ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 621|ئىنكاس: 4

مائارىپنىڭ غەلبىسى ۋە ھالاكىتى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
6
جۇغلانما
102
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 17:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنىڭ غەلبىسى ۋە ھالاكىتى        

كونىلار «ئادەم باشتا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە» دەپ بىكار ئيېتىمىغان ئىكەن. ھەش پەش دىگۈچە مائارىپنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرگىنىمىگە 18 يىل بۇلۇپ قاپتۇ.
  18 يىل – بىر ئادەمنىڭ ياشلىققا تولغان ئەڭ نەۋقىران، گۈزەل پەسلى.
18 يىل بەلكىم بىر ھاياتنىڭ 3 تىن بىر قىسمىدۇر؛
90-يىللاردىكى قايناق ، جاپالىق كۈنلىرىمىز بولسۇن، 2000-يىللاردىكى جۇشقۇن، يېڭىلىق يىللىرى بولسۇن، 2010-يىللاردىكى تېڭىرقاش، تەمتىرەش قەدەملىرىمىز بولسۇن، ۋاقىت مېنى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ئالداپ، 18 يىللىق ھاياتىمنى ئېلىپ بوپتۇ.
بەس، مۇشۇنچىلىك تېڭىرقاش، مۇشۇنچىلىك خۇدىكسىرەش، مۇشۇنچىلىك ئەنسىرەشمۇ يېتەر ئەمدى؟ گەرچە 18 يىللىق ھايات بىلەن ، ئۈمۈر خاتىرىسىگە خۇلاسە يېزىش بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، لېكىن ، 18 يىللىق خىزمەت ئەمىلىيىتىدە «مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى چىقىش يولى زادى نەدە؟ » دېگەن بۇ گۇڭگا سايە ماڭا ئىزچىل ئەگشىپ كەلدى.
يېڭى خىزمەتكە چىققاندىكى ياشلارغا خاس قىزغىنلىق، كېيىنكى چاغلاردىكى كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىم، ۋە ھازىرقى ئويلۇنۇش ئىچىدە ئىلگىرلەش ھالىتىمدە بولسۇن، بۇ سايىدىن پەقەت قۇتۇلالمىدىم.
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىكى كېسەل كارۋىتىدا ياتقان چېغىمدا، ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر قىسقا، ھەر بىر دەقىقىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانسېرى تېخىمۇ جىددىلىشىدىغان، تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان، پىكىر خىياللىرىم كېچە كۈندۈز پەرۋاز قىلىدىغان بولۇپ قالدى. «ئىنسان نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدى؟ نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ » ھايات پەلسەپىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۈردىن، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ ، ئەڭ كىچىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەھمىيەتلىك ياشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يەنە مۇشۇ ئىنسانلىق ماھىيەتنى ئىزدەش يولىدا، ئۆزەمنىڭ «مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يوللىرى»دىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىنجىسىنى كۆرگەندەك ، مىللى مائارىپنىڭ چىقىش يولىنى تاپقاندەك بىر تۇيغۇغا كەلدىم.
ناھايەن، بۇ ئېيتماققا ئاددى گەپ؛ ئەپسۇس، بۇ يەردە تاپقان يولۇمنى، بۇ يول ماڭا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلەرنى، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلىرىنى بىر ئېغىزلا گەپ بىلەن خۇلاسە قىلىپ يەكۈنلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. چۇنكى بۇنداق ھەقىقەتنى پەقەت ھېس قىلىشقا بولىدىكەنكى، ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىكەنمىز.
1950-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان 60 يىل مابەينىدە، ئۆز مىللىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپمۇ، ئاخىرىغا بېرىپ «سۈپىتى تۆۋەن» دېگەن قالپاقنى كىيىپ يۈرگەن مائارىپىمىزغا، ئەمگەكچان، ئەپۇچان، مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل مىللىتىمىز كىشىلىرى ھېچنىمە دېمەي يۈرۈۋېرىدۇ. بالىسى ساۋاتسىز قالسا، بالىنىڭ دۆتلىكى، بالا يۇقۇرلاپ ئوقۇيالمىسا بالىنىڭ دۆتلىكى، بالا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، بالىنىڭ دۆتلىكى، .... ئەيتاۋۇر بارلىق يارامسىزلىق، بارلىق كۈيۈمسىزلىق، بارلىق پەسەندىلىك بالىلارنىڭ گەجگىسىگە ئارتىقلىق. بىراق ئاتا-ئانا بىرەر قېتىم مەكتەپكە كېلىپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كانىيىدىن، ياكى دەرس ئوقۇتقۇچىسى، سىنىپ مۇدىرىنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ باققىنى يوق......
بىراق مائارىپتىكى ئەقىدىسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىنىڭ دەردىنى ھامان بىر كۈنى كېيىنكى ئەۋلادلار تارتىشتىن سىرت، بۇنداق تەلىم-تەربىيە جىنايىتىنى تارىخ سۈرۈشتە قىلىدۇ....
1000 يىللار بۇرۇن يېنىدا قول ياغلىق ساقلاشتەك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ سۈپەت ساپاسى نېمە ئۈچۈن بىر قانچە ئەسىردىلا مۇشۇنداق دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى؟ سەۋەپ ئاددى. ئۇ بولسىمۇ، شۇ دەۋىردنىڭ تەربىيلىگۈچىلىرىنىڭ  قەدىر قىممەتلىك ئادەم تەربىيلەش نىشانى ۋە ئۇسۇلىدا خاتالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ بولغانلىقىدا؛
شۇڭا 18 يىللىق ھايات قىسمەتلىرىدىن، ئىنسانى پەزىلەتلەرگە، 18 يىللىق خىزمەت ئەمىلىيتىدىن ، ئەتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى پارلاق نىشانىمىزغا بىر ئىز قالدۇرۇپ قۇيۇش مەقسىتىدە، بۇ «مائارىپنىڭ غەلبىسى ۋە ھالاكىتى» ناملىق ئەسلىمەمنى يېزىپ، يۈرىكىدە، يۇرت، ۋەتەن، مىللەت ئوتلىرى يېلىنجاپ تۇرغان ئەقىدىلىك مەرىپەتچىلىرىمىزگە سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىش قارارىغا كېلىپ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

داۋامىنى مەشئەل تورىدىن كۈرۈڭ
http://www.maxal2010.com

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-24 17:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا داۋامىنى ئىنكاس شەكىلدە مۇشۇ يەرگىلا يېزىۋېتەرسىز
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
6
جۇغلانما
102
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-26 20:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (2)
مائارىپنىڭ گۇناھى  
تۇنجى كۈنى مەكتەپكە بالىلارغا ئەگىشىپلا بېرىپ قالغان پېتىم، شۇنداق ئوقۇدۇمكى، «ئەلاچى» دېگەن بۇ 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن 90-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە دەۋىر سۈرگەن ھەيۋەتلىك تاجنى سىنىپتا ھېچكىمگە بەرمەي كەلدىم.
باشلانغۇچتىكى بىر قىسىم ئىشلارنى يېزىپ ئەسلىمە قالدۇرساق، بەلكىم كېيىنكى ئەۋلادلار، مەكتەپلەر ، ئۇ زامانلاردا دەرس ئۆتمەي مەخسۇس ئەخلاقى تەربىيە ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا سىنىپقا ئوت قالايدىغان ئوتۇننىمۇ ئاكتىپلىق قلىپ ئۆيىمىزدىن رەتلىك ئۇششاقلاپ پوپكىمىزغا سېلىپ ئەكىلەتتۇق. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا تاڭ ئاتماستا كېلىپ، ھاجەتخانا تازىلاپ، ھېچكىمگە كۈرۈنمەيتۇق. ياخشى ئىش قىلساقمۇ، باشقىلارغا داۋراڭ سالمايتۇق. قەلەم ئەمەس، قەلەمنىڭ ئۈچۈرگۈچىدەك نەرسە تېپىۋالساقمۇ ، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرەتتۇق.
90-يىللارنىڭ ئاخىرى، 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، «داشقازان» چېقىلىپ، نۇرغۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئىش ئورنى تاپالماي يۈرگەندە، بۇ ياشلارنىڭ ئاغزىدىن مائارىپىمىزنى تەنقىدلەپ، «بىزنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشىمىزغا مۇشۇ كارغا كەلمەس مائارىپ سەۋەپچى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
93-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، سىنىپ مۇدىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى، ئىلمى مۇدىر بۇلۇپ ، ئاساسى قاتلامدا  كۈندە 24 كىلومېتىر يولنى ۋېلسىپىتلىك مىنىپ ئىشلىگەن 5 يىللىق ھاياتىم، 1998-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ، «ياخشى» دېگەن نامنى ئېلىش ئۈچۈن كېچە كۈندۈز ئىشلەپ ئۆتكەن 7 يىللىق ھاياتىمنى ھازىر ئويلىسام،  ئۇ چاغلاردىكى مائارىپنى «ئادەمنى كونتىرول قىلىش مائارىپى »،«بالىلارنى تەجرىبە قىلىش مائارىپى» دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن.
چۈنكى يولداش دېڭ شىياۋپىڭ «ئىسلاھات ئېلىپ بېرىڭلار، ئىشىكنى ئېچىۋېتىڭلار، پۇل تېپىپ باي بولۇڭلار » دەپ ساق 10 يىلغىچە، فىئۇدالىزىمنىىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىسى ئەڭ مۇھىمى 10 يىللىق مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى قالايمىقانچىلىقىدىن يۈرىكى سۇ بولغان جۇڭگو خەلقى، جۈملىدىن بىزنى تەربىيلىگەن شۇ ۋاقىتلاردىكى ئوقۇتقۇچىلاردا نەدىمۇ يېڭىلىق، نەدىمۇ ئىسلاھات بولسۇن؟
80-يىلدىن 90-يىللارغىچە بولغان مائارىپتا تەبىئى ھالدا، ئاساسى ماھارەت بىلىمىدىن سىرت، بىزنىڭ ئېدىيە جەھەتتىكى ساپايىمىز بەك يۇقىرى بولغان ئىكەن. ھەتتا بىر ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ، «بۇ دېگەن سوتسىيالىستىك دۆلەت، كىشىنى كىشى بوزەك قىلسا بولمايدۇ» دەپ داۋلى قۇيۇشقىنىنى كۆپ ئاڭلىغىنىم غۇۋا ئىسىمدە.
دېمەك، بۇ چاغدىكى مائارىپ – نەق ئۆزى «ئادەمنىڭ ئېدىيەسىنى كونتىرول قىلىش» مائارىپى بوپتىكەن. ياخشى يېرى، بۇنداق مائارىپتا ناھايتى قائىدىلىك، تىرىشچان، يۈزى تۆۋەن بالىلار يېتىشىپ چىققان ئىدى.
90-يىللاردىن كېيىن مائارىپتا بىر قانچە قېتىملىق ئىسلاھات بولدى. 98-يىلىدىن باشلاپ، مەن ناھايتى جاپالىق تۇرمۇشۇمنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ، ئالغان ئازغىنە ئىش ھەققىمگە ئىزچىل كىتاپ سېتىۋېلىشقا باشلىغان ئىدىم. مانا بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ ھەققىدە ئىزدەنگەندىن كېيىن، شۇ زامانلاردا ئىشلىگەن ، مائارىپنى ئىسلاھاتقا باشلىغانلارنىڭ كاللىسى نەگە كەتكەن بولغىيتى دەپ ئويلۇدۇم. چۈنكى 90-يىللاردىن 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان دەرسخانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، نىشانلىق ئوقۇتۇش ۋە يەنە باشقا بىر نىمىلەر ئاللىبۇرۇن سوۋىت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 1960-يىللاردا، 1970-يىللاردا سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ، ئەمەلدىن قالغان ئەندىزىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟
شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى مائارىپنى ئۆزىمىزنى تەجرىبە قىلىش مائارىپى دېسەك بولغۇدەك....
مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز «تۈركى تىللار دىۋانى»دەك نەپىس ۋە ئۇلۇغ ئەسىرىمىزنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز.
  قاراڭ.... مىڭ يىللار بۇرۇنقى تۈركى تىللار دىۋانىدە «ئەرلەر يېنىدا قولياغلىق ساقلايدۇ. بۇنى بۇرنىنى ئېيتىشقا ئىشلىتىدۇ» دەپ يېزىلغانكەن ئەمەسمۇ؟
مۇشۇنچىلىك بىر ئادەت ئومۇملاشقان يەردە، ئەسلى مائارىپىمىزدىكى ئەندىزە، مائارىپىمىزدىكى ئۇسۇل، تەلىم-تەربىيە مەزمۇنلىرى دەل ئۆزىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىدە، ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدە ئىكەن.....
        ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن 2005-2006-يىللىرى شەھەر بويىچە ئەڭ قابىلىيەتلىك، شەھەر بويىچە ئەڭ داڭلىق، شەھەر بويىچە ئەڭ ياخشى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپەت ساپاسى مېنى غايەت زور چۈچۈتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇلاردە نە ئۆزىنى، نە ئۆزگىنى، نە مىللىتىنى، نە مەكتىپىنى، نە كىتاۋىنى، نە بالىلارنى قىزغىن سۈيۈش، تەتقىق قىلىش دېگەن بۇ ساپالاردىن ئېغىز ئېچىش ئىنتايىن تەس ئىدى.
        چۈنكى ئۇلار ئاپپاق غوجا چېچىپ بولالمىغان تەپرىقچىلىك، گوروھۋازلىق ئىللەتلىرىنى بولۇشىچە يۇقتۇرۋالغان بۇلۇپ، مەكتەپ – مەكتەپ ئەمەس، بەئەينى ئەدلىيە ئىدارىسىگە ئوخشاپ قالغان ئىكەن...
   خۇلاسە كالام ، مائارىپىمىزنىڭ گۇناھى شۇكى، ئۇ خۇددى چېنىدىكى ئۇماچقا ئوخشاش قۇچۇلۇش باسقۇچىدا چۆگىلەۋاتقىلى 60 يىل بوپتۇ. بىراق 60 يىلدا نېمىشقا 60 نەپەر تەتقىقاتچى چىقىپ، مىللى مائارىپىمىز ھەققىدە قولىمىزدىن چۈشۈرمىگۈدەك بىر ئەندىزە كىتاۋى يازمىغاندۇ؟  مائارىپىمىزنى ۋە بىر قىسىم مائارىپىچىلىرىمىزنى دوقمۇشتىكى ئەتىدىن كەچكىچە قەرت ئوينايدىغان بىكار تەلەتلەرگە ئوخشىتىشقا تاسلا قالىمەن.
   ئۆزىنى تونۇمىغان، ئۆزىنى تەتقىق قىلمىغان، ئۆزىنى قۇتقۇزمىغان مائارىپ- ئىلگىرى باسمايدىغان مائارىپتۇر. چۈنكى بۇنداق مائارىپتا ئىزچىل بىر خىللىق، ئىزچىل بۇرۇقتىمىلىق، ئىزچىل ساختىلىق ھادىسلىرى ئەۋج ئالغان بولىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-26 22:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uigur يوللانغان ۋاقتى  2011-3-26 20:21
مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (2)
مائارىپنىڭ گۇناھى   ...
دېمەك، بۇ چاغدىكى مائارىپ – نەق ئۆزى «ئادەمنىڭ ئېدىيەسىنى كونتىرول قىلىش» مائارىپى بوپتىكەن. ياخشى يېرى، بۇنداق مائارىپتا ناھايتى قائىدىلىك، تىرىشچان، يۈزى تۆۋەن بالىلار يېتىشىپ چىققان ئىدى.

پەخىرلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «مېڭىنى پىروگىراممىلاش»، «كاللا يۇيۇش» ھەققىدىكى ماقالىسىدىنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۆز ئالدىم ۋاللىدە ئېچىلىپ كەتكەندەك بولغان ئىدى.
سىزنىڭ بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھازىرقى «ئىدىيەنى كونتىرول قىلىش» مائارىپىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

ئاقچا
4
جۇغلانما
20
توردا
1 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 22:55:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپتىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ئورنى قالمىدى ...
مائارىپ توغرىسىدا مۇنداق بىر گەپ بار ........
ئەسلى ھەممە ئوقۇغۇچى ئەسلى مەھسۇلات ئىدى ... لىكىن مەكتەپكە كىرىپ كۆچۈرۈلمە نۇسخا بۇلۇپ چىقتى ...
原来都是原版,进校就变成了盗版
---------------
مۇشۇ تور دۇنياسىدا بولسىمۇ ھەقىقىي مائارىپ خۇسۇسىيىتىنى ئالغان بىر سورۇن قۇرساق بولىتى ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sazhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-27 22:57  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.084956 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 04:59

چوققىغا قايتىش