ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 814 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Ezgu89 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆلۈم ، ئىنسان ئۈچۈ يېتەرلىك ۋەز-نەسىھەتدۇ !!!

  • 13564842 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدا ؟ ئەگەر ئەپ ياسىيالىسام ئىش بار ئوخشايدۇ

  • hawaskar0997 2013-9-24 16:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بازارلار ئويغۇر ئۇنىۋېرسال سودا  سالونىمىز قۇرۇلدى،كەڭ دوستلارنىڭ سالونىمىزغا زىيارەتكە كىلىشىنى قى...

  • bilzat 2013-9-22 15:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەر شەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:30دا ھەقسىز دەرىس سۆزلىنىدۇ!!!

  • فونتان 2013-9-22 13:11 [ئىنكاس(3)] [...]

    قرىنداشلا! بى بەيدۇ تور دېسكىسىغا بى نەسە يوللىماڭلا!!!

  • yasin123 2013-9-13 15:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    1228748

  • turapqan 2013-9-10 21:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    huaweip6 تىلفۇنىدىن سىتۋالغان ئىدىم ياردەم ،بۇ تىلفۇننى ئىشلىتىپ  روتلىغانلا بولسا ياردەم  قىلساڭلا .

كۆرۈش: 10252|ئىنكاس: 29

دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

253

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2924
جۇغلانما
985
توردا
6577 سائەت
نادىر
24

تۆھپە ئوردېنى ئىشەنچ ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 14:26:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. يۇنىكودنى قوللايدىغان دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كېرەك
2. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى يۇمشاق دېتالدا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، چۈشىنىشلىك، ئىخچام قىلىشقا كۈچىشىمىز لازىم.
3. چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە لۇغەتتىكىسنى، تىل-يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرغان ئاتالغۇلارنى ئاساس قىلىمىز. ئومۇملاشقان، ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىشلەتسەك بولىدۇ. مەسلەن: كومپىيۇتېر، دېسكا دېگەندەك؛ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ياسىلىپ، كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ئاتالغۇلار بولسا ئۇنىمۇ ئىشلىتىمىز. مەسلەن: غەملەك، تىزگىنەك، ئارخىپ، ئې خەت، ساندان... دېگەندەك
دۇنيادا 100 پىرسەنت ساپ تىل يوق. ھەممىنى چوقۇم ئۇيغۇرچە قىلىمىز دەپ تۇرۋالساقمۇ بولمايدۇ. باشقا تىلدىن مۇۋاپىق سۆز قوبۇل قىلىش تىل تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان قەدەم. ئېنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىلى قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تىللاردىمۇ نەچچىلىگەن سۆزلەرنى باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىپ تۇرىدۇ.
4. ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىدە زادىلا يوق سۆزلەر بولسا گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن كېڭىشىپ يېڭى ئاتالغۇ ياسىساق ياكى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن قوبۇل قىلساق زادى بولمىغاندا ئېنگىلىزچىسنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتا ئاۋال ئۆزبېكچىدىن، ئاندىن تۈركچىدىن... قوبۇل قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ.  (مەن يىغىپ قويغان ئۆزبېكچە، تۈركچە يۇمشاق دېتال ئاتالغۇلىرى بار)
5. ئېنگىلىزچە خەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەت بىر قۇردا كەلسە ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئۇچىرايدۇ. يۇمشاق دېتالنىڭ يۆنىلىشنى ئوڭدىن سولغا توغرىلىساق ئوڭشىلدۇ. شۇڭا تەرجىمە جەريانىدا ئېنگىلىزچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا توغرىلايمەن دەپ ئاۋارە بولماي شۇ پېتى قويۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
6. پېئىللارنى ئىشلىتىشتە مۇقىم ئۆلچەم بېكىتىۋالماي ئەھۋالغا قاراپ قىلساق بولىدۇ. مەسلەن: بىز كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بېردىغان تىزىملىك دېگەندەك يەرلەردە كۆچۈر، ئۆچۈر، يۆتكە... دەپ ئىككىنچى شەخىس تىلىدا ئېلىپ، كومپىيۇتېردىن بىزگە كۆرۈندىغان كۆرسەتمە ئۇچۇر، خاتالىق ئۇچۇرلىرىدا كۆچۈرۈڭ، ئۆچۈرۈڭ دەپ ئالساق يۇمشاق دېتال تېخىمۇ ئادىمىيلىشىدۇ، ئۇ سۆزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلدىغانلىقىنى بىلمىسەك كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش دەپ ئۈچۈنچى شەخىس تىلىدا ئالساق بولىدۇ.
(مېنىڭچە بولسىغۇ پېئىللارنىڭ ھەممىسنى بىر خىللا ئېلىپ بىرلىككە كەلتۈرۋەتسەك بولاتتى. ئەمما بىلىكتە مۇزاكىرلەشكەندە مۇشۇنداق بىرلىككە كېلىنگەن، شۇڭا بىزمۇ بىرلىككە بويسۇنايلى)

بۇلار مېنىڭ ھازىر ئېسىمگە كەلگەنلىرى، كام قالغان، تولۇقلايدىغان، خاتا يەرلىرى بولسا كۆپچىلىك ئەركىن-ئازادە پىكىر بەرسە بولىدۇ.

ساھران ئەپەندىنىڭ پىكىرى

يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللاردىكى تېز كۇنۇپكىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يۇمشاق دېتاللاردا خەنزۇچە ۋە ياپونچىغا ئوخشاش تەرجىمىدىن كېيىن تىرناق ئىچىگە ئىنگىلىزچىدىكى ماس تېز كۇنۇپكىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. تىرناق ئىچىدىكى ئېنگىلىزچە ھەرپ چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلدۇ. ئادەتتە Windows سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى & بەلگىسى كېلىدۇ، Linux سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى _ (ئاستى سىزىق) بەلگىسى كېلىدۇ، يەنە بىر قىسىم مەشغۇلات سۇپىسى تاللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى ~ (تەخمىنەن) بەلگىسى كېلىدۇ. مەسىلەن:
مەشغۇلات سۇپىسى    ئىنگلىزچە    ئۇيغۇرچە
Windows سۇپىسى    &File     ھۆججەت (&F)
Linux سۇپىسى   _File     ھۆججەت (_F)
OpenOffice دېتالى File~     ھۆججەت (~F)
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدە بەزى ئىنگلىزچە سۆزلەر(مەسىلەن، مەھسۇلات ئاتى، تاۋار ماركىسى ۋە باشقا تەرجىمە قىلىنمايدىغان ئىنگىلىزچىدىكى مەخسۇس ئاتالغۇلار شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، Windows, Linux, Gnome, GTK قاتارلىق) شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار ئارىلاش كەلگەندە تەرجىمە يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنىدۇ، تەرجىمە دېتالىدا ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە سولدىن ئوڭغا كۆرۈنگەندە تەرجىمە ئۇچۇرلار ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما سىستېما كۆرسىتىش يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلانغاندا تەرجىمە ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنغاچقا توغرا كۆرۈنىدۇ.
مەسىلەن:
Load additional GTK+ modules
قوشۇمچە GTK+ بۆلىكىنى يۈكلە
Embed GhostScript fonts only
GhostScript خەت نۇسخىنىلا سىڭدۈر
Linux console
Linux تىزگىن سۇپىسى
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى ئەسلى پېتى تەرجىمە جۈملىسىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز.
مەسىلەن:
%d hour ago
%d سائەت ئىلگىرى
‫"%s" is busy.
"%s" ئالدىراش.
Add '%s' to %s Dictionary
'%s' نى لۇغەت %s غا قوش
Saving document to %s
پۈتۈكنى %s غا ساقلاۋاتىدۇ


ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

ئاقچا
4
جۇغلانما
206
توردا
32 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 14:36:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن.ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىشكە بولسا مۇشۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرسەك.پەقەت ئامال بولمىغاندا ۋاقتىنچە باشقا تىللاردىكى سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك،مەن قېرىنداش تىللاردىكى ئۆزبىك.تۈرك تىللىرىدىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئىنگىلىزتىلى ۋە باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.گۇرۇپتىكى بالىلار بىلەن بەزى ئاتالغۇلارغا سۆز ياسىساقمۇ بولىدۇ.

253

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2924
جۇغلانما
985
توردا
6577 سائەت
نادىر
24

تۆھپە ئوردېنى ئىشەنچ ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 14:55:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turan يوللانغان ۋاقتى  2011-3-31 14:36
قوللايمەن.ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك ...

مەقسىتىمىزمۇ ئۇيغۇر تىلىغا پايدىلىق بولۇش، يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.
دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

ئاقچا
4
جۇغلانما
206
توردا
32 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 17:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر مەسىلە كىرگۈزگۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى،بەزىلەر ئويغان كىرگۈزگۈچنى،يەنە بەزىلەر ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىمىز.شۇڭا گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئويغان كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.شۇنداقلا يەنە كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-31 17:15  

253

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2924
جۇغلانما
985
توردا
6577 سائەت
نادىر
24

تۆھپە ئوردېنى ئىشەنچ ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-31 17:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغان، ئەلكاتىپ 4.1 دىن يۇقىرىسى، ۋىندوۋىس 7 نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ھەممىسى ئۆلچەملىك. بىر-بىرىگە ماس كېلىۋېرىدۇ. قايسسىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

ئاقچا
0
جۇغلانما
326
توردا
118 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 18:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىزمۇ ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ ماس ھالدىكى سۆزلەرنى ئىجاد قىلساق بۇلىدۇ  ،بۇرۇن ئىلىم -پەن قەرەققى قىلمىغان ۋاقىتتا ئىنگىلىز تىلى،ياپۇن تىلى،خەنزۇ تىلىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ لار يوق ئىدى ئۇلارمۇ ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شۇ يېڭى شەيئىنىڭ تاشقى كۈرۈنىشى،ئالايدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىجاد قىلغان ،شۇڭا بىزمۇ شۇ دىتال ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى باشقىلاردىن ئەينەن كۈچۈرۈپ قۇبۇل قىلماي ،پاساھەتلىك ئانا تىلىمىز بىلەن ئىپادىلىسەك تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئاشىدۇ   

6

تېما

15

دوست

1972

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
730
توردا
294 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 11:49:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاڭلار بۇرادەرلەر، سىلەردىكى قىزغىنلىق مېنى خېلى ئەسلىمگە كەلتۈردى، ئەمما بۇلار بىر پاراڭ بوپ قالمىسۇن!!!
ئى رەببىم ئۆزەم بىلمەي قىلىپ قالغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن!!!

253

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2924
جۇغلانما
985
توردا
6577 سائەت
نادىر
24

تۆھپە ئوردېنى ئىشەنچ ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 12:47:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما بۇلار بىر پاراڭ بوپ قالمىسۇن!!!

ھازىر گۇرۇپپىدا 32 ئادەم بار، مەن ئۆزۈممۇ بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئاخىرغىچە گۇرۇپپىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىغا ئىشەنمەيمەن. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ساماندىن دان ئايرىلىپ چىقىدۇ. ھېچ بولمىسا مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر ئادەم قالساممۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

11

تېما

1

دوست

1691

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
769
توردا
81 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 23:53:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئىشقا   مەنمۇ  قىزىقىمەن مىنىڭمۇ يامان ئەمەس  ساۋادىم با  بوسا بۇ گۇرۇپپىغا مىنىمۇ قۇشاپ قويساڭلا ،يانا   بىر  گەپ مىنىڭ تەكلىپىم تەرجىمە دىتالنىڭ تىزىمىلك قۇرىنى ئامال  بار  ئوڭدىن  سولغا تىزىلىدىغان قىلىپ  تەرجىمە  قىلساق بۇلاتتى  يەنە  تىزىملىك  قۇرى  دىتالنىڭ  ئوڭ تەرىپەدە  تۇسا بۇلاتتى  بۇ  بىزنىڭ  ئۇيغۇر  تىلىمىزغا ماس  كەگەن بۇلاتتى مۇشۇنداق قىلغىنى بۇلادمدىغاندۇ  بوسا  ماڭا تەرجىمە  ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان دىتالنىڭ ئەڭ  نوچىللىرىدىن  بىر نەچچىنى ئەۋەتىپ  بەسەڭلا بەزى دىتاللانى پاسسولودا تەرجىمە قىلغىنى بوممايدىكەن  ئامال  بار  بۇ  گۇرۇپپىغا مىنىمۇ  قۇشاپ قويساڭلا

0

تېما

0

دوست

21

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
7
توردا
4 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 17:30:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللانغان ۋاقتى  2011-4-12 12:47
ھازىر گۇرۇپپىدا 32 ئادەم بار، مەن ئۆزۈممۇ بۇلارنىڭ ھەم ...

روھىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم !!!

3

تېما

2

دوست

623

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
6
جۇغلانما
254
توردا
57 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 19:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىدە ئىشلىتىدىغان ياخشىراق قۇراللار بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن،رەھمەت

253

تېما

39

دوست

1 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2924
جۇغلانما
985
توردا
6577 سائەت
نادىر
24

تۆھپە ئوردېنى ئىشەنچ ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 19:53:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەرزان يوللىغان ۋاقتى  2011-8-25 19:36
تەرجىمىدە ئىشلىتىدىغان ياخشىراق قۇراللار بولسا يوللا ...

/forum.php?mod=forumdisplay&fid=63

باھا سۆز

bahadir119  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپكا! بۇ ئۇلىنىشتىكى دېتاللارنىڭ ئۇلىنىشىنى يېڭىلاپ قويسىڭىز بۇپتىكەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 02:54
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

8

تېما

9

دوست

600

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
212
توردا
71 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 13:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر ھەممىمىز  قوللايمىز
مىللىتىمنى سۆيىمەن

0

تېما

0

دوست

15

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
5
توردا
0 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 03:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8错8错,支持~~~






















祛斑产品

0

تېما

0

دوست

15

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
5
توردا
0 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 03:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
顶起来,受教了,支持支持























祛斑产品排行榜10强
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1 )

GMT+8, 2013-10-2 22:35 , Processed in 0.152960 second(s), 37 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش