ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 794|ئىنكاس: 9

Google translator غا ئۇيغۇرچە قوشۇڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
641
ئاقچا
2447
توردا
3199 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 22:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Google translator غا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇشقا قاتنىشىڭ.
ئادرېسى: http://translate.google.com
     Google translator (تۆۋەندە گۇگېل تەرجىمانى دەپ ئېلىندى.) نۆۋەتتىكى ئىنتىرنېت ساھەسىدە ھەممە ئېتراپ قىلغان ئىشىلتىش ئەڭ قولايلىق، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان ھەقسىز تەرجىمە قىلىش قورالى. نۆۋەتتە بۇ قورال دۇنيادىكى 52 چوڭ تىللارنى بىر بىرىگە تەرجىمە قىلالايدۇ. گەرچە تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئادەمگە يەتمىسىمۇ بىراق كۆرۈپ چۈشىنىشكە ۋە تەرجىمە قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىشىلتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.  بۇ قورالنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئازراق ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش تامامەن مۇمكىن. گۇگېل تەرجىماننىڭ ياردەم بېتىدە تۆۋەندىكىدەك دېيىلگەن:
Help us support new languages
We're also working to support other languages and will introduce them as soon as the automatic translation meets our standards. It's difficult to project how long this will take, as the problem is complex and each language presents its own unique challenges. In order to develop new languages and improve the quality of existing languages, we need large amounts of bilingual texts. You can help by using Translator Toolkit for translating or uploading your translation memories into Translator Toolkit.

    بىزگە ياردەملىشىپ يېڭى تىللارنى قوشۇڭ
     بىز يېڭى تىللارنى ئامال بار تېز قوللاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز، يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارى بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزگە يەتكەن ھامان ئېلان قىلىندۇ. بۇ خىزمەتنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ئالدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس، چۈنكى ھەر بىر يېڭى تىلنىڭ ئۆزىگە خاس مۇرەككەپلىكى ۋە قىيىنچىلىقى بولىدۇ. يېڭى تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ھازىر بار تىللارنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىز نۇرغۇن مىقتاردىكى ئىككى تىللىق تېكىستلەرگە موھتاج. سىز بۇ جەھەتتە تەرجىمە قىلىش قورالى ئارقىلىق ياكى تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىيالىڭىزنى تەرجىمە قىلىش قورالىغا يۈكلەش ئارقىلىق ياردەم قىلالايسىز.

    ئەگەر سىزدە بۇ قورال قوللىغان ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە قاتارلىق 30 خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تېكىست بولسا، گۇگېل ھېسابىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇ تېكىستنى Translator Toolkit (تۆۋەندە تەرجىمە قىلىش قورالى دەپ ئېلىندى) غا قوشۇپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز. ئەگەر سىزدە ئۇنداق تېكىست بولمىسا، يۇقارقى تىللاردىن مەلۇم بىرسىنى بىلسىڭىز بىرەر تور بەتنى ياكى ۋىكىپىدىيادىن بىرەر ماقالىنى مەلۇم تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئاۋال تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ upload /上传 دېگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
http://translate.google.cn/#

http://translate.google.com/tool ... translations/active

    يېڭى ئېچىلغان بەتتە local file / 本地文件, web page / 网页, wikipidia  article دېگەن تاللاشلار بار. تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەنبەنى تاللاپ، مەنبە ھۆججەتنىڭ تىلى ۋە ئۇيغۇرچىنى تاللىغاندىن كېيىن ئەسلى تېكىست بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. تەرجىمە ماشىنىسى يوللانغان تېكىستلەرنى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىپ ساقلىۋالىدۇ. يېتەرلىك تېكىست بولغاندا گۇگېلدىن new-languages-in-google-translate بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا چىقىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خەت يېزىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى قوشۇشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ. بىراق يېتەرلىك تەرجىمە قىلىنغان تېكىستلەر بولمىغاندا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.

مەنبەسى: بىلىك كۇلۇبى
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
qoglan2 + 30 مەن قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 30   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
245
ئاقچا
69
توردا
242 سائەت
تىزىملاتقان
2011-11-21
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 10:31:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئالىپ ئەپەندىم، سىز يوللىغان بۇ تىما ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ دۇنياغا يۇزلىنىشىدە كامبولسا بولمايدىغان خىزمەتكەن،مىللەتنى سويۇش تەرەققى قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭبۇرچى بىراق قولىمىزدىن كەلمەيدىغانلارغا ئاماليوق كەن بۇ ئىش قولىدىن كىلىدىغان قېرىنداشلا يۇكسەك دەرىجىدە ئىتىۋار بەرسە مەن ئۇلارغا مالىيە جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلىشقا تەييار، ئالىپ ئەپەندىم، ئاللاھ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
562
ئاقچا
172
توردا
32 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-29
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 10:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت چىقسا مەنمۇ قوشۇپ قوياي
لېكىنزە مۇشۇ miui نى تەرجىمە قىلغۇچە خەت بېسىشتىن يالغان تىلەمچىگە ئۆچ بولغاندەك ئۆچ بولدۇم جۇما!!!!!

جۇغلانما
469
ئاقچا
97
توردا
116 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-31
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 10:55:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەردىكى تېكىستلەرنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقساق بولۇرمۇ؟ ئەگەر مۈمكىن بولسا، نۇرغۇن تەرجىمانلارنىڭ قولىدىكى ۋە قۇتيارغا يېغىلغان تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى يوللساق قانداق بولۇر؟
مېنىڭچە بۇ تەييار تەرجىمە ئىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
641
ئاقچا
2447
توردا
3199 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 11:34:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abral يوللىغان ۋاقتى  2012-1-26 10:55
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەردىكى تېكىستلەرنى كىرگۈزۈپ سى ...

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ خېتى ئەلۋەتتە بولىدۇ. سىناپ بېقىڭ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

جۇغلانما
9
ئاقچا
1
توردا
0 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-26
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 16:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىختىيار قىلساڭلار ماڭا ئىبەرتسەڭلارمۇ بولىدۇ.
گۇگېل تەرجىمان ستاتىستىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىدۇ. شۇنداقلا ھەقسىز.
دېمەك، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا گۇگېل تەرجىماندىن ئانچە-مۇنچە كۈندىلىك خەۋەرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما بىر تىلنى يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.
بىر تىل بىلەن يەنە بىر تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى، ماتېرىيال ئالاھىدىلىكى، كەسىپ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ، ئوخشىمىغان پەرققە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ستاتىستىكا ئۇسۇلىغا نەچچە مىليۇن جۈملىلىك نىسبەتەن توغرابولغان سېلىشتۇرما ئامبار بولغاندا ئاندىن سەل ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نوقۇل ستاتىستىكا ئۇسۇلىغا تايانغان ماشىنا تەرجىمە ئۇيغۇرتىلىدىكى بار بولغان تەييار ماتېرىياللار بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ بولالمايدۇ.
تۈركى تىللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئاساسەن ھەل بولدى. تۈركىيە تۈركچىسى، ئەزەربەيجان تۈركچىسى گۇگېل تەرجىمانىدا بار.
دېمەك، ئىلكان ماشىنا تەرجىمان تورى ۋە گۇگېلدىن پايدىلىنىپ گۇگېلدا بار بولغان بارلىق تىللارنى تۈركىيە تۈركچىسى ياكى ئەزەربەيجان تۈركچىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمما بۇخىلدا تەرجىمە ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ھەربىر تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىش، سىتاتىستىكا، تىلشۇناسلىق، پروگرامما ساھەلىرىدىن ئەتراپلىق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.
تەرجىمانلىرىمىز بىر كۇنۇپكا بىلەن %90 توغرىلىقتىلا تەرجىمە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى ئوخشىمىغان تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللارنى بىر-بىرىگە بۇخىل توغرىلىقتا ئۆرۈش ماشىنا تەرجىمە ساھەسىدە تېخى بارلىققا كەلمىدى.
ماشىنا تەرجىمە پەقەت ئوخشاش تىل سىستېمىسىدىكى ۋە ياكى يېقىن تىل سىستېمىسىدىكى تىل-يېزىقلارنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇشتا ئۆزىنىڭ رولىنى تولىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.

http://www.ilkan.biz/
بۇ تور بەتتىكى دېتال گۇگېل، بابىلون قاتارلىق خەلقئارادىكى ساناقلىق ماشىنا تەرجىمە دىتاللىرىدىن قالسا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلەن تۈركى تىللىرى ۋە دۇنيادىكى ئاساسى تىل-يېزىقلار ئارىسىدىكى ماشىنا تەرجىمە تەتقىقاتىنى نىشان قىلغان، بەلگىلىك مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىگەن بىردىنبىر بىر ماشىنا تەرجىمە دېتالىدۇر.
بۇ ساھەگە قىزىققۇچىلار ۋە ئىزدەنگۈچىلەر بولسا ھەرقاچان قارشى ئالىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   braveheart تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-26 16:34  

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
86
ئاقچا
1
توردا
53 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-17
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 16:30:46 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە جە پ ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
369
ئاقچا
14
توردا
45 سائەت
تىزىملاتقان
2011-11-8
نادىر
1
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 18:22:30 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبەك ياخشى پىكر بوپتۇ ئالىپ ئەپەندى  بۇنداق قىلساق ئاندىرويىد ئەپلىرىنىمۇ ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭ ئەمىيىتى
بەك زور بۇبىر چوڭ ئىش ھەممەيلەن بىرلىككە كىلىپ بۇمەسىلىنى ھەل قىلايلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UyghurApp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-26 18:45  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
641
ئاقچا
2447
توردا
3199 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 22:36:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا braveheart ئەپەندىگە ئەۋەتىپ بەرسەك بولغۇدەك.
braveheart ئېلخەت ئادېرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

جۇغلانما
9
ئاقچا
1
توردا
0 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-26
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 08:12:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
494338625@qq.com
ilkanuyghur@yahoo.com
ئىلكان تورىدا ئالاقە ئادرېسىم بار ئىدى. بۇيەرگىمۇ چاپلاپ قويدۇم. ئېلخەتنى سولدىن ئوڭغا ئوڭشاپ بىلىۋالارسىلەر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-10 14:17 , Processed in 0.107958 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش