ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 788|ئىنكاس: 9

كومپيۇتېر سەپلىمىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقۇرغۇچى

دانا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرپىسى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
191
ئاقچا
2
توردا
49 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-13
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 00:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2a05dc1f-8cc9-44a6-8341-f10d9dde10c1.jpg


كومپيۇتېر سەپلىمىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى


نۇرغۇن يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، كومپىيوتىر سەپلىمىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقنى قانداق تەكشۈرۈش بىر قەدەر مۇرەككەپ مەسىلە، بىز سىزگە بۇ توغرىسدا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى  بېرىمىز.
1. CPU يادروسىدىكى سانلىق مىقدارغا قاراش
نۆۋەتتە ئاساسلىق مودا بۇلىۋاتقىنى قوش يادرولۇق بۇلۇپ، تاق يادرولۇق CPU ھازىر ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 يادرولۇق بۇلىدۇ.
2. ياسىلىش ھۈنىرىگە قاراش
نۆۋەتتە 45 ناملىق CPU ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولدى، ئالدىنقىلىرى بولسا 65 ناملىق ۋە ئەڭ كونا 90 نامىلىقلىرى بار. 45 نامى ياسالغىنى بولسا كرىستال لامپاۋە كرىستال ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزگۈچى ئۇلاش سىمىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئوخشاش بىر ھەجىمدىكى ئۆزەك (芯片) نىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن  كرىستال  ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغان  كرىستال  ئېلىپ كەلگەن ئۆلچەم بولسا ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدار بولىدۇ .  كرىستال نىڭ سانى ئاشمىسا، ئۆزەكنىڭ ھەجمىمۇ كىچىك بولىدۇ.
3. ئاساسى چاستوتىسىغا قاراڭ.
يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مەزمۇن ھەممىسى ياخشى بولغان شارائىتتا، سىز ئاساسى چاستوتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ CPU نىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلسىڭىز بولىدۇ. كۆپ ساندىكى CPU چاستوتىسى 2.0GHz دىن 3.0GHz ئەتراپىغىچە بولىدۇ، ھازىر ئەڭ يۇقىرى بولغىنىمۇ 4.0GHz دىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا چاستوتا يۇقىرى بولسا ئىسسىقلىق تارقىتىش ۋە ئىقتىدارمۇ نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ.
4. كۆرسەتكۈچ كارتا (显卡) غا قاراڭ.
نۆۋەتتە بازاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاساسلىق ياخشى بولغان كۆرسەتكۈچ كارتىلاردىن NVIDIA ۋە ATI لار بار بولۇپ، ئادەتتە N كارتا ۋە A كارتا دېيىلىدۇ.GPUنىڭ كۆرسەتكۈچ كارتىدىكى ئورنى كومپيۇتېرنىڭ CPU غا باراۋەر بولىدۇ. ھازىر كۆرسەتكۈچ كارتا ئىشلەپچىقىرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقىرىقىنى ئىشلىتىدۇ.
كۆرسەتكۈچ كارتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا قاراش ئاساسلىق: {كۆرسەتكۈچ كارتىنىڭ ئۈزۈكى، SP ئىلمىنتى، نەپىس ياسالغانلىقى، يادرو چاستوتىسى، كۆرسىتىش چاستوتىسى، كۆرسەتكۈچ بىيت كەڭلىكى، كۆرسىتىش سۈرئىتى، كۆرسىتىش سىغىمى}.
5. ئاساسى تاختىغا (主板) قاراڭ.
ھازىر Intel نى ئىشلىتىدىغانلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، Intel نىڭ توپلاشتۇرۇلمىغانلىرىدىن P55、P45、P43 قاتارلىقلار بار، توپلاشتۇرۇلغانلىرىدىن (集成) G41、G43、G45بولۇپ، G باشلىق.
AMD نىڭمۇ ئىشلىتىش دائىرىسى خېلى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىق AMD7 نى كۆرسىتىدۇ. توپلاشتۇرۇلغانلىرىدىن 780G、785G、790G、790GX قاتارلىقلار بار.
6. باشقىلار
قاتتىق دىسكىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئادەتتە 7200 بولىدۇ. خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ 5400 بولىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى CPU نىڭ لېنتا كەڭلىكىنى قانائەتلەندۈرسە بولدى، مەسىلەن E5200 نى ئىشلەتكەندە CPU نىڭ FSB (غول لىنىيە چاستوتىسى)800MHz بۇلىشى كېرەك. لېنتا كەڭلىكى بولسا 800MHz×64÷8=6.4GB/s بولسا بولىدۇ.

www.pc1818.netتورىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-25 17:51  

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
84
ئاقچا
11
توردا
139 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-5
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 12:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ بەك ياخشى يېزىپسىز بۇتىمىنى .ئىشىنىمەنكى بۇتىمىنىڭ كومپىيوتىر سېتىۋالىدىغان دوسلارغا پايدىسىتىگىدۇ.
جاپاچەكتىڭز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.

باھا سۆز

dana  رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم دىگىنىڭىزكەلسۇن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 13:40:19

Rank: 4

جۇغلانما
332
ئاقچا
9
توردا
122 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-21
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 12:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرسىتىش كارتا توغۇرسىدا  جىقراق توختالسىڭىز   بولماسمۇ  

باھا سۆز

dana  بۇلدۇ.مەن مۇشۇ توغىرلۇق مەخسۇس تىما يوللاي.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 13:39:28

Rank: 4

جۇغلانما
256
ئاقچا
3
توردا
61 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-20
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 12:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان چۈشەندۈرۈپسىز، رەھمەت.
لىكىن سىز دىققەت قىلىدىغان بىرقانچە نۇقتا باركەن (بەلىكىم ئىملا خاتالىقىدۇ)
ناملىق ئەمەس نامىلىق (1 مىتېر 1،000،000،000 نانومىتېرغا تەڭ)
ئۈزۈك ئەمەس ئۆزەك

باھا سۆز

dana  رەھمەت سىزگە.مەن تەھرىرلەپ قۇياي  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 13:38:47

Rank: 4

جۇغلانما
765
ئاقچا
14
توردا
158 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-11
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 14:17:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بوپتۇ رەھمەت سىزگە.بۇ ئۈستەل كومپيوتېر ئالساققو سەپلىمىسىنى ئوزىمىز خالىغانچە سەپلەتسەك بولىدۇ لىكىن لەپتۈپ ئۇنداق ئەمەسكەن:بۇنداق دىيىشىمدە مىنىڭ بىرلەپتۈپ ئىلىش نىيىتىم بارئىدى لىكىن ئۇنىڭ ياخشى يامانلىرىنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.يۇرتتا كومپيوتىر بازارلىرىغا چىقىپ كورسەم ماڭا تازا ياراپ كەتمىگەنلىرىنىمۇ4000-5000نىڭ گىپىنى قىلىدۇ.ئىككىنچى قول سەتلىرىنىمۇ1500دىن2500گىچە دەيدۇ تىخى  ئەجەپ قىممەتكەن بۇ خاتىرە كومپيوتېر دىگەن.ئۈرۈمچىگە بارغاندا كورۈپ باقامەن دەپ تۇغاچ تۇدۇم ھازىرچە.ئەمدى مەن ئوزۈمنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى لەپتۈپنىڭ سۈپىتىنى سىزگە شەرىھلەي سىز شۇنىڭغا قارتا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.مىنىڭ تەلىپىم ھەممىنى دىمىگەندىمۇ كوپ قىسىم ئويۇنلانى ئىنجىقلىماي سورەش.مەسىلەن5-6جى ھەجىمدىكى ئويۇنلانىمۇ سورەيدىغان بولۇش:ئىكران3د قوللاش كورۈنىشى كوركەم قانچە چىرايلىق بولسا شۈنچە ياخشى.باھاسى4000ئەتراپىدا بولسا بولاتتى :مىنىڭ تەلىپىمگە 4000باھا ئاز بوپ قىلىشى مومكىن ئازراق قوشساممۇ مەيلى. ئەسلى ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ توغۇرلۇق تىما يوللاپ ئۇستازلانىڭ كورسەتمىسى بويىنچە ئىش تۇتاي دىگەن ماۋۇ تىمىڭىزغا چۈشىدىكەن شۇڭا ئىنكاس شەكلىدىلا ياردەم سورىدىم. كوپچىلىكنىڭ باشقىچە مەسلىھەتى بولسا ئۇنىمۇ ئويلىشىمەن..قۇتيار مۇنبىرىگە ۋىن7پەد توغۇرلۇق بىر تىما يوللىنىپتىكەن ئۇنى كورۈپ شۇنداق ئالغىم كەلدى لىكىن ئويلىسام ئۇنىڭدا شۇ تورغا چىقسىلا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.ئادەتتە چوڭراق ئويۇنلانى سورىمەسلىكى مومكىن.لىكىن قارىغان ئادەمنىڭ ئىچى كويىدىكەن كاساپەتكە.

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
109
ئاقچا
15
توردا
69 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-17
نادىر
0
تېما
13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 22:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4000-45000غا سىز دىگەندەك لەپتوپ ئەلۋەتتە كىلىدۇ.

Rank: 1

جۇغلانما
5
ئاقچا
1
توردا
0 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-23
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 16:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئەمەلىي نەپ بىرىدىغان تىما بولۇپتۇ .
لېكىن ‹‹ تىرانزىستور ۋە تىرانزىستور ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزگۈچ››دېگەن گەپلەرنى ئەسلى كىرىستال لامپا دەپ ئالغان بولسىڭىز تىخىمۇ چۇشىنىشلىك چىقاركەن .

      晶体管  transistor     كرىستال لامپا



باھا سۆز

dana  بولدۇ.پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.مەن تەھرىرلەپ قۇياي.  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 17:48:31

Rank: 1

جۇغلانما
5
ئاقچا
1
توردا
0 سائەت
تىزىملاتقان
2012-1-29
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 14:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمگە خىلى نەپ تىگىدىغان تىما بوپتۇ بۇ ؟

Rank: 4

جۇغلانما
197
ئاقچا
1
توردا
138 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-17
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 19:03:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر خىلى كۆپ ئادەملەر كۆرسىتىش كارتىسىنى قانداق تونۇشنى بىلمەيدىكەن ،1گ 512مىگا دەپلا بىلىدىكەن ،بۇنداق ئايرىش تولىمۇ خاتا ،بۇخۇددى 5كىشىلىك ماشىنا ،20كىشلىك ماشىنا دىگەندەك بوپ قىلىۋاتىدۇ،ماشىننىڭ دەرىجىسى تىپىنىڭ ئوخشىنمىغىنىدەك،كۆرسىتىش كارىتىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پارامىتىرى بار.كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ سىغىمى مۇھىم بولسىمۇ باشقا پارامىتىرلىرى تىخىمۇ مۇھىم .مەسىلەن كۆرسىتىش سىغىم ساقلىغۇچىنىڭ نەچچىنچى ئەۋلات ساقلىغۇچ ئىشلەتكەنلىگى،نەچچە بىت ئىكەنلىگى(ئادەتتە 64.128.256)،كۆرسىتىش كارتىسى يادىروسىنىڭ پارامىتىرى،چاستوتا دائىرىسى قاتارلىقلار ،يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرمەسىلە شۇكى يىقىنقى 2يىلدىن بۇيان سىغىمى 256دىن ئاشمايدىغان كومپىيۇتىردا512مىگا، 1گ كۆرۇنىدىغان كارتىلار كۆپىيىپ قالدى.

Rank: 2

جۇغلانما
59
ئاقچا
1
توردا
17 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-13
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 21:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەلەن گەپ بوپتۇ؛ مەن 2007-يىلى 64م ب لىق كارتا سەپلەپ بىر كومپىيوتىر سېتۋالغان ئىدىم بەك ياخش چىققان ئىدى، ھازىر چىقۋاتقان بەزەن  كورسىتىش كارتىللىرى بەك ناچاركەن م512 -1 g دىگەن كارتىلا شۇ كارتام قىلغان ئىشنى قىلالمايدىكەن،ساختا مالدىن ساقلىنىڭلا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 08:22 , Processed in 0.138304 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش