ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 2968|ئىنكاس: 37

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 15:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Windows 8 نىڭ 109 خىل تىلدىكى تىل بولىقى چىقىدۇ.
مىكروسوفت شىركىتى بۈگۈن Building Windows8 بلوگىدىكى ماقالىسىدا Windows8 نىڭ كۆپ تىلنى قوللاش ئىقتىدارىنى تونۇشتۇردى، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows8 ۋىندوۋىس 7 گە سېلىشتۇرغاندا ئاز دېگەندە ئۇيغۇرتىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14خىل تىلدىكى ئارا يۈزنى كۆپ قوللايدىكەن، ئالدىنقى نەشىرلىرىدە قوشۇلغان ئارا يۈز تىل بولاقلىرىنى قوشقاندا قوللايدىغان ئارا يۈز تىلى 109 خىل بوپتۇ، بۇ رەقەم ئالما قاتارلىق باشقا شىركەتلەرنىڭ كۆپ تىلنى قوللاش كۈچىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىپتۇ. مىكروسوفت شىركىتى يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپ مىللەت مەدىنىيىتىنى قوللاش يولىدا يەنىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېڭى قوشۇلغان 14خىل ئارا يۈز تىللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:
ئېنگىلىز تىلى(ئەنگىلىيە)
پەنجاپ تىلى(پاكىستان)
سىندى تىلى (پاكىستان)
مەركىزى كورد تىلى (ئىراق)
ئۇيغۇر تىلى (جۇڭگو)
بېلىروس تىلى(بېلىروسىيە)
كىنيارۋاندا تىلى(رىۋاندا)
تايگىرىنيا تىلى(ئېفئوپىيە)
تاجىك تىلى(تاجىكىستان)
ۋولف تىلى(سېنگال)
كۋىچوئىد تىلى(گۋاتېمالا)
شوتلاندىيە گائېل تىلى(ئەنگىلىيە)
چېروكى تىلى(ئامېرىكا)
ۋالېنسىيا تىلى(ئىسپانىيە)

يەنە بىر تەكىتلىمەي بولمايدىغان ئالاھىدىلىكى Windows8 دە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تىل باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ. Windows8 پروگراممىرلار سىناق قىلىش نۇسخىسىدا كونتىرول تاختىدا مەخسۇس «تىل»ئارا يۈزى قوشۇلغان، بۇرۇنقى ئارا يۈز تىلى، كىرگۈزگۈچ ،قول بىلەن كىرگۈزۈش قاتارلىق تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تاللانمىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرلىدىكەن.

بۇ ئارا يۈزدە «تىل تىزىمىلكى»نى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن، يەنە ئالدىنلىق تەرتىپى بويىچە، كۆپ خىل تىلنى قوشقىلى بولىدىكەن، يۇمشاق دېتال ئارا يۈز تىلى، كىرگۈزگۈچ مۇشۇ ئالدىنلىق تەرتىپى بويىچە كۆرسىتىلىدىكەن. Windows8 نىڭ ئالدىدىكى نەشىرلىرىدە، ئەگەر كۆپ تىل ئەپلىرى نۆۋەتتىكى مەشغۇلات سېستىمىسى تىلىنى (ئاددىلاشتۇرۇلغان خەنزۇتىلى) ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسا،پەقەت ئېنگىلىزتىلى ئارا يۈزى بىلەن كۆرسىتىلەتتى، ئىشلەتكۈچىلەر گەرچە ئۈچىنچى خىل تىلدا كۆرۈپ چۈشىنەلىسىمۇ،ئۈچىنچى خىل تاللاش (مەسىلەن مۇرەككەپ خەنزۇتىلى) يوق ئىدى.

تولۇقلىما: Windows نىڭ كۆپ تىل ئارا يۈز قاچىلاش بولىقى 2 گە بۆلىنىدۇ:
LP (تىل بولىقى، يەنى MUI):
ئارا يۈز تىلىدىن باشقا، يەنە تىلنىڭ تولۇق يەرلىكلەشتۈرۈشىنى قوللىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پەقەت يېتەكچى نەشىرى ۋە كارخانا نەشىرىگىلا قاچىلاشقا بولىدۇ.
LIP(ئارا يۈز تىل بولىقى):
پەقەت ئاساسلىق ئارا يۈز تىلى ۋە ياردەم ھۆججىتىلا تەرجىمە قىلىنغان، تولۇق يەرلىكلەشتۈرۈلمىگەن.
كارخانا نەشىرى ۋە يېتەكچى نەشىرىدىن باشقا نەشىرلەرگە ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ.

Windows نۆۋەتتە قوللايدىغان ئارا يۈز تىل بولاقلىرى ئادرېسى: http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/downloads/languages

10011001761165915.jpg


مەنبەسى: http://cnbeta.com/articles/173647.htm دىن تەرجىمە قىلىندى
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
145
ئاقچا
0
توردا
91 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-3
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئانا تىلىمز دىكى Windows نى كورىدىكەنمز

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:13:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolanem1 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-22 16:07
ئاخىرى ئانا تىلىمز دىكى Windows نى كورىدىكەنمز

ئانا تىلىمىزدىكى ۋىندوۋىسنى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈپ بولغان.
ماۋۇ قېتىم مىكروسوفىت ئۆزى ئىگە بولۇپ چىقىردىكەن. بۇ كاتتا ئىش.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
317
ئاقچا
10
توردا
52 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:21:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ، ھەقىقەتەن بەلەن ئىش بوپتۇ جۇمۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mayor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-22 16:23  

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
63
ئاقچا
30
توردا
78 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-6
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ، ھەقىقەتەن بەلەن ئىش بوپتۇ

Rank: 4

جۇغلانما
345
ئاقچا
16
توردا
169 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-8
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:55:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدېگەن بەلەن ئىش بۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Smart تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-22 16:58  

Rank: 2

جۇغلانما
41
ئاقچا
1
توردا
14 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-12
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 17:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بەزى ئۇيغۇرلار ئۇزىنىڭ مىللىتىدىن نۇمۇس ھىس قىلسىمۇ دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفىت يەنىلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۇڭۇل بۇلۇۋېتىپتۇھە رەھمەت ئالىپ ئەپەندى

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
62
ئاقچا
1
توردا
17 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-28
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 17:27:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-2-22 16:13
ئانا تىلىمىزدىكى ۋىندوۋىسنى خېلى بۇرۇنلا كۆرۈپ بولغا ...

بۇ دىگىنىڭىز ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قويساقلا پۈتۈن خەتلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنەمدا ؟

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
138
ئاقچا
1
توردا
27 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-4
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 17:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ تىل تاللاش دىگەن يېرىگە ئۇيغۇرچە قىپ قويغاننىڭ پايدىسى بار ئوخشايدۇ،بۇ نۇسخسى چىقىپ قالسا چوقۇم ھەقلىق نۇسىخىسىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىمەن!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 17:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xilas يوللىغان ۋاقتى  2012-2-22 17:27
بۇ دىگىنىڭىز ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قويساقلا پۈتۈن خەتلەر ...

شۇنداق
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 03:06 , Processed in 0.130338 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش