بىر شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىسى ھايداپ كىتىۋاتسا يېنىدىن ،يامان پېچەت بېنىزدىن بىرسى ئۆتۈپ قاپتۇ، بېنىزنىڭ شوپۇرى ماشىندىنبېشىنى چىقىرىپ ئۇ شوپۇرغا بېنىز ھايداپ باققانمۇ دەپ ۋاقىراپ قۇيۇپلا ۋىڭقىپلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ.. بۇشوپۇرنىڭ يامان ئاچچىغى كىلىپ ، ماينى بۇلۇشىغادەسسەپ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ھايداپ بېىنىزغا يىتىشپ ئەمدى گەپ قىلايدىگىچلا ، بېنىزنىڭ شوپۇرى يەنە بېنىز ھايداپ باققانمۇ دەپ قۇيۇپ ، ۋىڭڭدەقىپلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ.. بۇ شوپۇر ئاچچغىدا
ئاناڭنى ،بېنىز ھايدىساڭنىم بوپتۇ، نىمەڭگە نوچىلىق قىلىسەن دەپ تىللاپ قۇيۇپ . ماشىنى ئالدىرما يھايداپ بىردەمدىن ھېلىقى بېىنزنىڭ يول ياقىسدا ئۆرىلىپ كەتكىنى كۆرۈپماشىنىنى توختىتىپ قارىسا يەنە ھېلىقى شوپۇر.. ئۇستام ، بېنىز ھايداپباققانمۇ؟
بېنىزنىڭ تورمۇزىنىڭ نەدىلىگنى بىلەمسىز؟
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئۈچتوشقان ئورمانلىقتا كىتىۋېتىپ بىر موگو تېىپىۋاپتۇ. ئىككى چوڭ توشقانكىچىك توشقانغا سەن بېرىپ ئازراق ياۋا كۆكتات تېپىپ كەلگىن ،بىز مۇشۇيەردە سېنى ساقلاپ تۇرايلى ،دەپتۇ
كچىك توشقان مەن كەتسەم سىلەر موگونى يەۋىتىسلەر دەپ ماڭغىلى ئۇنماي تۇرۇۋاپتۇ.
ئىككىچوڭ توشقان كىچىك توشقانغا قەسەملەرنى ئىچىپ ، كىچىك توشقاننى ياۋا كۆكتاتتېپىپ كىلىشكە كۆندۈرۈپ . موگۇنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ..
ئارىدىنيېرىم يىل ئۆتۈپتۇ. كىچىك توشقان قايتىپ كەلمەپتۇ. توشقاننىڭ بىرسى يەنەبىرسىگە : ئۇ قايتىپ كەلمىدى. موگۇنى يەۋىتەيلى دەپتۇ. يەنە بىر توشقانيەنە ساقلاپ باقايلى دەپ ئۇنماپتۇ.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپتۇ، كىچىك توشقان يەنىلا قايتىپ كەلمەپتۇ.
ئىككىسىمەسلەھەتلىشىپ موگونى يەۋەتمەكچى بۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا كىچىك توشقانياندىكى چاتقال ئارىسدىن سەكرەپ چىقىپ ۋاقىراپتۇ. سەن نىمىلەرنىڭ مەندىنيوشۇرۇن موگۇنى يەۋەتمەكچى بۇلۇشقىنىڭنى بۇرۇنلا بىلەتتىم.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر توشقان تاقلىغان پېتى بولكا دۇكىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ دۇككان خوجايىنىدىن سوراپتۇ :
-خوجايىن ،سىلەردە 100 دانە بولكا بارمۇ؟
خوجايىن : "ھە -!؟ ئەپۇ قىلغايسىز ئۇنچىلىك جىق يوقتى...."
-"ھەي..يوقكەندە" توشقان بېشىنى ساڭگىلىتىپ مەيۈسلەنگەن ھالدا قايتىپتۇ...
ئىككىنجى كۈنى ، توشقان تاقلىغان پېتى بولكا دۇكىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ دۇككان خوجايىنىدىن سوراپتۇ :
-خوجايىن ،سىلەردە 100 دانە بولكا بارمۇ؟
خوجايىن : "ھە -!؟ ئەپۇ قىلغايسىز ئۇنچىلىك جىق يوقتى...."
-"ھەي..يوقكەندە" توشقان بېشىنى ساڭگىلىتىپ مەيۈسلەنگەن ھالدا قايتىپتۇ...
ئۈچۈنجى كۈنى ، توشقان يەنە تاقلىغان پېتى بولكا دۇكىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ دۇككان خوجايىنىدىن سوراپتۇ :
-خوجايىن ،سىلەردە 100 دانە بولكا بارمۇ؟
خوجايىن : "بار ،بار، بۈگۈن بىزدە يۈز دانە بولكا بار!!...."
كىچىك توشقان يانچۇقىدىن پۇلنى چىقارغاچ :" بەك ياخشى بولدى ،مەن ئىككىنى ئالاي!"
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر كۈنى ئاشۇ توشقان تاقلىغان پېتى مىۋە-چىۋە دۇكىنىغا كىرىپ خوجايندىن سوراپتۇ:
- خوجايىن ،سىلەردە قارا بولكا بارمۇ ؟
- بىزدە قارا بولكا يوق ،كەچۈرۈڭ .
ئىككىنچى كۈنى توشقان تاقلىغان پېتى يەنە شۇ دۇكانغا كىرىپ سوراپتۇ:
- خوجايىن ،سىلەردە قارا بولكا بارمۇ ؟
خوجايىن ئاچچىقلىنىپ "بىز قارا بولكا ساتمايمىز ،بىلىپ قال " دەپتۇ .
ئۈچۈنكى توشقان يەنە كېلىپ ئوخشاش سوئالنى سوراپتۇ ،خوجايىن توشقاننىڭ ياقىسىدىن كاپ قىلىپ ئاپتۇ-دە :
-ھېي شۇم يەنە دەپ قوياي ،بىز قارا بولكا ساتمايمىز،ئەمدى يەنە قارا بولكادەپ كېلىدىغان بولساڭ ،قولىغىڭنى ئورۇس مىقى بىلەن تامغا مىقلىۋېتىمەن --دەپتۇ .
تۆتىنچى كۈنى توشقان تاقلىغان پېتى كىرىپ خوجايىندىن سوراپتۇ :
- خوجايىن ئورۇس مىقى بارمۇ ؟
-ئورۇس مىقى يوق ......
- ئەمىسە قارا بولكا بارمۇ ....
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر ئورمانلىقتا شىر ،بۆرە ،توشقان بىللە ياشايدىكەن،بۆرە توشقاننى شۇنداقبوزەك قىلار ئىكەنكى :دوپپا كىيىپ يۈرسە نىمىشقا دوپپا كىيدىڭ دەپ شاپىلاقلارئىكەن،دوپپىسىنى كىيمەي يۈرسە نىمىشقا دوپپا كەيمىدىڭ دەپ شاپىلاقلار ئىكەن .
بۇنىڭغا چىدىمىغان توشقان شىرنىڭ ئالدىغا ئەرز قىلىپ بېرىپتۇ :
-ئەي شاھىم بۆرە مېنى بەك بۆزەك قىلىپ كېتىۋاتىدۇ،ماڭا بىر ئىگە بولسىڭىز .
شۇنىڭ بىلەن شىر بۆرىنى چاقىرىپ:
-ھەي دوستەك،بىر خىل ئۇسۇلنى قوللىنىۋەرمە سەن توشقاننى بوزەكقىلىشتا،مەسىلەن تاماكا ئەپكەل دىگىن ،ئەگەر سىگارت ئېلىپ كەلسە نىمىشقامۇخۇركا ئەپ كەلمىدىڭ دەپ ئۇر،ئاندىن كېيىنكى قېتىم ھاراق ئەپ كەل دە،ئەگەر ئاق ھاراق ئەپ كەلسە نىمىشقا ئۈزۈم ھارىغى ئەپ كەلمىدىڭ دەپ ئۇر..........دەپتۇ .
ئەسلىدىنلا ئىككىسىنىڭ تىلىنىڭ بىر ئىكەنلىگىگە گۇمانى بار توشقان ئىككىسىنىڭ سۆھبىتىنى يوشۇرۇن ئاڭلىۋاپتۇ .
ئەتىسى توشقان لاغايلاپ يۈرسە بۆرە ئۇچرىشىپ :ھەي توشقان مايەرگە كەل "دەپ چاقىرىپتۇ .
- خوش بۆرە ئاكا ،نىمە تاپشۇرۇقلىرى بار ئىكىن؟
- ماڭ بېرىپ ماڭا تاماكا ئەپ كېلىپ بەر .
- ماقۇل ،سىگارت چەكەملا موخۇركىمۇ بۆرە ئاكا ؟
بۆرە بىردەم قوڭىنى قاشلاپ تۇرىۋېتىپ "بولدىلا ،ماڭا ھاراق ئەپ كېلىپ بەر "
- ماقۇل ،ئاق ھاراقمۇ ياكى قىزىل ھاراق ؟
بۆرە بۇرنىنى تارتىپ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ توشقاننى شاپىلاق بىلەن تۆتنى ساپتۇ :
- دوپپاڭنى نىمىشقا كەيمىدىڭ ؟
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىككى شوخلا (پەمىدۇر ) يولغا چىقىپتۇ...
كېتپ بېرىپ ئىككىنجى شوخلا بىرىنجىسىدىن سوراپتۇ : بىز نەگە بارىمىز ؟
بىرىنجى شوخلا گەپ قىلماي مېڭىۋىرىپتۇ ..
بىرىنجى شوخلىنىڭ گەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە سوراپتۇ :نەگە ماڭدۇق دەيمەن!؟
بىرىنجى شوخلا يەنە گەپ قىلماي مېڭىۋىرىپتۇ ..
ئاچىقى كەلگەن ئىككىنجى شوخلا : ۋوي ئاداش ...نەگە دەيمەن!؟
بىرىنجى شوخلا : شوخلا دېگەن گەپ قىلالامدا؟ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ تاڭ سىڭ : بۇدساتۋانىڭ قېشىغا نوم ئالغىلى بارىدىغانغا تېزراق ، راھەتراەك ئامال يوقمىدۇ ؟
ۋۇكۇڭ : ئاتنىڭ ئورنىغا موتوسىكىلىت ئىشلىتەيلى .
جۇباجې : ئايرۇپىلاندا بارساق تېز بولىدۇ ، ئۇچىمىز دەپ ھېرىپ قالمايمىز
شاسىڭ : قاراڭلا . ماۋۇنىڭ ئىسمى AK-47 , ئاڭلىشىمچە ، بۇنىڭ بىر پېيى بىلەنلا بۇدساتۋانىڭ ھۇزۇرىغا دەرھال بارغىلى بولارمىش ... ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ توشقان دەريا بويىدا بىلىق تۇتىمەن دەپ بىر كۈن ئاۋارە بولۇپ قۇرۇق قول قايتىپتۇ.
ئىككىنجى كۈنىمۇ ھىچنىمە يوق.
ئۈچىنجىكۈنى قارماقنى ئەمدى سۇغا سالاي دىيىشىگە ،بېلىق سۇدىن سەكرەپ چىقىپ تىللاپكىتىپتۇ:"جالاپنىڭ بالىسى، يەنە سەۋزىنى يەمچۈك قىلىدىغان بولساڭ ،كاچىتىڭغاسالىمەن."
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر خەنزۇ دەرياغا چۇشۇپ كىتىپ توۋلىغىلى تۇرۇپتىغۇ"ئەييا ،ئەييا ..."دەپ،ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ئۇيغۇر بوۋاي قىزغىنلىق بىلەنئۈگىتىۋاتقۇدەك:"ھوي خانسۇ يولداش،بۇ دىگەن ئەييا ئەمەس دەييا ."دەپ...
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىردوستۇم بىر كۈن مەكتەپكە بىرسائەتتەك كىچىكىتى ، مۇئەللىم ئۇنىڭدىن كىچىكىشىنىڭ سەۋەبنى سورىغانتى..ئۇ تۇرۇپ كىتىپ
--دادامنىڭ سىرتىتا ئاشنىسى باركەن .دەپ جاۋاپ بەردى، مۇئەللىم ھەيران قېلىپ
مۇشۇمۇ كىچىكىشنىڭ سەۋەبى بۇلامدۇ.. ؟
- ئاپام بىلەن دادام ئۇرۇشۇپ قېلىپ ،دادام ئاپامنى پەلەمپەيدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۋەتتى.
- ئۇنداقتا خىلى ئېغىر يارلىنىپتۇ دە.. ؟
-- ياق ، ئاپام ئەمەلىيەتتە ھىچنىمە بولمىدى.. يارلانغىنى دادام.
- ئاپاڭ يىقىلسا داداڭ يارلانغىنى نىمىسى؟
-- ئاپام دادامنى ئۇرۇپ يارلاندۇردى..
ھە، ئۇنداقتا سەن داداڭنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن دەپ .كىچىكىپسەندە؟
ياق. دادامنى دوختۇرخانىغا ھېلىقى ئاشنىسى ئاپاردى.
ئەمسە سەن نىمىشقا كىچىكىتىڭ؟
مەنما، مەن ئەتىگەندە بەك ئۇخلاپ كىتىپتىمەن.
ئەمسە نىمە كىچىكىشكە مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟
مەن شۇ.گەپ توغرا كىلىپ قېىلىپ مۇنداقلا دەپ قويغانتىم..
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئامىركا.شياڭگاڭ ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق ساقىچىلىرىنىڭ ئەمەلىيى كۈچىنى سىنىماقچى بۇلۇپ، ئورمانلىققا ئۈچ توشقاننى قۇيىۋىتىدىكەندە، ساقچىلارغا توشقانلارنى تۇتۇپچىقىشىنى بۇيرۇيدىكەن،
بىرىنچى كۈنى ئامىركا ساقچىلىرى ئورمانلىقئالدىدا نەچچە كىچە كۈندۇز يىغىن ئېچىپ توشقاننى تۇتىغان پىلان تۈزۈپتۇ،ھەمخىزمەتلەرنى تەقسىم قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئالاھىدە ھەركەت ئەترىتىنىئىشقا سېلىپ ئورمانلىقىنى قاتتىق ئاختۇرۇپتۇ، بىراق ۋاقىتىنى قولدىن بىرىپقويغانلىغى ئۈچۈن ،توشقاننى كاچۇرۇپ قۇيۇپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى .شىياڭگاڭساقچىلىرى يۈزلىگەن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلىرى ۋە ئون نەچچە ساقچىماشىنسى بىلەن ئورمانلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئاقتۇرۇپتۇ، ھەم كاناي بىلەن ..
توشقان! توشقان !! سەن ئاللا بۇرۇن قورشېۋېلىندىڭ، دەرھال چىقىپ تەسلىم بول ،دەپتوختىماي توۋلاپتۇ. بىراق يېرىم كۈن ئۆتۈپ كەتسىمۇ توشقاننىڭ ئازراقمۇشەپىسى يوق،، ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە قىسممۇ ئاختۇرۇپ ھىچنىمەتاپالماپتۇ.
ئۈچىنىچى كۈنى نۈۋەت چوڭ قۇرۇقلۇق ساقچىلىرىغا كەپتۇ... ئۇلار تۆتلا ساقچىكەن..
ئاۋالئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرسىغا كىرىپ جوزىدىن بىرنى تىكلەپلا كەچكىچە ماجاڭئويناپتۇ.. كەچ بولغاندا ئارىسىدىن بىرسى چاتقاللىقنىڭ ئارسىغا قىرىپكىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىيا چىيا. ۋاقىراشقان ، ۋايجانلاۋاتقان ئاۋازلا رئاڭلىنىپتۇ،، باشقىلار ئالدىراش تىنەش بىرىپ قارسىا ھېلىقى ساقچى تاماكىدىنبىرنى چىكىپ خاتىرجەم ئولتۇرغان، چەتتە بىر ئېىيىق ھە دەپ يىغلاۋاتقىدەك ..
--- بولدى ئۇرماڭلار،،سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي،، مەن سىلەر ئىزدەۋاتقان توشقان شۇ...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر قانچە مىنكاۋخەنلەرنىڭ توخۇ يېگىسىكېلىپ، بازاردىكى تەييار توخۇنى مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ ئوزى بوغۇزلاپيىمەكچى بولۇپتۇ. كىم بوغۇزلايدۇ دىگەننى ئوز-ئارا ئىتتىرىشىپ تۇرغاندائاخىرى بىرسى مەن بوغۇزلاي دەپ چىقىپتۇ. باشقىلار بوغۇزلىغانغىلا ھىساپئەمەس، ئوقۇيدىغان گېپى بارتى دەپ چۇقان قىلىشسا بىلىمەن دەپلا --"ئەسسلامۇئەلەيكۇم" دىگىنىچە پىچاقنىڭ ئۇچىنى توخۇنىڭ بوينىغا قويۇپسۇركىگىنىچە پىچاقنىڭ تۇۋىگە ئاپىرىپتۇ. توخۇنىڭ بوينى يېرىم كېسىلىپتۇ.باشقىلار " بولمىدى، بولمىدى ، گەپ بەكلا قىسقا بولاپ قالدى" دەپ چۇقانقىلىشىشپتىكەن، " ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام " دىگىنىچە پىچاقنى كەينىگە تارتىپتۇ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر خوتۇن تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا بىردوختۇر ئايالغا دەپتۇ : خانىم،قوسىقىڭىزدا ئۈچ كېزەك بالا بارئىكەن ، سىز بالىلىرىڭىزنىڭ كەلگۈسىدەقانداقراق بالىلاردىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىسىز ؟ مەن ئوكۇل سېلىپ قويىمەندەپتۇ ،
ھېلىقى خوتۇن :
بىرىنچى بالام ئەقىللىق ، ئىككىنچى بالامئەدەپلىك ، ئۈچىنچى بالام ئاقسا بالىلاردىن بولسۇن دەپتۇ .شۇنىڭ بىلەندوختۇر بىرىچى بالا ئۈچۈن ئەقىللىقلىق ئوكۇلى ، ئىككىنچى بالا ئۈچۈنئەدەپلىك بولۇش ئوكۇلى ، ئۈچىنچى بالا ئۈچۈن ئاقسالىق ئوكۇلى ئۇرۇپ قويۇپتۇ.
بالىلار تۇغۇلۇشقا باشلاپتۇ ..
دېگەندەكلا ...دوختۇر بىرىچى بالىنى قوبۇل قىلىشىغىلا بالا : بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى دەپ ئانىسىنىڭ قوسىقىدىن چۈشۈپتۇ ...
ئىككىنچى بالا بولسا ئانىسىنىڭ قوسىقىدىن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوختۇر دەپلا چۈشۈپتۇ
نۆۋەتئۈچىنچىسىگە كەپتۇ ... دوختۇر بالىنى تۇتۇۋالاي دەپ قولىنى شۇنداقئاپىرىشىغا بوۋاق : تاتەۋا قولۇڭنى ، ئۆزەم چۈشىمەن دېگۈدەك ...
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر ئەر ئائىلىسى بىلەن ساياھەتكە مېڭىپتۇ، يولدا بىر پاقىغا ئۇچراپ قېلىپدەرھال تورمۇز قىلىپ پاقىنى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇدە يولىغا راۋانبولماقچى بولۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپتۇ. توساتتىن بۇ پاقىغا زۇۋان كېلىپتۇ:
-ھەيئىنسان، سېنىڭدەك كىشىلەر ھازىر جىق ئەمەس، سېنىڭ مۇشۇ ئاق كۆڭۈلكىڭ ئۈچۈنسېنىڭ بىر ئارزۇيىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەي، قېنى ئېيتقىن.
ئەر ئويلا-ئويلا ئاخىرى ئېيتىپتۇ،
-كىلەر ئايدا ئىت بەيگىسى بولىدۇ، مەن ئىتىمنىڭ بەيگىدە يېڭىپ چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.
ماشىنىدىنئۇ كىشىنىڭ ئىتى سەكرەپ چۈشۈپتۇ، يامان بىر سېمىز، سەت، يەنە كېلىپ ئۈچتال پۇتى بار ئىت تىلىنى چىقىرىپ ئىگىسىنىڭ يېنىدا ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ.
پاقا بىر دەپم تۇرۇۋېتىپ ئېيتىپتۇ،
-بۇ ئارزۇيۇڭنىڭ ئەمەلگە ئاشمىقى سەل قىيىدەك قىلىدۇ، خاپا بولمىساڭ باشقا بىر ئارزۇيۇڭنى دېگىن، مەن ئورۇنلاپ بېرەي.
ئۇ كىشى دەپتۇ:
-ئەمىسە مۇشۇ يىل ئاخىرى دۇنيا گۈزىلى مۇسابىقىسى بولىدۇ، مۇشۇ شەرەپكە ئايالىمنى ئېرىشتۇرسەڭ .
پاقا ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى بىر كۆرۈپ دەپتۇ:
-بايامقى ئىتىڭنى قايتا بىر كۆرەي.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىركۈنى مىكيان خېنىم يامان يوغان تۇخۇمدىن بىرنى تۇغۇپتۇدە
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مۇخبىرلار كېلىپ بەس بەستە مېىكياندىن سوراپتۇ
- مېكىيان خانىم بۇنداق يوغان تۇخۇمنى قانداق تۇغدىڭىز؟تەسىراتىڭىزقانداق ؟...
دېگەندەك سوئاللارنى سورىغاندىكىن مېكىيانغا جاۋاپ بېرىش خۇشياقماي دەپتۇغۇ
- بۇنى بېرىپ ئېرىم خورازدىن سوراڭلار دەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن مۇخبىرلار بېرىپ خورازدىن سوراپتۇ
-ئەپەندىمئاڭلىساق مىكيان خانىم يامان يوغان تۇخۇمدىن بىرنى تۇغۇپتۇ ،سىزنىڭ بۇمەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟ دەپ سوراپ تۇرىشىغا خوراز قاتتىقغەزەپلىنىپ
-خەپ توگىقۇش دېگەن جالاپنىڭ بالىسى دەپ تىللا كېتپتۇ
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىرئاغىنىمىز بولىدىغان ئۆيىگە پەقەت مىھمان چاقامايدىغان ، بىژ كۈنى كۈننەدىن چىقىپ قالدىكى –تاڭ : " بىزنىڭ ئۆيگە چىرىپ بىژدەم ئولتۇرۇپچىقمايلىما ، خوتۇن بىرنەچچە تەخسە سەي قورىسۇن" دىۋىدى ھەممىمىز دەرھاللاقوشۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە چىدۇق .
ئۇ خوتۇنىغا بىر نەچچە تەخسە سەي قورۇشنىتاپىلاپ قويۇپ ، بىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتادى. ئاشخانا ئۆيدىن "گاژ-گۇژ""غاژ-غۇژ " قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىۋەدى ، لىكىن سەي يوق. پاراڭ بىلەنئولتۇرۇۋىرىپتۇق ئارىلىقتا بىرەر سائەت ئوتكەن چىغى ،ئارىمىزدىن قوسىقىبەك ئىچىپ كەتكەن بىر ئاغىنىمىز قوپاپ :" مەمىتىمىناخۇن ماڭ قايلاڭلا،سىلى لويۇڭغا "گاژ-گۇژ" "غاژ-غۇژ " قىلغان ئاۋازنى ئەپ قوياپ ، بىزگەقوياپ بىرىۋاتامسىلە"
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىككىقەشقەرلىك ساياھەتچى ئۈرۈمچىگە كەپتۇ، بازار ئارىلاۋىتىپ ،تەرىتى قىستاپقاپتۇدە، ئوبۇرنىغا كىرىپتۇ. قارىسا ئوغۇللار نىڭكىگە ( ئو) ،قىزلارنىڭكىگە( ق) دەپ يېزىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى :
-ما ئۈرۈمچىلىكگۇيلىنى ، ماشەدىمۇ قەشقەلىك ، ئۈرۈمچىلىك دەپ ئايرىپ يۈرۈپتۇدە، بوپتۇ،قەشقەغە چىرىلى ،-دەپ قىزلانىڭكىگە كىرىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئاياللار قورقۇپ،ۋاقىراپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ئىككىسى:
- قوقۇشمىسىلا خانلىرىم، بىزمۇ قەشقەلىك ،-دەپتۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر يولۇچى پويىزخادىمىغا<مەن ئاتۇشتا چۈشىمەن>دەپتۇ.پويىز خادىمى<بۇ قېتىملىق پويىز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايدۇ، بىراق، بۇرادەر، بىز ئاتۇشتا رېلىس ئالماشقاندا سۈرئىتىمىز ئاستىلايدۇ، مەن ئىشىكنى ئاچىمەن-دە، سەن چاققانلا سەكرەپ چۈشىۋالىسەن. پويىزنىڭ سۈرئىتى گەرچە تېز بولمىسىمۇ، سەن سەكرەپ چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن پويىز ماڭغان يۆلىنىش بويىچە بىر ئاز يۈگۈرمىسەڭ چاق سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىدۇ!>دەپتۇ. پويىز ئاتۇشقا كەلگەندە ئىشىك ئېچىلىپتۇ، يولۇچى پويىزدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگرۈپتۇ، جىددىلەشكەنمۇ قانداق، يولۇچى يۈگەرگەن پېتى بايىقى ۋاگوننىڭ ئالدىدىكى ۋاگوننىڭ ئىشىك ئالدىغا كەپ قاپتۇ. دەل مۇشۇ پەيىتتە، ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپتۇد ە بىر پويىز خادىمى چىقىپ ئۇنى تارتىپلا ئىچىگە ئەكىرىۋاپتۇ. پويىزمۇ ئەسلىدىكى سۈرئىتىگە قايتىپتۇ.
بۇ ۋاگون خادىمى يولۇچىغا<بۇرادەر،بەك تەلەيلىككەنسەن، بۇ پويىز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايتى !>
دەپتۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر كۈنى بىرپەرىشتە يولدا كېتىۋاتسا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۈچ ساراڭ چىقىپ كەپتۇ،پەرىشتەبۇ ساراڭلارنىكۈرۈپ ئىچ ئاغرىتىپ ئۇلاردىن سوراپتۇ:
_ سىلەرنىڭ نورمال ئادەملەردىن بولغۇڭلار بارمۇ؟
ساراڭلار باش لىڭشىتىشىپتۇ.
پەرىشتە :
_ئۇنداقتا سىلەر يول قىرىدىكى بۇ باغدىن ئۆزەڭلار خالىغان مېۋىدىن ئوندانىدىن ئېلىپ چىقىڭلار، كىم ئۆزى ئېلىپ چىققان شۇ 10دانە مېۋىنى يەپ بولسامەن شۇنى نورمال ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن،_دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ساراڭلار خوشال بولۇشۇپ باغقا قاراپ يۇگۈرۈشۈپتۇ.
بىرئازدىن كېيىن بىرىنچى ساراڭ باغدىن 10 دانە ئالمىنى كۆتىرىپ چىقىپ يېيىشكەباشلاپتۇ،يەپ _يەپ توققۇزىنچىسىنى يەپ بولۇپ ئونىنچىسىنى يەۋاتقاندا ئالماگېلىغا تۈرۈپ قېلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
كېيىن ئىككىنچى ساراڭمۇ ئون دانەگىلاسنى كۆتىرىپ چىقىپ ،يەپ ئونىنچىسىغا كەلگەندە كۈلۈپ تېلىقىپ ئۆلۈپقاپتۇ.بۇ ئىككى ساراڭنىڭ روﻫى ئۇ دۇنيادا ئۇچرىشىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەنئالما گېلىغا تۈرۈپ ئۆلۈپ قالغان ساراڭ كۈلۈپ تېلىقىپ ئۆلۈپ قالغانساراڭدىن سوراپتۇ:
_ﻫەي بۇرادەر،مەن ﻫەيرانمەن،مەنغۇ ئون تال ئالمىنى يەپ بولالماي ئۆلۈپ قالدىم،ئەمما سەن ئون تال گىلاسنىمۇ يىيەلمەي ئۆلۈپ قالدىڭغۇ؟!
_ۋايئاداش ،گەپ قىلما،مەن گىلاسىنى يەپ ئونىنچىسىگە كەلگەندە قارىسام ئۈچىنچى ساراڭ ئون تال تاۋۇزنى كۆتىرەپ ئىنجقلاپ چىقىۋاتمامدۇ،شۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپتېلىقىپ قالدىم...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر دارازا بىلەن بىر پاكىنەك ساياھەتكە چىقىپتۇ ، ئۇلار مىڭىپ مىڭىپشاخلىرى ناھايتى زىچ ئۆسكەن بىر ئورمالىققا يىتىپ كەپتۇ . بۇ ئورمانلىقتىنئۆتۈش ئۈچۈن ئۆمىلەپ مىڭىشقا توغرا كىلىپ بۇ جەرياندا دارازا ناھايتىقىيلىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پاكىنەك ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ، بويى ئىگىزبولغاننىڭ نەرى ياخشى، تۈپتۈز يولدىمۇ ئىڭىشىپ ماڭالمىغان ، كىيىم كىيسىمۇئارتۇقچە چىقىم قارا سىنىڭ بىر قىتىم كىيگەن ئىشتىنىڭنى مەن ئوتتۇرىدىنبۆلۈپ ئۈچ قىتىم كىيىمەن دىمەك ئىككى ئىشتاننىڭ پۇلىنى تىجەپ قالدىم دىگەنگەپ يەنىلا پاكا بولغان ياخشى دەپتۇ. دارازا بۇنى ئاڭلىماسقا سىلىپمىڭىۋىرىپتۇ ،يولدا ئۇلارغا ئالمىلىق بىر باغ ئۇچراپتۇ. دارازا پىشقانئالمىلاردىن ئۈزۈپ يەپ مىڭىپتۇ ، بۇنى كۆرگەن پاكىنەك ماڭىمۇ بىر ئىككىتالئۈزۈپ بەرمەمسەن دەپتىكەن، ئىشتاندىن ئاشقان پۇلغا ئىلىپ يىمەمسەن دەپتۇدارازا. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بوۋاي: يېڭى ئالغان ئايالىم ھامىلدار بولدى !
دوختۇر: بۇ مۇمكىن ئەمەس!
بوۋاي : راست ،ئىشەنمىسىڭز تەكشۈرۈپ بېقىڭ،
دوختۇر: بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، سىز دىگەن ئەللىكتىن ئاشقان تۇرسىڭىز ،مەن سىزنى تەكشۇردۇم ،بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !
مەن شۇنداق بولسىمۇ ئايالىڭىزنى تەكشۇرۇپ باقاي،
تەكشۇرۇشتىن كېيىن:
دوختۇر: مەن سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي، بۇرۇن بىر بوۋاي بار ئىكەن،ئۇ بىر كۈنى ئوۋغا چىقىمەن دەپ ،مىلتىق ئالدىم دەپ ئويلاپ كۈنلۈكنى ئېلىپچىقىپتۇ. ئۇ بىر بۇغىنى كۆرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مىلتىقىنى ( ئەمىليەتتەكۈنلۈك) قولغا ئېلىپ قارغا ئېلىپ بىر ئېتىپتىكەن
بۇغا گۇپپىدە چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ !
بوۋاي : بۇ مۇمكن ئەمەس ، قانداقمۇ كۈنلۈكتە بۇغا ئاتقىلى بولسۇن ،كۈنلۈكتىن ئوق چىقمىسا يا ؟!
دوختۇر: توغرا ،ئۇ بۇغىنى ئەسلى باشقا بىرسى قارغا ئېلىپ ئېتىپتىكەن ! size=4]بىر كۈنى مەسچىدتە جامائەت ئىمامدىن سوراپتۇ
ئىمام ! ئاڭلىساق شەيتان ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا دوزاختا جازالىنىدكەن، ئىنساننى دوزاختا كۆيدۇرسە ئازابلىندۇ،
ئەمما شەيتان دىگەن ئەسلى ئوتتىن بولغان نەرسە تۇرسا ،قانداقسىگە دوزاقتا كۆيدۈرگىلى بولدۇ؟
ئىمام ھىچنىمە دىمەستىن سۆزىنى تۈگىتىپ ،دۇئا قىلىپ ،نامازدىن يېنىپتۇ، سىرتقا چىقىپ ئىمام قولىغا يوغان كېسەكتىن بىرنى ئېلىپ
ھېلىقى سۇئال سورىغان ئادەمنىڭ بىېشىغا بىرنى قويۇپ دەپتۇ : سىزمۇ تۇپراقتىن يارتىلغان ،تۇپراق بىلەن ئۇرسا ئاغرامدىكەن ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر ئادەم ئەرلەر كېسلگە گرىپتار بوپتۇ ،
دوختۇر ئۇنىڭغا بىر قۇتىنى بېرىپ ،بۇنىڭغا ئىسپىرمىڭىزدىن ئازراق چىقىرپ ئەتە ئېلىپ كېلىڭ ،تەكشۈرمىز دەپتۇ
ئۇ ئەتىسى قۇتىنى قۇرۇق ئېلىپ كەپتۇ
نىمە بولدى ؟ قۇرۇق ئەكەپسىزغۇ ؟- دەپ سوراپتۇ دوختۇر
بىمار: مەن ئۆيگە بېرىپ قولۇم بىلەن ئىككى سائەت جېدەللەشتىم ،چىقمىدى
ئايالىم كىرىپ ئۇمۇ جېدەللەشكەنتى ،چىقىرالمىدى
قىزىم كىرىپ قىلىپ باقتى ،يەنىلا چىقرالمىدى،ئاپام ،ھەدەم ۋە ئۆيدىكەرنىڭ ھەممىسى قىپ باقتى بەقەت چىقمىدى - دەپتۇ
دوختۇر: بۇ قانداق گەپ ،مۇشۇ ئىشقا قىزىڭىز ۋە ئۆيڭىزدىكەلرنى ئىشقا سالدىڭىزما ،سىز قانداق ئادەم ؟
بىمار : قانداق قىلىمەن ،چىقمايۋاتسا ؟
دوختۇر: نىمە چىقمىدى؟
بىمار: قۇتىنىڭ ئاغزى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر كۈنى ، بىر مائارىپشۇناس باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى سىناپ بىقىش مەقسىتىدە مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە كىلىپ، بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ:
-- بالام، ئەگەر دەرەختە 10قۇشقاچ بولسا، مەن بىر تاپانچا بىلەن بىرنى ئىتىۋەتسەم، يەنەقانچىسى قالىدۇ؟
--ئاۋازسىز تاپانچىما؟
--ياق
--تاپانچىنىڭ شاۋقۇنلۇق دەرىجىسى قانچە؟100دېستىبىلدىن ئاشامدۇ؟
--ئاشىدۇ، سەن زادى قانچىسى قالىدۇ، شۇنۇڭغىلا جاۋاپ بېرە!
--جەمىئي 10 قۇشقاچ ئىكەنلىكى جەزىم قىلالامسىز؟ ئەتراپتا باشقا قۇشقاچلار يوق؟
--جەزىم قىلىمەن
--بارلىق قۇشقاچلار ئەركىن ھەركەت قىلالامدۇ؟
--ھەئە، ......ئۆتۇنۇپ قالاي،زادى قانچىسى قالىدۇ؟
--قۇشقاچلار ئارىسىدا مىيىپلىرى بارمۇ؟ مەسلەن پاڭ، ئۇچالمايدىغانلار...
--يوق!(مائارىپشۇناسنىڭ سەۋرى چىكىگە يىتىپتۇ)
--دىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولغان ئەھۋالدا،ئەگەر سىز ئىتىۋەتكەن قۇشقاچ دەرەختە ئىسىلىپ قالسا بىر قۇشقاچ قالىدۇ. ئەگەر يەرگە چۈشۈپ كەتسە دەرەختە بىرمۇ قۇشقاچ قالمايدۇ، دەپ جاۋاپ بىرىشىگىلا،مائارىپشۇناس شۇيەردىلا ھوشىدىن كىتىپتۇ. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بوۋاينىڭ ئاچچىقلىنىشى
ئۆيقۇشلىرى دۇكىنى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا بىر مۇنچە كىشىقاتار تىزىلىپ تۇرغانىكەن. بىر ئازدىن كېيىن، بىر بوۋاي قىستىلىپ يۈرۈپسەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ. كىشىلەر ئۇنى ئىتتىرىپ سەپنىڭ ئاخىرىغا ئاپىرىپقويۇپتۇ. بوۋاي نىيىتىدىن يانماي، مىڭ تەسلىكتە يەنە يەنە سەپنىڭ ئالدىغائۆتۈپتۇ. بۇ قىتىم بىر ئادەم بوۋايغا قوپال گەپ قىپتۇ - دە، بوۋاينى سۆرەپيولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاي ئاچچىقلاپ، ئۈنلۈكئاۋازدا: < يەنە شۇنداق بولىدىكەن، دۇكاننى ئاچمايمەن! > دەپۋارقىراپتۇ. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر دوختۇر دوختۇرخانا قوروسىدىكى دەرەخلىكتە بىر جۈپ قىز يىگىتنىڭ سۆيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىتىلىپ بارغىنىچە يىگىتكە كايىپ كىتىپتۇ،
--سۈنئى نەپەسلەندۈرگەندە ئادەمنى يەردە تۈز ياتقۇزۇش كىرەك،بولدى سەن نىرى تۇر،ئۆزەم نەپەسلەندۈرەي
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئون ئۈچ ....ئون ئۈچ
بىر كۈنى تىببى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ساراڭلار دوختورخانىسىغا ئىشقا چۈشۈپتۇ .
ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ بىر توپ ساراڭنىڭ قۇدۇقنىڭ ئەتراپىغا توپلىشپ
13 .... 13 .... 13 ..دىيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بىرىپ كۆرۈپ باققۇسى كەپتۇ يۇ !!
لىكىن بىرىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ...
ئاردىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ سىستىرا قىز ھويلىدا ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ يەنە شۇ ساراڭلارنىڭ
13....13 ... دىيىشىۋاتقىننى ئاڭلاپ زادى بىر كۆرۈپ باققۇسى كىلىپ قۇدۇق بىشىغا كەپتۇ.
ھىلقى ساراڭلار سىستىرا قىزنى كۆرۈپ ئۇنى ھەش پەش دىگۈچە قۇدۇققا تاشلىۋىتىپتۇ -ۋە
14 ...14 ...14 دىيىشكە باشلاپتۇ .. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر مەھەللىدە بىر ئەسكى بار ئىكەن.كۈن بۇيى ھاراق ئىچىپ ،نەشە چىكىپ جىدەل تېرىپلا يۇرىدىكەن. شۇ مەلىنىڭ مەسچىت مەزىنىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ ئىچى پۇشۇپكىتىپتۇ دە ،ئالدىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ:
- سەن ھاراق ئىچمەي،تاماكا چەكمەي بىر ئاي مەسچىتكە كىرىپ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغىن ،بىرئايدىن كىيىن مەن جامائەتكە دەپ ساڭا ئازراق بىر نەرسە يىغىپ بىرەيدىگەندىكىن ،ھېلىقى ئەسكى ماقۇل بولۇپ ناماز ئوقۇپتۇ،بىر ئاي ئوتۇپتۇ،ئىككى ئاي ئوتۇپتۇ،ئۈچ ئايمۇ ئوتۇپتۇ ھېلىقى ئەسكىنىڭ ئىچى پۇشۇپ كىتىپ
-مەزىنكا ئەمىسە جامائەتكە دەپ ئاز تولا بىر نەرسە يىغىپ بەمەمسىز؟ دەپتىكەن، مەزىن تۇرۇپ كىتىپ :
- ھەي سەن نامازنى ئۇقۇساڭ ئۇزۇڭگە ئوقۇيسەن ،ساۋاپنى ئالساڭ ئۇزۇڭئالىسەن ،يەنە نىمىگە نارازى بولىسەن دىگەندىكىن، ھېلىقى ئەسكى تۇرۇپكىتىپ :
- سەن مەزىننىڭ ئوساللىقىنى بىلگەچكە تەرەتمۇ ئالماي ناماز ئوقۇغانتىم مەن دەپ قايلىماي مەسچىتتىن چىقىپ كىتىپتۇ. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر كۇنى كەنىت كادىرى كەنىتتىكى ئەرلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپتۇ .يېغىندا كادىر سۇزۇپ سوزلەپ مۇنداق دەپتۇ:
يولداشلار بۇگۇنكى يىغىننىڭ مەخسىتى خوتۇنىدىن قورۇقمايدىغانلارنى تېپىپتەختىرلەش،ھازىر مەن بۇيرۇق بىرىمەن ،خوتۇنىدىن قورقىدىغانلار ما ۋۇتىرەكنىڭ تۈۈۋىدە ،قورۇقمايدىغانلار ئاۋۇ تىرەكنىڭ تۈۋىدە تۇرۇڭلار! ھەقېنى ئوغانباللا بىر مېڭىڭلار قېنى مەن بىي كۇرەي دەپتىكەن. كەنىتتىھەممىسى خوتىنىدىن قورقىدىغان تىرەكنىڭ تۈىدە تۇرىۋاپتۇ، پەقەت يىساملاخوتىنىدىن قورۇقمايدىغان تىرەكنىڭ تۈۋىدە شۇمشىيىپ تۇرغىدەك. بۇنى كورگەنباشلىق خۇشاللىقتىن ھىسامنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ :
- ھە ھىسام شۇكرى جىما ھەنىم بولسا خوتۇنۇڭلىدىن قۇرۇقمادىكەنسىلەر ! دىيشىگە ، ھىسام كىكەچكەپ تۇرۇپ :
- ياق ياق ئايالىم مىنى ئادەم جىق يەرگە بارما دىگەن دەپتۇ. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ پىل دەريادا ھوزۇرلىنىپ يۇيۇنۇپ تۇرسا ،چۇمۇلە ۋارقىراپتۇ.
- ھەي پىل بۇياققا چىق ساڭا گېپىم بار. پىل مىڭ تەسلىكتە دەريادىن چىقىپ سوراپتۇ:
- ھە نىمە گەپ ؟ سوراپتۇ پىل ھاسىراپ تۇرۇپ ، چۈمۈلە:
- ئەمدى گەپ يوق دەرياغا قايتىپ يۇينىۋەر ، بۇنىڭدىن ئاچچقى كەلگەن پىل :
- نىمانداق ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىغان نىمە سەن دەپ ھۇكىرەپتۇ! چۇمۇلە پىلغا قاراپ :
- ئاچچىقلانما سۇ ئۇزۇش كىيىمىم تۇنۇگۇن مۇشۇ يەردە يوقاپ كەتكەن سىنى كىيىۋالدىمىكىن دەپتىمەن ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
قىز ئېلىپ قېچىش
ئىككى ئائىلىدىكىلەر قۇدىلاشماقچى بوپتۇ .قىز تەرەپ ،ئوغۇل تەرەپ نامرات ئىكەن .ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ يېنىۋېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭلاشقا ئوغۇل بىر كۈنى پۇرسەت تېپىپ قىزنى ئېلىپ قاچماقچى بوپتۇ ۋەئالدىراشچىلىقتا ئوقۇشماستىن قىزنىڭ سىڭلىسىنى ئېلىپ قېچىپتۇ .قىزتەرەپتىكىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى قوغلاپ چىقىپتۇ ۋە :
- خاتا ئېلىپ قاچتىڭ ،خاتا ئېلىپ قاچتىڭ ، - دەپ ۋارقىراپتۇ .
- قۇلاق سالماڭ ،خاتا ئەمەس ، تېز يۈگىرەڭ، -دەپتۇ قىز يىگىتنى تارتىپ يۈگۈرگەچ . ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر قازاق بىلەن ئۇيغۇرخوشنا ئولتۇرىدىكەن، بىر كۈنى قازاقنىڭ بىر پاقلىنى يۈتۈپ كىتىپتۇ. ئۇپاقلان بىچارە قازاقنىڭ نەسىللىك پاقلىنى ئىكەنتۇق، ئۇيغۇرخوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزۈپ بىر ھال سوراپ قوياي دەپ بازاردىن بىر كىلو گۆش ئەكىلىپ ئايالىغا مانتا ئەتكۈزۈپتۇ ۋە قازاق خوشنىسىنى ئۆيگە تاماققا چاقىرىپتۇ . ھىلىقى قازاق مانتا تارتىلغاندىن كىين مانتىدىن بىرنى ئېلىپ بىر چىشلەپ قاراپ تۇرۇپ كېتىپ پاڭڭىدە يىغلىۋىتپتۇ دە يۈگۈرۈپ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيگە چىقىپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسلىپ - سەن ئوغرى، مىنىڭ پاقلىنىمنى ئوغۇرلاپسەن، تۆلەپ بەر . ھۇ ئوغرى ..
- ھەي مەن سېنى بىر چىرايلىق مانتا بىلەن مىھمان قىلسام نىمىشقا مىنى ئوغرى دەيسەن دەپتۇ ئۇيغۇر جىلە بوپ .
ھىلىقى قازاق قولىنى بوشاتماي تۇرۇپ :
- ئوغرى بولمىساڭ نىمىشقا گۆشنى خىمىرنىڭ ئىچىگە تىقىپ يەيسەن؟ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىشەنچىسىز موماي
تۇخۇم كۆتۈرۈپ ماڭغان بىر موماي بىر بالا بىلەن سوقۇلۇپ كىتىپ، تۇخۇملىرى تامامەن چېقىلىپ كىتىپتۇ. موماي بىلەن بالا ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭكىنى راسىت دەپ تالىشىپ تۇرغاندا، بىر قاتناش ساقچىسى كىلىپ قاپتۇ. قاتناش ساقچىسى ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن، بالىنى تەنقىتلەپ، تۇخۇملارنى تۆلەشكە بويرۇپتۇ. موماي بالىغا ئالىيىپ تۇرۇپ: قايىل بولمايۋاتامسەن، يول ئىتىمۇ سىنى تۆلىسۇن دىدى، دەرھال پۇلنى چىقار!
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ كەسىپ تاللاش
دادىسى ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە نىمە كەسىپ تاللىماقچى بۇلغانلىقىنى بىلگۈسى كىلىپ سورىدى:
_سەن چوڭ بولغاندا نىمە قىلاي دەيسەن؟
_ماشىنا بىلەن ئۇياقتىن بۇياققا ئاۇلىنىپ يۈرسەم ،يانچۇقۇمغا ئۈزۈلمەي پۇل كىرىپ تۇرسادەيمەن.
_ھەر ھالدا بىر كەسىپنى تاللاپسەن،_دىدى دادىسى _كەلگۈسىدە كوچا ئابتۇبوسىدا بىلەت ساتقۇچى بۇلاي دەپسەندە...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر كىشى بىر شاتۇتىنى ئىلىپ چىگىردىن ئۆتمەكچى بوپتۇ، تامۇژنا خادىملىرى ئۇ كىشىگە دەپتۇ:
-ئەپەندىم بۇ شاتۇتىغا باج تۆلەيسىز
-قانچە پۇل تۆلەيمەن؟
-شاتۇتى تىرىك بولسا 50دوللار تۆلەيسىز ،شاتۇتى ئەۋرىشكىسى بولسا 15دوللار تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ
بۇنى ئاڭلىغان شاتۇتى ئىگىسىنىڭ بىخىللىقىنى بىلگەچكە ،ئالدىراپ-تىنەپ تامۇژنا خادىمغا ئىغىز ئىچىپتۇ،:
-ئەپەندىم مەن تىرىك شاتۇتى. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىرەيلەن پۇتىنىڭ بارمىقى كۆكىرىپ قىلىپ دوختۇرغا كۆرىنىپتۇ ،دوختۇر ئۇنىچالا-پۇلا تەكشۈرۈپلا <راك> دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپتۇ،ھەمپۇتىنىڭبارمىقىنى كىسىپ ئىلىۋىتىشنى بۇيرۇپتۇ، كىيىن ھىلقى كىشى يەنە بىربارمىقىنىڭمۇ كۆكىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە شۇ دوختۇرغا كۆرىنىپتۇ، بۇقىتىممۇ ئالدىنقىسىغا ئوىشاش دىئاگىنۇز قويۇلۇپ يەنە بىر بارمىقىنى كىسىپتاشلاپتۇ،
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھىلقى كىشىنىڭ پۇتى ھوشىقىغىچە كۆكىرىپ كىتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتكەنىكەن،
دوختۇر ئۇنىڭغا<پايپىقىنىڭ رەڭگى تىرىسىگە سىڭىپ قالغان> دەپ دىئاگىنۇز قويۇپتۇ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ 65ياشلىق بىر ھامىلدار موماي تەجىربىلىك بىر دوختۇرنىڭ ياردىمىدە مۇۋاپىقييەتلىك يەڭگىپتۇ،ئىككى كۈن ئۆتۈپ موماينىڭ بارلىق تۇققانلىرىموماينى يوقلىغىلى كەپتۇ،ھەمدە بۇ ئائىلىنىڭ يىڭى ئەزاسىنى كۆرۈپ باقماقچىبوپتۇ،ئۇلار بوۋاقنى كۆرۈپ بىقىش نىيىتىنى مومايغا دىگەندە موماي:
--ھازىر ۋاختى ئەمەس ،بولمايدۇ دەپتۇ، بىردەمدىن كىيىن تۇققانلىر بوۋاقنى كۆرۈپ بىقىشنى يەنە دەپتۇ، موماي يەنىلا:
بۇنىڭغا تىخى بولمايدۇ دەپتۇ،ئۇلار ئاخىرى :
-بىز يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى زادى قاچان كۆرەلەيمىز؟
--بالا يىغلىشى بىلەنلا ئۇنى سىلەرگە كۆرسىىتىمەن دەپتۇ موماي،ئۇلار
--نىمىشقا بالا يىغلىسا ئاندىن كۆرسىتىسىز؟ موماي:
--چۈنكى بالىنى نەگە قويغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالدىم ...-دەپتۇ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر ھاراقكەش تاڭ سەھەردە قاۋاقخانا خوجايىنىغا تېلېفون قىپتۇ:
---قاۋاقخاناڭلارنىڭ ئىشىگى قاچان ئېچىلىدۇ ؟
خوجايىن: قاۋاقخانىمىز چۈشتىن كېيىندىن تارتىپ داۋاملىق ئوچۇق، قانداق ۋاقىتتا كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
مەست: كىم سىزنىڭ قاۋاقخانىڭىزغا كىرىمەن دەپتۇ، مەن سىزنىڭ قاۋاقخانىڭزدىن قاچانلىققا چىقالايمەن دەۋاتىمەن. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئېرى: ئەگەر مەن ئاشنا تۇتقان بولسام خاپا بولامتىڭىز؟
ئايالى:نېمە دەيدىغانسىز، ئەگەر ئۇنداق ئىش سېزىلىپ قالسا، سىز مەندىن ياخشىلىق كۆرىمەن دەپ .ئويلىماڭ. ئەگەر مېنىڭ ئاشنام بولسا، سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
ئېرى: مەن توغرا چۈشۈنەتتىم، ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن-دە. ئادەمنىڭ تەبىئىيىتىدىن ئېيتقاندىمۇ بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئايالى: ھەي، كارۋاتنىڭ ئاستىدىن تېز چىقىڭ ، ئېرىم توغرا چۈشىنىدىكەن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مىنىستىر،ئايال شوپۇر ۋە ساقچى
مىنىستىر ماشىنا بىلەن سىرىتقا كىتىۋاتقاندا ،ماشىنا ئوتتۇرا يولدا بۇزۇلۇپ قالدى،ئايال شوپۇر:
--ئايالبولغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنا رىمۇت قىلماسلىقىم كىرەكتى ،لىكىن شوپۇربولغىنىم ئۈچۈن رىمۇت قىلماي ئامالىم يوق-- دىدى دە ماشىنا ئاستىغا كىرىپكەتتى،
مىنىستىر خىلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كىيىن يەرگە چۈشۈپ :
-مىنىستىربولغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنا رىمۇت قىلماسلىقىم كىرەكتى، لىكىن ئەركىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن رىمۇت قىلماي ئامالىم يوق --دەپ ماشىنا ئاستىغا كىرىپكەتتى،
بىر پەستىن كىيىن بىر ساقچى كىلىپ دىدى:
--يولۇچى بولۇشسۈپۈتۈم بىلەن سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشماسلىقىم كىرەكتى،لىكىن ساقچىبولغانلىقىم ئۈچۈن ئەسكەرتىپ قويىشىمغا توغرا كەلدى،-ماشىناڭلارنىئاللىبۇرۇن ئوغرى ئىلىپ كەتتى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ناھايىتى سىمىز بىر ئادەم دوختۇردىن ئۆزىگە ناھايىتى راھەت ئۇخلىتىدىغان دورا يىزىپ بىرىشنى ئۆتۈندى،:
--مەن ئۇخلىغاندا ئاغزىم پەقەت يۇمۇلمايدۇ، بەك بىئارام بولىمەن،
دوختۇر تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كىيىن دىئاگۇنوزنى ئىيىتتى:
--كەچۈرىسىزسىزنىڭ بۇ كىسىلىڭىزگە ھىچقانداق داۋا يوق، سىز بەك سەمىرىپ كەتكەچكەتىرىڭىز يىتىشمەي قاپتۇ،شۇڭا كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىزلا ئاغزىڭىز ئىچىلىپقالىدۇ. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ سوۋغا
بىر كۇنى بۇرە ئاغرىپ يىتىپ قاپتۇ،توشقان سەۋزە ئىلىپ ئۇنى يوقلاپبېرىپتۇ.بۇرە:قۇرۇق كىلىۋەرسەڭ بولماسمىدى،بىر نەرسە ئەكىلىمەن دەپيۇرگۇچە دەپ تەكەللۇپ قىپتۇ،بۇنى ئاڭلاپ توشقان:"مەن سىلىنى يوقلاپ بارىمەندىسەم ئۇلار سىلىنى بۇنى ياخشى كۇرمەيدۇ دىيىشتى "دىيىشىگىلا،بۇرە:"ۋاي ياقئۇنداق بۇلامدىغان،مەن سوغاڭنى بەكلا ياخشى كۇرۇمەن.........سەۋزە ئەپەندى"دىگۇدەك...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بەرىبىر ئوخشاش
سوتچى ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر كىچىك بالىغا :"ئۇزەڭ دىگىنە.سىنى تۇرمىگەسۇلايلىمۇ ياكى داداڭغا تاپشۇرۇپ بېرەيلىمۇ؟"دەپ سوراپتۇ،ئۇبالا پەرۋاسىزلا:"ئىختىيارىڭىز، بەرىبىر ئوخشاشلا"دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ،سوتچىھەيران بۇلۇپ:"بۇ نىمە دىگىنىڭ"دەپ سورىسا،ئۇ بالا:"داداممۇتۇرمىدە"دىگۇدەك.... ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ تۇخۇم ساقلاپ....
بىر ئەر-ئايال بالىسىنى يىتلەپ ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا بېرىپتۇ،ئۇ ئايالدوختۇرغا قاراپ :"دوختۇر ،مىنىڭ قىزىم يېرىم يىلنىڭ ياقى ئۇزىنى مىكياندەپلا يۇرۇيدۇ.دەپتۇ،دوختۇر ئۇنىڭغا :"يېرىم بولغان بولسا دوختۇرغا ئەمدىئىلىپ كىلىپسىلەرغۇ؟دىسە،ئۇ ئايال:"بىز بىر ئائىلىلىكلەر توخۇم يىيىشنىساقلاۋاتقانتۇق"دىگۇدەك.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ ماركىلق ئەمەس
ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىكى بىر ساراڭ دائىم" قۇرسۇقۇمدا بىر پىۋا بۇتۇلكىسىبار"دەپلا يۇرىدىكەن، دوختۇرلار ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېتىم چۇشەندۇرۇپمۇ ئۇنىقايىل قىلالماپتۇ،بىر قېتىم ئۇ ساراڭ سوقۇر ئۇچەي بۇلۇپ ئوپراتسىيەقىلىنىپتۇ،ئۇنىڭ نېرۋا كىسىلىنى داۋالاۋاتقان دوختۇرى ئوپراتسىيەقىلىۋاتقان دوختۇر بىلەن سۇزلىشىپ ،ئۇنى بۇ غەلىتە خىيالىدىن ئازاتقىلماقچى بۇلۇپتۇ،ئوراتسىيە ئوڭۇشلۇق ئاياقلىشىپ ئۇ ساراڭئويغىنىپتۇ،دوختۇر ئۇنىڭغا قاراپ :"مۇبارەك بولسۇن،قۇرسۇقۇڭىزدىكى پىۋابۇتۇلكىسىنى ئىلىۋەتتىم"دەپ ئالدىن تەييارلاپ قويغان پىۋا بۇتۇلكىسىنىكۇرسۇتىشىگە ،ئۇ ساراڭ "ئاھ خۇدا !!سىلەر خاتا ئىلىپ قۇيۇپسىلەر.قۇرسۇقۇمدىكى بۇ ماركلىق ئەمەستى "دەپ ۋاقىراپ كىتىپتۇ..... ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ كوماندىر يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەرگە قەدەم ئېلىشنى ئۇگۇتۇپ:
مەن بىر ! دەپ كوماندا بەرگەندە سىلەر سول پۇت ، ئوڭ قولۇڭلارنى كۇتۇرىسىلەر ! قىنى ئەمىسە باشلايمىز بىر!!!!!دەپ توۋلاپتۇ .
بىر ئەسكەر ھۇدۇقۇپ كىتىپ ئوڭ پۇتىنى كۇتۇرۇپتىكەن ئۇنىڭ پۇتى يېنىدىكى ئەسكەرنىڭ پۇتى بىلەن بىر جۇپتەك بولۇپ قاپتۇ.
ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا ئۇتۇپ تۇرغان كوماندىر ئاچچىقى بىلەن توۋلاپتۇ:
ئىككلا پۇتۇڭنى تەڭ كۇتۇرگەن قايسىڭ؟؟؟!!!!!!!! ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ گال ئۇستىرا ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى :
- ئەپەندىم ، چېچىڭىز ئۆسۇپ كىتىپتۇ، قېنى ئولتۇرۇڭ، ئېلىپ قوياي، -دوپتۇ.ئەپەندىم ماقۇل بوپتۇ. ئاغىنىسى گال ئۇستىرا بىلەن ئەپەندىمنىڭبېشىنى غىرداشقا باشلاپتۇ. ئەپەندىم ئاغرىققا چىداپ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ جىمئولتۇرسا، ئاغىنىسى سوراپتۇ :
- ئەپەندىم، خوشيقىۋاتامدۇ ؟ ئۇخلاپ قالدىڭىزغۇ؟
- شۇنداق ، ئۇخلاپ قىلىپ چۇش كۆرۈپتىمەن ، چۈشۇمدە بېشىمنى ئىت غاجىلاۋاتقۇدەك، - دەپتۇ ئەپەندىم.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بازىرى چىققان قېچىر بىر قېچىر بىر دېھقاننىڭ قېينانسىنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ
. مېيتىنى ئۇزىتىشقا ناھايىتى نۇرغۇن كىشلەر كەپتۇ ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرلەر ئىكەن
پوپ تەسىرلەنگەن ھالدا دېھقانغا دەپتۇ :
- قارىغىنا ، شۇنچە كۆپ ئەرلەر ئالدىراش ئىشنى تاشلاپ ، قېيىناناڭىنى ئۇزىتشىقا كەپتۇ
- ئۇلار قېيتىنى ئۇزىتىشقا كەلگىنى يوق ،- دەپتۇ دېھقان پوپقا ئەھۋال چۈشەندۇرۇپ ،- ئۇلار قېچىرىنى سىتۋالغلى كەلگەن ! ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئۇچرىشىش
85 ياشلىق بىر تۈل مۇماي باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 90 ياشلىق بىربۇۋاي بىلەن ئۇچرىشىشقا باردى، كەچ بولغاندا قىزىنىڭ ئۆيىگە سالپىيىپكەلدى.
ــــ نېمە ئىش بولدى ، ئاپا؟ ــــ سورىدى قىزى.
ــــ ئۇنىڭ كاچىتىغا نەچچە شاپىلاق سېلىۋىتىپ قايتىپ كەلدىم ، ــــ دېدى ئاپىسى.
ــــ نىمە بولدى؟ ــــ سورىدى قىزى ، ـــــ ئۇ سىزگە ئەدەپسىزلىك قىلدىمۇ؟
ــــ ياق، ــــ دېدى ئاپىسى ، ــــ مەن تېخى ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ يۈرۈپتىمەن!
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ تەلەپ بويىچە
ئالىي مەكتەپنىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرى فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن بىرئوقۇغۇچى بىر شىركەتكە خىزمەت ئىزدەپ كەلدى. شىركەت دېرىكتورى ئۇنى سىناپكۆرگەندىن كېيىن قۇبۇل قىلماقچى بولدى ۋە خىزمەتتە قانداق تەلىپىبارلىقىنى سورىدى.
ئوقۇغۇچى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
ــــ بىرىنجى، قىلىدىغان ئىشىم ئۈگەنگەن كەسپىمگە ماس كەلگەن بولىشى،ئىككىنجى ، ئۆزەمگە ئايرىن ئىشخانا بىر ئىشخانا بېرىلىشى ، ئۈچىنجى ،مەخسۇس تېلېفۇنۇم بولىشى كېرەك.
دېرىكتور بىر پەس ئويلىشىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەلەپلىرىنىقاندۇردىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئوقۇغۇچى ئەتىسى ئەتىگەن خىزمەتكە چۈشۈپ ،ئۆزىنىڭ خىزمىتى لېفىت باشقۇرۇش ئىكەنلىگىنى بايقىدى. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ تەييارلىق كۆرۈش
ئېرى: سۆيۈملۈكۈم، سىز مىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرسىڭىز، نېمىشقا تۇنجى قېتىمتوي قىلىش تەكلىپىنى قويغىنىمدا دەرھال ماقۇل بولمىغاندىڭىز؟
خوتۇنى: چۈنكى مەن رەت قىلغاندىن كېيىن سىزنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلگۈم بار ئىدى.
ئېرى: ھە، مۇنداقكەندە، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالغان بولسام قانداق قىلغان بولاتىڭىز؟
خوتۇنى: خاتىرجەم بولۇڭ، بەرىبىر كېتەلمەيتىڭىز، چۈنكى مەن ئىشىكىنى تاقاپ قويغان. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئامرىكىنىڭ ئەلباشى بوش مۇئاۋىنى چىنى ۋە رايىسخان قاتارلىقلار چەت بىرئاشپۇزۇلدا تاماق يەۋاتسا بىر ياش يىگىت ئۇلارنى تونۇپ قاپتۇ ۋە دۆلەتكاتتىللىرىدىن نىمە دىيىشىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ،
بوش 20 مىليۇن ئىراقلىق بىلەن بىر ۋېلىسپىت ئوغرىسىنى قانداق ئۆلتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز،- دەپتۇ بوش.
ھېلىقى ۋېلىسپىت ئوغرىسى ئوغىرلىغىنى كىمنىڭ ۋېلىسپىتى ئىكەن ئۆلۈمگە لايىق بولغۇدەك،- دەپ سۇراپتۇ ياش ئالدىراپ،
ئاڭلىدىڭلارمۇ،- دەپتۇ بوش ھەمراھلىرىغا قاراپ،- 20 مىليۇن ئىراقلىقنىڭ ئۆلۈپ -تىرىلىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق دىگەن ئىدىمغۇ؟ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر ياشانغان ئايال تىۋىپقا قۇرسىقىم دائىم بىئارام بولىدۇ لېكىن چوڭ تەرىتىم باشقىچە پۇرىمايدۇ ھەم ئاۋازلىق ئەمەس دەپتۇ.
تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
نەچچە كۈندىن كېيىن، ئايال كىلىپ دورىنى يىدىم ، قۇرسىقىم بىئارام، تەرىتىم سېسىق لېكىن ئاۋازلىق ئەمەس، دەپتۇ.
تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
نەچچە كۈندىن كېيىن، ئايال كىلىپ دورىنى يىدىم ، قۇرسىقىم بىئارام، تەرىتىم سېسىق ھەم ئاۋازلىق دەپتۇ.
تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
دورىڭىزنى يەۋەردىم لىكىن ئۈنۈمى ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ، يەنە يەمدىمەندەپتىكەن دوختۇر،- 1-قېتىمدىكى پۇراش سىزىمىڭىزنىڭ 2- قېتىمدىكى ئاڭلاشسەزگۈڭىزنىڭ دورىسى ئىدى، ھازىرقىسى قۇرساق ئاغرىقنىڭ دورىسى دەپتۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پۇتپول مەستانىسى
بىر خانىم تېلۋىزۇر رېمۇنىت قىلدۇرۇشقا رېمۇنىتچى تەكلىپ قىلىپتۇ. تۇيۇقسىز ئىرىنىڭ ئىشىك ئېچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ رېمۇنچىغا:
-ئېرىم بەك گۇمانخۇر ،تېز بىر يەرگە مۆكۈۋېلىڭ ،- دەپتۇ .
رېمۇنتچى ئامالسىز تېلۋېزۇر قويۇلغان تومپۇچىكغا كىرىۋاپتۇ .
خانىمنىڭ ئېرى ئۆيگە كىرىپلا ئۆزىنى ساپاغا تاشلاپ ،تېلۋىېزۇردىكى پۇتبۇلپرۇگىراممسىنى كۆرۈشكە باشلاپتۇ. بىر چاغدا رېمۇنتىچنىڭ پۇت- قوللىرىكۆيۈشۈپ ،ئاخىر بولالماي تومپۇچكىدىن ئۆمىلەپ چىقپتۇ .
ئەر گاھ تېلۋېزۇرغا ، گاھ خوتۇنغا قاراپ ھەيران بولغان ھالدا سۆزلەپتۇ :
-توۋا ، ماۋۇ ئاداشىنى رېپىرى جازالىمغاندەك قىلىۋىدى ،ئۆزىچلا مەيىداندىن چىقىپ كىتۋاتىدىيا !
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
سادامنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئامىركا ئەسكەرلىرى راكىتا ،زەمبىرەك دىگەندەكقۇراللارنى ئىشلىتىپ ھەدەپ ئېتىشۋاتغاندا،بىر بوۋاي ئوغۇرلۇقچەئامېرىكىلىقلارنىڭ سەيلىكىگە ئوغورلۇققا كىرىپتۇ، دەل مۇشۇ پەيىتتە سادامنىڭئەسكەرلىرىنىڭ ئاتقان توپ ئۇقى نىشاندىن قېيىپ كىتىپ دەل سەيلىكنىڭئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ پارتىلاپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن بوۋاي يۈگرەپ سىرتقا چىقىپۋاقىراپ: تازىمۇ ساراڭ نىملەركەنسەن،قېرىغاندا بىر -ئىككى تۈپ بەسىيىڭنىئوغۇرلاپ قويسام،مۇشۇنىڭغىمۇ توپ ئۇقى ئېتىش كىتەمدۇ؟ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر ئەسكەر يۈگرەپ كوماندىرىغا ھەربىيچە سالام بىرىپ: _دوكلات!!! باتالىيۇن كوماندىرى.روتا كوماندىرى مەسىت بۇلۇپ قاپتۇ..
باتالىيۇن كۇماندىرى: نىمە؟ !...سەنمۇ بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچتىڭما؟؟؟
ئەسكەر: ياق!!! باتالىيۇن كوماندىرى.
باتالىيۇن كۇماندىرى: ئەمسە سەن ئونىڭ مەسىت بۇلۇپ قالغىنىنى قانداق بىلدىڭ؟
ئەسكەر: ئۇ شۇ تاپتا ئەينەكنىڭ ئالدىدا ساقال تىغىنى قۇلىغا ئىلۋېلىپ ،ئەينەكنى قىرۋاتىدۇ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ باشقا بىر يۇرىتتىن تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بىر ئادەم شۇ يەردىكى دېھقانلاردىن سوراپتۇ :
- بۇ يەردە ئىلگىرى قوي كۆپ بولىدىغان ، ھازىر ئازىيىپ كەتكەندەك تۇرامدۇ نىمە ؟
- بۆرە يەپ كەتتى .
- ئۇنداق بولسا بۆرە كۈرۈنمەيدىغۇ ؟
- بۆرىلەرنىڭ ھەممىسى كادىرغا ئۆزگىرىپ كەتتى
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئاشپەز تاماق پۇشۇرىۋاتقان ئىكەن،يېنىدىكىلەردىن بىرى بىرپارچە گۆشنى ئېلىپ يەپ:
__تۇزى كەم،يەنە سىلىش كىرەك،_دەپتۇ.
ئىككىنچى كىشىمۇ گۆشتىن ئىلىپ يەپ:
__زىرىسى كەمكەن،__دەپتۇ.
ئۈچۈنچى كىشىمۇ گۆشنى يەپ سىركىسى تىتىماپتۇ،دەپتۇ.شۇچاغدا ئاشپەز يوغان بىر پارچە گۆشنى يىگەچ.
__قازاندا گۆش كەم،گۆش سىلىش كىرەك،__دەپتۇ. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر كۈنى ماشىنىدىكى ئادەم كەينىگە قارىسا دەرىزە تېشتا بىر ئادەم يۈگۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
ئۇ ئادەم يۈگۈ رىۋاتقان كىشىگە قاراپ:- يىتەلمەيسەن يۈگۈرمە!- دەپتۇ.
يۈگۈرىۋاتقان كىشى ﻫېلىقى ئادەمگە:
-يەتمىسەم بولمايدۇ!چۈنكى مەن ماشىنىنىڭ شوپۇرى- دەپتۇ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، مەكتەپ مۇدىرى سالماق ۋە سۈرلۈك ھالدا :
- ئوقۇغۇچىلار!.........
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا،شامال مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نۇتۇق قەغىزىنى ئۇچۇرۇپ يەرگە چۈشۈرىۋەتتى .
مەكتەپ مۇدىرى :
- مىنىڭ سۆزۈم تۈگىدى ...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئۈچ ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئۈچ ياشلىق بىر قىز بالىغا _ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن .
قىزبالا :
_ سىز مىنىڭ كەلگۈسىمگە ئىگە بولالامسىز؟
ئوغۇل بالا :
_ ئەلۋەتتە ئىگە بولالايمەن ، بىز ياكى 1-2 ياشلىق بالا بولمىساق .
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر كۈنى ئاتا-بالا پاشىلار ئويۇن كۆرگىلى بېرىپتۇ . كەچ كىرگەندە بالا پاشا يىغلاپ قايتىپ كەپتۇ .
ئانا پاشا :-
نىمە بولدى ؟ داداڭ قىنى ؟
بالا پاشا :-
كۆپچىلىك چاۋاك چىلىۋىدى ، دادادم قىچىپ ئۈلگىرەلمىدى .
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىر گۈزەل قىزچاق سىنىپقا كىرىپ، قەغەز بىلەن ئورۇندۇقنى سۈرتىۋىتىپئولتۇرۇپتۇ.دەل مۇشۇ پەيتتە ئۇ تۇيۇقسىز بىر ئاۋازلىق يەل قويىۋىيىپتۇ.ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئوغۇل بالا :
_ بۇ قىزچاق تازلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بىرىدىكەن، ئىيتىپ بۇلۇپمۇ يەنە بىرنى پۈۋلىۋەتتى . : ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر بالا چىۋىن پوق يىگەچ ئانىسىدىن سوراپتۇ:
--ئاپا، باشقىلار تاماق يەيدىكەن، لىكىن بىز نىمىشقا پوق يەيمىز؟ دەپ سوراپتۇ.
ئانىسى:
ھەي بالام، تولا تاماق يېۋاتقان ۋاقتىدا كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈرۈپ پوقنىڭ گېپىنى قىلمىغىنە !
دەپتۇ ئاپىسى.. ..
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەپەندىم بىر قوينى بازارغا ساتقىلى ئىلىپ چىقىپتۇ،
بىر خېرىدار كېلىپ ئەپەندىمدىن:"ئەپەندىم قوينى قانچىگە ساتىسىز؟" دەپ سوراپتۇ.
ئەپەندىم:"بۇ قوي ئۆزۈمگە ئالتە تەڭگىگە توختىغان، يەتتە تەڭگىگەساتايمىكىن دەپ تۇرىمەن، بەلكىم خېرىدار چىقىپ قالسا يەتتە تەڭگىگەساتارمەن، قويۇمغۇ سەككىز تەڭگىگىلىك، ئەگەر قويۇمغا كۆزىڭىز چۈشكەنبولسا، توققۇز تەڭگە قىلىڭ-دە، ئون تەڭگىگەساتاي." دەپتۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەجرى بىكارغا كېتىش
ئاپتۇبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر يىگىت بىلەن بىر قىز بىر-بىرىگە يېپىشىپكېتىپتۇ.بىر نەچچە بىكەت ماڭغاندىن كىيىن يىگىت ئاپتۇبۇستىن چۈشمەكچىبولغان ئىكەن، قىز ئۇنىڭ ئايقىغا قاتتىق دەسسەپتۇ.
-ۋايجان!نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟!
-كېلەر قېتىمدا،-دەپتۇ قىز زدردە بىلەن پىچىرلاپ،-تۈگىتەلمەيدىغان ئىشنى ﻫەرگىز قىلغۇچى بولماڭ! ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ﻫەر ئىشنىڭ سەۋەبى بار
پادىشاﻫ ئوردىنىڭ پەشتىقىدا تۇرۇپ خالايىققا قول پۇلاڭلىتۋاقتقانداتۇيۇقسىزكىشلەر ئارسىدا ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر قەلەندەرنى كۆرۈپ ئۇنىچاقىرىپتۇ ۋە:
--ئېيىتقىنا،بۇرۇن سېنىڭ ئاناڭ ئوردىدا كېنىزەك بولغانمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
---يوقسۇ ئالىيلىرى،-دەپتۇ قەلەندەر،-بىراق دادام بۇرۇن ئوردىدا خىزمەت قىلغان. ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بىر كىشى ئۇزۇن سەپەرگە كىتىۋىتىپ يولدا ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ . ئۇ شۇيەردىكى بىر يالغۇز ئۆيگە كىرىپ پاناھلانماقچى بولۇپ ، ئۆينىڭ ئىشىكىنىچىكىپتۇ . ئۆيدىن ناھايتى چىرايلىق بىر ئايال چىقىپ ،ئۇنى قارشى ئاپتۇ .ئەر بۇ ئۆيدە ئۇ ئايالنىڭ يالغۇز تۇرىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ . ئايال ئۇنىبىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. لىكىن ئەر، ئايالنىڭ چىرايىنى ئويلاپپەقەتلا ئۇيقىسى كەلمەپتۇ . دەل شۇ چاغدا ئىشىك چىكىلىپ ، ئايال كىرىپتۇۋە ئەرگە دەپتۇ :
- زىرىكتىڭىزمۇ ؟
-ئامال يوقتە!
- بىرسىنىڭ سىزگە ھەمرا بولۇشىنى خالامسىز ؟
- ۋاي خالىمامدىغان !
- ئۇنداقتا ياخشى ! يەنە بىر ئەپەندىنىڭمۇ ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن . ئىككىڭلار مۇشۇ ئۆيدە بىرگە يىتىڭلار ! ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئىككى كىشى بىر ياتاققا ئورۇنلىشىپتۇ.كېچە سائەت ئۇچ بولغانبولسىمۇ،ئۇلاردىن بىرى توختىماي گەپ قېلىۋېرىپتۇ.بىر چاغدا ھېلىقى ئادەميەنە گەپ باشلاپ :
-ھازىر سىز بىر چىرايلىق قىزغا يولۇقسىڭىز نېمىلەرنى دەيسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
-يەنە نىمە دەيسەن؟ئۇخلا دەيمەن،-دەپتۇ ئۇخلىيالمىغىنى.
|