ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 2068|ئىنكاس: 31

«دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» شەنىگە     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
641
ئاقچا
2448
توردا
3199 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 22:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ب د ت پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO ) نىڭ بېكىتىشى بىلەن ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 2000 – يىلدىن باشلاپ ‹‹ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ›› دەپ قۇتلانماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئەزىزلەيدىغان كىشىلەر ( يەنى ئۇيغۇرلار ) ئۈچۈن  << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >>   دۇر! نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل  << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >>   شەنىگە بېغىشلانغان.
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر!
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ! ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى!
ھەر بىر ئۇيغۇر پۇشتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش، ساپلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلاش، پاساھىتى ۋە بالاغىتىنى جەۋلان قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلى ‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› نى قەدىرلىشى ، ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئۇنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئانا تىل تەپەككۇرى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتالىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىنمۇ ئەگەر ئانا تىلى – نىمىس تىلى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلمىغان بولسا ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆرلىيەلمىگەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايىش قىلىش، مىللەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇ ، ئېنگىلىز تىللىرىغا ئوخشاش باشقا بىر قانچە تىلنى ئىگىلىشى لازىم. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك ، ھېكمەت قەسىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئاچقۇچنى ئارتۇق ئىگىلىگەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلىغا ئېرىشكەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك جاھاندارچىلىقنىڭ يەنە بىر يولىنى تاپقانلىقتۇر. ئانا تىلنى باشقا تىللار بىلەن قارمۇ – قارشى قويۇپ قويماسلىق ، تىل ئۆگىنىشنى بىر تۈرلۈك زۆرۈر مەنىۋىي ساپا سۈپىتىدە تونۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ھۆكۈمىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش جەھەتتە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مەسىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى پەن كەسىپلەرنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى نەشىرىياتچىلىقنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تېگىشلىك ھۆرمەت ۋە تەرەققىيات ئىمكانىغا ئىگە قىلدى.
ئەمما ، مانا شۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئانا تىل تەربىيىسى بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قالسا ، بوغۇنلار باشقا تىللاردا قۇشقاچتەك سايراپ، ئۆز ئانا تىلىدا << ئانا ، دادا >> دېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالسا ، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال بولمامدۇ؟!… تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى چېڭغىز ئايتىماتوف: «كۆپ تىللىق بولۇش شەراپەت، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. شۇڭا، بىز شۇنى تەكلىپ قىلىمىزىكى، ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى – بۇرچىنى تولۇق تونۇپ، مەكتەپلەردىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقى تۆۋەنلىگەن شارائىت ئاستىدا ئائىلىدىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ، ئەدىناسى پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قويماسلىقلىرى كېرەك.

سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئانا تىل ـــــ ئانىمىزنىڭ تىلى! سڭقۇسەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلشىر ناۋايى …. نىڭ تىلى! مۇقاملىرىمىزنىڭ كۈي- چەشمىلىرىگە، مىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ نەقىش-بېزەكلىرىگە، ھەتتا قان-قېنىمىزغا، تومۇر-تومۇرلىرىمىزغا سىڭگەن تىل، ھەمىمىز «ئانا» دەپ تۇنجى ئېغىزلانغان تىل.
خۇلاسە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايمىز، پەرزەنتىمىزنى توغرا تەپەككۇرغا، ساغلام روھى ھالەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئانا تىلمىز – ئۇيغۇر تىلىنى سۆيەيلى، پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتەيلى!!!

مەنبەسى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تور بېتى ۋە يۈكسەل بىلوگى

«دۇنيا ئۇيغۇر تىلى» كۈنىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئالپ تورىغا 2-ئاينىڭ 21-كۈنى يوللانغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال، ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى ۋە باشقا ئېسىل ماقالىلەرنىڭ ھەر بىرىنى 50 مۇنبەر ئاقچىسى (ياكى 50 يۈەن نەقپۇل) بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
133
ئاقچا
0
توردا
289 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-11
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 23:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرتىلىنڭ مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىسىنى خەلىقئارلىق تىللارنىڭ قاتارىدىن ئورون ئىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

باھا سۆز

alip  ئىملانى توغرا يازسىڭىز ئۈمىدىڭىز تېزراق ئەمەلگە ئاشىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 23:13:52

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
89
ئاقچا
4
توردا
24 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-13
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 23:15:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلى ياشىسۇن!

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
64
ئاقچا
0
توردا
13 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-23
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 23:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايرام ئۈچۈن مەن  ئەپتىن بىرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئاتلاندىم ئەمىسە. پۇل ئۈچۈن ئەمەس خەلقىم ئۈچۈن.

Rank: 1

جۇغلانما
8
ئاقچا
2
توردا
1 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-10
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 23:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بايرىمى ئۈچۈن ئەتە چوقۇم كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ئانا تىلدا سۆزلەشكە تىرىشىمەن ھەم باشقىلارغىمۇ
تەۋسىيە قىلمەن !

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
135
ئاقچا
0
توردا
87 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-3
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 23:37:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت.باللارغا بولغان ئانا تىل تەربيەسىنى  ئائىلدە كۇچەيتەيلى .ئەجدات بىلەن ئەۋلات ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالايلى. بولۇپمۇ ئائىلنىڭ تۇۋرۇكى بولغان ئاتىلار مەجبۇرىيەتنى ئۇنۇتمايلى.

Rank: 2

جۇغلانما
29
ئاقچا
15
توردا
104 سائەت
تىزىملاتقان
2011-11-29
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 00:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن ئۇيغۇر تىلىنى سۆيۇش ئۇچۇن  خاس  ئۇيغۇرچىلا  سۆزلەشكە  تىرىشايلى. تىلىمىز گۇللەپ ياشنىغاي

Rank: 4

جۇغلانما
232
ئاقچا
14
توردا
73 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-13
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 00:37:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى ئىش ئەسكەركىنڭىز گە رەھمەت
ئوۋچى ئۇچۇرپەن-تخنىكائىزدىنىش ئىشخانىسى

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
73
ئاقچا
7
توردا
3 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-15
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 00:40:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈ ياشىسۇن بۈيۈك ئۇيغۇر تىل-يېزىقى!!!!!!!!

Rank: 4

جۇغلانما
320
ئاقچا
9
توردا
120 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-21
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 02:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپرەھمەت   تەشەككۈر  

ئۇيغۇرتىلى  دۇنيادى تىللانىڭ ئارسىدىكى  بىر چولپان يۇلتۇز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-10 15:11 , Processed in 0.129274 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش