FPS ھەۋەسكارلىرىغا تەۋسىيە «چېقىن ھەرىكىتى:ئەجدىھا توپلىڭى»
نامى: «چېقىن ھەرىكىتى: ئەجدىھا توپلىڭى» 《闪点行动:龙之崛起 》 ئىشلەپ چىقارغۇچى: Codemaster تارقاتقۇچى:Codemaster بازارغا سېلىنغان ۋاقىت :2009-يىلى ئويۇن ئارقا كۆرۈنۈشى: 1409-يىلى، جۇڭگو Skira ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېلان قىلدى. 1610-يىلى، جەنۇبى Skira ئارىلى ياپۇنيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچۇردى. 1700-يىلى،شىمالى Skira ئارىلى چارروسىيە نىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچۇردى. 1905-يىلى،ياپون روسىيە ئۇرشى پارتىلدى، ياپۇن يەڭدى، ھەمدە پۈتۈن Skira ئارلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېرىشتى،1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى، رۇسىيە يەنە بىر قىتىم Skira ئارلىنى كونتورۇل قىلدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيەنىڭ پەن-تېخنىكىسى غەربنىڭ تەرەققىياتىغا يەتتى. Skira ئارىلىدىن نېفىت بايقالدى، نېفىت قاتلىمىنىڭ چۇڭقۇر بولىشى سەۋەپلىك ئىچىشغا ئىمكانىيەت بولمىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن روس بىلەن ئامېرىكا يەنە بىر قىتىم ئىتتىپاقداش بولدى . 2002-يىلى ئامېرىكا Skira ئارلىدا نېفىت ئىچىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا، 2004-يىل جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، نېفىت زاپىسى بارغانسىېرى ئازىيىپ، نېفىت ئېھتىياجى ئۆرلەپ كەتتى. 2008-يىلى پۈتۈن دۇنيادا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەردى، جۇڭگۇ تاۋار ماللىرغا بولغان ئېھتىياجى چۈشۈپ كەتتى. 2010-يىلى جۇڭگۇ زاۋۇتلىرى كوپلەپ تاقىلىپ قالدى، جۇڭگۇ ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق كىلىپ چىقتى.2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگۇ Skira ئارلىغا چاقماق ئۇرۇشى قوزغىدى ،ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۆھبەت يېمىرىلدى. روسىيە ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيسى تىنچ ئوكيان فلوتى Skira غا ئەسكەر چىقاردى. جۇڭگو ئامېرىكا ئۇرۇشى پارتىلدى. ئويۇن تەشۋىقات فىلمى:
|