ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 4

Word دوكۇمېنتىغا خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ ساقلاش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
7
جۇغلانما
118
توردا
9 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 21:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Word تا ئۇيغۇرچە ماقالىنى كىرگۈزۈپ بەت ياساپ بولغاندىن كېيىن، بۇ دوكۇمېنتنى باشقا كومپيۇتېرغا يۆتكەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئۆز كومپيۇتېرىمىزغا پىرىنتېر ئۇلانمىغان ئەھۋالدا، بۇ دوكۇمېنتنى U دىسكىغا كۆچۈرۈپ، پىرىنتېر ئۇلانغان باشقا كومپيۇتېردا ئېچىپ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئىككى كومپيۇتېرنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ماقالىدە ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى بار بولسا، ئۇ ھالدا خىزمىتىمىز توسالغۇسىز بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، بىرئوبدان تۈزۈپ قويغان بېتىمىز خەت نۇسخىسى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۇيغۇرچە قاچىلانمىغان كومپيۇتېرلاردا بولسا قالايمىقان بىرنەرسىلەر كۆرۈنىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ئايان بولغاندەك ئىككىنچى كومپيۇتېرغىمۇ شۇ خىل خەت نۇسخىسىنى قاچىلاشتۇر. تۆۋەندە يەنە بىر خىل قولايلىق ئامال − Word دوكۇمېنتىغا خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ ساقلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
Word دوكۇمېنتىنى ساقلىغاندا دوكۇمېنتتا ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنىمۇ قوشۇپ قاچىلاش ئارقىلىق، دوكۇمېنتىمىزنى ھەرقانداق كومپيۇتېردا نورمال ئاچقىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ھەتتا بۇ دوكۇمېنتنى ئۇيغۇرچە قاچىلانمىغان كومپيۇتېرلاردىمۇ نورمال ئېچىشقا بولىدۇ (ئۇ كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بولمىغاچقا تەھرىرلىيەلمەيمىز ئەلۋەتتە). ھاسىل بولغان ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى نورمال ساقلىغان ھالەتتىن چوڭراق بولىدۇ. مەشغۇلات باسقۇچى تۆۋەندىكىچە: (تۆۋەندە Word2007 مۇھىتىنى مىسال قىلىمىز)
ماقالىنى تەھرىرلەپ بەت ياساپ بولغاندىن كېيىن «Office كۇنۇپكىسى» نى چېكىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن تۇنجى قېتىم ساقلىغاندا، «ساقلاش» (保存) نى، بۇرۇن ساقلاپ بولغان بولسا «باشقىچە ساقلاش...» (另存为) نى چېكىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

hat1.png


بۇ كۆزنەكتىكى «قورال» (工具) كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئېچىپ ئۇنىڭدىن «ساقلاش تاللانمىسى...» (保存选项) نى تاللايمىز. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

hat2.png


بۇ كۆزنەكتىكى «خەت نۇسخىسىنى ھۆججەتكە قىستۇرۇش» (将字体嵌入文件) كۆپ تاللانمىسىنى تاللاپ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويىمىز، ۋە «جەزملەشتۈرۈش» (确定) كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز. بۇ ۋاقىتتا ئالدىنقى رەسىمدىكى «باشقىچە ساقلاش» (另存为) كۆزنىكىگە قايتىدۇ، بۇ كۆزنەكتىكى «جەزملەشتۈرۈش» (确定) كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق ھۆججىتىمىزگە خەت نۇسخىسىنى قىستۇرۇپ ساقلىيالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆججەتنى شۇ خىل خەت نۇسخىسى يوق كومپيۇتېرلاردىمۇ بىلال كۆرەلەيمىز.
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
aqkepter + 5 ئىجادىي ئەسەر
alip + 40 ئىجادىي ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 45   باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
74
توردا
42 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 22:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماڭا ئاتاپ  يوللىغاندەكلا  .... كۆپ رەھمەت . ئەمدى ئىشلىرىم تېخىمۇ قولايلىق بۇلدىغان بولدى . . .

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
149
توردا
78 سائەت
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 11:34:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي ،نىمانچە  ياخشى. مەنمۇ تۇلا ئۇچرايتتىم بۇ ئىشقا. رەخمەت جۇمۇ !!!
华为C8650تىلفۇنۇمنى ئۇيغۇرچە تۇنۇيدىغان قىلىمەن دەپ بۇزۇپ ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
20
جۇغلانما
225
توردا
9 سائەت
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئامالكەن بۇ!

Rank: 1

ئاقچا
1
جۇغلانما
9
توردا
1 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 23:04:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كېتىڭ، مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامەن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-3-3 04:21 , Processed in 0.111739 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش