ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 982 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Hotan_Jan 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفۇنغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئىزدەڭ، ئۈندىدار Telak_Biz

  • muzliganyurak7 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى قىرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار  مىنىڭ ئاندىرود سىستىما ئۇگەنگۈم بار

  • @taxna@ 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى ،ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.

  • musajan520 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالپ تورغا ماتېريال يوللاۋاتقان قرېنداشلا ھارمغايسېلەر قۇلۇڭلارغا دەت بەمسۇن

  • bilimdan 2014-3-19 15:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    39 يۈەنگە 30كۈن چەكسىز پاراڭلىشىڭ، چچ:772109290 تېلفۇن:18727310818

  • ئەلشات110 2014-3-17 23:25 [ئىنكاس(1)] [...]

    شىياۋمى2s ساتىدىغانلار بولسا تىلافۇن قىلىڭلار 13201357073

  • Ahmetjan88 2014-3-16 22:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەسەل چېيىڭ بولمىسىمۇ، ھەسەل سۆزۈڭ بولسۇن...

  • istikbal ئۈلۈشكۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ ئېچىلىشى قانداقراق ؟ http://url

  • polat189 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭلار قېرىنداشلار ؟

  • ئاقماس 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سامسۇڭ 9108 غا روم يازالمىدىم.ياردەم قىلغان بولساڭلار.

  • fffffffffffffff 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي مەن كۇبەي5930 نىڭ رىكوۋىرسىنى بۇزۇپ قۇيۇپ چاتاق بولدى، كۈندە جىدەللىشىۋىرىپ بۇزۇپ قۇياي دەپ قالدىم، ق...

  • 阿迪力 2014-3-19 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    i9305روم يازالمدىم ياردەم قىلساڭلا641890342چ چ

  • 130 2014-3-17 16:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    قارا رەڭلىك،شاڭگاڭ نۇسخا ئايفۇن4 32گ ب  لۇمىيا 925 بولسا ئالماشتۇرلىدۇ،چ چ 1030034926

  • 15609983945 2014-3-16 21:12 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارلىق ئالىپداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ كەمىنە مەمەتجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.ئالىي ئھتىرام.

  • مۇستەفا ئۈلۈشكۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    چ چ نىڭ ئالمانۇسقىسىنى تەرجىمەقىلدىغانلار يوقمۇ ؟   ئاللارەھمەت قىلسۇن بىر تەرجىمەقىلىۋېتىڭلار

  • abdiwajit 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئىشى ئۇتۇقلۇق بولسۇن

  • ئەلشات110 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    xiaomi 2s ساتىدىغانلار بارمۇ؟

  • adsl0997 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    http://url نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى . تۇپراق مۇنبىرى

  • polat189 2014-3-18 22:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېخنىكا ماكانى ئالپ

  • Ahmetjan88 2014-3-17 00:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    LENOVO Z465 تىپلىق خاتىرە كومپىۇتېر ساتىمەن،قاتتىق دېسكا 500gb، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 2.2تۆت يادرولۇق، ئىچكى سا...

  • `salam 2014-3-16 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    htc g8 نىڭ يېڭى ئۇيغۇرچە رومى تارقىتىلدى!

كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 36

زىيالىيلار،ئانا تىلنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

116

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
49
توردا
6 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 12:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىيالىيلار،ئانا تىلنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !

مىللەتنىڭ خاراب بولۇشىغا ئانا تىلنىڭ يوقىلىشى
سەۋەب بولىدۇ .
خاتىرەمدىن
مەن ئۇزاقتىن بۇيان بۇ تېما ئۈستىدە يېزىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان ھەمدا بۇ توغىرسىدا ئىزدىنىۋاتقان ئىدىم .بۇگۈن ئاخىر قەتئى نيەتكە كېىلپ بۇ تېما ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
مېنىڭ تېمىنڭ بېشىنى زىيالى دەپ باشلىشىمدىكى سەۋەب ،زىيالىيلار بىر مىللەتنى ئومۇمى گەۋدىسى ئىچىدىكى يۇقىرقى ساپالىق كىشىلەر بولۇپ ،ئۇلارنىڭ مەدەنيەت جەھەتتە باشقىلاردا قالدۇرغان تەسىرى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .شۇنداقلا ،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ،سۆز-ھەرىكىتى تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددى كىشىلەرگە تەسىر كۆرستىدۇ .مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ،زىيالىيلار بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ مەدەنيەت ئامىلىنى قوبۇل قىلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان شەخس ھەمدە يېڭى مەدەنيەت ئۈندۈرمىلىرىنى يىتىشتۈردىغان تۇپراق .
مەن بىر ئوقۇتقۇچى ،مەن خىزمەتكە چىققىلى ئون يىلغا يېقىن ۋاقت بولدى .مەن ئۆزۈمنى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى دېيەلمەيمەن .ئەمما بۇ جەھەتتە ئۇزاقتىن بۇيان ئويلىنىپ كېلىۋاتىمەن .
يېقىندىن بۇيان مەكتىپىمزگە نۇرغۇنلىغان ياش ئوقۇتقۇچىلار كەلدى .ئۇلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى ئەلۋەتتە مېنڭدىن كۆپ يۇقىرى ،بۇلارنى ئىنكار قىلمايمەن .ئەمما ئۇلاردىكى بىر ئاجىزلىق داشۆ 大学(ئۇنۋېرسىتېت،ئالى مەكتەپ )دىن باشلىندۇ .يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گوڭۋۇيۈەن公务员(مەمۇرلۇق ) ئىمتىھانىغا  قاتناشقانلىقىدىن  باشلاپ ،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تېلىفونغا پۇلا جالاش充值(پۇل تۆلەش ) ،بىز دائىم ئىشلىتىۋاتقان جىياۋئەن教案(دەرىس تەييارلىقى ) ،كې جىيەن课件(دەرسلىك دېتالى )  دېيشلىرىگچە مېنى ناھايتى ئەجەبلەندۈردۇ ھەم بىئارام قىلىدۇ .بىر كۈنى شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇرچە  سۆزلەڭە دېدىم ،لېكىن ئۇ ئوقۇتقۇچى سۆزۈمدىن ھەيران قالدى .بەلكىم كۆڭلىدە زامان تەرەققى قىلغان تۇرسا ،تىلدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ ،دەپ ئويلغان بولسا كېرەك .ئۇنىڭ سۆزلىرگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇردۇم .لېكىن بۇرۇنقىدەك سۆزلەشنى داۋام قىلىۋەردى .مېنىڭچە ،ئۇنڭىدا ئانا تىلغا نسبەتەن ھۆرمەت ھېسياتى يوق ئىكەن .يەنە نېمىمۇ دېيەلەتتىم ،ياكى ھېچقاندا بىر يەردە ئۇنداق سۆزلىمىسەڭ بۇنداق قىلىمىز دەيدىغان قائىدە –پىرىنسىپ بولمىسا ،بولغان تەقدىردىمۇ كىشلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىگە چەك قويغىلى بولامتى .
دۆلەتنىڭ سياسەتلىرىگە ،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا خىلاپ كېلىدىغان سۆز بولمىسىلا ھېچكىمنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچىرماي راۋان ئېقىۋىردىغان تۇرسا .
ئاشخانىغا كىرىپ گۆشلۈك لەغمە (过油肉拉面)دەپ بۇيرۇتسام كۈتكۈچى بىر ھازا ھەيران قېلىپ ،-نېمە دېدىڭىز؟ دەپ سوردى.خەنزۇچە دەپ بەرسەم ئاندىن تالۇنغا يازدى .
كۆكتات بازىرغا بىرىپ پىدىگەن) (茄子ئالىمەن دېسەم ،مېنى يەنە ھەيران قىلىشلار كۈتۈۋالدى ،ئاخىردا جامائەت كۆنگەن پېتى سۆزلەپ كۆكتات سېتىۋالدىم .مۇشۇ ۋاقىتتا مېنى خۇشال قىلدىغان بىر ئىش يۈز بەردى .بىر ياش كېلىپ ئۆزنىڭ بەرەنگە (洋芋)،كۆك مۇچ青椒,辣子)(سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېېتتى .ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرلەر ئېيتتىم .ساپ تىلدا سۆزلەيدىغانلار ئارىمىزدا يەنە بار ئىكەن . مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە دېگىننى ئاڭلاپ ناھايتى خۇشال بولۇپ ،ئۇنىڭ نەدە ئىشلەيدىغانلىقىنى سوراشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم .
چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرشنى ئويلاپ شۇنداق قىلاي دېگەندىمەن .
ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن زىيالىلىرىمىز نورغۇن رىيازەت چەكتى ھەم چېكىۋاتىدۇ ،مۇشۇلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم قاتتىق غەشلىككە تولىدۇ .نەچچە مىڭ يىللىق بوران-چاپقۇندا يېمىرلمەي ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىغان تىلىمىز ،دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئاتالمىش زامانۋېلىق تەرپىدىن نابۇت بولارمۇ ؟
مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئانا تىلدا ئوقۇپ ،ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندىن باشلاپ خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈشنى باشلىغان .مېنىڭ خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈشۈممۇ ئەگرى توقاي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن .مەنمۇ دەسلەپتە ،يەنى ،باشلانغۇچتا بۇ تىلدا نۆل پېتى قالغان .كېين بىرسىنىڭ ئاپتۇبۇس ئىچىدە خەنزۇتىلىنى كىتابتىن قەغەزگە كۆچۈرۈپ يېزىپ  ئۈگەنگەنلىكىنى كۆرۈپ ،مەندە خەنزۇتلى ئۈگۈنۈشكە نسبەتەن كۈچلۈك ئىشتياق پەيدا بولۇپ ،ئەينى چاغدا كەڭ تارقالغان رەسىملىك كېتابچىلارنى كۆرۈپ ،نەگە بارسام ئېلىپ يۈرۈپ ،مۇئەللىملەردىن ،خەن يولداشلاردىن سوراپ ،لوغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ،ئاخىر تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا خەنزۇتىلدا سىنپ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن .مېنىڭ ئۈگۆنۈش پىرىنسىپىم باشتىن تارتىپ سىلىشتۇرۇپ ،تەدبىقلاپ ئۆگۈنۈش بولدى .
ھازىر ئۆزۈمنى مەكتەپتكى ھەققى قوشتىل ئوقۇتقۇچىسى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەس دەپ ئويلايمەن .چۈنكى مەكتەپتىكى ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن تەرجىمە قىلىمەن .بولىدى ،بۇ توغىرسىدا كۆپ توختالماي ،ھەممە ئىشلار ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدىكەن .تىرشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوققكەن .
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ،بۇنىڭغا مېسال بولىدىغان ئىشلار ناھايتى كۆپ .
ئۆزىمىزمۇ ئانا تىل توغىرسىدا پەرۋاسىز يۈرگەچكە ،يېڭدىن قۇرۇلغان ئورگان ناملىرىنىڭ بەزىلىردە ئۇيغۇرچە خەتلەر كۆزگە چىلىقمايدىغان بوپ قالدى .
مەسلەن 立公为党،执政为民(ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش ،خەلق ئۈچۈن ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ) مەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچسىىنى قىسمەن جايلاردا كۆردۈم،كۆپىنچە جايلاردا كۆرمىدىم . ھەمممەيلەن بېرىپ تۇردىغان بازار –X乡综合市场،بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچىسى يوق .بۇ بازارغا پەقەتلا قوشتىللىق كىشىلەرلا كېلەمدۇ ؟ئۆز تىلدا يېزىلغان خەتنى كۆرسە خوش بولمايدىغانلار بارمۇ ؟
بۇ زادى كىمنىڭ سەۋەنلىكىدۇر ،كۆپچىلىك ئوبدان ئويلاپ باقساق بولىدۇ.
تىلمىز بارغانسىرى يەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭغا مۇشۇ تىلنىڭ ھەقدارى بولغان ئۇيغۇر ئەۋلادى بولىمىش ئۆزىمىز سەۋەبكار .
بەش ياشلىق قىزىمغا ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنڭ ئۇيغۇرچە نامنى ياد ئالغۇزۇپ ئۈگەتتىم .ئۇ بەزىدە پالانى ئاكام ،پۇستانى ئاچام مۇنداق دەيدىكەن دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا ،ئۇ گەپنى خەن يولداشلارنىڭ ئالىدىغا بارغاندا دەيمىز  ،ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدا مۇنداق دەيمىز دىسەم ،ئۇمۇ سۆزۈمگە قايىل بولدى .
شۇنىڭدىن باشلاپ ئائىلىدىكى تېلىۋۇزۇر ،تىزگىنەك ،كىرئالغۇ ،توڭلاتقۇ ،زەرەتلىگۈچ ۋە باشقا سۆزلەرنى ئۆز تىلىمىزدا سۆزلەيدىغان بولدى .(گەرچە تېلىۋۇزۇر چەت تىلدىن كىرگەن سۆز بولسىمۇ ،ئۇ ئاللىقاچان ئەدەبى تىل سۆز لۇغىتىگە كىرىپ بولدى ).
يېقىندىن بۇيان ئاندىروئىد تېلىفونلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ،تىلىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشنى زامانىۋى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى .نورغۇنلىغان تور بەتلەر ئەپ شەكلىدە ئىشلىنىپ ئۆيىدە كومپيۇتېر يوق ،خەنزۇتىلى ئۇقمايدىغان كىشىلىرىمىزنى ئانا تىلدىن ھوزۇرلىنش پۇرسىتگە ئىگە قىلدى .شۇنداقلا  ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشلىرمىزگە بىر خىل ھوزۇر ئاتا قىلدى .
نۇر تورى ،ئالىپ تورى قاتارلىقلار بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق رول ئوينىدى .كومپيۇتىر ھەۋەسكارلىرى ۋە مۇتەخەسسلىرىمىز نورغۇن قىممەتلىك ۋاقتى ۋە زېھنى-كۈچىنى سەرىپ قىلىپ ،پايدىلىنىش قىممىتى بار ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ھۇجۇتقا چىقاردى .مەن ئۇلارغا خەلقىمز نامدىن چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرمەن .مەنمۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ئىشلتىۋاتىمەن .
قايسىبىر ئالىمنىڭ ئانا تىلنى بىلمىگەنلەرگە ئانا سۈتى ھارامدۇر ،دىگەن سۆزى كۆڭۈلنى زىدە قىلسمۇ ،ئورۇنلۇق سۆزكەن .چۈنكى دورا ئاچچىق بولغاچقا كېسەلگە شپا بولىدۇ ئەمەسمۇ .

يېقىندا ۋېندوسى تېلىفونىغا  ئۇيغۇرچە تىل سېستىمىىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئۈچۈن قىزغىن بىلەت تاشلىنىۋاتىدۇ  .بۇ ئىشقا ئاشسا بىز ئۈچۈن يەنە بىر خوشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ .
مەن ئاشۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سوفېتقا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت
تېلەيمەن .ئالىم ئەھەتكە ئوخشاش ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېننىڭ سالامەت ،ئۆمىرنىڭ ئۈزۇن بولۇشنى تېلەيمەن .
گەپنىڭ قىسقىسى ،ھەممىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ،ئانا تىلدا سۆزلەيلى ،باشقىلارغا ئۈلگە بولايلى .باشتا قەدىرگە يەتمەي كېين پۇشايمان قىلىدىغان ،باشقىلاردىن ئاغىرنىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنايلى .
توردا ئىنكاس يازغاندا دوستلىرىمىزنىڭ خەنچە ئارلاشۇتۇرۇپ يازغىننى ۋە ئىملا جەھەتتە كۆپ خاتالىققا يول قويغانلىقىنى كۆردۈم .بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
تىلىمىز ئۈچۈن ئورتاقلىششنى خالايدىغلارنىڭ مەن بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايمەن .QQ:327345358,
قوشىۋالغاندا ئانا تىل دەپ يېزىشنى ئۇنۇتماڭ .
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
tudajimamat + 2 مەن قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 2   باھا خاتىرىسى

0

تېما

2

دوست

107

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
29
توردا
34 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن قالتىس تىما بولۇپتۇ تىما ئىگىسىگە رەخمەت

0

تېما

11

دوست

772

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
171
توردا
324 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:17:11 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ،قوللايمىز

0

تېما

0

دوست

72

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
18
توردا
28 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا تېلفون نومىرىنى خەنزۇچە باشقا گەپلەرنى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئارلاش  دەۋاتقانلىغىنى دايىم ئۇچۇرتىمەن ، بەك ئاچىغىم كىلىدۇ ئاشۇلارغا، بىرنەچچە قىتىم ئانىڭىز سىزگە ئۇيغۇر تىلى بەرمىگەنمۇ دەپ قىزىرشىپمۇ قالدىم.

2

تېما

0

دوست

237

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
88
توردا
1 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:18:57 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىكەن......كۆپرەك قەلەم تەۋرىتىپ  تۇراسىز بىزلەر ئۈچۈن
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

3

دوست

180

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
65
توردا
6 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:21:10 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

10

تېما

27

دوست

3664

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
0
جۇغلانما
1070
توردا
1206 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:22:37 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ،،، سىزدىن بەكمۇ  سۆيۈندىم ،،،،، بىر تىلنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ تىلنى ئىشلىتىدىغانلار بولىشى كىرەك ،،،

5

تېما

7

دوست

969

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
301
توردا
222 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگسىى سىزنىڭ يازمىڭىزنى كۈرۈپ ئۈزۈمنى تۇتۋالالماي  رۇخسەتسىزلا كۈچۈرۈپ تارقاتتىم كەچۈرۈڭ،لىكىن ئادرىسنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتمۇدۇم .

باھا سۆز

aprasiyap  رەخمەت قىرىندىشىم ،مەندىن روخسەت سورىماي باشقا مۇنبەرگە يوللىغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 16:43
访问密码 52a2

0

تېما

8

دوست

281

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
96
توردا
42 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:27:06 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاناتىلىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق باشقىلار قوغداپ بەرمەيدۇ  .ئەكسىچە يوقىتىشقا ئۇرۇنۋاتىدۇ
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

4

دوست

191

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
60
توردا
3 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:31:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۆتكەندە بىر سودا سارايدا بىر كادىر ئايالنىڭ تېلفۇندا سۆزلىشكىنىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم شۇنداق كەلدى تېلفۇن نۇمىرىنى بىرسىگە دەپپەگىلى تۇرۇپتۇ يو سەن با جىيۇ جىيۇ ئەر با لىڭ چى ؟؟؟؟ يېشىنىڭ ئالدىدىكى يول بىلەن بارىمەن دىگەندەك گپلەر بىلەن
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

0

تېما

2

دوست

1939

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
571
توردا
654 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:32:39 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdunyaz03 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-5 13:36  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ئاللاھ قەلەم قۇۋىتىڭىزنى تىخمۇ زىيادە قىلسۇن ،ئانا تىلنى ئۆزنىڭ پەخرى جىنى ھساپلايدىغان مىللەت سۆيەر ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز نامىدىن سىزگە رەھمەت ئيتىمەن ھەقىقەتەنمۇ ئاناتىل ئشقىدا جان كۆيدۇرۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇرىكىدىكى گەپنى قىلىپسىز،بولسا مۇشۇ تىمىنى كۆرگەن بارلىق قىرىنداشلىرىمنىڭ ئانا تىلنى قوغداشنى ئۆزدىن ئائلىسىدىن ئۇرۇق تۇققان قىرىنداشلىردىن باشلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ،ئەتىراپىمىزدا qqياكى ئۇندىدار توپلىردا يات تىلدا سۆزلىگەنلەرنى بايقىسا ئانا تىلدا سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرشۇڭلارنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن بىزىڭ شۇئارى مىز ئانا تىلىم-جان تىلىم گۇللەنسۇن ئانا تىل،

3

تېما

6

دوست

786

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
146
توردا
326 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:33:08 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز

0

تېما

1

دوست

138

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
47
توردا
7 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:33:28 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما بۇلۇپتۇ بۇ، ئۈزىمىزنىڭ تىلىمىزنى ئۈزىمىز قوغدىمىساق ئامرىكا قوغداپ بەرمەيدۇ، ھازىر قۇرۇق شۇئار توۋلاپ ئەمىلىيىتىدە قىلمايدىغانلار بەك كۆپ شۇڭا ئەمىلى تۇرمۇشىمىزدا ئانا تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇپ سۆزلەيلى، شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارمۇ ئاستا - ئاستا ئومۇملاشتۇرالايدۇ چۈنكى ئانا تىلىمىزنىڭ شالغۇتلىشىپ كىتىشىمۇ بىر نەچچە كۈندىلا بولغان ئەمەس
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

7

تېما

17

دوست

1247

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
11
جۇغلانما
378
توردا
335 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:36:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز

0

تېما

0

دوست

278

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
64
توردا
114 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 13:47:12 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز. سىز يۇقىردا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن ئەھۋاللار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا نەچچە رەت ئۇچرايدۇ. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. ئەتراپىمىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرۇپ مىنىڭمۇشۇنچە. قاينىغىم كىلىدۇ. ئەجىبا ئۇلار زىيالى بولغانلىقى ئۇچۇن مۇشۇنداق ئارلاشما گەپ مەدىنىيىتىن ى ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىق دەپ ئويلامدىغاندۇ. ھازىر. خەنزۇچە. سۆزلىيەيدىغان ئۇيغۇرنى كۆرسە ھەيران قالدىغان دەۋىر ئەمەس. ئۆزىمىزنىڭ بىر ياخشى پاساھەتلىك ئۇيغۇرتىلىمىز تۇرسا نىمەنە كەپتۇدەيمەن. بۇنداق  چالا گەپ قىلىپ. ھەممىمىز ئويلىنايلى قېرىنداشلار ئەتراپىمىزدىكى دوسلىرىمىز. كەسىپداشلىرىمىزدا مۇشۇنداق ئەھۋاللار بولسا تۇزۇتۇشكە دەۋەت قىلايلى.  ھەممىمىز ئانا تىلىمز ئۇچۇن قولىمىزدىن كىلدىغان ئشلارنى قىلايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1 )

GMT+8, 2014-3-27 06:17 , Processed in 0.136477 second(s), 36 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش