ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 350|ئىنكاس: 1

HG8245خۇاۋېي(华为) سىمسىز مودېمنى يېشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

جۇغلانما
510
ئاقچا
52
توردا
119 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-26
نادىر
1
تېما
18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 22:41:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالام تورداشلار.
  بۇلتۇر ئۆيۈمگە HG8245خۇاۋېي سىمسىز مودېمنى ئورناتقانىدىم، جوڭگو تېلىگرافىنىڭ مودېمنى ئورنىتىدىغان ئادەملىرى مودېمنى روتېرلىق(路由器) ئالاھىدىلىكى بار دېگەنىدى. كېيىن مەن مودېمنىڭ بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدىم. لېكىن مەسىلە ئۇلار بىزگە بەرگەن ھۆججەتلەردە ئادەتتىكى باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭلا نومۇرى بار. ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك. بىرنەچچە كۈن ھەپىلىشىپ بۇنى ياسىغانىدىم. نورمال ئىشلىدى. تۆنۈگۈن بىر توردىشىمىز شۇنداق مەسىلىگە يولۇققانلىقىنى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورىغانىدى، دەپ بەردىم ۋە تورغا يوللاپ قويسام باشقا تورداشلارنىڭمۇ ھاجىتىدىن چىقار دەپ ئالىپ تورىغا يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.
  گەپنى باشلىساق ،
  HG8245خۇاۋېي سىمسىز مودېمنى روتېر(路由器) قىلىپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. ئالاھىدە ھوقوقتا تورغا چىقىش ھوقوقىنى تەڭشىگەندىن كېيىن 190~230 kb ھەر سېكونقا  تور سۈرئىتى 15 mb ھەر سېكونقا يېتەلەيدۇ. تورغا چىققۇچە تورغا ئايرىم ئۇلىمىسىڭىزمۇ(宽带连接) بولىدۇ.
  ئەمدى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
  1.ئاۋال سىز ئۆزىڭىزنىڭ سىمسىز مودېمنىڭ HG8245خۇاۋېي ماركىلىقلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشىڭىز كېرەك.
  2.سىزدە ئالاھىدە باشقۇرغۇچىلىق سالاھىتى بولماسلىقى كېرەك(ئەلۋەتتە بولسا بۇن يازمىنى كۆرۈشىڭىزنىڭ ئورنى يوق. خى خى...).  

  3.ئەمدى باشقۇرغۇچىلىق سالاھىتىگە ئېرىشىشىمىز لازىم.
1) قېنى باشلاشنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەت قوزغۇتىش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىڭ.
2) ئاندىن cmd نى كىرگۈزۈپ ئېنتىر كونۇپكىسىنى بېسىڭ،ياكى سىستىمىزدىن cmd.exeنى قوزغاتسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
3) ئاندىن بۇ كودنى كىرگۈزۈڭ
  1. ipconfig /all
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
چىققان مەلۇماتتىن default gateway نى ئىزدەڭ ئادەتتە 192.168.1.1 بولىدۇ. ئوخشاش بولمىسىمۇ ھېچقىسى يوق.
4)ئاندىن بۇنى كىرگۈزۈڭ، ئىنتىرنى بېسىڭ.
  1. telnet 192.168.1.1
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ ۋاقىتتا مانا مۇنداق كۆزنەك چىقىدۇ.
بۇيەرگە root نى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۈرۈڭ.
adminنى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
shellنى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
cd /mnt/jffs2نى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
grep telecomadmin hw_ctree.xml نى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى usernameدېگەن جاي ھېسابات نومۇرى، passwordبولسا پارول، بۇنى دېمىسەممۇ تورداشلار بىلىدىغۇ دەيمەن.
ياخشى ئەمدى بىز ئالاھىدە باشقۇرغۇچىلىق سالاھىتىگە ئىگە بولدۇق.
5)ئەمدى 192.168.1.1 نى تور كۆرگۈچكە كىرگۈزۈڭ، ئاندىن ئابايىقى ھېسابات نومۇرى بىلەن پارولنى كىرگۈزۈڭ.
6)ھازىر سىز ئالىي باشقۇرۇش ھالىتىگە كىردىڭىز ئەمدى، روتېرلىق ئالاھىدىلىكىنى ئاچماقچى بولسىڭىز 网络نىڭ ئىچىدىكى
宽带设置 بېتىنى ئېچىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈڭ.
7)2_INTERNET_XXXXXX چېكىڭ.
ئاندىن vland ip بىلەن 组播vland ip نى خاتېرىۋېلىڭ.
ئاندىن ئابايا تاللىغاننى ئۆچۈرۈۋېتىمىز.
8)ئاندىن 新建ئارقىلىق يېڭىدىن ئۇلىنىش قۇرۇڭ.
تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللاڭ:
连接类型 گە 路由. (روتېر ئالاھىدىلىكىنى ئىشلەتمەيمەن دېسىڭىز تاللىماڭ)
使能VLAN
使能NAT
--------------------
تۆۋەندىكىلەرنى تولدۇرۇڭ:
internet---服务列表
ئابايا خاتېرىۋالغان مەزمۇنلارنى تولدۇرۇڭ.( يەنى:组播vland ip بىلەنvland ip )
802.1p:优先级 نى قالغانلاردىن يوقۇرى قىلىپ تاللاڭ، بولمىسا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
获取IP方式 غا pppoe نى بېكىتىمىز.
拨号方式 غا ئاپتوماتلىك نى تاللاڭ.
绑定项 ھەممىنى تاللاڭ.
用户名 بىلەن 密码 غا سىز تورنى سېتىۋالغان ئورگاندىن بەرگەن ئۇچۇرلارنى توردۇرۇڭ.
管理 نىڭ ئىچىدىكى 设备管理 دىن ئۇچۇرلارنى ساقلاڭ.
ئەمدى ھەممە ئىش پۈتتى. بۇنىڭدىن كېيىن تورغا چىققاندا مەيلى سىمسىز ياكى سىملىق بولسۇن سۈرئىتى ھەم تېز ۋە ھەر قېتىمدا ئۇلاش ھاجەتسىز بولىدۇ.

تورداشلارغا ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-مۇرادىلسوفت
3.jpg
2.jpg
1.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 50 ئىجادىي ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 50   باھا خاتىرىسى

Rank: 2

جۇغلانما
30
ئاقچا
6
توردا
7 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-27
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 22:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن،سىناپ باقسام بولغۇدەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 13:34 , Processed in 0.204028 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش