كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 11

Win7 غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تەڭشەش (رەسىملىك تونۇشتۇرۇش)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
65
جۇغلانما
229
توردا
20 سائەت
نادىر
1
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 23:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكروسوفتنىڭ Win7 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئومۇملاشقىنىغىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. Win7 مەشغۇلات سىستېمىسى تېگىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تەمىنلىگەنلىكىنى قارىغاندا كۆپ قېرىنداشلار بىلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ ياكى بىلسىمۇ قانداق تەڭشەشنى تازا بىلىپ كېتەلمىگەندەك تۇرىدۇ. يېقىندا بۇ ھەقتە قىيىنچىلىققا يولۇققان تورداشلارنىڭ خېلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم شۇڭا، بۇ يەردە Win7 سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قانداق تەڭشەش ھەققىدە قىسقىچە رەسىملىك چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارماقچىمەن. مەشغۇلات جەريانى تۆۋەندىكى رەسىملىك كۆرسەتمە بويىچە بولسا بولىدۇ.

1. ئۇيغۇرچە تەڭشەلمىگەن ئەسلى ھالىتى (مائۇسنى كۇنۇپكا تاختىسى سىنبەلگىسىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ سول تەرەپنى بىرنى باسسىڭىز كۆرۈنىدۇ)

2. مائۇسنى كۇنۇپكا تاختىسى سىنبەلگىسىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ ئوڭ تەرىپىنى بىرنى چېكىمىز.

3. رەسىم بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز: كۇنۇپكا تاختىسى سىنبەلگىسى----设置----添加

4. 添加 نى بېسىپ 阿拉伯، يەنى (沙特阿拉伯)دېگەننى تاللايمىز

5. ئالدىدىكى كىچىك پلوس (+) بەلگىسىنى چېكىپ يايىمىز (دىققەت: مەن مەزكۇر رەسىمنى تۇتقاندا كومپيۇتېردا خەت نۇسخىسى ئېھتىياجىدىن ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغان، ئەگەر سىز ئەلكاتىپنى قاچىلىغان بولسىڭىز، ئۈستىدىكى «ئەلكاتىپ (Uighur)» دېگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما مەزكۇر دەرسلىكىمىز ئەلكاتىپ قاچىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا «Win7 سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قانداق تەڭشەش ھەققىدە» بولىۋاتقان بولغاچقا، ئۈستىدىكى ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك جايلار نەزەردىن ساقىت قىلىندى)

6. 显示更多 نى يايغاندىن كېيىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك 维吾尔语 ۋە 维吾尔语旧版 دېگەننى بايقايمىز. بۇنىڭ ئىچىدىن بىز 维吾尔语 دېگەننى تاللىساق بولىدۇ، 维吾尔语版 دېگىنى Vista مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يۇنىكود ئورنى خاتا بېكىتىلىپ قالغان كىرگۈزگۈچكە ماس كېلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەردە پەقەت 维吾尔语 دېگەننىلا تاللىساق بولىدۇ.

7. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك 维吾尔语 دېگەننى تاللاپ ئاندىن 确定 قىلىپ جەزملەشتۈرىمىز.

8. قاراڭ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كىرگۈزگۈچلەر قاتارىدا پەيدا بولدى

ئەڭ ئاخىرىقى تەڭشەپ بولغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشى

پەقەت يۇقىرىقى كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز سىز Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى بىمالال تەڭشەپ ئىشلىتەلەيسىز.
ئەلۋەتتە، سىز بۇنداق تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن خەت نۇسخىسى (پەقەت بىرلا خەت نۇسخىسى بار) ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى C دىسكىسىدىكى Windows نىڭ ئىچىدىكى Fonts ھۆججەت قىسقۇچىغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىئاقچا يىغىش سەۋەبى
alip + 9 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : ئاقچا + 9   باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
65
جۇغلانما
229
توردا
20 سائەت
نادىر
1
تېما
17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 23:52:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يازمىنى ئەسلى تەييارلىمايتتىم، ئەمما قارىسام بۇ يازمىغا ئېھتىياجى بارلار يەنىلا كۆپ ئىكەن. شۇڭا ئۇستاملار ئاستا ئۆز ئىشىمىزنى قىلساق، ئېھتىياجى بارلار كۆرۈپ پايدىلانسا دېگەن ئۈمىدتىمەن....

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
55
توردا
26 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 00:45:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  ، بىردەمدىلا 9 كويلۇق بولۇپ قالدىڭىز، بۇ ئۇسۇلنى مەن بىلىدىكەندۇقمەن، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلماي تۇراي، رەھمەت سىزگە ، تاس قاپتىكەن ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتكىلى..... fonts تىكى خەت شەكىللىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە سېستىمىنىڭ سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ جۇمۇ ، ئەسكەرتىپ قوياي!
باشقىلار پۇلى بار ، تىلفۇن ئېلىپ كەتتى يىراق ، مەن مىسالى پۇلۇم يوق ئاندىروئىد ئالالماي يۈرەرىمەن.

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
21
توردا
3 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 00:45:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم بولسا مىكروسوفىت ئۇيغۇر دىگەن فونىتىنى تەمىن ئىتىۋەتسىڭىز!

Rank: 4

ئاقچا
16
جۇغلانما
292
توردا
146 سائەت
نادىر
0
تېما
14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:56:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
添加输入语言 دىگەن كۆزنەكتە ئۇيغۇچىنى تاللاش تۈرى تۇرسا، نىمشقا ئەرەپچىنى تاللاپ نۇرغۇن يەلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ، ئەرەپچنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللىغنىڭىزغا ئەقلىم پەقەتلا يەتمىدى . سىز بەك قىيىن يولنى تاللىۋالغانسىزمۇ ياكى ، مەن ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللاشنى خاتا ھالدا ئۆزلەشتۈرۋالغاندىمەنمۇ.
QQ截图20120129015018.png

Rank: 4

ئاقچا
16
جۇغلانما
292
توردا
146 سائەت
نادىر
0
تېما
14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ截图20120129020725.png

QQ截图20120129020904.png

未命名.jpg

مىنىڭچە بۇ ئۇسۇل تىخىمۇ ئاسان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Smart تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 02:13  

باھا سۆز

karakqi  مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا تەڭشىگەن ئىدىم خاتا ئەمەستۇ ھە؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 13:01:30
nurtikin  مەنمۇ شۇ ئۇسسۇلدا ئىشلىتىمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 11:27:36

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
15
جۇغلانما
46
توردا
55 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 11:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Smart يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 02:10
مىنىڭچە بۇ ئۇسۇل تىخىمۇ ئاسان.

مەن بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ باققان، لىكىن پەرىقىنى ھىس قىلالمىدىم. بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
631
توردا
3279 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Smart يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 01:56
添加输入语言 دىگەن كۆزنەكتە ئۇيغۇچىنى تاللاش تۈرى تۇرسا، نى ...

بۇ مۇنداق گەپ.
سىز دىگەندەك بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قوشقاندا Office 2003 قاتارلىق نىسبتەن بۇرۇنقى يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇرلار جۇڭگودا بولغاندىكىن خەتنى سولدىن يازىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىۋېلىپ، نۇر بەلگىنى سولغا توغىرلاپ تۇرۋېلىپ، ئۇيغۇرچە خەت يېزىشتا ئازراق مەسلە كۆرۈلدۇ. ئۇ خىل ئەھۋالدا پەنگىيار ئەپەندى كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەپچىنىڭ ئاستىغا قاچىلايمىز.
Office 2007 دە ھەر ھالدا ئۇيغۇرنى چۈشىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇنداق مەسلە مەۋجۇت ئەمەس. سىز دىگەندەك قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
16
جۇغلانما
292
توردا
146 سائەت
نادىر
0
تېما
14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 13:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 12:01
بۇ مۇنداق گەپ.
سىز دىگەندەك بىۋاستە ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ...

مەن ئادەتتە office 2010 نى ئىشلىتىمەن شۇڭا ، مەن ئۇنداق ئىشقا يولۇقماپتىمەن . شۇڭا بولاۋىرىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
330
توردا
108 سائەت
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 15:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  باللا  ماڭا   ئادەتتىكى  pc
ئالما سېستىمىسى قاچىلاش دەرىسلىكى بولسا  يوللاپ بەرسەڭلە  
http://img2081.poco.cn/mypoco/myphoto/20120305/14/5611163620120305143053092.gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.082800 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 01:07

چوققىغا قايتىش