ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 448|ئىنكاس: 4

خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا نىملەرگە دىققەت قىلىمىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقۇرغۇچى

دانا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرپىسى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
1
جۇغلانما
166
توردا
43 سائەت
نادىر
0
تېما
12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 00:10:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئالتە خىل ئۇسۇلى


4953913_092349005271_2.jpg


خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئالتە خىل ئۇسۇلى


سىز خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييار بولغىنىڭىزدا، بازاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان مەككار سودىگەرلەرنىڭ ھىيلە مىكىرلىرىگە قارتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىڭىز كېرەك. بىز سىزگە مەخسۇس خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىمىز.
1. ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن سىناق قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىڭ.
ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن مالنى كۆرۈش تەلىپىنى بىۋاسىتە رەت قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مېلىدا ئېنىقكى مەسىلە بار. بۇ بازاردىكى ھەممەيلەنگە ئايان مەسىلە، ئاۋۋال سىناق قىلىپ ئاندىن پۇل تۆلەش ئاللىقاچان كەسپى نىزامغا ئايلىنىپ بولدى. سودىگەرنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس.
2.  سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم
سىز ئېھتىياجىڭىز بويىچە قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىشىڭىزگە قاراپ ئۆلچىمىڭىزنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن سىرتقى قېپى، رەت نومۇرى، ئېكرانى، سىستېما ئۇچۇرلىرى، قاتتىق ماتېرىياللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەڭ مۇھىم بولغان تەرەپنىڭ بىرى.
3. ساتقۇچى تەرەپنىڭ خالىغانچە ئوبيېكتنى ئالماشتۇرۇشىغا يول قويماڭ
ساتقۇچىلار دائىم ئاۋۋال تۆۋەن باھادىكى ماللارنى تونۇشتۇرۇپ ئاندىن ئۇ مالنىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ ئانچە تونۇش بولمىغان تىپلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ سىزنى ئازدۇرۇشقا تەييارلانغانلىقى، سىز كەسكىن رەت قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئۆلچىمىڭىزنى ئۇچۇقلا دېسىڭىز بولىدۇ.
4. ئامال بار سەپلىمىلىرىگە قارتا بەكرەك چۈشىنىش ئېلىپ بېرىڭ.
بازار تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن مال سىزنىڭ تاللاش ئوبيېكتىڭىز بولالمايدۇ، بىر خاتىرە كومپيۇتېرغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى ئۇنىڭ CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ، قاتتىق ساقلىغۇچ، كۆرسەتكۈچ، ئېكران، دىسكا ئوقۇغۇچ قاتارلىق بىر قانچە تەرەپ بولۇپ، ئادەتتە مۇشۇ تەرەپلەرگە قارتا باغلاپ تۇرۇپ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
5. پۇل تۆلەشتىن بۇرۇن چوقۇم قېپىنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ
نۇرغۇن دوستلار خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتا بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئېغزىدىن قېپى ئېچىلىپ باقمىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋېلىش كېرەك دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، كومپيۇتېرنى تەكشۈرۈشتىكى بىرىنچى قەدەم تاشقى ئورالمىسىنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش.
6. تالونغا ياخشى قاراڭ
بەزى دوستلار باھادىكى ئازراق ئېتىبارغا بېرىلىپ كېتىپ تالوندىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن سەل قارىغانلىق، گەرچە بەزى داڭلىق ماركىلىق ماللارنىڭ تالونى بولمىسىمۇ رەت نومۇرىغا ئاساسەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدۇ ھەم رېمونت قىلىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى مۇنتىزىم بولغان سېتىش ئورنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە تالون كېسىپ بېرىدۇ.

www.pc1818.netتورىدىن ئېلىندى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-23 00:12  

سۇرغان بىلىم ئالۇر .سۇرىمىغان كىيىن قالۇر.بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس.سۇرماسلىق ئەيىپ.

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
9
جۇغلانما
78
توردا
13 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 01:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازما

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
0
جۇغلانما
986
توردا
152 سائەت
نادىر
0
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 14:41:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇي ما تىمىنى كورمەي يەنە بىر تىمىڭىزغا يىزىپتىمەن ئىناسنى .ماڭا ئوخشاش سپۇ يەنە باشقا نەرسىلىرىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىلمەيدىغانلا قاندا قىلامىز.

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
27
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 12:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ئەمدى قوخماي سىتىۋالدىغان بولدۇم

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
91
توردا
49 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 12:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىز گە مەنمۇ خاتىرە كومپىيۇتىردىن بىر نەچچىنى سېتۋېلىش جەريانىدا خېلى قۇيۇلدۇم .  كۆپچىلىك يەنە بىر ئىش ئىككىنچى قول خاتىرە كومپىيۇتىرنى ئامال با  ئالمىغان ياخشىكەن.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.070747 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 04:37

چوققىغا قايتىش