كۆرۈش: 667|ئىنكاس: 16

كىسەككە ئايلانغان MOTO Droid X MB810/ME811 تېلفونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرىسلىكى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئاقچا
8
جۇغلانما
249
توردا
62 سائەت
نادىر
0
تېما
12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 03:29:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى تورداشلار ئارىسىدا  ئاندىرويىدقا ئۇيغۇرچە تونىتىش جەرياندا بەزى مەشخۇلاتنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشى ياكى بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، يانفون پەقەتلا ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى ، يانفون تىپىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەپلىك سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، روم قاچىلاش ، ۋە باشقا تەڭشەشلەر ئوخشاش بولمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مەنمۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىم ئوقۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدىم،ۋە يانفونىمنى بىرقانچە قېتىم كىسەككىمۇ ئايلاندۇرۇپ قويدۇم ، كۆپ قېتىملىق سىناقلاردىن كېيىن ئاخىرى مۇۋاپپىقىيەت قازاندىم ۋە يادروسىدىن ئۇيغۇرچە تونىتىش مەقسىتىگە يەتتىم . ...مەن بۇ يەردە MOTO Droid X MB810/ME811 تېلفونىنى (底包 SBF)ھۆججىتى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، روم قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچە تونىتىش جەريانىنى تونۇشتۇرماقچى ...گەرچە بۇ تىپتىكى يانفوننى ئىشلىتىدىغانلار ئاز بولسىمۇ .....
يانفون تىپى :MOTO Droid X MB810/ME811  (تېلگىراف)
يادىرو تىپى : 德州仪器 OMAP3630

بىرىنچى قەدەم :
كومپىيوتېرىمىزغا MOTO Droid X MB810/ME811 نىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى تولۇق قاچىلايمىز .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
ئۇنىڭدىن كېيىن Z4root  ،  RE管理器  ،  Droid X Bootstrap قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتنى سىغىم كارتىمىزغا كۆچۈرۈپ تەييار قىلىۋالىمىز .
چۈشۈرۈش ئادرىسى :  Z4root ،           RE管理器          Droid X Bootstrap

ئىككىنچى قەدەم :
يانفونغا 底包 SBF ھۆججىتى قاچىلاش ، بۇ تىپتىكى يانفونغا بۇ باسقۇچنى باسمىغان ئەھۋال ئاستىدا روم قاچىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ ، يەنى تېلفون ئېچىلمىغان ھالەتتە باشقا تېلفونلارغا ئوخشاش Recovery كۆزنىكىگە بىۋاستە كىرگىلى بولمايدۇ . 底包 SBF ھۆججىتىنى قاچىلىغاندىن كېيىن سېستىما ئىنگىلىزچە ئەسلى زاۋۇت ھالىتىگە كىلىدۇ .
底包 SBF ھۆججىتىنى قاچىلاشقا كېرەكلىك قۇرال :刷机程序RSD_lite4.9汉化版
چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

سېستىما قاچىلاشقا كېرەكلىك 底包 SBF ھۆججىتىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
چۈشۈرۈش ئادرىسى :VRZ_MB810_2.3.32_1FF_01

SBF يۇمشاق دىتالىنى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ .تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ
1111.JPG

تاللاش دىگەن ئورۇننى بېسىپ بىز چۈشۈرۋالغان SBF ھۆججەتنى تاللايمىز ، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ
222.jpg

ئەمدى تېلفون تولۇق ئۆچۈرلگەن ھالەتتە رەسىمگە تارتىش كونۇپكىسى + ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كونۇپكىسى + تېلفوننى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا 3 سىكونىت ئەتراپىدا بېسىپ قويىۋىتىمىز ، دىققەت  ئىكران بىرلا يېنىپ ئۆچىدۇ كونۇپكىنى قويۇۋىتىڭ ، بۇ چاغدا ئاق خەت قارا ئىكران ھالەتكە كىلىدۇ . رەسىمگە قاراڭ
44.jpg

بۇ چاغدا تېلفوننىڭ سىمىنى چېتىپ كومپىيۇتېر بىلەن ئۇلايمىز . يۇمشاق دىتال تېلفوننىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى ئاپتۇماتىك تونىيدۇ .رەسىمگە قاراڭ .
33.jpg

ئەمدى يۇمشاق دىتالدىكى باشلاش كونۇكىسىنى بېسىپ باشلىساق بولىدۇ ..تولۇق قاچىلنىپ تېلفونىمىز ئاپتۇماتىك ھالدا تولۇق ئېچىلىپ بولغاندا مەشخۇلات تاماملانغان بولىدۇ ...ئەگەر تېلفونىمىز ئېچىلىش ھالىتىدە تۇرىۋېلىپ قوزغالمىسا باتارىيەنى تارتىۋىتىپ قايتا سالغاندىن كېيىن ، تېلفوننى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسى ۋە كىچىك ئۆي كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرساق تۆۋەندىكى ھالەتكە كىلىدۇ ، رەسىمگە قاراڭ
55.jpg

ئەمدى ئاۋازنى يۇقىرلىتىش كونۇپكىسى ۋە تۆۋەنلىتىش كونۇپكىسى تەڭ بېسىپ رەسىمدىكى ھالەتكە كىرىمىز
66.jpg

بۇ ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن wipe data/factory reset نى باسىمىز ۋە چىققان كۆزنەكتىن جەزمەنلەشتۈرىمىز ،مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن ئىكراندىن OK نى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرۇمىز ۋە تېلفوننى قايتا قوزغىتىمىز . تېلفون قوزغالغاندا بۇ ھالەتكە كىلىدۇ ، رەسىمگە قاراڭ
77.jpg

تىل تاللاش دىگەن كۆزنەكتە پەقەت ئىنگىلىزچە ۋە ئىسپانچىلا بار ، بىز ئىنگىلىزچىنى تاللاپ باشقا مەشخۇلاتلارنى تەرتىپ بويىچە قىلساقلا بولىدۇ ، مەن بۇيەردە تەپسىلى توخلالمىدىم ... سىېستىمغا تولۇق كىرگەندىن كېيىن بۇھالەتتە ئېچىلىدۇ.
99.jpg

ئەمدى بىز روت ھوقوقىغا ئېرىشىش ۋە ئۆزىمىز تاللىۋالغان روم قاچىلاش مەشخۇلاتى قىلىمىز ...
بىز ئالدى بىلەن تەڭشەش كۆزمىگە كىرىپ سىرىتتىن چۈشۈرگەن دىتاللانى قاچىلاشقا يول قويۇش ۋە USB قاتارلىقلارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز ، رەسىمگە قاراڭ .
111.jpg

يۇقىردىكى كۆزنەكتىن بىرىنچى ئورۇنغا توغرا بەلگىسى قويساق بولىدۇ .
112.jpg

بۇ  كۆزنەكتىنمۇ بىرىنچى ئورۇنغا توغرا بەلگىسى قويساق بولىدۇ .
بۇ مەشخۇلاتلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن ھۆججەت كۆرگۈچتىن بىز سىغىم كارتىمىزغا كۆچۈرۋالغان بۇ ئۈچ ئەپنى تېلفونىمىزغا قاچىلايمىز Z4root + RE管理器 + Droid X Bootstrap ...
سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن ھۆججەت كۆرگۈچ ،رەسىمگە قاراڭ
rrrr.JPG

قاچىلاش مەشخۇلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن Z4root نى قوزغىتىپ روت ھوقوقىغا ئىرىشىمىز .رەسىمگە قاراڭ
z4root.JPG

root2.JPG

يۇقىرىدىكى مەشخۇلاتتا تېلفون بىر قېتىم ئاپتۇماتىك قوزغىلىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن روت ھوقوقىغا ئىرىشىمىز ..
ئەمدى بىز روم قاچىلاش مەشخۇلاتى ئېلىپ بارىمىز ...
ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قاچىلىماقچى بولغان روم ھۆججىتىنى سىغىم كارتىسىغا كۆچۈرىمىز . مەن cm 3.3.7نەشىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، باشقا نەشىردىكى رومنى قاچىلىغاندا ئۇيغۇرچە تونىتىش مەخسىتىگە تولۇق يەتكىلى بولمايدىكەن .
چۈشۈرۈش ئادرىسى: cm_shadow_full-10-21_CHS
دىققەت : بۇ روم پەقەت مۇشۇ تىپتىڭى يانفونغىلا ماس كىلىدۇ ، باشقا يانفونلارغا قالايمىقان قاچىلىماڭ ...
تېلفونىڭىزدىن بايا قاچىلۋالغان Droid X Bootstrap ھۆججىتىنى قوزغىتىڭ . رەسىمگە قاراڭ
rom1.JPG

ئالدى بىلەن بىرىنچى كۆزنەكنى باسىمىز rom2.JPG

بىرقانچە سىكونتتىن كېيىن بۇ كۆزنەك ئېچىلىدۇ ...
rom3.JPG

جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئاستىدىكى كۆزنەكنى باسساق تېلفون ئاپتۇماتىك قوزغىلىپ recovery قا كىرىدۇ .
دىققەت: رەسىمگە تارتىش كونۇپكىسى بولسا جەزمەنلەشتۈرۈش، ئۆچۈرۈش كونۇپكىسى ئارقىغا قايتىش ...
113.jpg

بۇ كۆزنەكتىن apply sdcard:update.zip نى تاللاپ رەسىمگە تارتىش كونۇپكىسىنى چىڭ بېسىپ تاللايمىز ، ۋە سىغىم كارتىمىزغا قاچىلۋالغان روم ھۆججىتىنى تالىغاندىن كېيىن چىققان كۆزنەكتىن yes نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز ...
روم 5مىنۇت ئەترەپىدا قاچىلىنىپ بولىدۇ ، قاچىلنىپ بولغاندىن كېيىن reboot system now نى بېسىپ قايتا قوزغىتىمىز . رەسىمگە قاراڭ
rom5.JPG

تۇنجى قېتىم قوزغىلىشقا بىر ئاز ۋاقىت كىتىدۇ ، تەخىر قىلىپ ساقلاڭ . ئەگەر قوزغالمىسا ، يۇقرىدا سۆزلەنگەن WIPE ئۇسۇلىنى  ئېشلىتىمىز ... پۇتۇن مەشخۇلات تاماملانغىچە بەلكىم بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كىتىدۇ.....
ئەمدى ئۇيغۇرچە تونىتىش مەسلىسىگە كەلسەك ،مەن بۇتىمىدا تەپسىلى توختالمىدىم ، باشقا تىمىلاردا سۆزلەنگەن libicuuc.so ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇش، DroidSansArabic.ttf ، DroidSansFallback.ttf فونتلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھوقوق بىرىش مەشخۇلاتىنى تولۇق ۋە توغرا قىلسىڭىزلا ئۇيغۇرچە تونىتىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز .
بۇرۇن مەن قاچىلىغان باشقا روملاردا كۆپ قېتىم سىنىغان بولساممۇ يەنىلا ئىككى ھەرىپ ئۇلانماسلىق مەسلىسى كۆرۈنگەن ، تېلفونمۇ نەچچە قېتىم كىسەككە ئايلاندى ،بىراق  CM 3.3.7 نەشىرىنى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۇسۇل بويىچە قاچىلىغاندىن كېيىن ئاخىرى مۇۋاپىقىيەت قازاندىم ...  بىراق بىرلا مەسلىنى يەنى‹ ئە› ھەرىپىنىڭ ئارقىسىغا  باشقا ھەرىپلەرنى كىرگۈزگەندىن  كېيىن‹ئە›ھەرىپى  ‹ ھ› ھەرپىگە ئۆزگۈرۈپ قالىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلالمىدىم....سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن تور زىيارەت قىلغۇچ ياكى باشقا  تور زىيارەت قىلغۇچلاردا ھەممىسى نۇرىمال كۆرۈندى .....
tttttt.png

hhhh.png

uuuu.JPG

بۇ سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن تور زىيارەت قىلغۇچتىن كۆرۈنىش .
aaaa.png

بۇ Firefox تور زىيارەت قىلغۇچتىن كۆرۈنىش .
ffffff.png

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DdiodX810 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-24 03:36  

rom4.JPG
88.jpg
11.jpg
10.jpg
2222.JPG
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 36 ئىجادىي ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 36   باھا خاتىرىسى

Rank: 4

ئاقچا
9
جۇغلانما
231
توردا
90 سائەت
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 12:06:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

Rank: 4

ئاقچا
35
جۇغلانما
453
توردا
89 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 15:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ،ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. رەخمەت سىزگە

Rank: 2

ئاقچا
5
جۇغلانما
16
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 13:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سېزگە !!

Rank: 4

ئاقچا
8
جۇغلانما
249
توردا
62 سائەت
نادىر
0
تېما
12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 23:32:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە ھەرىپىنىڭ ھ غا ئۆزگىرىۋېلىشىنى قانداق ھەل قىلساق بولار ...

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
33
توردا
0 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 21:27:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ! ماۋۇ تىمىڭىزنى كۆرۇپ بەك خۇش بوپ كەتتىم چۇنكى مەن دەل مۇشۇ تىلفۇننى تۇتقۇچى....سىزنىڭ چ چ  نۇمۇرىڭىزنى بىلگەن بولسام بەك ياخشى بولاتت ...ئەگەر خالسىڭىز مىنى قىتۋىلىڭ .....1115282849

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
33
توردا
0 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 21:46:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللىغۇچى ئەپەندىم سىزدىن بىر سورھيدىغان سوئال چىقىپ قالغان سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ بىر ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز ...،.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
126
توردا
40 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 22:16:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىمۇ قىتىۋىلىڭچۇ بۇرادەر بىز تېلفۇنداشلار ئىكەنمىز. مىنىڭ MOTOROLA ME811 ئىدى . كىر كىر 281445774

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
126
توردا
40 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 22:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرىسلىرى نورمال ئەمەسمۇ قانداق.

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
33
توردا
0 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 01:27:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جەريان چوقۇم رۇت ھۇقۇقىغا ئېرشىپ بولغاندىكىن ئاندىن بولامدۇ ياكى بۇنىڭ ئارسىدا روت ھۇقۇقىغا ئىرشىش جەريانىمۇ بارمۇ ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.082464 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 05:36

چوققىغا قايتىش