كۆپ تىللىق كىشىلەر بىرلا تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن بەكرەك ئەقىللىقمۇ؟
1950- يىللاردا تەتقىقاتچىلار بىردىن ئارتۇق تىلدا سۆزلىشەلەيدىغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار سىناقلىرىدا بىرلا تىلدا سۆزلىشەلەيدىغانلاردىن تۆۋەنرەك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان. 1960- يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقى بايقالغان، يەنى كۆپ تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار سىناقلىرىدىكى نەتىجىسى بىرلا تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولغان. قايسىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن؟ تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا ئىلىم – پەن تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئەڭ يېڭى پاكىتلار كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ئەقىللىقراق بولۇشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىن بىرى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما تەتقىقاتچى ئېللىن (Ellen Bialystok) خانىمنىڭ ئېيتىشىچە كۆپ تىللىق بولۇش سىزنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىڭىزنى يېتىلدۈرۈشىڭىزدە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ تىللىق كىشىلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ دىققىتى (مەركىزى باشقۇرۇش سىستېمىسى) نى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن. مەركىزى باشقۇرۇش سىستېمىسى بىزىڭ نېمىگە دىققەت قىلىش، نېمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ۋە نېمىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىمىزنى چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىدراك سىستېمىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئېللىن خانىم كانادانىڭ تورۇنتۇ شەھىرىدىكى يورك ئۇنۋېرسىتى (York University) نىڭ پسىخىلوگىيە پروففېسسورى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۆلچەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى رەڭ ۋە سۆزلەر ئارقىلىق ئىنكاس تىزلىكىنى ئۆلچەيدىغان بىر سىناق بولۇپ، بۇ خىل سىناقتا، بىر كىشىگە پەرقلىق رەڭلەردىكى سۆزلەر كۆرسىتىلىدۇ، سىناققا قاتناشقان ئۇ كىشى سۆزنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ رەڭگىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ سىناقنىڭ كىشىنى ئەڭ قېينايدىغان تەرىپى، پۈتۈن سۆزلەر رەڭلەرنىڭ ئىسمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەلۇم بىر رەڭنىڭ ئىسمى باشقا بىر رەڭلىك قەلەم بىلەن يېزىلىدۇ. 
مەسىلەن، سىناققا قاتناشقۇچى، قىزىل رەڭ بىلەن يېزىلغان «كۆك» دېگەن خەتكە قاراپ جاۋاپ بېرىدۇ، بەرگەن جاۋابى «كۆك» ئەمەس، «قىزىل» بولۇشى كېرەك. بىز قارىغان سۆز «كۆك» دېگەن سۆز بولۇپ، جاۋاپ بېرىش باسقۇچىدا بىزنىڭ دىققىتىمىز سۆزنىڭ ئۆزىگە ياكى مەنىسىگە تەبىئىي ھالدا ئېغىپ كېتىشى، ۋە مىڭىمىزدە سۆزنىڭ رەڭگى ئەمەس بەلكى ئۆزى، يەنى مەنىسى ئەكس ئېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن «قىزىل» دېيىش ئورنىغا سۆزنىڭ ئۆزىنى ئوقۇپ «كۆك» دەپ سېلىشىمىز مۇمكىن ئىكەن. تىز ئىنكاس بىلەن توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن مەركىزى باشقۇرۇش سىستېمىمىزغا ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. ئېللىن خانىمنىڭ كۆپ قېتىملىق سىناق ۋە تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ تىللىق كىشىلەرنىڭ مىڭىسىدە ئۇلار سۆزلىشىدىغان ھەرقايسى تىللار ھەردائىم بىرلا ۋاقىتتا ئاكتىپ ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلەر بىلەن تەبئىي ھالدا ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا مەركىزى باشقۇرۇش سىستېمىسى بۇ خىل ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ھەرزامان مەجبۇرلىنىدىكەن، شۇڭلاشقا بۇ خىل ئەھۋالغا بولغان ئىنكاسىنىڭ تىز ۋە توغرا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ تىلدا سۆزلىشىدىغان بالىلارنىڭ سۆزلەرنى ئۇنىڭ مەنىسىدىن ئاجرىتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن، ۋە خىلمۇ- خىل مەدەنىيەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن كىشىلەر بىلەن ساغلام دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ماھىر كېلىدىكەن. كۆپ تىللىق بالىلاردا كىشىلىك بوزۇقلىقى، رۇھى كىسەللىك قاتارلىق مىڭە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بىرلا تىلدا سۆزلىشىدىغان بالىلاردىن خىلىلا تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە پەرق بەش يىلدىن ئاشىدىكەن.
مەنبەسى: ئامېرىكا ئىلىم – پەن تەرەققىيات جەمئىيىتى تورى http://www.aaas.org تەييارلىغۇچى: دەۋر تورىدىن ئۇيغۇر |