۇمچە ھۆججەتنى يوللاپ قويدۇم. لازىم بولسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەسىلەر.
ADB_Recovery.rar (365.6 KB, چۈشۈرۈش سانى: 75)

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
2
جۇغلانما
68
توردا
29 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 11:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Smart يوللىغان ۋاقتى  2012-6-30 08:48
بەك كۆپ جاپا چىكىپ كېتىپسىز، ئەمەلىيەتتە Recovery يېزىش ئۈ ...

ئەسلى ئۇستاز بۇ يەردىكەندە......سىز يوللىغان ماتىريالنى قانداق ئىشلىتىشنى بىر دەپ بېرەمسىز..

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
68
توردا
23 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 19:14:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز تىما ئىگىسى مەندە بىرhtcg7 cdma بار ئىدى رومنى خاتا قاچىلاپ قويۇپ يىرىم كىسەك قىلىپ قويدۇم تىلىفۇندىكى مەسلە مۇنداق توردىن بىر 2.3.3 رومنى چۇشۇرۇپ قاچىلاشقا بۇيرق بىرپ قويۇپ باشقا ئىشلاربىلەن بولۇپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن  بىرۋاقىتتا ئىسىمگە كىلىپ قارسام تىلىفۇن .ئىكرانى قاراھالەتتە تۇردۇ    6-7قىتىم قايتا قوزغاتقاندنكىيىن قوزغالدى لىكن  كامىرا.تور.كومپاس.لەييا.ئۇچۇريوللاش .قاتارلىق نۇرغۇن ئىختىدارى ئىشلىمىدى دىمەك 80يۇەنلىك تىلىفۇندىن پەرقى قالمىدى باشقاروم يازاي دىسەمrecovery ھالەتكە كىرگىلى بولمىدى recoveryنى قايتا ئورنىتاي دەپ نۇرغۇن ھەپىلەشتىم لىكن ئامال بولمىدى  ھازىر پەقەت تىلىفۇن ئۇرۇش قۇبۇلقىلىشقا بولىدۇ باشقايەرلىرى ئىشلىمەيدۇ ، HBoot قا نۇرمال كىردۇ recoveryھالەتنى تاللىسام htcدىگەن ماركا ئاق ئكران ھالەتتە تۇرىۋىردۇ ئامال يوق باتاريىنى ئىلىپ قايتاقوزغۇتىمەن ئاندىن ئىچىلىدۇ روم يىڭىلاشقا ئامال قىلالمىدىم يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0908ILYAS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-30 19:20  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.083443 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 02:45

چوققىغا قايتىش