كۆرۈش: 629|ئىنكاس: 3

ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
4
جۇغلانما
78
توردا
10 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 02:04:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا
(ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن)

ئوقۇتقۇچى- ھۆرمەتلىك نام.شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا           مەدھىيە يازمىغان ،ھېكىمەت پۈتمىگەن مۇتەپەككۇرلار بولمىسا كېرەك .چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە  تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل!ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىنىنى يۇرۇتقۇچى قۇياش !مىللەتنىڭ باغۋىنى ،دۆلەتنىڭ مۇرەببى،«ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنژېنىرى!».
      ئوقۇتقۇچى-ياش ئەۋلادلارنىڭ ئلىم-پەن دۇنياسىدىكى  تۇنجى ھامىيسى!ئۇ،بىلىم خەزىنىسىنىڭ  ئالتۇن ئىشىكىنى     ئاچقۇچى ،ئەقىل دۇردانىللىرىنى چاچقۇچى .ھېكىمەت   قامۇسىنىڭ مەنىللىرىنى يەشكۈچى،تارىخ بىلەن ماكان،تىلسىم بىلەن زامان ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، مۇتەپەككۇرلار بىلەن   سۆھبەتلەشكۈچى،ھەقىقەت مەرۋايىتلىرىنىى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز- پىداكار جەڭچى،مېھرىبان،ساپ قەلب ئىگىسى.
ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارسىز ئۇلۇغ مەرىپەت ئەزىمەتلىرى   ۋايىغا يەتمىگەن بولاتتى.ئەپلاتۇننىڭ ئوقۇتقۇچىسى  سوقرات،ئارستوتىلنىڭ  ئۇستازى ئەپلاتۇن،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۇستازى ئارستوتىل  بولغىنىدەك ،ئابدۇراخمان جامىي ئەلشىر نەۋائىنىڭ يېتەكچىسى،سەدىدىن قەشقەرى جامىنىڭ ئۇستازى ئىدى.
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بەزى مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار  ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق  كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. مەسىلەن:   ھىپوگرات،فارابى ،ئىبىن سىنا ،تاتاتۇڭا ،شۈئەنزاڭ،گېگىل ،كوڭزى، قېدىرخان،ھۈۋەيدا،ئابدۇقادىر داموللا،مەمتىلى ئەپەندى    قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى مۇھەببەت رىشتىسى يەنى    كەسىپكە مۇھەببەت بىلەن ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت  گىرەلەشكەن بولىدۇ.ئۇ،ئوشېنىسكىي ئېيتقاندەك«مەنسەپدار تۆرە ئەمەس، مەنسەپدار تۆرە-ئوقۇتقۇچى ئەمەس».
ئەمما  تا ھازىرغىچە  نېمە ئۈچۈندۇر ئوقۇتقۇچى،جەمئىيەت يېتەكچىللىرى ،ئەھلى-جامائەت،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ   پەرزەنتلىرى ،تۇغقان دوستلىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ھۆرمەتلىك  نامنى ،ئوقۇتقۇچىدەك بۇ تارىخىي كۈچنى ،ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ مەنىۋى شەرتلىرىنى بىردەك ھىس قىلغان ،چۈشەنگەن ،  قەدىرلىگەن ئەمەس.نەتىجىدە مائارىپتا  بىر قاتار كۆڭۈلنى غەش      قىلىدىغان   مەسىلىلەر ساقلانماقتا!
مەنبە:
مەرھۇم ئالىم ئابدۈشۈكۈر   مۇھەممەدئىمىن يازغان   «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»ناملىق كىتاب
كىتابخانا-ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
70
توردا
22 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 15:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەسىپكەبولغان مۇھەببەت بىلەن ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت....»ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق.....
ئۇقۇتقۇچۇلۇق ناھايىتىمۇ ئۇلۇغ كەسىپ.....ئۇستازلار تېنىڭىزلار ئامان،ئىشلىرىڭىزلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن.....

Rank: 1

ئاقچا
9
جۇغلانما
20
توردا
1 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 17:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخىشى تېمىكەن بۇ

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
3
جۇغلانما
120
توردا
8 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-16 14:23:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمتى بەكمۇ شەرەپىلىك خىزمەت .ھەم باشقا كەسپلەرگە قارغاندا مەسئۇليىتىمۇ بىر قەدەر ئېغىر.   «ئاللا-تائاللا»  ئىنسان بالىرنى تەربىيلىگۈچىلەرنى خەلپەتلەر قاتارىدا ئەكتىمەن دىگەب ئىكەن .    ھەققەتەن  ياخشىى تېمنى يوللاپسىز .يەنە ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.065541 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 05:13

چوققىغا قايتىش