كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 0

ئالپ تورىدا دەردىمگە داۋا بارمىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
370
توردا
21 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 13:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ تورىدىكى قېرىنداشلىرىم
ئۇيغۇرتوردۇنياسىدىكى يانفۇنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ئاۋانگارت توربېتىمىز ۋەدەرسخانىمىز نىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن سۆيۈنۈپ تەبرىكلەيمەن.
مېنىڭ ئەڭ چوڭ دەردىم 5 ئايدىن بۇيان رەھمەتلىك دادام ئالغاچ كەلگەن samsung galaxy note دېگەن تېلىفۇنغا نېگىزىدىن ئۇيغۇرچە تۇنۇتالماسلىق بوپقالدى، بەلكىم ئالپ تورى توختاپ قاممىغان بولسا بۇ مەسىلىمۇ ئاللىبۇرۇن ھەل بوپكەتكەن بوغىيىتتى...
  يېقىندا مەن ئاڭلىغان 2 خوش خەۋەرنىڭ بىرى نىڭ قايتا ئېچىلىشى ، يەنە بىرى ئۇيغۇرئاكادېمىيىسى http://akademiye.org/ug/ توربېتىنىڭ قايتا ئېچىلىشى بولدى.  مۇسۇلمان ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ شەنى ئەبەدىل ئەبەد يۈكسەلگەي!
  ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسىغا ۋە مەسىلىنىڭ نەق ئۆزۈگە كەلسەك ، مېنىڭ دەردىم تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1-بۇلاپ root نى ئالاممىغانتىم ئۇنىمۇ ئالدىم.
2-بۇلۇپ DroidSansArabic.ttf ھۆججىتىنى ئالماشتۇرغانمۇ بولدۇق،ئەلھەمدۇلىللاھ بىرقانچە ھەرپ چىقمايدىغان كاشىلا تۈگۈدىيۇ ئەمما ، ھەرپلەر ئايرىم ئايرىم تۇرۇۋالدىغان ئىش تېخى تۈگۈمىدى.مېنىڭچە نېگىزىدىن تۇنبۇمىغان بوسسا كېرەك.چۈنكى ھېلىقى iQuran نىڭ ئۇيغۇرچىسى كېڭەيتىلگەن رايۇندا ئۇلۇنۇپ نورمال كۆرۈنۈدۇ،خەت شەكلىمۇ بەك بەلەنكەن،ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزدىن رازى بولسۇن.
  ئەمما ئاساسى رايۇندا يەنە شۇ ھەرپلەرنىڭ دانىمۇ دانە تۇرۇۋېلىشى ئىچىمنى پۇشۇرۇدۇ.
3-ھېچ ئامال بولمىغاندا firefox ئارقىلىق ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆرۈپ، شۇ تورگۈچتە تۇرۇپ ئىنكاسلارنى bilkan كىرگۈزگۈچتە يازسام بىراز دەردىمگە داۋا تېپىپ ئۇيغۇرچە يازالىغانلىقىمدىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن.
4-بۇلۇپ 1 ئايدىن بېرى Samsung شىركىتى Galaxy NOTE نىڭ سەۋىيەسىنى 4.0 Android قا كۆتەرگەنمىش، مېنىڭ باشقا بىرساۋاقدىشىم تېىلفۇندا تۇرغۇزۇپلام نەشىرنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپتۇ،مەن شۇنداق سىنىدىم wi-fi بايەرلەردىمۇ سىناپ باقتىم ،ھەتتا PC گە kies-air نى قاچىلاپ سىنىساممۇ يەنىلام يۇقۇرى ئۆرلىتەممىدىم .... ئاخىرى ئېتىشمايلام دىدىم.
  ئالپ ئەپەندىم سىزچە بۇنىڭ بىرچارىسى بارمىدۇ، ئەگەر سېستىما سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرەممىگەن تەقدىردىمۇ «ئاناتىلىم-ئاناۋەتىنىم» تېلىفۇنۇمدا بولسىلا ماڭا يىتەتتى.
  رەخمەت سىزلەرگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.064084 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 00:15

چوققىغا قايتىش