ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 1179|ئىنكاس: 35

Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 21:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    180929i76dx6zh2z887u22.jpg


                ئىلگىرى بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نى Beta نىڭ يەنە بىر نامى قىلغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دىن كېيىن) پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي جاكارلايدۇ. مىكروسوفت يەنە Windows 8 Consumer Preview دىن باشقا يەنە Windows Server 8 Beta، Visual Studio 11، NET framework 4.5 ۋە كوللېكتىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتى Visual Studio 11 Team Foundation Serverنى ئېلان قىلماقچى، ئۇلار Windows 8 بىلەن زىچ بىرىكەلەيدىغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ قېتىملىق كاتتا تارقىتىش مۇراسىمىنى (يېڭىدىن قۇشۇلغان 14 تىل يەنى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئالغان) بارلىق ئىستىمالچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە…
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىنىڭ تەرجىمىسى تېخى ئۇيغۇر تىلىدىن كېيىن تەستىقلانغان، نوپۇز جەھەتتە ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە قالدى، ئەنگلىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كەينىدە تىزىلدى دېگەن گەپ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەنگلىيە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلار ھازىر سەل پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ قويامسىزيە؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى دېمەڭ ئەمدى. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نەق گەپنى دەيلى.
        ئۇنداقتا Windows 8 قاچىلاشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ تەييارلىق خىزمەت مانا:
        بىرىنچى: مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىنايدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم شىركەت بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرسوفت سىناش دوكلاتى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، پات يېقىندا (تەخمىنەن 2-3 ھەپتىدىن كېيىن) يەنە مەخسۇس DVD دىسكىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالماقچى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەنە تەشەببۇسى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى دىيارىمىزدىكى باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا (ئالىي مەكتەپ، تىل-يېزىق كومىتېتى،…) ۋە بىر قىسىم شەخسلەرگە پوچتا ئارقىلىق DVD دىسكىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئاساسەن كومپيۇتېر، تىل-يېزىق، ئاخبارات (رادىيو-تېلېۋىزىيە)، نەشرىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. بۇ خاتا كېلىپ قاپتۇ دەپ تاشلىۋېتىپ قالماڭ، ئىچىدە Windows 8 Beta بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەلگۈسى 15-20 كۈن ئىچىدە ئىدارىڭىزگە خەت-چەك ياكى پوسولكا كەلسە دىققەت قىلارسىز-ھە؟
       ئىككىنچى: 8GB لىق بارماق دىسكىدىن ئىككىنى تەييارلاڭ.
ئۇيغۇرسوفت ماركىلىق بارماق دىسكىڭىز بارمۇ يېنىڭىزدا؟ ھازىرچە Windows 8 Beta نى بارماق دىسكىغا قاچىلىمايسىز، ئەكسىچە UltraISO دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا يېيىپ، بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلايسىز. قارىغاندا بۇ قېتىم ئوپتىك دىسكىنىڭ ئانچە رولى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئوپتىك دىسكىلاردىن خۇددىي يۇمشاق دىسكا بىلەن خۇشلاشقاندەك ئايرىلىدىغان ئوخشايمىز. لېكىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويۇڭ، 20-30 يىلدىن كېيىن موزېيخانىلارغا سېتىپ، باي بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.
        ئۈچىنچى: ئەڭ ياخشىسى ئىككى كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر تەييارلاڭ.
ناۋادا، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىككى كومپيۇتېر تەييارلاڭ، ئۇنداق بولمىسا، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نوچىسى مانا (www.virtualbox.org) بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىرسىدە تورغا چىقىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئويىسىز. توردىن ياردەم تەلەپ قىلىسىز، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…دېگەندەك. يەنە بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 Beta نى رەسمىي قاچىلايسىز. بۇ نۇسخىسى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. رەسمىي نۇسخىسىدەك ئىشلەيدۇ، پەقەت ۋاقىت چەكلىمىسى بار. ناۋادا، Bug تېپىلمىسا رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ. ناۋادا، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ، قوللاپ رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، 3-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 يۈەن يىغىپ قويۇڭ، پەقەت 15 كۈندە بىر قېتىم يەيدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورمىسىدىن ياكى بىر قېتىملىق رېستۇران ئايرىمخانا زىياپىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، 6 ئايدىن كېيىن 600 يۈەن يىغالايسىز، رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنسا، بەلكىم يەنە 100-200 يۈەن ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن، چۈنكى Windows 8 رەسمىي نۇسخىسىنى مەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى يېرىم باھادا بېرىمەن، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بەزى دېتاللارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ۋاقتىدا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى 4-قەۋەتتىكى سېتىش ئورنىغا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز.
تۆتىنچى: يوق، تامام
باشقىلار:
          بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردا خېلە چوڭ ئۆزگىرىش بار، بەزى يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ھازىر دېيىشكە بولمايدۇ، كىنونىڭ ئاخىرىنى دەپ بەرسە كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، ئۇنى سىناشقا قىزىقماي قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق قوشۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرچىنى بىمالال، راۋان كۆرەلەيسىز. لېكىن ئەلكاتىپنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرى سىزگە لازىم بولىدۇ. سىستېما يادروسىغا قوشۇلغان سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر ئەرەبچىگىمۇ بەك مايىل ئەمەس، ئەمما، كۆزىڭىزگە سەل سىغماي قالسا، بىر نەچچە ئاي ئىشلەتسىڭىز، پات-پات قاراپ تۇرسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، بەلكىم بۇنىڭدەك ئوچۇق كۆرۈنىدىغان خەت نۇسخىسىنى بىر نەچچە يىلغىچە تاپالمايسىز، تور بېكەتلىرىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەچ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Uighur دا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئۇ يەنىلا كىچىك، گەرچە ALKATIP Tor يەتمىسىمۇ (ئېلان قوشتۇم)، لېكىن بېسىپ كۆرگەندە خېلە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەپ مۆمىن ساقالنى تار يەردە قىستىماي، باشقا نامدا، باشقا ئۇستىخاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ياساپ بەرسەڭ نەچچە پۇل ئالىسەن دېسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاي ناملىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە يانۋار، فېۋرال،….دەپ چىقىدۇ. كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ئۇيغۇرچە بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشتا سەل ئەندىشەم بار. باشقىلىرىنى ئۆزەڭلار سىناپ تېپىڭلار، قېنى كىم يامان؟ ئۆز ۋاقتىدا Windows Vista Beta ئابدۇرېشىت ئېلى(raxit1973) ئەلكاتىپ بىلەن ماسلاشمايدىكەن دەپ ماڭا چوڭ خاتالىقنى مەلۇم قىلغان. مەن كەسپىي ئۇسۇلدا كودىنىڭ خاتالىقىنى دەلىللىگەن. ناۋادا، چوڭ خاتالىق تاپالىسىڭلار، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلامدۇ-تېخى؟ (چاقچاق)
سىناش دوكلاتىنى ئايرىم ئەۋەتىمەن دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن ئالدىدىن دەپ قوياي، QQ ئىشلىمەيدىكەن، 360 ۋىرۇسخۇر قاچىلانمىدى، Photoshop قاچىلانمىدى، بەزى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمىدىم، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەپ يوللاپ يۈرمەڭلار، ساۋاتسىزلىقنى چاندۇرۇپ. ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى شۇ قوللانما دېتاللارنى ياساۋاتقانلارنىڭ ئىشى، رەسمىي نۇسخىسى چىقىپ بولغۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتاللىرىنى ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ھەم شۇنداق. خاتىرجەم بولۇڭلار.
دىيارىمىزدىكى مەلۇم بىر مۇنبەرگە جەم بولۇپ، سىناشقا ئائىت ئىشلارنى شۇ يەردە دېيىشسەكمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدە يەنە مەخسۇس پىكىر بېرىمىز. ئالىم مۇئەللىم داۋاملىق بېيجىڭغا بېرىپ ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن سىناش دوكلاتى تاپشۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ ئەمدى.
قېنى بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتنى ياخشى سىناپ چىقىپ پىكىر بېرەيلى!

مەنبە: ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
305
ئاقچا
166
توردا
291 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-19
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 21:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىۋاندا ئۈزۈم ئولتۇراي ...   ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم سىناپ باقىمەن ،ئەگەر ۋاقتىم چىقسا ئۆزۈم بىر كىشلىك دوكىلات يېزىۋىتىشىممۇ مۇمكىن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
317
ئاقچا
109
توردا
118 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-11
نادىر
1
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 21:50:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQنى  مەن ساق ئىشلىتۋاتمامدىم ، ئۇيغۇر سوفىت چوڭ لوغىتىمۇ ساق ئىشلەۋاتىدۇ . لىكىن سېستىما ئانچە مۇقىم ئەمەسكەن .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoglan2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-26 21:51  

.....ئۇيقۇڭ يېتەر...يەنە ئۇخلىساڭ مىللىتىڭ كېتەر....دۆلىتىڭ كېتەر....

Rank: 2

جۇغلانما
18
ئاقچا
6
توردا
2 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-23
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 21:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇش قىلىدۇ بۇ خەۋەر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 22:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qoglan2 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-26 21:50
QQنى  مەن ساق ئىشلىتۋاتمامدىم ، ئۇيغۇر سوفىت چوڭ لوغىتى ...

ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ QQ ھەققىدىكى سۆزلىرى پەقەت بىر مىسال. ئۇ گەپتىن ۋىندوۋىس 8 دە كىيۇكىيۇ ئىشلىمەيدۇ دېگەن مەنا چىقمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
192
ئاقچا
6
توردا
50 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-20
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 22:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى QQ دىگەن ئەبلەخ ، يەنە ئۇيغۇرچىنى سۈزۈۋالاما ؟  ياكى ئاستا جاھانغا بېقىپ ئىش قىلارمۇ ؟

Rank: 4

جۇغلانما
324
ئاقچا
1
توردا
68 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-26
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 23:04:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مىكروسوفىتقا نىمە دەپ رەھمەت ئېيىتساق بولا،دىتاللىرىنى پۇل خەجلەپ ئېلىپ قويايلى،بولسا ئالما قاتارلىق رەقىپلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئارقىدا قالدۇرسۇن...بىزگە تېڭشۈن بەرمىگەن يۈزنى مىكروسوفت بېرىپتۇ..

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
317
ئاقچا
109
توردا
118 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-11
نادىر
1
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 23:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-2-26 22:00
ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ QQ ھەققىدىكى سۆزلىرى پەقەت بىر  ...


ھە ....مۇنداق  دەڭ ، مەن خاتا چۈشىنۋاپتىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoglan2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-26 23:08  

.....ئۇيقۇڭ يېتەر...يەنە ئۇخلىساڭ مىللىتىڭ كېتەر....دۆلىتىڭ كېتەر....

جۇغلانما
486
ئاقچا
97
توردا
122 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-31
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 01:25:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.

ۋاھ. مەندىمۇ بار ئىدى بۇنداق يۇمشاق دىسىكىدىن 10-20 سى . قارىغاندا 1-2 مىڭ  كوي بولۇپ قالامدۇ نىمە؟ يەنە ئازراق ساقلاپ باقاي جۇمۇ

Rank: 4

جۇغلانما
197
ئاقچا
4
توردا
81 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-18
نادىر
0
تېما
12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 10:57:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلە ھەجەپ ئۆتمەيدا!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 03:08 , Processed in 0.122859 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش